مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 522|ئىنكاس: 8

يۇل قاتناش ھادىسلىردىكى تۆلەم تۇرلىرى ۋە ئۇنى ھىساپلاش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 02:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇل قاتناش ھادىسلىردىكى تۆلەم تۇرلىرى ۋە ئۇنى ھىساپلاش ھەققىدە

      يول قاتناش ھادىسلىردىكى تۆلەم تۇرلىرنى بىلىۋىلىش ناھايىتى مۇھىم . قاتناش ۋاستللىرنىڭ كۇپيىشىگە ئەگىشىپ قاتناش ۋەقەلىرى كۇپلەپ يۇز بەرمەكتە .لىكىن كۇپلىگەن كىشىلەر قاتناش ھادىسگە يۇلۇققاندىن كىيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ.قاتناش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن دەرھال قاتناش ساقچىللىرغا، ۋە شۇ ماشىنىنى سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرگە دەرھال خەۋەر قىلىش كىرەك .ھادىسە تۇغرىسىدا ئۇز ئارا كىلىشىۋالسىمۇ بۇلىىدۇ،لىكىن كۆپ ھاللاردا تۇلەم تۇغرىسىدا بىر پىكىرگە كىلەلمەيدۇ.ئاقىۋەت ۋاقىت ئۇتۇپ كىتىپ نەق مەيدن بۇزۇلۇپ قاتناش ساقچىللىرنىڭ ھادىسە تۇغرىسىدا ئىتىراپنامە چىقىرىشى تەسكە تۇختايدۇ.شۇڭا ئامال بار ھادىسە يۇز بەرگەندە قاتناش ساقچىللىرغا مەلۇم قىلىش كىرەك.تۆلەم مەسئۇليىتى ئادەتتە قاتناش ساقچىللىرى چىقارغان قاتناش ھادىسى ئىتىراپنامىسدىكى مەسئۇليەت بۇيىنچە بىكىتىلىدۇ .بۇنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماشئنئنئ سذغذرتئلئغان سذغذرتا شئركئتئ ؤةقاتناش ھادىسى ئىتىراپنامىسدىكى مەسئۇليىتى بار تەرەپ بئلةن كىڭىشىپ ياكى سوتقا ئەرىز قلىپ تۆلىتىۋالسا بۇلىدۇ. قاتناش ھادىسىدكى تۆلەم تۇرلىرى ئادەتتە مۇنداق بۇلىدۇ.

1.داۋالىنىش چىقىمى .بۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇختۇرخانىدا داۋالانغان تالونىغا ئاساسەن ھىساپلىنىدۇ. زىيانلانغۇچى ئۇز ئالدىغا دۇختۇرخانىدىن يۇتكىلىشكە بۇلمايدۇ،ئەگەر يۇتكىلىشكە تۇغرا كەلسە شۇ دوختۇرخانىنىڭ ياكى ئالاقىدار سەھىيە ئۇرۇنلىرنىڭ« دوختۇرخانىدىن  يۆتكىلىش ئىسپاتى»نى ئېلىش كىرەك .ئۆز ئالدىغا دوختۇرخانا يۆتكەلسە ئادەتتە قارشى تەرەپتىن تۆلىتىۋىلىش تەسكە تۇختايدۇ.چۇنكى بەزىلەر ئادەتتە ئۆزى خالىغانچە دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىپ  زىيانلانغۇچىنىڭ  داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۇزۋىتىدۇياكى زۇر داۋالىنىش چىقىمى سەرىپ قىلىدۇ،بىراق بەزى زىيانلانغۇچىلارنى ھەقىقەتەن يۇتكەشكە توغرا كىلىدۇ، بەزى دوختۇرخانىلار مەنپەتنى كۆزلەپ ئادەتتە دوختۇرخانىدىن يۆتكىىلشكە رۇخسەت قىلمايدۇ،بۇنداق چاغدا زىيالانغۇچى دەرھال دوختۇرخانا مەسئۇلى ۋە  شۇ يەردىكى سەھىيە مەمۇرى تارماقلىرنى ئىزدەپ ئەھۋال ئىنكاس قىىلش كىرەك .ئەگەر مەسئۇليىتى بار تەرەپ داۋالىنىش چىقىمىنى ئالدىن بىرىشنى رەت قىلسا زىيانلانغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى« ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 97 - ماددىسغا ئاساسەن سوتقا ئىلتىماس سۇنۇپ ئالدىن ئىجرا قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىسا بۇلىدۇ.«يۇل قاتنىشى بىخەتەرلىگى قانۇنى»نىڭ 75- ماددىسغا ئاساسەن ۋە «يۇل قاتنىشى بىخەتەرلىگى قانۇنىنى يۇلغا قۇيۇش نىزامى»نىڭ 90 -ماددىسىغا ئاساسەن ماشىننى سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا تۆلەم دائىرسىدە بىرىپ تۇرۇپ تۇرۇشى كىرەك، بۇ ۋاقىتتا قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئەھۋالنى  سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرىدۇ.مەسئۇليىتى بار تەرەپ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان بۇلسا ياكى ماشنا ئىگىسى قىچىپ كەتكەن بۇلسا ،جىددى قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى يۇل قاتناش ھادىسى ئىجتىماي سۇغۇرتا فۇندىدىن ئالدىن  چىقىرىپ تۇرۇش كىرەك.زىيانغا ئۇچرىغۇچى دوختۇرخانىدىن چىققاندا «دوختۇرخانىدىن  چىقىش ئىسپاتى »،«كىسەللىك دىئاگنۇز ئىسپاتى» ،«ھەق تۇلەش تالۇنى»  قاتارلىقلارنى تۇلۇق ئىلىشى كەم قالغان، خاتا بۇلۇپ قالغان جايلىرى بۇلسا تۇزۇتۇشنى تەلەپ قىلىشى ، زىيانلانغۇچى ئىسمىنىڭ تۇغرا يىزىلىشىغا دىققەت قىلىش كىرەك.

    2. ئىشتىن قىلىش ھەققى .ئىشتىن قلىش ھەققى زىيانلانغۇچى ھادىسىدە يارلىنىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتىدىكى كىرىمىنى كۇرسىتدۇ.ئادەتتە دوختۇرخانىنىڭ «دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتى»دا دۇختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىت ۋە ئارام ئىلش ۋاقتى، قاراش ۋاقتى ،دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئىنىق ئەسكەرتىلىدۇ .ئەگەر زىيانلانغۇچنىڭ مۇقىم كىرىمى بۇلسا شۇ بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ،ئەگەر مۇقىم كىرىمى بۇلمىسا  يىقىنىقى ئۇچ يىللىق ئۇتتۇرچەكىرىمىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسە شۇ بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ .زىيانلانغۇچنىڭ مۇقىم كىرىمىمۇ بۇلماي يىقىنقى ئۇچ يىللق كىرىمىنىمۇ ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە ،زىيانلانغۇچى بىلەن يىقىن كەسىپتكى كىشىلەرنىڭ ياكى ئۇخشاش كەسىپتكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنىقى يىللىق ئۇتتۇرچەمائاشى بۇيىنچە ھىساپلنىدۇ.ھەرقايسى ساھە كەسىپلەرنىڭ ئالدىىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشى،كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى  ئۇخشاش بۇلمايدۇ.بۇنى شۇ جايدىكى سىتاسىتكا ئۇرۇنلىرى  يىلدا بىر قىتىم ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ.يېزا ئاھالىلرنىڭ ۋە شەھەر- بازار ئاھالىلىرنىڭ  كىرىم پەرقى ئۇخشاش بۇلمىغانلىقتىن ئىشتىن قىلىش ھەققىمۇ پەرىقلىق بۇلىدۇ،يەنى شەھەر -بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرراق بۇلىدۇ. ئەرلەر 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللار 55 ياشتىن ئاشقان بۇلسا ئادەتتە ئىشتىن قىلىش ھەققى تۇلەپ بىرىلمەيدۇ،بىراق بۇ تۇغرىسىدا تالاش تارتىش بار بۇلۇپ، بەزى قانۇنشۇناسلار يۇقۇردىكى ياشتىن ئىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق ئىشتىن قىلش ھەققى بىرىش كېرەك دەپ قارايدۇ،مىنىڭ قارىشىمچىمۇ بۇ ياشتىن  ئىشىپ كەتكەن بۇلسىمۇ يەنىلا ئىشتىن قىلىش ھەققى تۇلەش كىرەك.جەمىيەتتە بەزى  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى يۇق بۇلۇپ پىنسىيە يىشىغا تۇشسىمۇ يەنىلا ئىشلەيدۇ.بۇنى قارغۇلارچە ھالدا پىنسىيە يىشىغا تۇشۇپتۇ  دەپلا ئىشتىن قىلىش ھەققى بىرىلمەيدۇ دىيىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .بۇنى زىيانلانغۇچىنڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتىش كىرەك. 18 ياشتىن تۇۋەنلەرگە ئىشتىن قىلىش ھەققى بېرىلمەيدۇ.«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 20-ماددىسغا ئاساسلانغاندا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرىپىدىن  مىيىپ  دەپ باھالانسا ،ئىشتىن قالغان ۋاقتى مىيىپ دەپ بىكىتىلگەن كۇننىڭ ئالدىنقى بىر كۇنىگىچە ھىساپلانسا بۇلىدۇ.

3. تاماق ياردەم پۇلى .«دۇختۇرخانىدىن  چىقىش ئىسپاتى»دىكى ۋاقىتقا قاراپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ زىيانلانغۇچىنىڭ دۇختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى تاماق پۇلىنى كۇرسىتدۇ.بۇ ئادەتتە قاتناش ھادىسى يۇز بەرگەن جايدىكى دۇلەت ئۇرگانلىردىكى ئادەتتكى خادىملارنىڭ سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى تاماق ياردەم پۇلى ئۇلچىمى بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئۇلچەم ھەرقايسى ئۇلكە ئاپتۇنۇم رايۇنلارنىڭ ئۇخشاش ئەمەس ،ئادەتتە شۇ رايۇننىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمايى تەرەققىياتىغا قاراپ پەرىقلىق بۇلىدۇ.

4.قاراش ھەققى. «دۇختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتى»دىكى ۋاقىتقا ،دۇختۇرنىڭ ئەسكەرىتمىسىگە قاراپ ھىساپلىنىدۇ..زىيانغائۇچرىغۇچى  شۇ ھادىسە تۇپەيلى مىيىپ بۇلۇپ قىلىپ تۇرمۇشتا ئۇز ھۇددىسىدىن چىقالمىسا قاراش ۋاقتىنى ئۇزارىتسا بۇلىدۇ،بۇ ۋاقىت زىيانلانغۇچى ئۇز ھاجىتنىڭ ھۇددىسدىن چىقالىغۇدەك بۇلغۇچە ھىساپلىنىدۇ.لىكىن ئەڭ ئۇزاق بۇلغاندا 20 يىلدىن ئاشۇرۋىتىشكە بۇلمايدۇ.بۇ مىيىپ بۇلغۇچىنىڭ يىشى ،مىيىپلىق ئەھۋالىغاقاراپ بىكىتىلىدۇ.ئەگەر ئارلىقتا كىسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بۇلسا دوختۇرخانىغا تەكشۇرتۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى قىسقارىتسا بۇلىدۇ.زىيانلانغۇچى تەكشۇرتۇشنى رەت قىلسا پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئۇزى ئىگە بۇلىدۇ. قارىغۇچىنىڭ كىرىمى بۇلسا ئىشتىن قىلىش ھەققىنى ھىساپلىغانغا ئۇخشاش ھىساپلىسا بۇلىدۇ.ئەگەر قاراشقا شۇ جايدىكى قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىشلەتكەن بۇلسا قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ شۇ جايدىكى ئىش ھەققى بۇيىچە ھىساپلانسىمۇ بۇلىدۇ.قارىغۇچى ئادەتتە بىر كىشى بۇلسا بۇلىدۇ،لىكىن دۇختۇرخانىنىڭ ياكى باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ پىكرىدە قارىغۇچى ئادەم سانى باشقىچە بىكىتىلگەن بۇلسا شۇ بۇيىنچە بۇلىدۇ.

5. مىيىپلىق تۆلەم پۇلى .مىيىپلىقنى باھالىتىشتا داۋالىنىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ، قانۇنلۇق باھالاش ئۇرۇنلىرغا ھاۋالە قىلىپ باھالىتىپ مىيىپلىقنى بىكىتىش  كىرەك.باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ دەرىجىسى بۇلمايدۇ، قانۇنلۇقلا بۇلسا قايسىسىدا باھالاتسا بۇلىدۇ.باھالىتىش ئادەتتە  ئۇزى ھاۋالە قىلىش ،ئادۇۋكاتلىق ئۇرۇنلىرى ھاۋالە قىلىش ،سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلىش دەپ ئايرىلدۇ.تىخى ئەرىز قىلمىغان بۇلسا ئۇزى قانۇنلۇق بۇلغان باھالاش ئۇرۇنلىرغا مىيىپلىقنى باھالاشنى ھاۋالە قىلسا بۇلىدۇ.ئەگەر ئادۇۋكات تەكىلپ قىلغان بۇلسائادۇۋكاتلىق ئۇرنى مىيىپقنى باھالاپ بىرىشنى قانۇنلۇق بۇلغان باھالاش ئۇرۇنلىرغا ھاۋالە قىلسا بۇلىدۇ،ياكى سوت مەھكىمىسگە باھالىتىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالىنىش تۇگىگەندىن كىيىن ئەدىلىيىىك باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرەپىدىن  مىيىپ دەپ باھالانغان بۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ مىيىپلىق تۆلەم پۇلى تۇلىشى كىرەك .مىيىپلىق تۆلەم پۇلى 60 ياشتىن تۇۋەن 0ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا مۇنداق ھىساپلىنىدۇ :يەنى دىلۇ قۇبۇل قىلىغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھاللىرنىڭ ئۇتتۇرچە كىرىمنى  (يىزا نۇپۇسى بۇلسا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمى ) 20 يىلغا كۇپەيتىپ ھىساپلىنىدۇ.60 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا 60 ياشتىن بىر يىل ئاشقان بۇلسا 20 يىلنى بىر يىل كىمەيتىپ يۇقۇردىكى ئۇسۇل بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.75 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا  يۇقۇردىكى 20 يىلىنى بەش يىل قىلىپ ھىساپلايمىز .كۇنكىرىت ھىساپلاش ئۇسۇلى مۇنداق : 1-دەرىجىلىك مىيىپنىڭ تۇلەم پۇلى شەھەر ئاھالىلىرنىڭ ئۇتتۇرچە كىرىمىنى  ياكى يىزا ئاھالىلىرنڭ ئۇتتۇرچە ساپ كىرىمىنى20 يىلغا كۇپەيتىپ ھىساپلايمىز .شۇبۇيىنچە بۇلغاندا 2 -دةرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇردىكى 1- درىجىلىك مىيىپ تۇلىمىنىڭ   % 90بۇيىنچە تۇلەم ھىساپلىنىدۇ. ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە بۇلغاندا ،3- دەرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ % 80 بۇيىنچە  ،4 -دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ % 70بۇيىنچە ،5-دەرىجىلىك مىيىپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%60 بۇيىنچە،6-دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%50بۇيىنچە،7-دەرىجىلىك مىيپقا يۇقۇرقى تۇلەمنىڭ%40بۇيىنچە ،8-دةرىجىلىك  مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ %30بۇيىنچە ،9-دةرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ  %20بۇيىنچە ،10-دەرىجىلىك مىيىپقايۇقۇرقى تۇلەمنىڭ %10بۇيىنچە تۇلەم بىرىلدۇ ..60 ياشتىن ئاشقانلارنڭ يىشى 60 ياشتىن بىر ياش ئاشسا يۇقۇردىكى 20 يىل بىر يىل كىمەيتىپ ھىساپلىنىدۇ ،ئەگەر 75 ياشتىن يۇقۇرى بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىل 5 يىل قىلىپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردىكى يىل مىىيىپ دەپ بىكىتىلگەن كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ .مىيىپلىق تۇلەم پۇلىدا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرى بۇلىدۇ.يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر بازار ئاھالىلرىنىڭ ساپ كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى قاتارلىقلارنى شۇ جايدىكى سىتاسىتىكا تارماقلىرى ھەر يىلى ئاشكارا ئىلان قىلىدۇ.

   6 .مىيىپلىق سايمانلىرى پۇلى .مىيىپلىق سايمانلىرى دىگەندە زىيانلانغۇچى مۇشۇ ھادىسىدە مىيىپ بۇلۇپ قىلىپ ئىشلىتىشى كىرەك بۇلغان يالغان پۇت،يالغان قۇل قاتارلىق سايمانلارنى كۇرسىتدۇ.بۇ سايمانلارنى ئىلشتا ئادەتتە دۇلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سايمانلارنى ئىلىش ئاساس قىلىنىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن زىيانلانغۇچنىڭ يىشى، مىيىپلىق ئەھۋالى، داۋالاش ئۇرۇنلىرنىڭ پىكرى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كىرەك . *c ‑9 S

. يالغان سايمانلار ئادەتتە تۇۋەندىكىلەرنى  كۇرسىتىدۇ: يالغان پۇت،يالغان قۇل ،يالغان بۇرۇن، ئاڭلاشغا ياردەم بىرىش ئەسۋابى ،كۇرۇشكە ياردەم بىرىش ئەسۋابى ،ساغلاملقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئەسۋابى قاتارلىقلار .ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرنى  (ماتۇرسىز ۋىلسىپىت بۇنىڭ سىرتىدا )ئۇز ئىچىگە ئالمايدۇ. .مىيىپلىق سايمانلىرنىڭ پۇلىنى ھىساپلىغاندا  ئادەەتتە مىيىپلىق سايمانلىرنىڭ ئاسراش ،ئالماشتۇرۇش ھەققىنىىمۇ ھىساپلاش كىرەك.



      7. دەپنە پۇلى .زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى چىقىم قىلغان مىيىتنى يۇتكەش ھەققى ،مىيتنى ساقلاش ھەققى  ۋە  باشقا زۇرۇر چىقملارنى  كۇرسىتىدۇ.دەپنە پۇلى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنىقى يىللىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشىنى ئۇلچەم قىلىپ ئالتە ئايلىق مائاشى بىرىلدۇ . زىيانلانغۇچى نەق مەيداندا ئۇلگەن بۇلسا  ج خ ئۇرۇنلىردىن ئۇلگەنلىك ئىسپاتى ئىلىش كىرەك ،دوختۇرخانىدا شۇ قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۇلگەن بۇلسا «دۇختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتى»غا ئۇلۇش سەۋەبى ئىنىق يىزىلىشى كىرەك .        

8. ئۇلۇم تۇلەم پۇلى.ئۇلۇم تۆلەم پۇلى ھەرگىزمۇ بىر ئادەمىنىڭ تاۋار قىممىتىنى كۇرسەتمەيدۇ .ئۇنى  ئۆلگۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرگە بىرىلگەن بىر خىل تەسەللى ۋە رۇھى مەدەت دەپ چۇشۇنۇش كىرەك .«ھۇقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»نىڭ 16-ماددىسغا ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتكەن بۇلسا ئۆلۇم تۇلەم پۇلى تۇلەش كىرەك. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 29-ماددىسغا ئاساسەن ئۆلۇم تۆلەم پۇلى مۇنداق ھىساپلىنىدۇ. ئۆلگۇچى 0ياشتىن 60 ياشقىچە بۇلسا ئۇلۇم تۆلەم پۇلى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق ئۇتتۇرچە كىرىمنى ياكى يىز ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق بىر يىللىق ساپ كىرىمىنى 20 يىلغا كۇپەيتىپ   ھىساپلىنىدو.ئەگەر ئۇلگۇچى 60  ياشتىن ئاشقان بۇلسا، يەنى  بىر ياش ئاشسا بىز يۇقۇردا دىگەن 20 يىلدىن بىر يىل كىمەيتىمىز .ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە قانچە ياش ئاشقان بۇلسا شۇنچە ياش كىمەيتىمىز .ئۇلگۇچى 75 ياشتىن ئاشقان بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىلنى 5 يىل قىلىپ ھىساپلايمىز . «ھۇقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسغا ئاساسەن ئۇخشاش بىر ھۇقۇققا چىقىلىش ھەركىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۇلۇشىنى پەيدا قىلىسا ،ئۇلۇم تۆلەم  پۇلىنىڭ مىقدارى ئۇخشاش بۇلسا بۇلىدۇ.شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بىر قاتناش ۋەقەسىدە بىر ئۇلگۇچى شەھەر نۇپۇسى بۇلسا قالغانلارغىمۇ شەھەر بازار  نۇپۇسى قاتارىدا تۆلەم بىرىلدۇ.شەھەر بازاردا ئىشلەۋاتقىنغا ،تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا  بىر يىلدىن ئاشقانلار شەھەر بازار ئاھالىسى دەپ قارىلدۇ،ئۇلار ئالاقىدار ئۇلتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسنى ۋە ئىشلەۋاتقان ئورنىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتىنى  كۇرسىتىپ شەھەر بازار ئاھالىسى ئىگەنلىگىنى ئىسپاتلسىا بۇلىدۇ. داۋالىنىۋاتقانلار شەھەر بازاردا تۇرغانلار ھىساپلانمايدۇ.يىزا ۋە شەھەر بازار ئاھالىلرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر-بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇى بۇلىدۇ. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىسمانى زىيان تۇلەم دىلۇلىرنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 29-ماددىسغا ئاساسلانغاندا، زىيانلانغۇچى ئۇزى ئۇلتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دائىمى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ياكى يىزا ئاھالىسنىڭ كىرىمىنىڭ دەۋانى قۇبۇل قىلىغان سۇت تۇرۇشلۇق جاينىڭكىدىن يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسە، مىيىپلىق تۆلەم پۇلى ياكى ئۇلۇم تۆلەم پۇلى ئۇلتۇرۇشلۇق جاينىڭ  ياكى دائىمى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۇلچىمى بۇيىنچەھىساپلانسابۇلىدۇ.                                                                            9.بىقىلغۇچنىڭ تۇرمۇش پۇلى.بىقىلغۇچىنىڭ باشقا باققۇچىسى يەنى جۇرىسى ،پەرزەتنتى  بۇلسا تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى زىيانلانغۇچى قانۇنى بۇيىنچە تۇلەيدىغان قىسمىنىلا تۇلەيدۇ.ئىنىق قىلىپ ئىيىتقاندا بىقىلغۇچىنىڭ بىر نەچچە باققۇچىسى بۇلسا بىقىش ھەققىنى ھىساپلاپ چىقىپ شۇ باققۇچىلارغا بۇلۇپ ئاندىن بىر باققۇچىغا (يەنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى )تىگىشلىك قىسمىنى مەسئۇليىتى بار تەرەپ تۆلەيدۇ.ئەگەر زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ جۇرىسنىڭ ھامىلە بۇلۇپ، ئەگەر ھامىلە تىرىك تۇغۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ  زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بالىسغا تىگىشلىك بىقىش ھەققى تۇلەيدۇ. بىقىلغۇچىنىڭ يىشى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىغا قاراپ بىرىلىدىغان ھەق ئۇخشىمايدۇ.بىقىلغۇچى 18 ياشقا كىرمىگەن بۇلسا مەسئۇليىتى بار تەرەپ بىقىلغۇچىغا دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ ئىستىمال چىقىمى ياكى يىز ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق ئىستىمال چىقىمى بۇيىنچە 18 ياشقا كىرگۇچە تۇلەيدۇ.بىقىلغۇچى  60 ياشتىن تۇۋەن 18 ياشتىن يۇقۇرى بۇلۇپ ،ئەگەر ھەقىقەتەن ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلمىسا ،رۇھى كىسەل بۇلسا ،ئۇز ھاجىتىدىن چىقالمىسا  ،ئۇلگۇچى ھايات ۋاقتىدا باققان بۇلسا ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ بىقىش ھەققى بىرىلدۇ ،ئەڭ ئۇزاق بۇلغاندا 20 يىللىق بىقىش ھەققى بىرىلىدۇ .  ئەگەر بىقىلغۇچى  60  ياشتىن ئاشقان بۇلسا، يەنى  بىر ياش ئاشسا 20 يىلدىن بىر يىل كىمەيتىپ بىقىش ھەققى ھىساپلايمىز.ئۇخشاش ئۇسۇل بۇيىنچە قانچە ياش ئاشقان بۇلسا شۇنچە ياش كىمەيتىمىز،ئاندىن كىمىيىپ چىققان يىل سانىنى دىلۇنى قۇبۇل قىلغان سوت مەھكىىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالدىنقى يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق ئۇتتۇرچە كىرىمگە ياكى يىزا ئاھالىلىرنڭ ئالدىنقى يىللىق بىر يىللىق ساپ كىرىمگە كۇپەيتىپ ھىساپلايمىز. بىقىلغۇچى  75 ياشتىن ئاشقان بۇلسا يۇقۇردىكى 20 يىلنى 5 يىل قىلىپ ھىساپلايمىز .بىقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش  پۇلىدا يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر –بازار ئاھالىلىرنىڭ تۇلەم سۇممىسىدا پەرىق بۇلۇپ ئادەتتە شەھەر -بازار ئاھالىلىرنىڭ يۇقۇرى بۇلىدۇ. يىزا ئاھالىلىرنىڭ ۋە شەھەر بازار ئاھالىلرىنىڭ ساپ كىرىمى ،ئىستىمال چىقىمى قاتارلىقلارنى شۇ جايدىكى سىتاسىتىكا تارماقلىرى ھەر يىلى ئاشكارا ئىلان قىلىدۇ.

  10 .قاتناش ھەققى .بۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالىنىش ئۇچۇن دۇختۇرخانىدىن يۆتكەلگەن ،دوختۇرخانىغا كەلگەن ،باھالىتىش ئۇچۇن باھالاش ئۇرۇنلىرغا بارغان ،قايىتقان ھەقنى  ،ئەگەر ئالاھىدە يۇتكەشكە تۇغرا كەلسە ئالاھىدە يۇتكەش ھەققى قاتارلىق قاتناش ھەقلىرنى كۇرسىتىدۇ.بۇ ھەقلەر بىرلىككە كەلگەن تالۇنغا ئاساسەن تۇلىنىدۇ . زىيانلانغۇچى داۋالانغاندا قاتناش ھەققى چىقىم قىلسا ئۇلچەملىك تالۇن ئىلش،تالۇندىكى ۋاقىت كىسەل كۇرسەتكەن ۋاقىتقا ،ئادەم سانىغا ،قىتىم سانىغا ماس كىلىشى كىرەك .چىقىم قىلغان قاتناش تالۇنى ئادەتتە دۇلەتنىڭ ئادەتتككى مەمۇرى خادىملىرنىڭ(باشقار باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۇۋەن خادىملارنى كۇرسىتىدۇ، ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس) سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى قاتناش چىقىمىنى ئۇلچەم قىلىپ تۇلەپ بەرسە بۇلىدۇ.. دۇختۇرخانىدىن يۇتكەلگەندە ئالاھىدە ئەھۋال بۇلۇپ قىلىپ ئايرۇپىلاندا ،پاراخۇتتا ،پۇيىزدا ،تاكسىدا ،قۇتقۇزۇش ماشىنىسدا يۇتكەشكە تۇغرا كەلسە بۇ چىقىمنىمۇ مەسئۇليىتى بار تەرەپ تۇلىشى كىرەك .  بىمارغا ھەمرا بۇلغۇچىلار ئۇچ ئادەمدىن ئىشىپ كەتسە بۇلمايدۇ.

11. ياتاق ھەققى .زىيانغا ئۇچرىغۇچى داۋالانغاندىن كىيىن شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان يىقىن  تۇققانلىرنىڭ چىقىم قىلغان ياتاق ھەققىنى كۇرسىتىدۇ. چىقىم قىلغان ياتاق  تالۇنى دۇلەتنىڭ ئادەتتككى مەمۇرى خادىملىرنىڭ(باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۇۋەن خادىملارنى كۇرسىتىدۇ، ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس) سىرىتقا ئىش بىجىرگىلى چىققاندىكى ياتاق  چىقىمىنى ئۇلچەم قىلىپ تۇلەپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ.ئادەتتە زىيانلانغۇچىلارغا ھەمرا بۇلغۇچىلار سانى ئۇچ ئادەمدىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك .ياتاق ھەققىگە ئۇلچەملىك تالۇن ئىلىش كىرەك .

       12. ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ھەققى .ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ھەققى زىيانغا ئۇچرىغۇچى زىيانلانغاندىن كىيىن ئالاھىدە ئۇزۇقلۇققا ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قىلىپ چىقىم قىلغان ئۇزۇقلۇق ھەققىنى كۇرسىتىدۇ.ئۇزۇقلۇققا ئىھتياجلىق بۇلۇش بۇلماسلىق دوختۇرخانىنىڭ« دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتى»دكى  پىكرى ،باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ «باھالاش پىكرى»گە  قاراپ بىكىتىلىدۇ.ئادەتتە ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس .

13. بىۋاستە مۇلۇك زىيىنى .بىۋاستە مۇلۇك زىيىنى ئادەتتە شۇ قاتناش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىكى قاتناش قۇراللىرنىڭ بۇزۇلۇش چىقىمى(ماشىنىنى رىمۇنۇت قىلدۇرغاندا ئۇلچەملىك تالۇن ئىلىش كىرەك)،شۇ قاتناش ۋەقەلىرگە مۇناسىۋەتلىك ماشىنا ئەسھەلىرى ،ماشىنا ئۇستىىدكى بۇيۇملار زىىيىنى ،شۇ ماشىنغا بىسلغان ھايۋانلار زىينى قاتارلىقلارنى كۇرسىتدۇ.بىۋاستە مۇلۇك زىيىنىنى ئادەتتە تەرەپلەر كىلىشىپ ھەل قىلسا بۇلىدۇ،كىلىشىپ قالسا نەق مەيداندا مۇلۇك زىيىنىغا قارىتا مەسئۇليىتى بار تەرەپ زىيان تۇلەپ بىرىشى ياكى ھۇججەت يىزىپ بىرىشى كىرەك. ئەگەر كىلىشەلمىسە مۇلۇك قىممىتىنى  قانۇنلۇق مۇلۇك باھالاش ئۇرۇنلىرغا باھالىتىپ ئاندىن ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ.

   14. قاتناش ۋەقەسىدىكى ماشىنىڭ قاتناشتىن تۇختاش زىيىنى .قاتناش ۋەقەسىدىكى ماشىنا ئادەتتە يۇك تۇشۇش ماشىنىسى ياكى يۇلۇچى تۇشۇش ماشىنسى بۇلسا مۇشۇ قاتناش ۋەقەسى تۇپەيلى ماشىنا تۇختىغان بۇلسا ماشىنا ئىگىسى، ئالاقىدار قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن  ياكى مال باھاسى ئۇرۇنلىردىن ئىسپات ئىلىپ ماشىنا تۇختاش زىيىنىنى ئىسپاتلاپ  زىيان تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ.

  15.رۇھى زىيان تۇلىمى .رۇھى زىيان تۇلىمىنىڭ دۇلىتىمزدە بىرلىككە كەلگەن ئۇلچىمى يۇق .رۇھى زىيان تۇلىمى تۇلەشتە بەزىلەر ئۇلۇم تۆلەم پۇلى رۇھى زىيان پۇلى بىلەن ئۇخشاش دەپ قارايدۇ.ھەرقايسى جايلاردىكى سوت مەھكىمىللىرنىڭ قۇللاش ئەھۋالىمۇ ئۇخشىمايدۇ.مىنىڭچە رۇھى زىيان تۆلىمىنى قۇللاش كىرەك .زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتسۇن ياكى مىيىپ بۇلسۇن بۇنىڭلىق بىلەن شۇ كىشىگە ۋە ئائىلە تەۋەلىرگە بىر ئۇمۇرلۇك رۇھى ئازاپ  بۇلىدۇ،پەقەت بۇنىڭ دەرىجىسىلا ئۇخشىمايدۇ.رۇھى زىيان زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تەلىپىگە ،رۇھى زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسگە ،تۇرمۇش ،ئۇگۇنۇش ،خىزمەت ئەھۋالىغا تەسىر يەتكەن يەتمىگەنلىگىگە ،زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ يىشىغا ،جەمىيەتتىكى نام شۇھرىتگە قاراپ ،ئۇندىن باشقا مەسئۇليتى بار تەرەپنىڭ خاتالىق دەرىجىسگە ،ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ،مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىگە ،شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ  بەلگىلنىدۇ.

يۇقۇرقىلار قاتناش ۋەقەلىردىكى تۇلەم تۇرلىرى بۇلۇپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى  مەسئۇليىتى  بار تەرەپتىن تۇلىتۋىلىش كىرەك .  ھازىر قاتناش قۇراللىرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇنچى شەخىس  مەجبۇرى سۇغۇرتىغا  مەجبۇرى قاتناشتۇرلىدۇ. ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى سۇغۇرتا ئادەتتە ماشىنىدا مەسئۇليەت بۇلغان چاغدا بىز يۇقۇردا دىيىلگەن چىقىملارنى 120000 يۇەننى ئەڭ يۇقۇرى چەك قىلىپ تۇلەيدۇ ،ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمىنى قاتناش ھادىسى ئىتىراپنامىسىدكى مەسئۇليەت بۇيىنچە ئايرىپ تۇلەيدۇ.ماشىندا مەسئۇليەت بۇلمىسا سۇغۇرتا شىركىتى 12100 يۇەننى ئەڭ يۇقۇرى چەك قىلىپ تۇلەيدو ، ھادىسە يۇز بەرگەن ماشىنىدا مەسئۇليەت بۇلمىغان چاغدا ،شۇپۇر پىراۋىسىز ھەيدىگەندە ،شوپۇر مەسىت ياكى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەندە ئۇچىنچى شەخىس مەجبۇرى سۇغۇرتىسى تۆلەش تۆلىمەسلىك مەسىلىدە دۇلىتىمىز قانۇنلىرىدا ۋە  قانۇنشۇناسلارنىڭ قارىشىدا ئۇخشىمغان پىكىرلەر مەۋجۇد .مىنىڭ قارىشىمچە چۇقۇم تۆلىشى كىرەك .بۇنىڭ قانۇنى ئاساسى بۇلسا يول قاتنىشى بىخەتەرلىگى قانۇنىڭ 76- ماددىسى .تۆلىمەسلىك كىرەك دىگۇچىلەرنىڭ قانۇنى ئاساسى بۇلسا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرى مەجبۇرى سۇغۇرتا نىزامنىڭ 22- ماددىسى ۋە گۇۋۇيەن سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئىدارىسنىڭ ئالاقىدار ھۇججىتى .قانۇنى چىقىرىش قانۇنىدا ئىنىق قىلىپ نىزامدىن قانۇننىڭ  ئۇستۇن تۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن شۇڭا چۇقۇم تۆلەشنى تەشەببۇس قلىش كىرەك .ماشىنلار ئىختىيارى قاتنىشىدىغان ئۇچۇنچى شەخىس سۇغۇرتىسى ،سۇدا سۇغۇرتىسىنىڭ تۇلەم تۇرى سۇممىسى ئادەتتە مەجبۇرى سۇغۇرتىنڭكىگە ئۇخشىمايدۇ.  يۇقۇردىكى تۇلەم تۇرلىرنى  مەسئۇليەت بار تەرەپنىڭ ،سۇغۇرتا شىركەتلىرنىڭ تۇلەپ بىرىشتكى   ھىساپلىنىش ئۇسۇلى،تۇلەش شەرىتى  ،مىقدارى قاتارلىقلار ئۇخشاش ئەمەس.يىقىندا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى قاتناش ۋەقەلىرىگە ئائىت ئەدىلىيىلىك ئىزاھات تۇزۇۋاتقان بۇلۇپ ھازىر توردا پىكىر ئىلىۋاتىدۇ ،بۇ ئىزاھات پات ئارىدا ئىلان قىلىنىدو.بۇ ئىزاھات قاتناش ھادىسى تۆلەم تالاش تارتىشىلىرنى ئۇڭۇشلۇق ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئۇينىغۇسى . بىر قاتناش ھادىسىدە يۇقۇردىكى تۇلەم تۇرلىرنىڭ ھەممىسنىڭ ئۇخشاش  بۇلماسلىقى،بەزى تۇلەم سۇممىسى ئەمەلى ئەھۋالغا ،شارائىتقا قاراپ ئۇزگىرشى مۇمكىن. شۇڭا دەۋالاشقۇچىلار ئامال بار ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سۇرىشى ياكى قانۇن ياردىمى مەركەزلىردىن قانۇن ياردىمى بىرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ.


-ئاينىڭ 22-كۇنى دۇنيا قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى كۇنى. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .

شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى

24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854

  توردا مەسلىھەت بىرىش     1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 05:03 PM  


مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

گۈزەل-ياشلىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78741
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 03:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلقى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاركەن ، تېما ئىگىسىگە رەخمەت .....

شىنجاڭ قارا جەمىيەت ئوغۇللار گوروھى ! SaT __ eSiL -- QiLiK

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 03:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاركەن ، تېما ئىگىسىگە رەخمەت .....
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 05:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھەر بىىرىمىز بىلىۋالساق بولغۇدەك ئىسىل تىما بوپتۇ ،
ئامال بار قاتناش ۋەقەسى چىقمىسا بولاتتى ، ئەدەمنىڭ يۈرىكى ئىچىشىپ كىتىدۇ بەزىدە قاتناش ھادىسلىرىنى كۆرسەك ، شوپۇر دوسلىرىمىز بەك دىققەت قىلىڭلار ،

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12750
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5419
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1046 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 05:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شوپۇرلار ياخشى ئوقۇسا بولغىدەك .                 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12750
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5419
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1046 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 05:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شوپۇرلار ياخشى ئوقۇسا بولغىدەك .                 

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 06:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلانىڭ ھەممىسى بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن ، تىما ئىگىسىگە رەخمەت ، يەنىلا « بىخەتەرلىك بىرىجى »

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2026
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16340
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8185 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 06:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت دوستۇم خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 07:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاركەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش