تولا (سۆز ئويۇنى)
ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا ،
ياخشى ئىشقا پۇتلاش تولا .
بىزنىڭ مەلىدە ئىت تولا ،
كونا چاپاندا پىت تولا .
قىمارۋازنىڭ قەرزى تولا ،
ئەرزىخورنىڭ ئەرزى تولا .
ئەخمەقنىڭ دوستى تولا ،
پىيازنىڭ پوستى تولا .
جاڭگالدا ئوتۇن تولا ،
بويتاققا خوتۇن تولا .
سايلىقتا يىلان تولا ،
رادىئودا ئېلان تولا .
ئاقسا يىگىتكە قولداش تولا ،
ھاماقەتكە يولداش تولا .
شىيامىندا يامغۇر تولا ،
سەي بازىرىدا چامغۇر تولا .
ھورۇننىڭ ئەتىسى تولا ،
موللامنىڭ پەتىسى تولا .
ياخشى ئىشقا رەھمەت تولا ،
ياخشى كىشىگە تۆھمەت تولا .
خەلقىم ئۈچۈن دەپ ئۆلگەنلەر تولا ،
ئەخمەق ، نادان دەپ كۈلگەنلەر تولا .
پۇل ئۇچۈن ۋىجداننى ساتقانلار تولا ،
ياخشىنى نەپ ئۈچۈن چاققانلار تولا .
يىتىمنى ئۆز كۆرۈپ باققانلار تولا ،
ئەل ئۈچۈن دەريا بوپ ئاققانلار تولا .
تاۋكادا ئوشۇقنى ئاتقانلار تولا ،
ئۇتتۇرىۋېتىپ شەمۇ-شە قاچقانلار تولا .
دوقمۇشلاردا ئاق تاماكا ساتقانلار تولا ،
تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىدە ياتقانلار تولا .
ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپقانلار تولا ،
قوشاق قىلپ ئۇلارنى قاتقانلار تولا .
مەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، قېنى سىلەر قانچىلىك يازالايسىلەركىن ؟
مەنبە : ئاقسا يىگىت ئىلھامى ۋە <ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 09:49 PM