مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3798|ئىنكاس: 68

-[بوزقىر] ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 09:36:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاۋە:      
مەركىزىي كومېتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۇننىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ « ئۆگۈنۈش گېزىتى» نىڭ باش سىتونىغا بېسىلغان «نۆۋەتتىكى مىللەتلەر  ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بىر نەچچە پىكىر» ناملىق 4مىڭ خەتلىك ماقالىسى جەمئىيەتتە بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.  جۇ ۋۋېيچۇن ماقالىسىدا كىملىكتىكى مىللەت تەركىبنى چىقىرىپ تاشلاش،  ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى مەزمۇن  قىلغان دۆلەتنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر سېياسىتىگە  قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان.-
   جۈملىدىن شۇ ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىن ۋە بېيجىڭ پوچتا- تېلېگراف ئۇنۋېرسىتېتى مەدەنىيەت-قانۇن-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پروفېسورى مېي شىنيۈنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلىرىنى ئېلان قىلغان  . شىيوڭ كۇنشىن «دۆلەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتىنى تەڭشەشكە بولمايدۇ، بۇنداق قىلغانلىق ئوت بېلەن ئويناشقانلىق »دېسە   ، مېي شىنيۈ «تەڭشەشكە بولىدۇ » دەپ قارىغان .

http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=7348&fpage=0&page=1

« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» يەنە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى  تۇرۋېنجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلىپ ، ئۇنىڭ  مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان « مىللەتلەر سېياسىتىدە ئەكسىچە كەمسىتىش مەۋجۇت ئەمەس »ناملىق   ماقالىسىنى باسقان. تۇرۋېنجان تۇرسۇنمۇ دۆلەتنىڭ  ھازىرقى مىللەتلەر سېياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان .
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=7348&fpage=0&page=7

« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» يەنە يېقىندا فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى”تەڭرىتاغ ئالىمى “ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان پروفېسسور ) ،ما روڭ (بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ) ۋە ۋۇ چۇكې (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ) دىن ئىبارەت ئۈچ ئالىمنى مىللەتلەر سېياسىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۈچ تېما ئۈستىدە سۆھبەتكە چاقىرغان. ئۇلار بىردەك «جۇڭگو مىللەتلەر سېياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ»دەپ قارىغان .

تۆۋەندە ئەشۇ سۆھبەت مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. خەۋەردار بولغايسىزلەر.

-----------------------------------------------------------
                                 ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى :

1.ئاز سانلىق مىللەتلەر سېياسىتىگە قانداق قاراش كېرەك
     
    فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى”تەڭرىتاغ ئالىمى “ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان پروفېسسور ): بۇ ناھايتى سەزگۈر ئەمما ئەھمىيەتلىك تېمىكەن.بىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتىمىز باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرغۇزۇلغان.شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىزچىل تۈردە ئېتىبار بېرىش سېياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە.ھازىر بۇ ھەقتە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولىۋاتىدۇ.ئەمما مەن مۇنداق قارايمەن : ئەڭ دەسلەپتە ھېچ بولمىسا ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە مۇشۇنداق سېياسەتلەرنى يولغا قويۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىدى .شۇنداقلا ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى. مۇبادا شۇ چاغلاردا مۇشۇنداق بىر تۈزۈم ئورنىتىلمىغان بولسا مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقەللىي تەرەققىياتىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. بۇ سېياسەتنىڭ يولغا قويۇلىۋاتقىنىغا 60يىلدىن ئاشتى. ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى. گەرچە بىر قىسىم ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشلەر بۇ خىل سېياسەتتە چىڭ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەن ئۇنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ، ئارتۇقچە يەرلىرى يوق ئەمەس ، دەپ قارايمەن.
     
    ما روڭ (بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ) : ئازاتلىقتىن كېيىن دۆلىتىمىز ھەر قايسى تەرەپلەردىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىنى ئۆرنەك ئېلىپ كەلگەن.مىللەتلەر مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاشلا مىللەتلەر مەسىلىسىنى سېياسىيلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشتەك بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئاۋال 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ھۆكۈمەت زور كۆلەملىك «مىللەتلەرنى پەرىقلەندۈرۈش » خىزمىتىگە تەشكىللەپ ، 55 ئاز سانلىق مىللەتنى رەسمىي ئېتراپ قىلىپ بېكىتكەن.ھەتتا 10مىللەتكە يېزىق ئىجات قىلىپ بەرگەن. بۇ ئىشلار ئەشۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر بېلەن ئاساسىي مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن.ئۇندىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا قارىتا «ئاپتونومىيە تۈزۈمى»نى يولغا قويغان. ئۈچىنچىدىن سېياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېتىبار سېياسەتلەر يولغا قويۇلغان .نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  ھەقىقەتەن سېياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مىللەت ۋە رايون (مەسىلەن تېبەتتىكى تېبەتلەر  ) بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق. دەرۋەقە بۇ تەدبىرلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا ئاكتىۋال رول ئوينىغان بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭ بېلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئەسلىدىنلا ھېچقانچە سېياسىي تۈسى بولمىغان مىللەتلەرنىمۇ «سېياسىيلاش»تۇرۇپ قويدى.
     
    ۋۇ چۇكې (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى )  : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئالغان  ئۆرنەكلەر دۆلەت ئەھۋالىمىزغا تازا ئۇيغۇن كەلمىگەچكە دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم مىللەتلەر سېياسىتى ھۆكۈمەتتىن يىراقلاپ كەتتى. بىرىنچىدىن ، مىللەت تەركىبىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مىللەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇشتەك  «چۈشەپ قويۇش» ئۇسۇلى سادىر بولدى؛ ئىككىنچىدىن ، مىللەت مەسىلىسى بېلەن سېياسىي مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگۈسى قويىۋېلىپ ئۆز ۆزىمىزنى چۈشەپ قويدۇق. ئۈچىنچىدىن ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىردىن بىر «مىللىيلىك» قىلىۋېلىپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ « ئىقتىسادلىشىش» ھەتتا «سودىلىشىش»نى مىللەتلەرنىڭ بەلگۈسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ،خەنزۇلار بېلەن بولغان «پەرىق»نى چوڭايتىۋەتتۇق. بۇ مىللەتلەر باراۋەرلىكىگە قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر. ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەت ئۆز مەۋقەسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ «مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئەن-ئەنىسى» نى ئىختىرا قىلىشتا تەبىئىي ھالدا بىرلىشىشكە قاراپ ئەمەس بەلكى ياتلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

2.«مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش»نەزەرىيىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش كېرەك

فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى”تەڭرىتاغ ئالىمى “ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان پروفېسسور ): ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنىڭ تۈپ نۇقتىسى «ناچار»(ئەمەلى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك-تەرجىماندىن ) مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى يۆلەش كېرەك . بولۇپمۇ مائارىپ ۋە پۇرسەتتە نىسبەتەن پاسسىپ ئورۇندا تۇرىۋاتقان دېھقان-چارۋىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى يۆلەش كېرەك . ئەمما ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى كادىرلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن  «ناچار»  ھالەتتە ئەمەس. ئالاھىدە بېكىتىلگەن رايونلار ، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن چېگرا رايون،جاپالىق رايون بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە شۇ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت %97 نى، خەنزۇلار %3نى ئىگىلەيدۇ. ئەشۇ  97 ئادەمگە ئېتىبار بېرىلىپ، 3 ئادەمگە ئېتىبار بېرىلمىسە  3 ئادەم « ئەكسىنچە كەمسىتىش» ھېس قىلامدۇ -يوق ؟ بىز ئېتىبار بېرىشتە مىللىي تەركىبنىلا ئاساس قىلىدىغان بىر تاياقتا ھەيدەشنى پۈتكۈل نامرات، قالاق رايونلاردىكى بارلىق ئاھالىلەرنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرىتسەك بولامدۇ-يوق؟  بۇ  «مىللەتلەر تەركىبى » بېلەن باغلاپ قويۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئادىل بولغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ما روڭ (بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ) : شىنجاڭدىكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى نەزەرىيە ساھەسىدىكى بەزىلەر «جۇڭخۇا مىللەتلىرى»دىن ۋاز كېچىپ 56مىللەت دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىشتى. مېنىڭ قارىشىم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» ئۇقۇمىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك . 56مىللەت دېگەن «مىللىي توپ»نىلا كۆرسىتىدۇ. ئۇنى مىللەتلەر مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش بېلەن ئايرىپ قاراش لازىم. 21-ئەسىردە جۇڭگو دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋىپ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدۇر. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا ھەرقانداق بىر مىللەت مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك بولغان بولىدۇ. يېنىمىزدىكى قوشنىمىزنى مىسالغا ئالساق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور  پاراخىوت ئاللىقاچان پەرەختەن بولۇپ كەتتى. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش نەزەرىيىسى دەل ئۇنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىرىتكۈچى پارازىت بولۇپ قالدى.بۇ چىرىتكۈچى پارازىتلار پاراخوت پالابولبىسىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقاقلىرىشىچە تېشىپ كىرىپ ئورۇنلىشىۋالدى.كىشىلەر پۈتكۈل پاراخوت گەۋدىسىنىڭ پەسلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قېلىشتى. شۇنىڭ بېلەن بۇ پاراخىوت ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى يوقۇتۇپ، غايەت زور دولقۇننىڭ زەربىسىدىن پەرەختەن بولۇپ كەتتى. 21-ئەسىردىكى جۇڭگو پارچىلىنىپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ «پاراخوتتىن ساۋاق ئېلىشى» كېرەك.

ۋۇ چۇكې (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ) : ماروڭ مۇئەللىمنىڭ ئوخشىتىشى دەل توغرا ۋە تولىمۇ ئوبرازلىق بوپتۇ. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» ئۇقۇمىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك . ئەمما 56مىللەتنىڭ بەزىلىرى «مىللىي توپ» بولۇشقا لايىق، بەزىلىرى لايىق ئەمەس. بۇ يەردىكى گەپ لايىق بولۇش -بولماسلىقتا ئەمەس. موھىمى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش نەزەرىيىسى تارىخىغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن. غەرىبتىكى « مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش » « گىراژدانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش » كە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.«پۈتكۈل پۇخرالار قارارلاش »نىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئېلىپ بارىدىغان مىساللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن خېلى كۆرۈلدى. شۇڭا دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدەك خەۋىپنىڭ ئاساسى  يەنىلە بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي مىللەت ئۈستىگە مەركەزلىشىدۇ.قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگودا يۈز بەرگەن بۆلۈنۈشنىڭ ھەممىسىىلا ئاساسىي مىللەت پەيدا قىلغان ئۆزگىرىش پەيتىگە توغۇرلانغان. يەنە كېلىپ بۇنداق دەۋىر تولىمۇ قىسقا بولغان. ئاساسىي مىللەت بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلغان تارىخىي يۈزلىنىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدۇر.

3. باراۋەرلىك ئەڭ ياخشى مىللەتلەر سىياسىتى بولۇشى مۇمكىن

    فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى”تەڭرىتاغ ئالىمى “ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان پروفېسسور ): بىزنىڭ سېياسەتلىرىمىز گىراژدانلار بېلەن ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى قەدەممۇ-قەدەم ئايرىۋېتىشنى نىشان قىلغان.ئېتىبار بېرىش ھامان مۇئەييەن ۋاقىت ۋە باسقۇچ خاراكتىرىگە ئىگىكى ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، مۇئەييەن مەزگىلدىكى ئالاھىدە سېياسەتلەر ئارقىلىق نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۆلەپ ھەر قايسى مىللەت ، ھەر قايسى رايونلاردىكى خەلق بېلەن ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى تارايتىشقا  بولىدۇكى ئۇنى كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ.مەسىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نومۇر سىزىقىنى ئېلىپ ئېيىتساق 100نومۇر ئېتىبار قىلىنغان بولسا ئۇنى 70-80گە ، 50-60 قا چۈشۈرۈپ ، بارا-بارا ئازلىتىپ مىللەتنى ئېتىبارغا تايىنىپ ئەمەس ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلماقچى. مانا بۇنى ھەقىقى مۇۋەپپەقىيەت دېسە بولىدۇ.چەتئەللەردىمۇ ئارقىدا قالغانلارغا ئېتىبار بېرىش مەۋجۇت.ئامېرىكا 1961-يىلى يولغا قويغان «يۆلەش ھەركىتى» ئارقىلىق مۇشۇنداق تۈزۈمنى يولغا قويغان .بۇ  ئاسىيا-ئافرېقىلىقلار پۇشتى، لاتىن ئامېرىكىلىقلار پۇشتى قاتارلىق ئاجىزلار توپىغا قارىتىلغان.ئەمما بىز بېلەن ئوخشىمايدىغىنى  ئۇلاردا تەركىبنى تىزىملىتىش بىزدىكىدەكك ئىختىيارى قىلىنمىغان بەلكى چوقۇم ئۆزى ئىلتىماس سۇنۇش، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ  «ئاجىز» ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنىشى شەرىت قىلىنغان. مانا بۇ ئامېرىكا سېياسىيونلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر. ئامېرىكىدەك رىقابەتلىك جەمئىيەتتە ئىقتىدارى بارلىكى ئادەم باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىدىن خالىي بولۇشنى كۆزلەپمۇ  بولسا ھەرگىز «ئاجىز»لار توپىغا قوشۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.

  ما روڭ (بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ) : 2009  -يىلى ئامېرىكا نوپۇسى ئىچىدە نېگىرلارنىڭ نوپۇسى %12نى ئىگىلىگەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا نېگىر ئوقۇغۇچىلار %10.8 نى ئىگىلىگەن. ئەلنىڭ سەرخىللىرى ۋە داھىيىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مانا شۇنداق ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تەربىيەلەنگەن نېگىر سەرخىللار دۆلەتنىڭ سەرخىللار سېپى ئىجتىمائىي تورىغا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، نېگىرلارنىڭ دۆلەتكە بولغان ئورتاق تونۇشى كۈچەيگەن. ئامېرىكىدا ئىرقىغا قاراپ ئايرىلغان مەكتەپلەر يوق دېيەرلىك، ئېلىمىزدە بولسا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى-ئىنىستىتوتىدىن 14 ئى بار. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىنىستىتوت-فاكۇلتىتلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بويىچە ئايرىلىدۇ، ئازسانلىق مىللەت ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەلۇم جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت ئېڭى كۈچىيىپ، ئارىدا توساق پەيدا بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تىل ۋە كەسپىي سەۋىيە جەھەتتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا، ئوڭايلا بۇنى مىللىي مەسىلىگە تاقىۋالىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئاساسلىقى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، شۇ مەكتەپلەردە دۆلەتنىڭ سەرخىللار تورىغا كىرگۈزۈپ، جوڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەگەر كەلگۈسىدە جۇڭگۇدا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن  دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى چىقسا، شۈبھىسىزكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جوڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان ئورتاق تونۇشى كۈچىيىدۇ.

   ۋۇ چۇكې (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ) : ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە بولغاندا ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسىنى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى دېسىمۇ بولىدىكەن. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويى ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇنۋېرسال تەرەققىياتى تېز بولىۋاتىدۇ.شۇڭا غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىكى مىللەتلەر قالاق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىشى كېرەك.چېگرا رايونغا تەۋە بولغان ئەشۇ رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ھالقىغان مىللەتلەر بولۇپ، چېگرا رايوندىكى دۆلەت ھالقىغان مىللەتلەر بېلەن قوشنا ھالەتتە ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتىمىزنىڭ نىشانى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب بېلەن  دېڭىز بويى ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا ئوخشاش كۆز بېلەن قاراشتا ئىپادىلىنىشى كېرەك.پەقەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ماھىيىتىنى  توغرا تونۇغاندىلا ئاندىن جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى ۋە نەزەرىيىلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

http://opinion.huanqiu.com/roll/2011-09/2021367.html

ئەسكەرتىش : بۇ سۆھبەتنىڭ 3-بۆلىكىنىڭ 2-مەزمۇنىنى  يەنى ماروڭنىڭ جاۋابىنى تارىم تەرجىمە قىلغان .قالغان قىسمىنى بوزقىر تەرجىمە قىلغان .تەرجىمىدە خاتالىق بايقىسىڭىز دەل ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بەرگەيسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 02:05 PM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

bozqir بۇ ئىنكاسنى 59-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

مىللەتلەر سېياسىتىدە ئەكسىچە كەمسىتىش مەۋجۇت ئەمەس تۇرۋېنجان تۇرسۇن ئاپتور : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى بوزقىر ت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38881
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 55
توردا: 1308 سائەت
تىزىم: 2011-4-27
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:44:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«  ئەگەر كەلگۈسىدە جۇڭگۇدا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن  دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى چىقسا، شۈبھىسىزكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جوڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان ئورتاق تونۇشى كۈچىيىدۇ.»
    ئامېرىكىچە تەپەككۇر ...

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6089
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5845 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئېسىل تەرجىمە ئەسىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. بوزقىر قىرىندىشىم  سىزگە ۋە بۇ ئەسەرگە تەر ئاققۇزغان دوستىمىزغا رەھمەت .

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

غالىپلارچە ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 419
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8776
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 2491 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوبۇلھەسەن ئابدۇللا مۇقەففانىڭ ‹‹كەلىلە ۋە دېمىنە›› ناملىق كىتابىدا مۇنداق بىر جۈملىنى ئۇچراتقانىدىم: ‹‹سىياسەتنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى بولسا - ئادىللىق، ئادىللىق-بولسا يۇقۇرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى.›› مەن مۇشۇ جۈملىنى قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانلىرىغا چوڭ قىلىپ ئېسىپ قويسا دەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlgaNazar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 01:13 PM  


غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايسەن.

ۋەتىنى يوق ئادەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1567
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7696
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 4685 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇ ۋۋېيچۇن ماقالىسىدا كىملىكتىكى مىللەت تەركىبنى چىقىرىپ تاشلاش،  ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى مەزمۇن  قىلغان دۆلەتنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر سېياسىتىگە  قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان.

ما گۇيدا فاشىسىزىم ئىدىيىسى باردەك قىلىدۇ.بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا تېنىچ،ئادىل بۇلۇش،مىللەتلەر سىياسىتىدە باراۋەر بۇلۇش،ئېتتىپاق بۇلۇش تەكىتلەنگەن تۇرسا.ئۆزىچە بىلجىرلاپ جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ھېسىياتى،غۇرورىغا ئېغىر ئازار بېرىپتۇ.مۇقىملىق ھەممىىنى بىسىپ چۈشىدۇ،دىگەن شۇئارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان قاپاق كاللىكەن بۇ.شىنجاڭغا كىلىپ ھەپتىسىگە 40 سائەت سىياسى ئۈگىنىش قىلدۇردىغان گۇيكەن بۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nur414 + 10 جېنى بولسا ماڭىدىغان .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AlgaNazar ، مەن ئىشلەپ باققان ئىدارىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېمىدا سىز دېگەن گەپلەر بار.
بەلكىم قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ تېمىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلىپ تېخىمۇ يوغان قىلىپ ئېسىلغان بولۇشى مۇقەرەر.

مەن ئىلگىرى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن «تېنىچلىق يولى تېنىچ ئەمەس» ماۋزۇسىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇغان.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ئۆمەر ھەييامنىڭ بىر خەنزۇچە رۇبائىيلار توپلىمى بار .شۇ كىتابتا « ھەييام» خەنزۇچە «哈亚姆» دەپ ئېلىنىپتۇ.بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى تولىمۇ بەزەپ مەنانى بېرىدۇ.ھېچ بولمىسا ئۇنى «艾亚姆» دەپ ئالسىمۇ تامامەن مۇمكىن ئىدىغۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە .

« ھەييام» نى خەنزۇچە «哈亚姆» دەپ ئېلىشنى «شەرقشۇناس»لار ئۆگۈتۈپ قويمىغاندۇ ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10136
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5686
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1889 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھەقىقى مىللى باراۋەرلىك بولسا ئاپتۇنومىيە قانۇنى بولمىسىمۇ بولىدۇ،شىنقاڭدا10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار لىكىن ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاست،شەھەرلەردە يۇقۇرى قاتلاملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قانچىلىك بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك ھۇكۇمەتلەرنىڭ دائىمى ھەيئەتلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ نىسبىتى قانچىلىك بۇ ھەمىمىزگە ئايان،يەنە كىلىپ پەن-تېخنىكا،مۇھىم مەمۇرى ئورگانلاردا ئۇيغۇرلار يوق دىيەرلىك،مەسلەن،بىزنىڭ ئىدارىدا[چوڭ تىپتىكى مەركىزى كارخانا،مىڭدىن ئارتۇق ئازسان مىللەت ئىشى-خىزمەتچىلىرى بار،ئورگاننىڭ4قەۋەتلىك بىناسىدا ئاران5 ئۇيغۇر ىادىم بار،زاۋۇتنىڭ ئىلمى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار يوق دىيەرلىك بولمىسا ،زاۋۇتىمىزدا ھەر تالانتلىق ئۇيغۇر تېخنىڭ خادىملار بار ،ئۇلارنى شۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرمايدۇ،مىنىڭچە مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنى قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرى يوسۇندا ئىلىپ بارخاندا ھەقىقى مىللى باراۋەرلىك كىلىپ چىقىدۇ ،بولمىسا باراۋەرلىكتىن سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا مىللى ئاپتونۇمىيە قانۇنىغا ياخشى تېخىمۇ تۇزۇتۇشلەرنى كىرگۇزۇپ ،ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغاندا ،تاكامماللاشتۇغان ھەر مىللەت خەلقى سوتسىياىزىم چوڭ ئائىلىسىدە  ئىناق ئېجىل ياشىيالايدۇ، دولەت ئىشلىرى تېخىمۇ راۋاج تاپىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش