مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 20

سىز قانداق تىپتىكى ئاتا-ئانا؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل تىپتىكى ئاتا-ئانا


        بىزدە ”مائارىپ ئىشلىرى ئائىلە،مەكتەپ ۋە جەمىيەت زىچ بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ“دېگەن كۆز قاراش شەكىللەنگىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاۋال تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىمىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەرياندا، بىز ئوخشىمىغان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچىرشىمىز. ئاتا-ئانىلار بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە بولغان كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،باللىرىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.ناۋادا بىز سۆھبەت ۋە ئالاقە جەريانىدا ئۇلارنى ھەقىقىي چۈشەنمەكچى،ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق تىپتىكى ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە مەن سىزگە تونۇشتۇرماقچى بولغان“ ئۈچ خىل تىپتىكى ئاتا-ئانا “ دېگەن ماقالە سىزنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق يولى ئېچىشىڭىزغا، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭمۇ ئۆزىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنەلىشىگە ياردەم بېرەلىشى مومكىن.

_ تەرجىماندىن

1. ھاكىممۇتلەق تىپىدىكى ئاتا-ئانا

       بالىنىڭ تەربىيىسىگە ئىنتايىن كەسكىن،زىيادە قاتتىق،قوپال ھەتتا خارلاش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.ئىشلار شۇنداقلا ئوڭغا تارتمىسا ياكى بالىنىڭ ھەركىتى ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كەلمىسە،بالىنى ئۇرۇش ۋە تىللاشقا باشلايدۇ.بۇ خىل ئاتا-ئانىلار“ئۇستازى زالىم بولسا،شاگىرتى ئالىم بولۇر“دېگەن سۆزگە زىيادە ئىشىنىپ،بالىغا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.
بۇنداق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئوڭايلا ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش، قورقۇنچاقلىق، ئېتىبارسىزلىق، پاسسىپلىق، ئەنسىرەش ۋە تىت-تىت بولۇش،دۈشمەنلىشىشكە ئوخشاش پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇڭاي تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان،جاھىل، ئەسەبىي،زەربە بېرىش كۈچى كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.تاياق-توقماق ئاستىدىكى بالىنىڭ خوشاللىقى،خاسلىقى،ئىجادچانلىقى بولمايدۇ.پەقەت خوش-خوش دەپلا تۇرىدىغان،قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان،سىرتلارغا چىقىشتىن قورقىدىغان،ئاتا-ئانىسىنى ئەگىپلا يۈرۈيدىغان،ھەقىقىي خوشاللىقى ۋە تەبەسسۇمى يوق“ۋاپادار“بالىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
       يەنە بىر خىل ھاكىممۇتلەقلىق-زىيادە قوغداش.قانداقلا ئىش بولسا ئاتا-ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ،ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ.بالىنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ.بۇ خىل ھالەت بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا زىيادە تايىنىۋىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن شۇنداق ئايرىلسىلا،تەشۋىشلىنىپ، مەكتەپتە ئوقۇشنى، ساۋاغداشلىرى بىلەن ئارلىشىشنى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ.ھەمدە ھەممە ئىشتا ئارقىغا دەسسەيدۇ.زىيادە قوغداش يەنە بالىنىڭ ئۆزىنىلا مەركەز قىلىش،ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش،كوللىكتىپ تۇرمۇشقا ناھايىتى تەستە ماسلىشىش،ئوڭۇشسىزلىقنى قۇبۇل قىلالماسلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

2.ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش تىپىدىكى ئاتا-ئانا

       بالىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ھەركىتىگە قىزىقمايدۇ،كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.ئاندا-ساندا باشقۇرۇپ قويىدۇ.كىچىك ۋاقتىدا بالا باققۇچى ياكى ئاتا-ئانىسىغا،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن مۇئەللىمگە،چوڭ بولغاندىن كىيىن جەمىيەتكىلا تاپشۇرىدۇ.بۇ خىل ئائىلە موھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بالىلار دائىم بىر ئىشلارغا مەسئۇلىيەتسىز،تەپتارتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئازراقلا ناچار تەسىرگە ئۇچىرىسا ئۆگىنىشتە چېكىنىدۇ.
        ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن دائىم ئۇچىرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قورقۇش ۋە ئەنسىرىشىنى تۈگىتىدىغان ياخشى رېتسىپ.ئۇ بالىغا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى،ئىشەنچ تۇيغۇسى،ئىللىقلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتى،ياخشى خاراكتىرنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى موھىم.
يەنە بىر ئىختىيارىغا قويىۋىتىش تىپىدىكى ئاتا-ئانىلار-بالىغا زىيادە كۆيۈنىدۇ ۋە زىيادە كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ.بۇنداق بالىلار ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تۇنىيالمايدۇ.ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ.ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن،ئەخلاقىي كۆز قارىشى ئاجىز،ھەرىكەت مىزانى كەمچىل بولۇپ،ھەممە ئىشتا ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالىدۇ.ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىسا،باشقىلار بىلەن قارشىلىشىش،دۈشمەنلىشىش ھەتتا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ.
”ئىختىيارىغا قويۋىتىش تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار“نىڭ ئانا-ئانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت،بۇرۇچ ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.ئاتا-بالا مۇناسىۋىتى ناچارلاشقانسىرى،بالىنىڭ ھېسىياتىغا سەل قارايدۇ ياكى زىيادە قارشى تۇرىدۇ. بالىسىنى ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان قۇم خالتىسى ئۇرنىدا كۆرۈپ دۇمبالايدۇ.تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئاددىي،قوپال بولۇپ دائىم تەن جازاسى بېرىشنىلا ئاساس قىلىدۇ. پەرزەنتىنى مۇۋاپىق نازارەت قىلىش ياكى ئاسراش ئىدىيىسى كەمچىل بولىدۇ.
       بۇنداق موھىتتا چوڭ بولغان بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ئىللىقلىق ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى بولمايدۇ. دائىم دېگۈدەك قورقۇش،تىت-تىت بولۇش،ئەنسىرەش كەيپىياتى ئىچىدە يۈرۈيدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە، يالغۇز بالىدا ئىشتىھا، ئۇيغۇ، نەپەسلىنىش، چوڭ-كىچىك ھاجەت قاتارلىق تەرەپلەردە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپلا قالماستىن،بەلكى يەنە بالا ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ روھى كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.ياكى ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پاتىدۇ. كەيپىيات ئۆزگىرىشى بەك زور بولۇپ،غەيرى ئەنسىرەش ۋە قورقۇش كەيپىياتىدا تۇرغاچقا،ئوڭايلا باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىش،ھېسداشلىق ھېسىياتى كەمچىل بولۇش،ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ساغلام بولمىغان پىسخىكا ھالىتىنى شەكىللەندۈرۋالىدۇ. نەتىجىدە ئەخلاقنىڭ چەكلىمىلىكلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
3.دېمىكۇراتىك تىپتىكى ئاتا-ئانا
       بالىنى ئۆزى خالىغانچە ئۇرۇپ تىللىمايدۇ.بالىنىڭ ھەركىتىنى كۆپرەك ئانالىز قىلىپ،ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا يۈز بەرگەن مەسىللەرنى ياردەم بېرىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىدۇ.ھەمدە مۇۋاپىق ھالدىكى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ۋاستىسىنى قولىنىدۇ.بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەركىتى ۋە تەربىيىسى جەريانىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى ۋە ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.
         دېمۇكىراتىك تەربىيلەش ھەممە ئىشنى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش دېگەنلىك ئەمەس.دېمىكۇراتىيەدىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش بولىشى كېرەك،چۈنكى،بالا بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تۇرمۇش تەجىربىسى جەھەتتە يەنىلا چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچقا،ھەممە مەسىلىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشى ئورۇنلۇق ۋە ئەتىراپلىق بولىشى ناتايىن.شۇڭا چوڭ مەسىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ،ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بوي سۇنۇش ئۇسۇلى بويىچە قارار چىقىرىش لازىم.
ھازىر جەمىيەتتە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن،نۇرغۇن ئاتىلار خىزمەت بىلەن ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ بالىلارنى تەربىيلەشنى بالىنىڭ ئاپىسىغىلا ئىتتىرىپ قويىدۇ.ئاپا ھەم“مىھرىبان“ئاپىلىق ھەم ”كەسكىن دادىلىق رولىنى ئۆتەيدۇ.كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بولسا،“تەلەپچان“ئۇستازلىق رولىنى ئۆتەيدۇ.بۇ خىل ئەبجەش رول بالىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ھەم ئانىسىغا نىسبەتەن مۇرەككەپ ھېسىياتنى،جەمىيەتكە نىسبەتەن ناتوغرا تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز.
         ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدىلا،قىلچە يۇشۇرماستىن ئائىلىدىكى مەسىللەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشسا،بالىلار قايمۇقىدۇ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.بالىنى تەربىيلەش مەسىلىسىدە،ئەر-ئايال جەزمەن ئىناق،ئىتتىپاق بولىشى كېرەك.زىدىيەتلەرنى يۇشۇرۇن ھەل قىلىش.ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش،ئارام ئېلىش ۋاقتى،ئوغىرلۇق قىلماسلىق،يالغان سۆزلىمەسلىك،ئۇرۇشماسلىق قاتارلىق قائىدە تۈزۈملەردە پىكىر بىردەكلىكى بولۇش.بىر تەرەپ يەنە تەرەپنىڭ بەزى كۆزقاراشلىرىغا كۈچلۈك قارشى تۇرغان،بالا نەق مەيداندا بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا،بىر تەرەپ ۋاقىتلىق ھالدا يەنە بىر تەرەپكە يول قويۇش.ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشىمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش،پەقەت بىرلا تەرەپ ھەممە ھوقۇقنى ئىگەللەيدىغان ھەم ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.

مەزكۇر ماقالە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفىسورى چيەن جىلياڭ ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدىن رەتلىنىپ تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمان: لوپنۇرى

مەنبە:http://www.lopnuri.com/?p=2157
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 12:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ بەزى ئىشلاردا بالىلارنىڭ ئالدىدا بەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ ئاتا ئانا بالىلارغا كۈيۈنىمىز دەپ ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ قويىمىز

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:13:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ تېخى ئاتا -ئانا بولمدىم ....ئەمما  مەن بۇلارىنى ھەمممسدىكى  ئارتۇقچلىقلارىنى مۇجەسسەملەپ ياخشى بەلەن ،ئۇبدان ئاتا -ئانا  بولىمەن

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 01:13 PM
مەنغۇ تېخى ئاتا -ئانا بولمدىم ....ئەمما  مەن بۇلارىنى ھەم ...

سىز گە ئەگەشتىم

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
13629982958 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 01:19 PM
سىز گە ئەگەشتىم

ئاللا  ئاللا  ماڭا  ئەگەشمەڭ ..ئۆزىڭىزنىڭ  مەيدانى ئىنىق بولسۇن ....ئاتا -ئانا بولدىغان ئىشتىمۇ  باشقلارغا ئەگەشكەن بارمۇ ؟

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:37:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىكەن.  ‹‹بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دىسەڭ بالىسىغا قارا››دەپتىكەن چوڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 01:22 PM
ئاللا  ئاللا  ماڭا  ئەگەشمەڭ ..ئۆزىڭىزنىڭ  مەيدانى ئىنى ...

سىز گە خاتا ئەگىشىپ قاپتىمە   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 01:13 PM
مەنغۇ تېخى ئاتا -ئانا بولمدىم ....ئەمما  مەن بۇلارىنى ھەم ...

سىز ھەم ئاتا ھەم ئانا بولدىكەنسىز ،مەن ئاتا بوپ تۇراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 04:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى ئاتا بولمىدىم،يىڭى توي قىلغان.ئەمما خۇدا بالىدىن بىرنى نىسىپ قىلسا شۇنداق تەربىيلەنمەنكى....كىچىكىدىن تارىخنى،ئىلىم ساۋادىنى چۇقۇم چىقىرىمەن.....ھىم،يەنە جىق ئارزۇيۇم بار تىخى.

كۈيۈمچان مەلىكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5840
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 04:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىلىرىغا كۈيۈندۈم دەپلا ئۇلارنى يامان ئۆگىتىپ قويسا، كىيىن، ھەر قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

ھازىرچە مەن ئانا ئەمەس، بۇلارنى ئەڭ ياخشىسى كىيىنچە ئانا بولغاندا ئاندىن ئويلىشاي......

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش