ئاپاق خۇجىنىڭ ئەپتە بەشىرى ۋە ئاسارەت داغلىرى
...... - ئىي سولتانىل مۇھەققىن ، قۇتبىل ئەقتابى سەئىددىل ھەزرىتى پەدەرى پىرىم ! - دىدى ئاپاق غۇجا . ئاشۇ ئىسھاقىيەچى ئازغۇنلارنىڭ چېچى قىرىلمىغان باشلىرىنى تۈركىستان جاڭگىلىدا كىرپىدەك ياتقۇزىۋەتمەيدىغان بولسام ، ئاشۇ ئاسمان گۈمبىزىدىكى ئالتۇن بىلەن سىرلانغان قۇياش خىشنى سىز مەرھۇمنىڭ قەبرىسى ئۈچۈن پايانداز قىلمايدىغان بولسام ، سىزنىڭ پۇشتىڭىز بولماي كىتەي !
ئۇنىڭ شۇ تاپتا ياۋۇزلۇق تېمىپ تۇرۇدىغان نەشتەردەك كۆزلىرىدىن زىمىستان قىسنىڭ مۇزدەك شولىسى چېچېلىپ تۇراتتى .
ـــ قەسەمكى ، بۇ زىمىننى مەن سۇرىيالمىغان ئىكەنمەن ، ئۇلارغىمۇ ھەم سۇراتمايمەن . تارىختا << بەتنىيەت >> ، << خائىن >>، << سۇلامچى >> دىگەندەك ناملارغا قېلىشقا رازىمەنكى ، ھەتتا بۇ زىمىنغا باسقۇنچىلارنى باشلاپ كىلىپ بولسىمۇ ، ئاشۇ ئاتا قاتىلى بىلەن شۇم رەقىپلىرىمنى ئاخىرى خار - زار قىلىپ ، ئايىغىم ئاستىدا ئىتتەك ئۆمىلەتمەي قۇيمايمەن ! ئاشۇ قارا مۇسۇلمان ئازغۇنلارنى دۇئايى بەت قىلىپ تاشلا ، يۇرت ماكانسىز ، قوۋمى -قېرىنداشسىز ، نەسلى- نەسىلسىز ، غۇرۇر - ئىستەكسىز ، بەت قېلىق ھايۋان تۇپىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيمايدىغان بولسام ھىساب ئەمەس !ئىشقىلىپ قۇلۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلىمەن . خانۇ -مانىمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ، ۋەتىنىمدىن ھەيدىلىشىم يۈرۈكۈمگە تۈگمەن تېشىدەك ئورناپ كەتتى ! تېنىم قىيما-چىيما بۇلۇپ كەتسىمۇ ، چىشىم ساق قالسىلا ، بۇ ئەلنى خۇددى ئۆچكە غاجىلاپ يالىڭاچلاپ قۇيغان شاپتۇلنىڭ سۇتىسىدەك قىلىۋەتمەيدىغان بولسام ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كىتەي ! يەنە قەسەمكى ، دۇئايىمنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرىنى يا پالتىغا ساپ بولمايدىغان ، يا شەيتانغا لاخشىگىر بولمايدىغان بەتتەردە سۈرىتى ئىنسانلارغا ئايلاندۇر ۋەتمەيدىغان بولسام ھىدايىتۇللالىقىم ئۇدۇنيا بۇ دۇنيا ھارام بولغاي !......
مانا بۇ مۇناپىق ئاپاق غۇجىنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشان قەبرىسىنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسەملىرى ئىدى ، بۇ ماناپىق ئاپاق غۇجا شاھزادە يولۋاسخاننىڭ سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ 10- سولتانى ھەم ئاتىسى بولغان ئابدۇللا خانغا قارشى ئىسيان تۇغىنى كۈتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەبچى ھەم مۇھىم رول ئۇينىغىچى بولغانلىقى سەۋەبلىك ، سەئىدىيە تەسەررۇپىدىن قوغلانغان ۋاقىتى ئىدى .
ئاپاق غۇجا ئۆزىنىڭ ئىشقىيە سۈلۈك تەرغىباتىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىشەنچىلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سەئىدىيە دۆلىتىدىن تارتىۋالغان ئىمتىياز ئۇقۇقلىرىغا تايانغاندىن سىرت، يەنە ئۆز سۈلۈكىدىكى مۇرت-مۇخلىسلىرىنى دەھشەت تۈردە قاقتى سوقتى-سوقتى قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەھشىيلەرچە بولاپ-تالىغانلىقتىن ، ۋەج-بايلىقى تىز كۈپۈيىپ ، سەئىدىيە دۆلىتى بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان فىئودال پومىشچىككە ئايلاندى . ئۇنىڭ مۈلكى قەشقەردە 90 يەردە چاھار بېغى ، 100 پاتمان ئۈزۈك كۆزى تېرىلغۇ يەر (بىر پاتمان 400 مو غا تەڭكىلىدۇ ) ، 25 كۈپ ئالتۇن - كۈمۈش ، ئۈنچە مەرۋايىت ، ياقۇت-گۈھەر ئېرىغ مېلى، 75 يۈك (بىر يۈك 12 دانىگە توغرا كىلىدۇ )زىلچا-گىلىمى ، 3000 ئېتى ، 10 تاتىم تۈگە ( ھەربىر تاتىم 12 دانە تۈگۈدىن تەركىپ تاپىدۇ )خان كارۋىنى ، بەش چوق ( چوق-قۇچقارنىڭ ئۇرۇق خالتىسىدىن ئەيلەپ پۈتەي ئىشلەنگەن خالتا ، ئىچىدىكى پوراق تېشىغا ئۆتمەيدۇ ، تېشىدىكى پۇراق ئىچىگە ئۆتمەيدۇ ) ئىپار - ئەنبىرى ، 100 جۈپ شەھزەررى ( شەھزەررى- يۈزىگە خەت ئۇيۇلغان ياپىلاق ئالتۇن ئۈزۈك )، 400 ياقا تون -سەرپايىلىرى ، 5000 دانە جايناماز مال - دۇنياسى ، ۋەج - تەئەللۇقاتى بار ئىدى . قەشقەر شەھرىنىڭ ئۈزىدىلا ئۇنىڭ 300 ئېغىز دۇكىنى ، 20 يەردە ھۇيلا ئاراملىرى بار ئىدى . ئۇنىڭ ھەر يىلى دەھبىدە ، سەمەر قەنىد ، بۇخارا ، خۇراسانلاردىكى جەددى- جەمەت ، ئۇرۇق -تۇققان، يارۇ- بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىپ تۇرىدىغان سوۋغا -سالاملىرى ۋە كىيىنكى چاغلارغا ئالبالىقتىكى جوڭغار قالماقلىرىنىڭ چوڭى غالدانغا ، تىبەتتىكى بۇت پەرەسنىڭ چوڭى دالاي لاماغا قەرەللىك ئەۋەتىپ تۇرىدىغان ئولپان- سوۋغاتلىرى تېخى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى .
دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشان بىلەن ئاران 6 خېچىرغا (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزى مىنىپ كەلگىنىمۇ با) ۋەجۇ -بىسات ، ئالتە پىقىر سۇپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا يول بۇيى تىلەپ تاپقان سەدىقە -پىتىرلىرى بىلەن جان بېقىپ ، قەشقەرگە ئاران ئۇلىشىۋالغان بۇ خۇدايى ئىشان ئاپاق غۇجا ساددا خەلىقنى دەستەكسىز دۇئالار بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىپ توپلىغان بۇ ھەددى- ھىسابسىز زور بايلىق ئۇنىڭ ئاشۇ شېھىد دۆڭ خانىقاسىدا مەسلە -مەرۇپ ققىلغان چاغدىكى سۆزلىرىگە تۇلۇمۇزىت رۇشەن سېلىشتۇرما ئىدى .
ھەر قانداق ئادەم جەڭ قىلىمەن دەيدىكەن ئاۋۋال ئۆز نەپسى بىلەن جەڭ قىلسۇن ! ــ دىگەنىدى ئۇ تەنتەنىلىك بىلەن ، ــ بىر ئادەم بىر يىلغىچە سۇغۇق سۇ بىلەن قۇرۇق نان يىسە ، پىشقان ئاش ، قاينىغان سۇ تەلەپ قىلمىسا ــ ئۇ ئادەم ھەقنى ئىزدەيمەنن دەيدىكەن ـــ مۇشۇ رىيازەتكە سەۋېر - تاقەت قىلالمىسا ھەقتىن بۇنى ئالالمايدۇ . ھەر قانداق ئادەم ئۆمرىنى راھەت- پاراغەتتە ئۆتكۈزسە، ئاخىرەتنىڭ پاراغەتلىرىدىن بىنىسىپ قالىدۇ .... ئى مۇرتىم ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۆمرۈڭىزنى مۇشەققەت كىمىسى بىلەنكى ئاچىزارلىق دېڭىزىدا غەرىق قىلىۋەتمۈگۈنچە ، خۇداغا يىتىشىمەن دىگىنىڭ بىكار ، ھەرقانداق كىشى ئۆيىدىن ، ئەھلى ئايالىدىن ، بالا چاقىسىدىن دۇنيانىڭ پۈچەك پولغا ئەرزىمەيدىغان راھىتىدىن تولا يىغلاپ ، يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ دىلىنى ئۈزسە ، ئاخىرەتتە راھەت -پاراغەتتە ئۈتىدۇ !.....
ئاپاق غۇجا ئىشىنى خۇدا سۈلۈك تەرغىباتىدىن باشلاپ ، ئىقتىسادى جەھەتتىن زور بايلىق توپلاپ ، سىياسى جەھەتتىن سەئىدىيە خاندانىدىكى ئاق سۈڭەكلەرگە ئوخشاش ئىمتىياز -ھۇقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۋېلىپ ، ئاخرى ھەئىدىيەلەر قۇلىدىن دەھرىي ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ، ئەسلىدىكى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ مەمۇري بىرلىكى بولغان 3784 بەگلىك يۇرت -ايماق بىردىنلا كېمىيىپ2400 ئىشان بەگلىك يۇرت-ئايماققا ئايلىنىپ قالدى ؛ئەسلىدىكى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ 389 مىڭ تۈتۈن ، 1 مىليۇن 945 مىڭ نۇپۇسلۇق ئاھالىسى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېميىپ كىتىپ ، 130 مىڭ تۈتۈن ، 450 مىڭ نۇپۇسقا چۈشۈپ قالدى؛ ئەسلى سەئىدىيە دۆلىتىدە 2143 ئۆستەڭ بار بۇلۇپ ، ئاپاق غۇجا زامانىسىگە كەلگەندە ئۆستەڭلەر قاراقسىز تاشلىۋېتىلگەچكە ، قۇرۇپ ، قۇم-لاتقا تىنىپ ئاران 502 ىسى قالدى ؛ ئەسلىدىكى 40 مىڭ چارەك يەر كېمىيىپ كەتتى .
ئاپاق غۇجىنىڭ سۈلۈك تەرغىباتى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئىشلاپ چىقىرىش كۈچلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغىنچىلىق قىلدى . مۈلكى قەشقەردىكى ھەر ئالتە نەپەر بىجىرىم ئەرنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم سۈلۈككە كىرىپ ئاشىق لاماكانغا ئايلاندى . شۇ چاغلاردا ئىماننى پاكلاش ، سۈلۈك بەندىچىلىكنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن قەشقەردىن ئەرەب ، ئەجەم ، پەرغانە ، كەشمىر ئەللىرىگە چىققان <<مەككىگە ماڭغان مۇساپىر >، <<ئەنجانغا چىققان يىتىمچى >> ، << قاڭقىپ يۈرگەن ئالا خورجۇن >>، بىزەڭ << خۇدايى قەلەندەر >> ، <<ئاشىقى سايىللار>> نى قەدەندە بىرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىدى . تىلەپ ۋە تىلىمەي يەيدىغان ، دۇئا بىلەن قېپىندىغان بۇ تىرىكتاپ خۇدايى سۇپى ، خۇدايى بۈۋى، خۇدايى ئىشان ، خۇدائى سەئىدلەر تىلەش ، ئالداش ، دوق قىلىش ، بۇلاش ، ئىمان يېڭىلاش ، قول قۇبۇل قىلىش ۋە << خۇدا چاچقان رىزىق>> نى ئىزدپ تېپىپ يىيىش ، خۇدايى كەسىپ ، خۇدايى ئىختىيار ئەيلىشىپ ، باشلىرى قايغان ، پوتلىرى تايغان ، داپ داڭرىغان ، ئىشەك ھاڭرىغان يەرلەرگە <<ھىجرەت>>قىلىشاتتى .نەتىجىدە بۇ ئەلدە ئەمگەك كۈچۈنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مۇساپىرلىشىش يۈز بەردى . يەرلەر تېرىلماي ئاق تاشلىۋېتىلدى . ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىدن ئەھيا قىلىنىپ ،گۈللەندۈرۈلگەن بۇ گۈزەك ۋەتەن ، قەدىرلىك ئانا ماكان ئاپاق غۇجىنىڭ قۇلىدا ئېغىر خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى .بەزى ئۆلكىلەر چۆللىشىپ كەپتەر ، ھوۋ قۇشلارغا ئۇۋا بولدى . مەسىلەن ، قەدمكى چالىش ئەسلىدە گۈزەل بىر ئاۋات ، باغۇ- بوستانلىق ، تۇق ، باياشات ، ئەلۋەك ئۇيغۇر يۇرتى ئىدى . بۇيەر ئاپاق غۇجىنىڭ قۇلىغا ئۆتكەندىن كىيىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلدى .
بۇ نۇمۇسسىز لاماكان ئاشىق ، تىجىمەل دەۋرىش ، خۇدايى يالاڭ تۆش ،چۈرۈش بەڭگى ، بىزەڭ دىۋانى ، جاھىل قەلەندەر ، ئۆكتەم سوپى ، نۇقانچى ئىشان ، يۈزسىز قەشقەر غۇجىلىرىدىن مىراس قالغان مىللىي ئاڭسىزلىق ، خۇدايى مەھكۈملۇق خورلۇقنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان غەيرى ئادەملىك ئىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دەل ئاشۇ كاززاپ ئاپاق غۇجا تەرغىپ قىلغان ، تەۋرەتكەن سۈلۈكلىرىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى.
.....ئۇ تەكىيخانىغا قايتىپ كىلىپ ، دالاينىڭ ئۈزىنى قۇبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى ، ناماز پىشىن مەھەلدە بىر سىرامان كىرىپ ، دالاي لامانىڭ مۇشۇ تاپنىڭ ئۈزىدە ئۇنى قۇبۇل قىلىدىغان لىقىنى خەۋەر قىلدى ۋە ئۈزى بىلەن بىللە مېڭىشنى ئېيتتى . دالايلامانىڭ ئۈزىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاپاق غۇجا پىشىن نامىزىنىڭ قازا بۇلۇپكىتىشىگە قارىماي ئورنىدىن تۇردى-دە ھېلىقى سىرامانغا ئەگىشىپ ماڭدى . ....
... سىرامان ئاپاق غۇجىنى شاھىنشىنغا باشلاپ كىرگەندە دالايلاما تەخىتتە گىدىيىپ ئولتۇرۋاتقانىدى . شاھىنشىننىڭ بۇسىغىسى يەردىن بىر گەز ئىگىزلىكتە كۈرتۈرلۈپ تۇراتتى . بۇسىغىدن ئالتۇن چىرگىن قۇيۇلغان شاھ سۇپىنىڭ ئالدىغىچە يەتتە غۇلاچ ئارلىق بار ئىدى .
ئاپاق غۇجا بۇ ھەشەم كارامەتتكە قاراپ سەل ھۇدۇقۇپ قالدى-دە بۇسىغىدىن ئاتلاپ ئۆتكۈچە پوتلىشىپ كىتىپ ئالدىغا دۈم چۈشتى . ھېلىقى سىرامان دەرھال ئۇنىڭ قۇلتىقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى .
ئاپا غۇجا شاھىنشىنغا كىرىپ بۇت پەرەسلەرنىڭ قائىدىسى بۇيىچە يۈزىنى يەرگە يېقىپ دالاي لاماغا يەتتە قېتىم يۈزىنى يەرگە يېقىپ ، يەتتە قېتىم ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئاران شاھ سۇپىنىڭ ئاستىغا يېتىپ كىلەلىدى .
دالايلاما : ھەي مىھمان كىم سەن ؟؟ زاتى -ئەمەلىڭ نىمىدۇر ؟؟
ئاپاق غۇجا: مەن مۇسۇلمان پىرقىسىنىڭ مۇللىسىمەن ، زاتىم ئۇيغۇر ، نامۇ شەرىپىم ھىدايىتۇللا خۇجۇزادە دۇرمەن . خۇسۇسەن قەشقەر ، يەكەن ، خۇتەن خەلقى مۇرت-مۇخلىسىم ئىدى . ئەلھال بۇ ماكانلارنى ئىسمائىلخان ئاتلىق بىر مۇرتتەد مەندىن سۇيۇپ ئالدىۋە مىنى بۇ ھۇدۇتلۇقتىن سۇيۇپ ئالدى . سەندىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى كىشى بۇيرۇپ مەندىن كەتكەن ئاشۇ تەختىم-بەختىم ، ۋەجۇ-ۋەسلىمنى قۇلۇمغا ئېلىپ بەرگەيسەن ! - دېدى ئاپاق غۇجا يىغلاپ تۇرۇپ .
سولتان ئابدۇللاخان مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، خۇجىلار پىتنىسىگە چەك قۇيۇش ، ئىسيانكار شاھزادىلەرنى جازالاش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ جان تۇمىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خۇجىلار تەپرىقاتچىلىرىدىن ئىبارەت بۇ زەھەر ئالدىدا تىزلا بىتچىت بۇلۇپ كەتتى .
ئەزەلدىن بىر قەبىلە ، بىر مەزھەب ، بىر جامائەت ، بىر قۇۋىم ۋە بىر بىرلىك خاسلىقى بىلەن مۇسۇلمنچىلىق قىلىشىدىغان ،ئۆملۈك ، ھەمدەملىك ، ۋاپادارلىق ، غۇل-غۇرۇر ، ئىلمۇ-ئىرپان ، ئەدلۇ -ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تەقدىر مەنبە قىلىشقان ھالدا ياشاپ كەلگەن سەئىدىيە ئاھالىسى بۇ بىر توپ ماكانسىز ، تىجىمەل خۇجا -پىرلارنىڭ ئاشۇنداق دۇئايى-دەستەكلىرى بىلەن يىتەكلىشى ئارقىسىدا ، كۆپ قەبىلە ، كۆپ مەزھەب ، كۆپ قوۋىم تارقاقچىلىق، ھالىتىدە مۇسۇلمانچىلىق قىلىشىدىغان كۆپ پىرقى-گورۇھلۇق ، بىھەمدەم، بىۋاپا ، بىكۈيۈم ۋە غۇرۇرى تەرىقەت ، تەرىقەتى ئىرپان ، تەرىقەتى ئادالەت ، تەرىقەتى ھەققانىيەت ، تەرىقەتى ئادەم بۇلۇپ قۇمدەك چېچىلىپ كەتتى .
سەئىدىيە خان،شاھزادىلىرىقول بىرىشكەن بۇ پىرلارنىڭ كۈپۈنچىسى ھەرگىزمۇ خۇدا-رۇسۇل يولىدىكى نۇقۇل دىنىي ئۇلۇغلار ياكى ئىسلام مۆتىۋەرلىرىدن ۋەياكى ئالىم-ئۆلىما بولماستىن بەلىكى قەبىھ سىياسى قارانىيەتلىرىنى كولاھ- جەندىلەرنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇشقان قانخور ، خىيانەتكار مەلئۇنلار ئىدى . ئۇلار << مۇسۇلمان ئۈممىەتىلەرنىيەت - ئەفئاللىرىنى ئۇلۇغ پىرلارنىڭ نىيەت - ئەفئاللىرى بىلەن بىر قىلىشنى ھەر تىنىق ، ھەر قەدەمدىكى خۇدالىق قەرىزدۇر ، ئىككى ئالەملىك ۋەزىپە ۋە شەرتتۇر >> دەپ داۋا قىلىشاتتى . ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمىگەن ، ئۇلارغا ئىشەنمىگەن كىشىلەرنى <<نىيەتلىرى بۇزۇلغان ، ئەزىزى پىرلارغا سەركەشلىك قىلغان كىشىلەردۇر . بۇنداق كىشىلەر ياشايدىغان يەر ، ئەل-يۇرتلاردىن خۇجا پىرلار رازى بولمايدۇ . ئاللاھ رازى بولايدۇ >> دەپ ئەيىپلىشەتتى . مۇشۇنداق نەزەر ئىتبارى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈر مەشغۇلاتلىرىنى سەئىدىيە ئاھالىلىرىنى مەنىۋىي جەھەتتىن تەدرىجى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي خىسلىتى ، پەزىلەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدن ۋاز كەچتۈرۈپ ، مەلئۇن سۇپى -ئىشانلارغا ئەگىشىپ ھەم ئۇلارنىڭ رايى- قېلىقلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۆرنەڭ -ئۈلگە قىلىشقان، ئىش ھەركەت جەھەتتە تەدرىجى يۇسۇندا تەپرىقاتچىلىق ، بۆلگۈنچىلىك ، ئۆزئارا زادىلا قۇلاشمايدىغان تۈرلۈك يۇرت-جامائەت تۈركۈملىرىگە پارچىلاپ تاشلىدى . نەتىجىدە <<بۈلۈنگەننى بۆرە يەر >> دىگەندەك پۈتۈن سۈلۈك ئۇيغۇر خەلقىنى پەۋقۇلئاددە قاراملىق ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ، بىر-بىرى بىلەن زادىلا كارى بولمايدىغان ، پايدا-مەنپەئەت دىسە دۇزاخنىڭ ئۇتىنىمۇ يالماپ يۇتۇشتىن يانمايدىغان بىغەم كالۋالارغا ئايلاندۇرۇپ قۇيدى . تارىختاغۇرۇرى كۈچلۈك ، مىجەزى قەيسەر ، ئادالەتنى ياقلايدىغان ، دىيانەتلىك ، پەزىلەتلىك ، ئىرپان-مەرىپەتتە دۇنيانىڭ ئادىنقى قاتارىدا ماڭغان ، مادار -غەيرەت شۆھرەتلەنگۈدەك ئىش -نىتىجە ياراتقان ، ئۈزىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن ھەرقانداق زۇلۇم ھەرقانداق دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن ھەرقانداق بىر مىللەتنى غال-غال تىترەتكەنلىكى بىلەن ھەممە ئىنسان گورۇھىغا ئۈلگە بۇلۇپ << ئۇيغۇر >> دەپ نام ئالغان بۇ قوۋمدا شۇنىڭدىن ئىتبارەن تەدرىجى يۇسۇندا قان بۇزۇلۇپ ، زىتلىشىشتا بىر -بىرىدىن قېلىشمايدىغان ، زىيانكەشلىكتە بىر-بىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ، غەيۋەت-سۇخەنچىلىكتە ئەرلىرى ئاياللىرىنى بېسىپ چۈشۈدىغان بىر ئۇچۇم خومسىلار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىدى ....
شۇ چاغلاردا بۇ ئەل نادانلققا پاتقان ، تەۋپىق - ئادالەت كۈتۈرىلگەن، ھاياسىزلىق ئىنساپسىزلىق كۈچەيگەن ، مىھرى-شەپقەت تۈگۈگەن ئىدى . ئەلنى ئىشەكتىنمۇ بەتتەر نادانلىق پاتقىقىغا چۆكـتۈرگەن بۇ بىر توپ ئەخلاقسىز پاسىق ، قەبىھ گۇناھكار ، يالغانچى ، بىئەجەل ئۈلىدىغان غالجىر ھەسەتخور ، ئەشەددىي قارا قۇرساق ، ئىچى چاياندىنمۇ زەھەر قەشقەر خۇجىلىرى ھەممىلا يەردە زورلۇق -زۇمبۇرلۇق قىلىشاتتى . ئۇلار دۇئا بىلەن نام ، دۇئا بىلەن جان ، دۇئا بىلەن ئىمان ، دۇئا بىلەن ۋەج ،دۇئا بىلەن ئابروي تاپقىلى بۇلىدۇ دەپ دەۋا قىلىشاتتى . ئۇلار دۇئا بىلەن يۇرت ، دۇئابىلەن تەخىت ئېلىش قەستىدە يۈرىشەتتى . شۇ زامانلاردا سەئىدىيە خەلقى ، قۇرقۇنجاق ، پىكىر-تەپەككۇر قابىلىيىتى تۈۋەن ، نان قېپى ، زەئىپ ، تەرسا ، ئىش خۇش ياقماس، ئاجىز ، ئەخمەق ، لاپخۇر ، شاللاق ، تەرى سۆرۈن ، بەت قېلىق ، بەت خۇي ، قايناق سۇدا تاھارەت ئېلىپ مەسچىتتە چىچچاڭشىيدىغان ، ئەقلى پالەج ئاڭقاۋلاردىن بۇلۇپ كىتىشكەن ئىدى .
.......... مەدرىسە ئىچىدىكى ئاچچىق تاپا-تەنىلەرگە چىدىيالمىغان ئاپاق غۇجا ئەمدى غالداندىنمۇ سۇراپ ئولتاماي ، سوپىلىرىنىڭ قۇلىدىكى ئۇتقاشنى ئالدى -دە ، دۆۋىلەنگەن ياغاچ -تاختايلارغا ئۈز قۇلى بىلە ئۇت ياقتى ....
قاراس -قۇرۇس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوت يالقۇنى بىردەمدىلا پۈتۈن مەدرىسە بىناسىغا تۇتاشتى .ياغاچ-تاش قۇرۇلمىلىق بۇ كاتتا ئىمارەت بىردەمدلا ئۇت دېڭىزىغا ئايلاندى . قىپ قىزىل ئوت يالقۇنى 360 ئېغىزلىق ئۆي -خانىسى بار بۇ ئالتۇنلۇق مەدرىسىنى ئىچىدىكى ئىككىمىىڭ پاناھلانغۇچىلىرى بىلەن قۇشۇپلا يۇتۇپكەتتى .
ئالتۇنلۇق مەدرىسى سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ زامانىدا سېلىنغانلىقتىن رەشىدىيە مەدرىسى دەپ ئاتىلاتتى . بۇ مەدرىستە ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى مەۋلانى سەئىددىن قەشقەرى، خۇجا زاھىد قەشقەرى ، خۇجا ئەھمەد قەشقەرى ، زىيائىددىن قەشقەرى ۋە ئاتاقلىق تىببىي ئالىم ، جەرراھ مۇھەممەد ھەيدەر قەشقەرى ، ئاتاقلىق ھەكىملەردىن نۇرۇددىن ئابدۇۋاھىد زۇھۇرى ، شەمسىدىن ئەلى ، مەۋلانى مۇھەممەد قازى قاتارلىق يۈتۈك ئەللامەلەر مۇددەررىسلىك قىلغان ۋە ئىلىم تەشنالىرىغا دەرىس بەرگەنىدى . << تارىخى رەشىدى>> نىڭ ۇئەللىپى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانمۇ مۇشۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىدى .بۇ مەدرىستە ئۇقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ كىيىكى يىللاردا شۆھرەت قازانغانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە خۇلقى شائىر ھەنەفىي ، ئاخۇن موللا شاھ خۇجا ، بابا خۇجا ئاخۇن خۇتەنى ، مۇھەممەد ئىمىىن زىھنى ، موللا ھەبىب ، مۇھەممەد سىددىق زەلەلى ۋەخاراباتى قاتارلىق نۇرغۇن يۈتۈك ئالىملارنى تەربىيلەپ چىققان بۇ كاتتا ئىلىم يۇرتى ئۇت يالقۇنى ئىچىدا ساقمۇساق 3 كىچە - كۈندۈز كۆيدى . پۈتۈن يەكەن ئامىنىنى كىتاپ- نامىلەرنىڭ كۈل- تۇزانلىرى قاپلاپ كەتتى .
بۇ كىتاپلار ئىچىدىن بىزگە يىتىپ كىلەلىگىنى << تۈركى تىللار دىۋانى >> ،<< قۇتادغۇ بىلىك >> ، ئەتەبەتۇل ھەقايىق >> ۋە باشقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىتاپ - نامىلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىسمى ناملەم تۆت كىتابى ، جامال قارشىنىڭ << سۇرراخ لوغىتىگە تۇلۇقلىما >> ، ئۇبۇل پۇتۇھى ئابدۇجاپپار ئالمايى يازغان << قەشقەر تارىخى>> ، باشقا نۇرغۇن تەرىخى ۋە قىممەتلىك كىتاپلار ئاپاق خۇجىنىڭ ئاياغ ئاستى بىلەن كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندىن . شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقىلارنىڭ شانلىق ئىزلىرى مەڭگۈلۈك ئېچىلماس سىر بۇلۇپ يۇقالدى .
ئالتۇنلۇق مەدرىسى ئىچىدە كىتاپ نامىلەر بىلەن بىللە كۈيۈپ ئۆلگەن 2000 ئادەمنىڭ رۇھىمۇ قىساسكار ئەرۋاھلارغا ئايلىنىپ كىتتى !....
ئاپاق خۇجىنىڭ سۇپى -ئىشانلىرى يەكەننىڭ ھەر قايسى گۈزەر-چارسۇلىرىدا ئاپاق خۇجىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ، بىر نەچچە كۈنگىچە كىتاپ- رىسالىلەرنى دۆۋلەپ كۆيدۈرۈشتى . پەرماندا مۇنداق دىيىلگەن ئىدى : <قۇرئان كەرىم > ۋە ئەفتىيەكتىن باشقا كىتاپ -رىسالىلەرنىڭ ھەممىس ھاراملىقنى تەرغىب قىلىدىغان نىجىس نەرسىلەردۇر . شۇڭا بۇنداق ناپاك نەرسىلەرنى زىمىندىن پاكلىماق ئەھلى مۇسۇلمانلارنى ئازغۇن، لەنەت قەلەملىك كۇپپارلارنىڭ ساقلاپقالماق -خۇدايى ۋاجىپتۇر !.....
بۇ پەرماننى ئاڭلىغان خەلىق باشلىرىن ئەنسىرىشىپ ئاتا -بابىلىرىدىن تارتىپ ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپ رىسالىلەرنى كۇچىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۋەتتى!
نۇرغۇن ئالىم -ئەللامەلەر قۇللىرىدا ساقلاپ كىلىشكەن كىتاپلىرىنى بۇ تەلۋە سۇپى - ئىشانلارنىڭ قۇلىدا نابۇپ بۇلۇپ كىتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاملارنىڭ قېتىغا ئېلىپ لاي بىلەن سۇۋاپ تاشلاشتى -دە ، يۇرتنى تاشلاپ ، تۈركىستان ، بەدەخشان ۋە كەشمىر تەرەپلەرگە سەرسان بۇلۇپ چىقىپ كىتىشتى ....
تۈمۈر كىشەننىڭ سۈرى بەك يامان ،
لىكىن ئۇ قۇرقىدۇ بازغاندىن ھامان .
ئەگەر روھتا بولسا قۇللۇق كىشەنى،
بازغانمۇ كار قىلماس ئاڭا ھېچقاچان .
ئاپاق خۇجا قالماقلانىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچچىغا مىنىپ كىرگەندىن كىيىن ، مۈلكى قەشقەردىكى سۈلكى ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەرنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىپ ئۇلارنى << قارا مۇسۇلمان >> ، <<مۇسۇلمان ئازماللىرى >> دەپ جاكارلاپ ، دەھشەت زىيانكەشلىك قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ ؛ << تەخىت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىفتىن تەلىم ئۇقۇپ ، رەئىيەگە تەرىقەت ، رەئىيەت ، مەرىپەت بابىدا شىكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ ، ئاللادىن بەندىلەرگە دىيانەت ، ئىنساپ -تەۋپىق ، ئىمان ، شۈكرى-قانائەت تىلەپ ۋە ئۇنى ساھىب كامال قىلىپ ،ياخشى ئىستىمالغا باشلاپ >>تۇدى. ئاپاق خۇجا ئۈزىنىڭ بارلىق ھۇقۇق- كۈچىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان يامانلىق كۈچلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئەنئەنىۋى روھىنى پۈتۈنلەي يۇق قىلىشقا ، ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ ، كۈچ-مادارىدىن تۇلۇق كەتكۈزۈشكە سەرىپ قىلىپ ،جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانلىق ھۈكۈمرانلىقىغا قارشىلىقسىز ، شەرتسىز ، تەخىرسىز ، دائىم تۇلۇق ياۋاش يۇمشاقلىق بىلەن قۇبۇل قىلىدىغان خۇمسى مۆمىنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قۇيدى . كىيىكى يىللاردا مانجۇ ئىتلىرىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغىمۇ جۇڭغارلارغا قانداق ئىگىپ بەرگەن بولسا كىيىنمۇ بۇ ئىنسان قەلىپىدىن چىققان سۇپى -خۇجىلار ئۇيغۇرلارنى ئەنە شۇنداق بېسىپ مانجۇ بەرگەن قامچا ، قېلىچتا ئۆز مىللىتىنى قىردى ،ئەزدى . << ئەسكى يەردە يامان ئادەملەر بارلىققا كىلىدۇ>> دىگەندەك ، ئۇلارنى پەقەت ئۆزلىرىگە بويسۇنىشقىلار يارىتىلغانلىقىغا تەن بەرگۈزۈپ، ھەرگىزمۇ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان قىلىپ تەربىيلىدى ! - بۇ ئيغرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپاق خۇجا مۇناپىق تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرى تېڭىلغان مەھكۇملۇق ئىستىقبالى ئىدى ! شۇنداقلا ئۇغۇرلارنىڭ ئەجداد ئۆز تارىخدا باسقان ۋە ئەۋلادلار مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغان ، تۇنجى قېتىمقى مەڭگۈ پۇشايمانلىق خاتا قەدەم ئىدى !!!!!!!!
تارىخچىلارنىڭ ئاپاق خۇجا جۇڭغار باسقۇنچىلىرىنىڭ زورى بىلەن سەلتەنەت سۈرۈشكە باشلىغان ئاشۇ 1678- يىلنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئالدىنىشقا باشلىغان ، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىشقا باشلىغان گۈزەل ئانا ۋەتەننىڭ پارلاق ئىستىقبالى خاراب بۇلۇشقا باشلىغان << لەنەتلىك قارايىل >> ،<< ھاقارەتلىك تارىخ >> دەپ ئۆز كىتاپلرىغا يېزىپ قۇيۇشتى !!
ئاپاق خۇجا كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا ، يىڭىلىق يارىتىشىغا ،ئەلنى قانۇن - تۈزۈم ، شەرىئەت يۇلى ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى . ئۇ خەلىق ئارىسىدىكى ھەرخىل جۇببى- قۇراللارنى ، ھەتتاكى چوڭراق قىڭراقنى ئېلىپ يۈرۈشنىمۇ چەكلەپ يېغىۋالغان ئىدى . << خۇددى خازىرقى زامانىمىزدىكى ..................... . ئىشلاردەك >>
پۇقرالارنىڭ قۇلىدىكى ئۆتكۈر تىغ قانچە كۆپ بۇلسا ، - دەيتتى ئۇ ، - مەملىكەتتە باش-باشتاقلىق ، غۇرۇر ئۇيغۇنۇش كەپ چىقىدۇ ، ئادەمدە قۇرال بولسا ئۇنىڭ كۈمۈلۈپ قالغان ۋىجدانى ئېچىلىپ كىتىدۇ -دە مەملىكەتتە يىغا -غەليان كۈتۈرلۈپ بۇ ئەلنى جاھالەت پاتقىقىغا باشلىشىمىزغا چوڭ زەربە بۇلىدۇ . كىشىلەر قانچىكى ئەپچىل ، زىرەك بۇلۇشسا ، ئەلدە ئاجايىبات-غارايىباتلار كۈپىيىدۇ -دە پوقرالارنىڭ كۈزى ئېچىلىدۇ . شەرىئەتنى شاخلاتماسلىق كىرەك ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ پۇتاق -چاتاقلىرى قانچىكى كۆپ بۇلسا ، ھەقىقەتنى بىلىۋېلىشقا شۇنچە قىززىقىدىغان گەدەنكەشلەر يىتىلىپ چىقىدۇ ۋە كۈپۈيىدۇ ! ( ئۇشبۇ سۆزلىرىدىن ئاپاق يەنى قاپاق خۇجىنىڭ نەقەدەر پەسكەش دىن دىسە ياكى پەن دىسە بىزنىڭ ئېغىلدىكى ئىشەكتىن پەرقى يۇقلىقى مانا مەن دەپ ائشكارلىنىپ تۇرۇدۇ .)
<<بە دۆلەت >> نامى بىلەن خۇتەندى ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۇ بىپايان زىمىندا ئىسلام بايرىقىنى كۈتۈرۈپ غازات ئېلىپ بارغان ھەمدە 14 يىل بۇ زىمىنلارغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان ، باشقا يەھۇدى ؛ مەسىلەن ئەنگىلىيە پىرانسىيە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى كەسكىن رەت قىلىپ پەقەتلا ئۇسمانلى تۈرك ئىمپىرىيسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بۇلۇشنى كىچەيۇ- كۈندۈز ئارمان قىلىپ ئاخىرى مانجۇلارنى باشلاپ كەلگەن خۇجىلارنىڭ قانلىق قېلىچى يەنى زەھەرلەپ قەستلىشى بىلەن شىھىد بۇلۇپ كەتكەن ياقۇببەرگ ئاشۇ مۇناپىق ئاپاق خۇجىنىڭ مۇرتلىرى بولغان خۇجى - سۇپىلار تەرىپىدىن قەتلە قىلىندى .
تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئادامنىڭ ئىچى-ئىچىدىن بىر غەزەپ ، بىرخىل يىغا ، بىرخىل ئىنتىلىش ، لەنەت قىلىش ئادەمنىڭ يۈرەك لىرىنى بەزىدە لەرزىگە سالسا بەزىدە قاباھەتنى ئەسلىتىدىغان بۇ تارىخ مانا مۇشۇنداق ئاستىن ئۈستۈن بۇپكەتكەن ، ئەزەلدىن جەڭدە ئەمەس ، ئۈستەل ئۈستىدە يىڭىلىپ قالىدىغان بۇ ئاق كۈڭۈل ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق خەلىق ، قانائەتچان ، يۇۋاش ئەمما قارام جەلىق ، تاشقى سۈپۈتى قۇيدەك ئىچىكى قىياپىتى شىرنىمۇ تىترەتكۈدەك ..........
تارىخنى ۋاراقلاپ سالدۇق ئەمما ئۇقۇپ كىتىپ بېرىپ ئۈزۈمنىڭ غەزىپىمنى ،ھاياجىنىمنى ، باسالماسلىق تۈپەيلى مۇشۇ يەرگە سۆرەپ ئەكىرىشكە مەجبۇربۇلدۇق ، كەڭ ئۇقۇرمەن قېرىنداشلارنىڭ ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ تارىخمىزنىڭ بۇ لەنەتتەككۈر يىللىرىنى بىر قۇر ئىسىگە سېلىشقا ياردىمۇ بۇپقالا دىگەن ئۈمۈدتە بۇنى كۆرسە ئازتۇلا ئۇيقۇدىن ئۇيغۇنامىكى دىگەن ئۈمۈددە يوللاپسالدۇق ، بەزى سۆزلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھەم كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشۇمىزنىمۇ چىقىش قىلىپ ئاز تۇلا سۆزلەپ سالدىم ، كەڭ قۇرساق خە؛ىق بولغاندىكىن ئەپۇ قىلىشىپ كىتەرمىز.
ئەسكەرتىش : كەڭ ئۇقۇرمەن قېرىنداشلىرىم كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا بىۋاستە يازغانلىق سەۋەبلىك بەزى خەتلەردە ئىملا خاتالىقى كۈرۈلمىدى دىيەلمەيمەن شۇڭا ...........
مەنبە : تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا