مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 710|ئىنكاس: 12

ئايسىمە ئىدرىس ۋە شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11520
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8627 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شائىرە ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



شائىرە،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئايسىمە ئىدىرىس 1971-يىلى 1-ئايدا يەكەن ناھىيسىدە ئوقوتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1993-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ يەكەن پىداگوكىكا مەكتىپىگە تەخسىم قىلىنغان . ھازىر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكۇلتىتىدا . ھازىرقى  زامان ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقوۋاتىدۇ .يەكەن ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئوقوتقۇچى. شائىرەنىڭ ئىجادىيتى1989-يىلى <<شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى >>گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان << كىتابىم >> نامىلىق شىئىرى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن باشلاپ  <<تارىم  >> ، << تەڭرىتاغ >> ، <<قەشقەر ئەدەبىياتى >> << شىنجاڭ گىزىتى >> ، <<ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى >> ، << تۇرپان >> ، << كىرورەن >> ، << يەكەن گىزىتى  >> قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئىرى 30 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزور ماقالىلىرى 10پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان شىئېرى ئىلان قىلىنغان . 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن << مەڭگۈلۈك سىغىنىش >> ، 2007-يىلى قەشقەر نەشىرياتى تەرىپىدىن  << دېرىزىنىڭ يېنىدىن كەتتىم >> ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان . << ئوتتىن ئاتلىغۇچى >> نامىلىق شىئېرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ  << مىللەتلەر ئەدەبىياتى >>ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان . << شەھەردىكى كەچكى قۇياش >> ، << جەنۇپلۇق قىز >> ناملىق شىئېرلىرى << قەشقەر ئەدەبىياتى >> ژورنىلى تەرىپىدىن رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا << كىچىك كەنت ناخشىسى >> ناملىق شىئېرى 3-دەرىجىلىك ئاخپارات ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا ، << ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن دوستلىرىم >> ناملىق ماقالىسى << شىنجاڭ ئاياللىرى >> ژورنىلى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن . ئەسەرلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇنازىرىلەر بولۇنغان . شىنجاڭ تىلىۋىزىيسى 5-قانىلى ،  << قەشقەر ئەدەبىياتى >>  ، << ئىشچىلار ھەركىتى  >> گېزىتى تەرىپىدىن ئىجادىىيىتى تونۇشتۇرۇلغان . ئۆزى كۆپ قېتىم يەكەن ناھىيلىك تەشۋىقات بۆلۈم تەرىپىدىن << ئىلغار ئىجادىيەتچى >> مۇكاپاتىغا 2008-يىلى << تۆھپە >> مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىرە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ،يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭگو كوممىنىستىك پارتىيىسى 7-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى .



قىشقا پىچىرلاش

ئايسىمە ئىدرىس

مامۇق يوتقانلىرىڭنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
مەن سەندە ئىسىناي دەيمەن.
ئاپپاق قارلىق باغرىڭدا،
سەندەك گۈزەل
ھاياتىمنى كۈيلەيمەن.
پەرۋازىمغا قانات چىقىدۇ،
مۇزلىرىڭدا تېيىلىپ
ئاھ،
نەقەدەر راھەت
يىسە بىر ئوچۇم مۇزنى ئېلىپ،
قار
سنىڭ خوشاللىقىڭ
قار
سېنىڭ گۈزەللىكىڭ
مۇز
سېنىڭ سۈزۈك دېرىزەڭ
قارايسەن دۇنياغا ئاشۇ
كۆزدىن
باقىسەن دۇنيانى ئەتىيازدىمۇ
يازدىمۇ
مۇزلىرىڭنى ئېرىتىپ،
يوللىرىڭدا
يىقىلىپ تۇرىدۇ ئادەملەر
پات-پات
بەلكىم
تەقدىر بىلەن ئوينىشىدۇ
بۇ ھايات.
قوللىرىڭنى بەرگىنە قىش
مەنمۇ كىيگۈزەي ساڭا يۇڭ پەلەي
ئوراپ قوياي
مۇزدەك بوينۇڭغا
يېشىل شارپا،
كەيگىن يېشىل خەي.
ئاق ۋە يېشىل
قانداق ياراشقان؟!
بىر توپ بالا
ساڭا قاراشقان
سەن سالىسەن ئاڭا
داستىخان
قارلىق تاشلاپ بىزگە
قار بوۋاي
ئۆزى يۈگرەپ قەيەرگە
قاچقان؟!
تۇتىۋالاي قوللىرىڭنى بىر
باغرىڭ سنىڭ چەكسىز
بىپايان
سەن تەبىئەتكە ئەڭ ئىسسىق
يوتقان.

بۇغداي باش تارتتى

ئايسىمە ئىدرىس  

سەن كىتەردە بۇغدايزارلىققا
قىروۋ قۇنغان ئاپپاق يىقىملىق.
قىش قوللىرى بولسمۇ سۇغۇق
ھىجرانلىرىڭ تۇيۇلدى ئىللىق.  

  «قارىمىدىم»دىسەم يالغاندۇ
ئۇپراپ كەتتى بوسوغا بۈگۈن.
چىچەكلەردە مۇھەببەت ھىدى
مارت ئايلىرى ھەجەپمۇ گۈلگۈن.  

دەرتلىرىمنى تالاشتى يامغۇر
مامكاپلارغا ئالەم ھۆسنى جەم.
باغلار بىلەن باغاشلىنىمەن
يۈرۈگۈمدە سەن قالدۇرغان تەم.   

باش تارتىپتۇ بۇغدايلار بىلگىن
ئورمىلىققا بارغىم يوق تەنھا.
ئاھۇ بولۇپ ئىزدىسەم سىنى
ئورغاق تۇتۇپ كىلەمسەن قايتا؟


كۆڭۈل دەردى

ئايسىمە ئىدرىس


گۈللەر ئەۋجىگە قونغۇم كەلدى
كۆڭۈل دەرۋازسنى قاقتىم نەچچە رەت.
ئۆتتى ياز
ئۆتتى كۈز
سارغايدى ياپراق
مەن سىنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمىدىم پەقەت.
ئالىمەن قۇلۇمغا ئۆتكۈر پىچاقنى
لىكىن يۈرىكىمنى يېرىۋالغىم يوق
سەن ئۈچۈن قايتا كىم
چىكىدۇ ھەسرەت.
قەلبىمنى تەشسە گەر
ھىجران ئاتقان ئوق.
سەن ئۈچۈن سۆزلىدىم ھەممىلا يەردە
بىر ئۆزۈم ئاڭلىدىم
ئاڭلىدىم پەقەت.
شېئىرىمنىڭ قۇرىغا مۆكتۈرسەم سېنى
بىراۋلا سۆيگۈمگە قىلدى
ھاقارەت.
گۈللەرنىڭ ئەۋجىگە كەلمەكتە چۆككۈم
مەن گۈلدەك سارغىياي، گۈلدەك توزىياي
ئاھ ساڭا سۆيۈلمەك نەقەدەر مۈشكۈل،
مۇشۇتاپ ئۆزۈمگە قالدىم ئوخشىماي.
2005.11.29

ئۈمىت ئۈزمەسلىك

ئايسىمە ئىدرىس

قۇشلار باھار ئىزدەپ كەلدى
ئازاپ يىراقلاپ كەتتى
چىرايلىق قىزلار
مۇرادىغا يەتتى.
مەن مۇرات ئىزدەيمەن
ئىزدىگەنسىرى
ھايات قايناملرىدا ئۆرلەيمەن
بىر دەقىقە
بىر سىكونىت
بىر سائەت
ھايات
سەن قىممەتلىك دەپ
كۈيلەيمەن
ئۆمۈر گۈلخانىمنى چوغلايمەن.
كۈتمەيمەن
بىراۋلاردىن ھىچنېمە
دوستلۇق
كۆكلەر يۈرىگىمدە جىممىدە
ئاق كۆڭۈللۈككە شاخ تاشلىغان
تىرشىچانلىققا
ئۆزۈمگە نەزەر سالىمەن
كۈندە...
زىمنستانلار ئېرىدى
پورەكلىگەن چېچەك ئارا.
ھايات
سۆيۈملۈك كېچىدە
ئايلىنىپ كەتتى يۇرۇق يۇلتۇزغا.
ھاياتلىق ئۈزۈلمەس
ئەقىدە كۆيمەس
ھاياتلىق
نۇر چاچىدۇ يۇلتۇزدا
باھاردىكى
يۇمران چېچەك، نوتىدا...
قۇشلار
باھار ئىزدەپ كەلدى
ئازاپ يىراقلاپ كەتتى
مەن شېئىر قوينىدا
چوغدەك ئۈمىدنى تېڭىپ باغرىمغا
قايتىپ ئاياللىقىمقا
شېئىر يازىمەن
ئىسسق نەپىسىمدە
نۇر تارتىمەن،
ھەربىر يولۇمغا.


2005.5.20


ئۈرۈمچىدىكى بىر شائىرغا ئاتاپ

ئايسىمە ئىدرىس

يۈرىكى كۆيۈپ تۇرغان
ھەقىقەتنى
تۇنۇپ تۇرغان.
مسرالىرى ئۆزىدەك ھالال
تۇمۇرىدا ھايات ئېقىنى .
قەلەم بىلەن ئەمەس
شېئىر يازىدۇ
قارچۇقىدا
قېنىغا چىلاپ
تۇرمۇشنىڭ
ئەڭ ئېغىر مۇشەقىتىنى .
ئۇ
كۆيىدۇ
ئۇ كۆيدۈرىدۇ
مىڭ ئەركەك يىغلايدۇ
شېئىر ئىشقىدا.
ئوۋچىغا تۇتۇقسىز
قەيسەرلىكى بار
قۇرلارغا تۆكۈلگەن
ھەسرەت دېغىدا.
ئۇنتۇيدۇ.
دۇنيانىڭ ئەسكىلىكىنى،
مىسرالار ئەۋجىگە
چۆككەندە تىنماي.
بىر ئايال بولسىمۇ
نازۇك،
زىبالىق
ھايات قىيناقلىرىغا
ئېتىبار قىلماي
رەيھانغا ئاي قوشۇپ
پارلاتقىنى راس.
سۇغۇق باھاردىن
چىقتى سۇغۇلۇپ.
قاراڭغۇلۇقتىن بەرۋايى
پەلەك
چۇدۇندا بىۋاقىت
كەتمەيدۇ سۇلۇپ.
كومپيۇتېر
سۆزۈك تۇرمۇشقا
كۆنۈپ كەتتى
ئاستىلا.
شېئىر چاقىرىپ ئۇنى
كۈنۈ-تۈن.
باھار قارلىغاچلرى
مەردانلىكى بىلەن
قەلىپ قەسىرىدە
ئەيلىدى جۇلا.
بىر شائىرە ئۇ
يۈرىگى كۆيۈپ تۇرغان
چىن تۇرمۇشقا كۆنۈپ
تۇرغان.
شېئىر يۈرىكىدەك
يېرىم دۇنيادا
گۈپۈلدەپ
سۇقۇپ تۇرغان.


2005.5.29

شائىر بىلەن ئۇچىرشىش


ئايسىمە ئىدرىس

ئۇيغۇر ئاۋازىنى تۇنۇدى يۈرەك
ئادىل تۇنىياز بىلەن ئۇچراشقان كۈنى.
شىېئىر بىلەن كىرىپ كەلدى قەلبكە،
شېئىر يازمىسىمۇ قولى.
قەلىمى.
بىر دەستە قەغەر
بىر دەستە گۈلدەك
باھار سوۋغا قىلدى
ئۇيغۇر شائىرغا
ئاشخانا ئىچىدە سېلىشقان پاراڭ،
تەڭلەشتى ئېھتىمال
مىڭ مسرا شېئىرغا.
دەرىزە سىرتىدا
يوغان قۇلاق گۈل،
شائىرنى تۇنۇيدۇ
ئۇمۇ ئېھتىمال.
بۇرۇتلۇق كۈتكۈچى
سەمىمى تىلدا
سۇنماقتا تاماقنى
ئۆزىدەك ھالال.
لازا يىمەيدۇ ئۇيغۇر شائىرى
لەغمەنگە، ئۈگرىگە ئشتھاسى بار
شېئىر يازمىسىمۇ بىر مەزگىل
بۈگۈن
شېئىر ئچىىدە يۈرىگى ياشنار.
ئۈچ ئايال بىر شائىر
تارتىنىش ئىچىدە.
ئۈرۈمچى قەلبىدە دۈپۈلدىمەكتە.
ئىشتىھا بىلەن يىيىلگەن تاماق،
ئەتىكى شېئىرغا بەردى ئەقىدە.
تەرلەتكەن چايلارنىڭ تەمى بەك ئىسىل.
ئۇيغۇر شائىرى
سۈمۈرەر تىنماي.
ۋاقىت قېنىدا ئاققان ئۇيغۇرغا،
نۇر بىلەن پاكلىقنى
سۇۋغا قىلدى ئاي.

يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا كۈنلەر

ئايسىمە ئىدرىس

مەن
ئېسلىپ قالدىم ۋاقىت شېخىغا
چىقالمايمەن
يا چۈشەلمەيمەن.
قۇشلار سايرايدۇ باش ئۈستۈمدىلا
گۈللەر يەلپۈنەر
ئاياغلىرىمدا
قوشلارنى ھىس قىلار قولىقىملا
گۈللەر پۇرىقى دىمىقىمدا.
قوش پېيى تۇزۇيدۇ
گۈللەر قۇرۇيدۇ
لىكىن قۇرۇمايدۇ
ۋاقىت پەقەتلا.
ۋاقىت
يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا
ھاردى قۇياش
بۇلۇت كەينىگە
قىزارتتى شەپەق.
قاراڭغۇلۇق
جامالىنى يايدى
قارا ئەينەكتەك
مەن
ئېسلىپ تۇرىمەن
ۋاقىت شېخىغا
ئاي
باشلاپ كەلدى ۋاقىتنى ئاستا،
يۇلتۇزلار بىر تاتلىق چىمىرلاشماقتا،
تۇمۇزغىلار چىرىلدىماقتا
ئىتلار ھاۋشىغان جايدىن
ھاياتلىق
كېچىدىمۇ بولىدۇ پەيدا
سەھەر
يۇيۇندى سەمىمى
پاكىز دۇئادا.
80 ياشلىق چال
ماڭىدۇ مەسچىتكە
تايىنىپ ھاسا.
نەۋرىسى داۋامى ئۇنىڭ دۇنىيادا.
مەن
سەھەرگە قول سوزالمايمەن
گۈللەر بىلەن ئېچىلالمايمەن
شەبنەملەردەك سۈزۈك كۆز ياشتا
قۇياش ئۈچۈن ياكى ئاي ئۈچۈن
ياكى
غايىپ بولغان
يۇلتۇزلار ئۈچۈن
ياش تۆكەلمەيمەن.
ھەسرەتنىڭ بىر ئۇچى ماڭا باغلانغان
نادامەت تورلىرى ماڭا تاشلانغان
مەن ئېسلىپ تۇرۇپ ۋاقىت شېخىغا
پۇشايمان كىتاۋىنى
ۋاراقلايمەن قايتا-قايتا.
ۋاقىت يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا.

يارىلانغان قۇش

ئايسىمە ئىدرىس


ئاپپاق پەي تۇزىدى گۈزەل ئاخشامغا
دەرەخنىڭ شېخىدا قان رەڭلىك ھەسرەت.
سايراشنىڭ ئېسدە ئاخىرقى كۈتۈش
شەبنەمسز، قاناتسىز بۇندا مۇھەببەت
كۈنلەرنىڭ لىۋىدە ئاچچىق ئېچىرقاش
ۋىسالغا يىتەلمەي يىغىلار ناتىۋان.
ئوۋچىنىڭ توزىقى ئالدامچى ھستا،
ئازغان بىر قوش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ داستان.
بىر ئۇمىت، بىر ۋىسال ھەممىسى ھوردەك.
بۇلۇتلار سېغىنىپ پۇلاڭلىتار قول.
قورغاق بۇ كوچىنىڭ ئاخىرى قېنى؟!
يارىدار قەلىپكە بارمىكىنە يول؟
قىزىمنى سېغىنىپ.....

ئايسىمە ئىدرىس

سەھەر بىلەن پىچىرلىشىمەن
تاڭلار بىلەن قول باغلىشىمەن،
قۇشلار تاشلاپ ئۆتكەن
پەيلەرگە شەبنەم بولۇپ تۆكۈلىمەن،
شاماللارغا ئەگىشىپ
دەرەخلەر بىلەن تەگىشىپ
يوپۇرماقلارغا باغرىمنى يېقىپ
قاقشال بولۇپ،زارلىنىپ
گۈلخان بولۇپ كۆيىمەن.
كۈز قوللىرى بەركەتلىك،
كۈنلەرمۇ ھەم ھىممەتلىك،
ھەر بىر كۈنغۇ سۈلكەتلىك،  
ۋىسالسىز ئاغرىنىمەن.
ئوينىڭ باغرى بوش قالدى،
قاچىلاردا ئاش قالدى،
باغرىمىزدا تاش قالدى،
يۈرەكلەردە ياش قالدى،
تېلىفۇن سىمدا ھارارەت،
ساقلىق ئۈچۈن ئىبادەت،
يۈرەكلەردە مىڭ بىر دەرت،
بۇلبۇلدەك ز ارلىنمەن.
شاماللارغا ئەگىشەي،
ھىدىمنى يوللۇق ئېتەي،
يۇلتۇز بولسۇن كۆزلىرى
كېچىنى سۆيۈپ ئۆتەي
كەلگىچە كۆيۈپ ئۆتەي.....
مەنبە ئايسىمە ئىدىس شېئر توپلاملرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 11:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazila998 + 108

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 09:21:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايسىمە ھەقىقەتەن كەسىپتە نەتىجە قازانغان ئايالنىڭ بىرسى ، ئايىسمەنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، گۇلبەر سىزگىمۇ كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8241
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6615 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:40:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرلىرىنى بەكلا ياقتۇردۇم . قەلەم قۇۋۋېتى ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن بۇ شائىرىمىزنىڭ.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11520
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8627 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:46:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسلەر  ، ئايسمە  ئىدىرسىنڭ  شېئرلرىنى  ئوقۇغانچە   ئوقۇغۇم  كىلدۇ،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72671
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم  بەكلا  ياىشى  يىزىپ  سىز  قولىز  غا  دەرت  بەر مىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 03:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭ ئەڭ ياخشى ئۇقۇتقۇچىمنىڭ بىرسى ئىدى ،بىزگە ئەدەبىيات دەرسى ئەمەس ئىنگىلىس تىلى دەرسى بىرەتتى ،دەرس دىگەننى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئوتەتتى جۇمۇ ،ئۇستازنىڭ  دەرسىدە بىرەر ئۇقۇغىچىمۇ زىرىكىپ قالمايتى ،ئۇستازلىرىمىز ئامان بولسۇن ،ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ،ئامىن .

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 06:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدىن تۇنجى قېتىم ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ «ھاياتىمغا تەسر كۆرسەتكەن دوستلىرىم» دىگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، بۇ ھەدىمىزگە قايىل بولغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن قانداقلا بىر يازما بولسا، ئايسىمە ئىدىرىس دىگەن ئىسىم بولسىلا چوقۇم قىزىقىپ ئوقۇپ چىقىدىغان بولغان ئىدىم. مەن ھەدىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا، قايىتماس روھىغا، ئىجاتچانلىقىغا قايىل، شۇنچە كۆپ دەرىس ۋەزىپىسى تۇرۇپمۇ ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەي يېزىقچىلىق قىلىشى، تىل ئۈگۈنۈشى ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشى مىنىڭ بەكلا ھەۋسىمنى قوزغايدۇ.  ئۇ ھەدەم مىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگەم!
ئايسىمە ھەدىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، قوللىرىنىڭ بەركەتلىك، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 06:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ھەدىمىزنىڭ شئېرلىرىنى ئۇقۇشقا ئامراق. شائىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۇر، چەكسىز بەخىت تىلەيمەن.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 07:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ! سىزنىڭ سايىڭىزدا بۇ خانىم بىلەن تۇنۇشۇۋالدىم ساۋابىنى ئاللاھ سىزگە بەرسۇن!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 09:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىجادىيەت ئىقتىدارىڭىز مىنى تەسىرلەندۈردى، رەخمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش