جاۋابلار
جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ: بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. مەيلى ئانا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئاتا تەرەپتىن بولسۇن قايسى تەرەپتىن بولسا بولسۇن، نەۋرىنى نەۋرىگە نىكاھلىسا بولىدۇ، بۇ يا قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپتە چەكلەنگەن ئىش ئەمەس. ئەكسىچە قۇرئان كەرىمدە نىكاھ قىلىش چەكلەنگەن ئاياللارنى بايان قىلغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەۋرە قىزلار تىلغا ئېلىنمىغان. كېيىن ئۇلاردىن باشقىلارنى نىكاھلىنىشنى ھالال دەپ ئېنىق ئېيتقان: (ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرى، سىلەرنى ئېمىتكەن سۈت ئانىلىرىڭلار، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار، قېيىن ئاناڭلار، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا بېقىلغان ئۆگەي قىزلىرىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن نىكاھلىنىپ تېخى بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ئاچا-سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا جەملىشىڭلار ھارام قىلىندى. پەقەتلا جاھىلىيەتتە ئۆتكەن ئىشلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەرنىڭ قولىدىكى ئاياللارمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى، بۇنىڭدىن پەقەت سىلەر ئىگە بولغان چۆرىلەر مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكۈملىرىدۇر، يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئاياللارنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغان ھالدا، ماللىرىڭلارنى تويلۇققا سەرپ قىلىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. شۇڭا قايسى ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا بېكىتىلگەن بويىچە ھەقلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا رازىلىشىپ ئۆتۈۋەتكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر)(نىسا سۈرىسى 23-24-ئايەتلەر) ئىمام ئىبنى كەسىير مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپىسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىش بىلەن سۇسلۇقنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇراھاللىقتۇر، چۈنكى خرىستىئانلار ئەر كىشى بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىدا ئەقەللى تەقدىردە يەتتە چوڭ دادا بولمىغان ئەھۋالدا توي قىلىشمايدۇ، يەھۇدىيلار بولسا، ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىغا، ھەمشىرىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىۋېرىدۇ. شۇڭا بۇ پاك مۇكەممەل شەرىئەت خرىستىئانلارنىڭ ئاشۇرىۋېتىشىنى يىقىپ تاشلاپ ئاتىسىنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئانىسىنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى نىكاھلاپ ئېلىشنى مۇباھ قىلىۋېتىپ، يەھۇدىيلارنىڭ سۇسلۇق قىلىپ قېرىندىشىنىڭ قىزىغا، ھەمشىرىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىۋېرىدىغان بۇنداق ئىنتايىن قەبىھ ئىشىنى ھارام قىلىۋەتكەندۇر."(نەفسىرى ئىبنى كەسىير 3/500) يەنە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنداق دېگەن: (ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەن ئېگە بولغان ئاياللارنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق.)(ئەھزاب سۈرىسى 50-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھاممىسى ئۇمەيمە بىنتى ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ قىزى زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن، ئاللاھ تائالا بۇ نىكاھنى ئۆزى قىلىپ قۇرئاندا ئۇنى ئەھزاب سۈرىسى 37-39-ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلغان. ئىيسا ئىبنى تاھمان رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ھىجاب (پەردىلىنىش) ئايىتى جەھىشنىڭ قىزى زەينەب توغرىسىدا نازىل بولغان. ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ توي زىياپىتى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ جامائەتكە نان بىلەن گۆش يېگۈزدى، ئۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قالغان ئاياللىرىغا پەخىرلىنىپ: ئاللاھ مېنى ئاسماندا نىكاھلاپ قويغان، دەيتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 7421-ھەدىس) يەنە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قىزى، ھەزرىتى ئەلى كەررامەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ھەمشىرىسى فاخىتە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئۇممۇ ھانىي)غا ئەلچى ئەۋەتكەنلىكى، فاخىتە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: مەن كۆپ بالىلىق ئايال دەپ ئۆزرە ئېيتقىنىدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. دېمەك، نەۋرىنى نەۋرىگە نىكاھلاشتا ئېمىلداش بوپ قالغان ئەھۋال بولمىسلا شەرئىي چەكلىمە يوق. ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىمۇ ھېچ ئىختىلاپ يوق. بىر نەۋرە قىزغا ئوخشاشلا ئاتىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزىمۇ نىكاھلىنىش ھالال بولغانلاردىندۇر. بىر نەۋرىدىن باشقا يېقىن تۇغقانلار ئارا نىكماھلىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا چەكلىگەندىن باشقا يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلىش شەرئەن چەكلەنمەيدۇ. بەزىدە بىر نەۋرە ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلار بىر ئائىلىدە بىللە چوڭ بولغان ئەھۋالدا بۇلار ئۆزئارا توي قىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر-بىرىدىن ئۆزئارا تەسىرلىنىشى ئاجىز بولۇپ قالىدىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋەت سۇسلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. تىببىي چەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەك يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشى ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى پەرزەنتلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ئاجىز ياكى مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا مەلۇم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقاتلار بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ كەسكىن ئەمەس ئىكەن، بۇ ئېھتىماللىقلار بىر شەھەر ياكى بىر يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىدىمۇ ئوخشاش مەۋجۇت دېيىشكە بولىدىكەن. شۇڭا بۇ ئېھتىماللىقلار بىلەن بۇنى چەكلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق ئېھتىماللىق بولغان تەقدىردىمۇ توي دېگەن ئىسلام شەرىئىتى رامكىسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئىككى تەرەپتە توي قىلىش مەيلى بولىدىكەن، ئېمىلداشلىقتەك باشقا شەرئىي توسالغۇ بولمايدىكەن، بۇ تۈرلۈك نىكاھلىنىشنى ھارام قىلىۋەتكىلى، چەكلىۋەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى يېقىن تۇغقانلاردىن ئۆيلىنىش بەزىبىر جەھەتتىن ھەر ئىككى تەرەپكە تېخىمۇ پايدىلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولىدىكەن، يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئىككى تەرەپنىڭ تاللىشىغا باغلىق ئىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ياتلىق قىلغان. يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلىشنى چەكلەيدىغان بىرەر ھەدىسمۇ يوق. بۇ ھەقتە پەقەتلا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئىزچىل ئۆز تۇغقانلار ئارا تويلۇشۇپ كېلىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ھېرىسمەنلىك قىلغان بەزى جەمەتلەرگە: سىلەر ئاجىزلاپ كېتىپسىلەر، شۇڭا يات قەبىلىلەردىكى ئاياللارغا نىكاھلىنىڭلار، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە يات قەبىيلە ياكى يات جەمەت ياكى باشقا شەھەرلىك ئاياللارغا ئۆيلىنىشنىڭمۇ نۇرغۇن پايدىلىرى بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم. پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ. 2011-12-13 چېسلا: 2011-12-12 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتورنىڭ جاۋابىدىكى \`\`ئاللاھ مېنى ئاسماندا نىكاھلاپ قويغان\`\`دىگەن نىمە دىگەن گەپ،بۇنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمىدى... چېسلا: 2011-12-12 \ يوللىغۇچى: نەفىسە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام نەفىسە: بۇ زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئادەتتىكىدەك بىرەر ئېغىز ئالدىم دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بىۋاستە ياكى بىرەر ۋەكىل ئەۋەتىپ نىكاھىغا ئالغان ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا يەتتە قەۋەت ئاسمان ئۈستىدىن مېنى رەسۇلۇللاھقا نىكاھلاپ قويغان. دېمەك ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ ئۆزى قۇرئاندىكى (ساڭا ئۇنى نىكاھلاپ بەردۇق) دەپ نىكاھلاپ قويغاچقا، ئاشۇ ئايەتلەر نازىل بولغاندا رەسۇلۇللاھ زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئۇدۇل كىرىۋەرگەن. چېسلا: 2011-12-13 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئەمدى ئېنىق چۈشەندىم،رەھمەت ئابدۇل ئەزىز ئاكا.
چېسلا: 2011-12-13 \ يوللىغۇچى: نەفىسە
سوئال ئەۋەتسەم جاۋابسىزلا سوئال يوقاپ كىتىدىغان ئىشمۇ؟ياكى ئالدىراپ كەتتىممۇ؟ ياكى ئىنكاس بىرىپ قويۇشلىرىنى ئۈمد قىلىمەن.سودا -سىتىق تىمىسىدىكى سوئال ئىدى.
چېسلا: 2011-12-13 \ يوللىغۇچى: مۇئاۋىيە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇئاۋىيە: بەلكى سوئال سوراش قائىدىسى توغرا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى توغرا يوللانغان بولسىمۇ سوئاللار كوپ بولغاچقا جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن مۇشۇ سوئالىڭىزنى يوللىغاندىمۇ ئىلخەت ئادرىسى يازماپسىز. ئىلخەت ئادرىسى يېزىلمىغان ئەھۋالدا بەزىبىر تەپسىلاتنى سورىغىلى بولمىسا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. چېسلا: 2011-12-13 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك دوكتۇر سۇرە نىسا23-24 ئايەتتىكى تۇۋەندىكى تەرجمىنى تازا ئاڭقىرالمىدىم بۇ يەردىكى مۇستەسنالىق نىمىگە قارتىغان ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئامىن. «ئەرنىڭ قولىدىكى ئاياللارمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى، بۇنىڭدىن پەقەت سىلەر ئىگە بولغان چۆرىلەر مۇستەسنا.» چېسلا: 2011-12-14 \ يوللىغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇھەممەد ئىمىن: بۇ ئايەتتىكى: "سىلەر ئىگە بولغان چۆرىلەر مۇستەسنا" دېگەن ئىستىسنا نېمىدىن بولغانلىقىدا ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئوتۇترىدا بىر قانچە قاراش مەۋجۇد: 1. مۇھسانات دېگەن سۆزدىن ئېرى بار ئاياللار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئېرى بار لېكىن ئولجىغا چۈشكەن مۇشرىك ئاياللار مۇستەسنا قىلىنغان. يەنى ئېرى بار ئايال ئولجا ئېلىنسا، ئۇنىڭ نىكاھى كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ سىلەرگە ھالال بولىۋېرىدۇ، دېمەكچى. 2. مۇھسانات دېگەن سۆزدىن ئېرى بار ئاياللار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئېرى بار بولسىمۇ يا سېتىۋېلىش ياكى ھىبە قىلىپ بېرىۋېتىلىش ياكى ئولجىغا چۈشۈش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن ئاياللار مۇستەسنا قىلىنغان. يەنى ئېرى بار ئايال سېتىلسا، ھىبە قىلىنسا، ئولجا ئېلىنسا، ئۇنىڭ نىكاھى كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ سىلەرگە ھالال بولىۋېرىدۇ، دېمەكچى. 3. مۇھسانات دېگەن سۆزدىن ئېرى بار ياكى يوق، ئىپپەتلىك، ھۆر ئومۇم ئاياللار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئىگە بولۇشتىنمۇ ئومۇم ئىگىدارچىلىق مەقسەت قىلىنغان. ئۇنداقتا ئايەتنىڭ مەزمۇنى: ھۈر قانداق يات ئايالنى پەقەتلا نىكاھ ياكى ئىگىدارچىلىق بىلەنلا ئالالايسىلەر. زىنا قىلىش ھارام. 4. مۇھسانات دېگەن سۆزدىن ھۆر ئاياللار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئىگىدارچىلىقىڭلاردىكىدىن دېدەكلەر مەقسەت قىلىنغان. ئۇنداقتا ئايەتنىڭ مەزمۇنى: ھۈر ئايالدىن 4 تىن ئارتۇقىنى ھارام قىلىۋېتىش. يەن سۈرىنىڭ بېشىدا 4 ئايالنى ئېلىشنى ھالال قىلىپ ماۋۇ ئايەتتە ئۇندىن ئارتۇقىنى ھارام قىلىۋەتكەن. يەنى 4 تىن ئارتۇق ھۆر ئاياللار ھارام. پەقەتلا ئىگىدارچىلىقىڭلاردىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا دېمەكچى. ۋەللاھۇ ئەئلەم. چېسلا: 2011-12-14 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئاللاھ سىلىگە رەھمەت قىلسۇن دوكتۇر. چېسلا: 2011-12-15 \ يوللىغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ھەر ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن.
چېسلا: 2011-12-28 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
. مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ ›› 212يىلى4ئاينىڭ 14كۈنى
ئىسىم: | | ئېلخەت: | | سۇئال مەزمۇنى: | | توغرىلاش كودى: | | | |
|