مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 7

ئىش ئۇسىتىدە يارلىنىش ھادىسىدىكى تۆلەم تۇرلىرى ۋە ھىساپلاش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 08:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىش ئۇستىدە يارلىنىش تۆلەم تۇرلىرنىڭ ھىساپلىنىش ئۇسۇلى

ئادەم   ئىشلەتكۇچى ئۇرۇنلار ۋە ئەمگەكچى كۇپ ھاللاردا ئىشتا يارلىنىش ۋە ئىشتا يارلىنىش ئەمەسلىگى ھەققىدە تالاش تارتىش قلىدۇ.بۇ ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بۇلۇپ قانۇن بۇيىنچە ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش كىرەك .گۇۋۇيەننىڭ «ئىشتا يارىلىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 14-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ،تۇۋەندىكى ئەھۋال بۇلغان ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىشتا يارلاندى دەپ بىكىتىلىدۇ.(1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سۇرۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسگە ئۇچراپ يارلانغانلار.(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىش سۇرۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارلانغانلار.(3) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سۇرۇنىدا مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىۋىتىپ زۇراۋانلىق قاتارلىق تاساددىپى ۋەقەلەرگە ئۇچراپ يارلانغانلار .(4) كەسپى كىسەل بۇلغانلار .(5) ئىش بىلەن سىرىتىقا چىققاندا ،ئىش سەۋەبىدىن يارلانغانلار ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز دىرىگى بۇلمىغانلار .(6) ئىشقا كىلىپ كىلىپ كىتىشتە ئۇزى ئاساسلىق جاۋاپكار بۇلمىغان قاتناش ھادسى ياكى شەھەردىكى رىلىسلىق قاتناش ،يۇلۇچىلار كىمە پاراخۇتى ،پۇيىزدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارلانغانلار.(7) قانۇن مەمۇرى نىزاملاردا ئىشتا يارلاندى  دەپ بىكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. يەنە مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا تۇۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى بۇلغانلارمۇ ئىشتا يارلاندى دەپ قارىلىدۇ. (1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئۇرنىدا تۇيۇقسىز كىسەل بۇلۇپ ئۇلۇپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددى قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۇلۇپ كەتكەنلەر.(2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۇلەت مەنپەتى ،جامائەت مەنپەتىنى قۇغداشتا يارلانغانلار .(3) ئىشچى خىزمەتچى ئىلگىرى قىىسمدا مەجبۇريەت ئۇتەپ ،جەڭدە ۋە ھۇكۇمەت ئىشدا مىيىپ بۇلۇپ، ئىنقىلابى مەجرۇھ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئالغان ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇنغا بارغاندىن كىيىن كىسىلى قۇزغالغانلار. ئالدىنىقى تارماقنىڭ (1) ،(2) تارماقچىللىردىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بۇيىنچە ،ئىشتا يارلىنش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بۇلىدۇ، (3) تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بۇلغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بۇيىنچە ،بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان مىيىپلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بۇلىدۇ.  مۇشۇ نىزامنىڭ 14-،15- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇلسىمۇ لىكىن تۇۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلغانلىرىنى ئىشتا يارلاندى دەپ قاراشقا  ياكى ئىشتا يارلاندى دەپ بىكتىشكە بۇلمايدۇ.(1) قەستەن جىنايەت ئۇتكۇزگەنلەر .(2) ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلغانلار ياكى زەھەر چەككەنلەر .(3) ئۇزىنى مىيىپ قىلىۋالغانلار ياكى ئۇلىۋالغانلار.ئىشچى خىزمەتچى ئىشتا يارلانغاندىن كىيىن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ھادىسە يۇز بەرگەن كۇندىن باشلاپ 30 كۇن ئىچىدە ئىشتا يارلىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلشى لازىم.ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ئىشتا يارلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ئىشتا يارلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يىقىن تۇققانلىرى ھادىسە يۇز بەرگەن كۇندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىشتا يارلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كىرەك. ئىشتا يارلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۇۋەندىكى ماتىرياللارنى تاپشۇرىشى كىرەك. ئىشتا يارلىنىشنى بىكتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن بىلەن بۇلغان ئەمگەك مۇناسىۋتى بارلىقىغا دائىر ئىسپات .داۋلاش دىئاگنۇز ئىسپاتى ياكى كەسپى كىسەللىك ئىسپاتى قاتارلىقلار .ئىشتا يارلاندى دەپ قارالغاندا ئىشلىگەن ئۇرنى ۋە ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندى تۇۋەندىكى تۆلەملەرنى تۆلەيدۇ.

ئىش ئۇستىد يارلانغۇچى ئۆلمىگەن ئەھۋالدا مۇنداق ھىساپلىنىدۇ:

1.داۋالاش ھەققى .بۇ ھەق ئىش ئۇستىدە يارلانغۇچى كىسىلىنى داۋالاتقان ئەمەلى تالۇن بۇيىنچە چىقىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى داۋالاش مۇلازىمەت كىلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كىرەك.جىددى ئەھۋالدا يىقىن ئەتىراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى لازىم. ئىشتا يارلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتىنىڭ ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دىئاگنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش تۇر مۇندەرىجىسى،ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دۇرا مۇندەرىجىسى ،ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدكى كىسەلخانا مۇلازىمەت ئۇلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئشچى خىزمەتچى داۋالاش ئاپپاراتىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇسە شۇ خىراجەتنىڭ  بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرنى سۇغۇرتا فۇندى تۇلەيدۇ. ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دىئاگنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش تۇر مۇندەرىجىسىنى،ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دۇرا مۇندەرىجىسىنى ،ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىدكى كىسەلخانا مۇلازىمەت ئۇلچىمىنى گۇۋۇيەننىڭ ئىجتىمايى سۇغۇرتا مەمۇرى تارمىقى ،گۇۋۇيۇننىڭ سەھىيە مەمۇرى تارمىقى ،يىمەكلىك دۇرا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى  بەلگىلەيدۇ.

     2. تاماق ياردەم پۇلى.داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىدىكى كۇن سانىغا قاراپ  ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.ئەگەر دۇختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇزۇقلۇق كۇچەيتىشكە تۇغرا كەلسە بۇمۇ تۇلىنىدۇ.چىقىم قىلىش  كۇنكىرىت ئۇلچىمىنى شۇ رايۇندىكى خەلق ھۇكۇمىتى بەلگىلەيدۇ.

3.قاتناش ھەققى .بۇ دۇختۇخانىدىن  يۇتكەلگەن ۋە دۇختۇرخانىغا ئىلىپ كىلنگەن قاتناش ھەققىنى كۇرسىتىدۇ.بۇ ھەق شۇ ئىشچى ئىشلىگەن ئىدارىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت مۇناسىۋتى بىلەن سىرىتقان چىققاندىكى قاتناش ھەققى ئۆلچىمى بۇيىنچە بىرىلىدۇ.قاتناش ھەققىگە ئۆلچەملىك تالۇن ئىلىش كىرەك. ئەگەر ئىشتا يارلانغۇچى دۇختۇرخانىدىن  يۇتكەلگەندە دۇختۇرخانىدا  بىر ئادەم قاراشقا تۇغرا كەلسە بۇمۇ تۇلەپ بىرىلىدۇ.بۇ ھەق ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

            4.  مىيىپلىق سايمان پۇلى .بۇ ئىشتا يارلانغان ئىشچى خىزمەتچى كۇندۇلۇك تۇرۇمۇش ۋە ياكى ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئىھتىياجى ئۇچۇن ،ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كۇمۇتىتىنىڭ ئىتىراپ قىلىشى بىلەن يالغان قۇل  پۇت ،شەكىل تۇزگۇچ ،يالغان كۇز ،يالغان چىش ،ماتۇرسىز چاقلىق ئۇرۇندۇق قاتارلىقلارنى كۇرسىتىدۇ.بۇ سايمانلار ئاساسلىقى دۇلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سايمانلارنى كۇرسىتدۇ.بۇ خىراجەتنى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندى تۇلەيدۇ.

5.ئىشتىن تۇختاپ داۋالانغاندىكى مائاش ۋە تەمىناتى.بۇ شۇ ئىشچىنىڭ ئەسلى ئۇرۇندا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدىكى مائاشى ۋە تەمىناتى بىلەن ئۇخشاش بۇلىدۇ.بۇ مەزگىلدە ئىدارسى قاراشقا ئادەم ئەۋەتىشى كىرەك .ئەگەر ئادەم ئەۋەتمىسە قارىغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بۇيىنچە قاراش ھەققى تۆلىشى كىرەك . قارىغۇچىنىڭ كىرىمى بۇلسا ئىشتىن قىلىش ھەققىنى ھىساپلىغانغا ئۇخشاش ھىساپلىسا بۇلىدۇ.ئەگەر قاراشقا شۇ جايدىكى قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىشلەتكەن بۇلسا قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ شۇ جايدىكى ئىش ھەققى بۇيىچە ھىساپلانسىمۇ بۇلىدۇ.قارىغۇچى ئادەتتە بىر كىشى بۇلسا بۇلىدۇ،لىكىن دۇختۇرخانىنىڭ ياكى باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ پىكرىدە قارىغۇچى ئادەم سانى باشقىچە بىكىتىلگەن بۇلسا شۇ بۇيىنچە بۇلىدۇ.ئادەتتە ئىشتىن تۇختاپ داۋالىنىش ۋاقتى 12 ئايدىن ئىشىپ كىتىشكە بولمايدۇ.ئەھۋالى ئالاھىدە بۇلۇپ ئۇزارتىشقا تۇغراكەلسە شۇ جايدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇرۇنلىرنىڭ بىكىتىشى بىلەن مۇۋاپىق ئۇزارىتسا بۇلىدۇ ،لىكىن يەنە ئۇزارتىلغان ۋاقىت 12 ئايدىن ئىشىپ كىتىشكە بۇلمايدۇ.ئىشتا يارلانغۇچى داۋالاش ئاياغلىشىپ مىيىپ دەپ بىكىتىلگەندە مائاش ۋە تەمىناتى تۇختىلىپ مىيىپلىق تەمىناتى بىرىلىدۇ.ئەگەر يەنىلا داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە ئىشتا يارلىنىش سۇغورتا تەمىناتى بۇيىنچە ھەق بىرىلىدۇ.

       6. ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى . ئىشتا يارلانغان ئىشچى خىزمەتچى مىيىپ دەپ بىكتىلگەندىن كىيىن ھەم ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش كۇمۇتىتى ھالىدىن خەۋەر ئىلىش كىرەكلىگىنى بىكىتكەندىن كىيىن بۇ ھەق سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلىدۇ.ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى  ظذچ خىل دەرىجىگە قاراپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش كۇمۇتىتى،ۋە ئەدىلىيىلىك باھالاش ئۇرۇنلىرى «ھاجىتىدىن چىقالماسلىق »،«ئاساسەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق »،«قىسمەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق » دەپ ئۇچ خىل باھالايدۇ. ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى  ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %50 بۇيىنچە ،ئاساسەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى  ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %40 بۇيىنچە،قىسمەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى  ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %30 بۇيىنچە ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى بىرىلىدۇ.بۇ پۇل ئەھۋالغا قاراپ ھەر ئايدا ياكى بىر يۇلىلا بىرىلىدۇ.ئەڭ ئۇزۇن بىرىش ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشمايدۇ.يەنى  ئىشتا يارلانغۇچى ئەگەر ئۇرۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتنى ئاياغلاشتۇرسا بۇ پۇلنى بىراقلا بىرىدۇ ،ئەگەر ئاياغلاشتۇرمىسا ھەر ئايدا بەرسىمۇ بۇلىدۇ.

7.مىيىپلىق   ياردەم پۇلى ئادەتتە مۇنداق ھىساپلىنىدۇ. ئىشتا يارلانغان ئىشچى خىزمەتچىلەردىن 1- دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مىيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئىش ئۇرنىدىن چىكىنىدۇ ۋە تۇۋەندىكىىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ.1-دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 27 ئايلىقى ،2-دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 25 ئايلىقى ،3- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 23 ئايلىقى ،4- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 21 ئايلىقى بۇينچە مىيىپلىق ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ئىشچى خىزمەتچىنىڭ  ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرىدۇ.ئىشچى خىزمەتچى 5-دەرىجىلىك ۋە 6- دەرىجىلىك مىيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالغانلىرنى، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ.ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىيىن بۇلغانلارغا  ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن مىيىپلىك قۇشۇمچە پۇلىنى ئايمۇ ئاي بىرىدۇ، ئۇلار ئۇچۇن تۇرلۇك سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرىدۇ.ئىشتا مىيىپ بۇلغان ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ بۇلىدۇ.5 –دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 18-ئايلىق مائاشى ،6- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 16-ئايلىق مائاشى،7- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 13ئايلىق، 8-دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 11ئايلىق مائاشى مائاشى،9- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 9ئايلىق مائاشى،10- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 7ئايلىق مائاشى بۇينچە  بىرىلىدۇ. مىيىپلىق ياردەم پۇلى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

8.مىيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى .مىيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى ئىشتا يارلانغۇچى ئىشتا يارلىنىپ 1- دەرىجىدىن 4- دەرىجىگىچە مىيىپ دەپ باھالىنىپ ئىش ئۇرنى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قىلىپ ئالىدىغان پۇلنى كۇرسىتىدۇ.بۇ مۇنداق ھىساپلىنىدۇ.1- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %90 تى ،2- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %85 تى ،3- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %80 تى ،4- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %75 تى ،5- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %700 تى ،6- دەرىجىلىك مىيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %60 تى ،بۇيىنچە بىرىلىدۇ. 5- 6-دەرىجىلىك مىيىپلار ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالسا ،ئىش ئورنى مۇۋاپىق ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلمىسە يۇقۇردىكى تۆلەمگە ئىرىشەلەيدۇ.يەنى 5- ۋە 6- دەرىجىلىك مىيىپ بۇلۇپ ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالىدىغان ،ئورون مۇۋاپىق ئىش ئورنى بەرسە ئىشتا يارلانغۇچى ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئەھۋالدا ئالىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدو. يۇقۇردا دىيىلگەن «مائاش » شۇ  رايۇندىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشى ۋە ئىستىمال چىقىمىغا قاراپ مۇۋاپىق ھىساپلىنىدۇ.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى 5-6- دەرىجىلىك مىيىپقا مىيىپلىق  قۇشۇمچە پۇلى بىرىشتە ئىشتا يارلانغۇچى ئۇرۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قىلىشى ،ھەمدە ئۇرۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرالمىغان بۇلۇشى كىرەك.بۇ پۇل ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلىدۇ.

                  9.بىر قىتىملىق داۋالىنىش پۇلى ۋە مىيىپلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ھەققى .بۇ ھەقنى بىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇلسا ئىشتا يارلانغۇچى ئۇزى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بۇلىشى يەنى 5- ۋە 6- دەرىجىلىك مىيىپلار ئۇزى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بۇلىشى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋتى ئاخىرلاشقان بۇلۇشى كىرەك .7- دەرىجىدىن 10- دەرىجىگىچە بۇلغان مىيىپلار ئەمگەك تۇختامى ئاياغلاشقان ياكى ئىشچى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ،ئەمگەك مۇناسىۋتى ئاياغلاشقان بۇلىشى كىرەك.بۇ ئۆلچەم ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئۇخشىمايدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەمگەك سۇغۇرتا نىزامىنى يۇلغا قۇيۇش چارىسىگە ئاساسەن بۇ ئۆلچەم مۇنداق بۇلىدۇ. 5-دەرىجىلىك مىيىپقا بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان داۋالىنىش پۇلى مۇشۇ رايۇندىكى ئۇخشاش كەسىپتىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشىنىڭ 11ئايلىقى بۇيىنچە ،بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشىنىڭ 27ئايلىقى بۇيىنچە،بىر يولىلا بىرىلىدىغان داۋالىنىش  پۇلى يۇقۇرقى ئۇسۇل بۇيىنچە 6-دەرىجىلىك مىيپقا 10ئايلىق مائاش ،7-دەرىجىلىك مىيىپقا 9ئايلىق مائاش ،8-دەرىجىلىك مىيىپقا 8 ئايلىق ،9 – دەرىجىلىك مىيىپقا  7 ئايلىق مائاش ،10-دەرىجىلىك مىيىپقا 6 ئايلىق مائاش بىرىلىدۇ.بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان مىيىپلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇلى (مۇشۇ رايۇندىكى ئۇخشاش كەسىپتىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشى بۇيىنچە)  يۇقۇرقى ئۆلچەم  بۇيىنچە 5- دەرىجىلىك مىيىپقا 27 ئايلىق مائاشى ،6- دەرىجىلىك مىيىپقا 24-ئايلىق مائاشى ،7-دەرىجىلىك مىيىپقا 21 ئايلىق مائاشى ،8-دەرىجىلىك مىيىقا 18 ئايلىق مائاشى ،9- دەرىجىلىك مىيىپقا 15 ئايلىق مائاشى ،10- دەرىجىلىك مىيىپقا 12 ئايلىق مائاشى بۇيىنچە ھىساپلاپ  بىرىلىدۇ.ئەگەر ئىشتا يارلانغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئىلىش يىشىغا تۇشۇشقا 5 ياش قالغان بۇلسا ئايرىم بىر تەرەپ قىلنىدۇ.يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەمگەك سۇغۇتا نىزامىنى يۇلغان قۇيۇش چارسىگە  ئاساسەن بىجىرىلدۇ. مائاش شۇ ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سىتاسىتكا تارماقلىرى ئىلان قىلغان ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئاساس قىلسىمۇ شۇ ئىشچىنىڭ ئەمىلى ئىلىۋاتقان مائاشىنى ئاساس قىلسىمۇ بۇلىدۇ. بىر قىتىملىق داۋالىنىش ھەققى  ۋە مىيىپلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ھەققىنىڭ نىڭ كۇنكىرىت ئۇلچىمنى ئۇلكىلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق خەلق ھۇكۇمەتلىرى قەرەللىك ئۇزگەرتىدۇ ۋە بىكىتىدۇ.

زىيانلانغۇچى ئۆلگەن ئەھۋالدا مۇنداق ھىساپلىنىدۇ:

1.دەپنە پۇلى شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى  ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتوورچە ئايلىق مائاشى بۇيىنچە 6 ئايلىق بىرىلىدۇ.ة ئەگەر 1- دەرىجىدىن 4- دەرىجىگىچە مىيىپ بۇلۇپ ئىشتىن تۇختاپ داۋالىنىش  مەزگىلدە ۋە شۇ مۇددەت تۇشقاندىن كىيىن  ئۇلۇپ كەتسىمۇ دەپنە پۇلىغا ئىرىشىدۇ. .بۇ پۇل ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلىدۇ.

2.يىقىن تۇققانلىرنى بىقش نەپىقە پۇلى

  بۇ پۇل ئادەتتە .ئۇلۇپ كەتكەنلەرگە ۋە 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مىيىپ بۇلۇپ داۋالىنىش مۇددىتى تۇگىگەندىن كىيىن ئۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ يىقىن تۇققانلىرغا بىرىلىدۇ.بۇ ھەقنى بىرىشنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق :1. جۇرىسىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلماسلىق ۋە ئۇلگۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىگە تايىنىدىغان بۇلۇش 2.ئەر جۇرە بۇلسا 60 ياشتىن ئاشقان بۇلۇش ئايال جۇرە بۇلسا 55 ياشتىن ئاشقان بۇلۇش 3.ئىشتا يارلانغۇچىنىڭ پەرزەنتى بۇلسا 18 ياشتىن تۇۋەن بۇلۇش. باشقا تۇققانلىرىنىڭ بۇ پۇلنى ئىلىش شەرتى ؛1. ئىشتا ئۆلگۇچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان بۇلۇش ،2،ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلماسلىق 3.رۇھى كىسەل بۇلۇش 4..ئەگەر ئۇلگۇچى ھايات ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى ئۇلۇپ كىتىپ ،ياكى ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلماي قىين ئاتا(60 ياشتىن يۇقۇى بۇلۇشى ) قىين ئانىسىنى(55 ياشتىن يۇقۇرى بۇلۇشى ) بىقىۋاتقان بۇلسا 5.ئۆلگۇچىنىڭ ئاتا ئاتا ئانسى ئۇلۇپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلماي 18 ياشتىن تۇۋەن پەرزەنىتلەر بۇلسا ،قىيناتا قىيئانىسى ئۇلۇپ كىتىپ ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى بۇلماي 18 ياشتىن نەۋرىلەر بۇلسا . ئۇلار ئادەتتە جۇرىسگە شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ %40 ، باشقا يقىن تۇققىنىغا شۇ ئشچى مائاشىنىڭ %30 ،ئۇندىن باشقا شۇ ئىشچى خىزمەتچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان  ئىگە چاقىسز ،يىتىم بالىلارغا يۇقۇردىكى ئۇلچەم ئاساسىدا %10 قۇشۇپ بىرىلسە بۇلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى سىرىتقا ئىش ئۇرنىنڭ ئىشى  بىلەن چىقىپ ۋەزىپە ئىجر ا قىلىۋىتىپ ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋىتىپ ،يۇقاپ كەتسە ئىز دىرىگى بولمىسا ،سوت مەھكىمسى ئۆلدى دەپ جاكارلىسىا مائاشى  ئىش ئۇرنى تەرىپىدىن تۇت ئاي داۋاملىق بىرىلىپ ئاندىن تۇختىلىپ ،ئۇلارنىڭ باقىدىغان تۇققانلىرغا بىقىش نەپىقە پۇلى بىرىلىدۇ .يۇقۇردا دىيىلگەن «مائاش » شۇ رايۇندىكى ئىش ئۇرنىدىكى   ئىشچىلارنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشى كۇرسىتىدۇ.بۇ پۇل ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلدۇ.بۇ يەردە دىيلگەن يىقىن تۇققانلار «ئىشتا ئۇلگەن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىقىن تۇققانلىرى دائىرسى ھەققدىكى بەلگىلىمە» گە ئاساسەن مۇنداق بۇلىدۇ؛ جۇرىسى ،پەرزەنتى،ئاتا ئانىسى ،ئاتا تەرەپ بۇۋا مۇمىسى  ،ئانا تەرەپ بۇۋا مۇمىسى نەۋرىسى ،قىز نەۋرە ۋە ئۇغۇل نەۋرىللىرنى كۇرسىتىدۇ.بۇ پۇل ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرلىدۇ.

3.ئىشتا ئۆلگەنلىك تۇلۇقلىما پۇلى ئالدىنقى يىللىق دۆلىتىمىز شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بۇيىنچە بىرىلىدۇ. بۇ پۇل ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلدۇ.

           4.ئىشچىنىڭ ئىز دىرىگى بۇلمىغان ئەھۋالدىكى تۆلەم: ئىشچى خىزمەتچى ئىش ئورنىنىڭ ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋىتىپ ،جىددى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋىتىپ يۇقاپ كەتسە ،ئىزى دىرىگى بۇلمىسا سوت مەھكىمسى ئۆلدى دەپ جاكارلىسىا يۇقۇرقى 3- تارماقتىكى ئۇلچەم بۇيىنچە پۇل بىرىىلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى ئىش ئورنىنىڭ ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋىتىپ ،جىددى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋىتىپ يۇقاپ كەتسە ،شۇ ئىش يۇز بەرگەندىن باشلاپ 3ئاي مائاشى بىرلىدۇ .4-ئىيىدىن باشلاپ مائاش تۇختىلىدۇ.يىقىن تۇققانلىرغا ئايمۇ ئاي يىقىن تۇققانلىرنى  بىقىش نەپىقە پۇلى بىرىلىدۇ.قىيىنچىلىق ئىغىر يىقىن تۇققانلارغا ئىشتا ئۇلۇش تۆلىمىنىڭ %50 نى ئالدىن بەرسە بۇلىدۇ.

                      ئىشتا يارلىنىش تۇلىمى يۇقۇردىكىدەك بۇلىدۇ.ئىشتا يارلانغان ئىشچى خىزمەتچى ئىشتا يارلانغاندىن كىيىن ئىش ئۇرنى ياكى ئۇزى دەرھال ئىشتا يارلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كىرەك.ئىشتا يارلىش تۇلىمى ئىلىش ۋە بىكىتىشنىڭ تەرتىپلىرىنى كۇپلىگەن ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلىپ كەتمەيدۇ.ئىشتا يارلىنىش تۇلەم تۇرلىرىكى ھىساپلاش ئۇسۇلى ،تۇلەم بىرىش شەرتى،مىقدارى  قاتارلىقلار ئەمەلى ئەھۋال ،شارائىت ،ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ ئۇزگىرىشىگە ئاساسەن ئۇزگىرىدۇ،ۋە ئۇخشاش بۇلمايدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى ئىشچى ئەگەر ئۇزى ئاساسلىق مەسئۇليەت بۇلمىغان قاتناش ۋەقەسىدە  يارلانغان ياكى  ئۆلگەندە بۇ قاتناش ۋەقەسىدىكى ئۇلۇش يارلىنىش  ئەگەر ئىشتا يارلىنىش دەپ بىكىتلسە، ئىشچى ھەم  يۇقۇرقى تۆلەمگە ئىرىشكەندىن سىرىت يەنە قاتناش ھادىسىدىكى مەسئۇليىتى بار تەرەپتىن جىسمانى زىيان تۆلىمىگە ئىرىشەلەيدۇ. ئىشتا يارلىنىش ھادىسى يۇز بەرگەندىن كىيىن ئىشتا يارلانغۇچى ئىشچى ياكى يىقىن تۇققانلىرى ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سۇرىشى ياردەم تەلەپ قىلىشى كىرەك.ئىشتا يارلىنىش ھادىسلىرى  دەۋاسى تەرتىپى مۇرەككەپ ۋاقتى ئۇزۇن بۇلۇپ ئادەتتە ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ھۇقۇقىنى قۇغداش ئۇچۇن زۇر تىرىشچانلىق كۇرسىتىشكە تۇغرا كىلدۇ.ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇنلار بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ئىشتا يارلىنىش ھادىسلىرنىڭ يۇز بىرىشنڭ ئالدىنى ئىلىشى ،بىخەتەر ئىشلەچىقىرىش ئىلىپ بىرىشنى مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇشى ،ھەر دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماقلار نازارەتچىلىك سالمىقىنى كۇچەيتىپ ياخشى بۇلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيتىنى ساقلىشى ،ئامال بار ئادەم ئىشلەتكۇچى بىلەن ئىشچى خىزمەتچى ئۇتتۇرسىدكى زىددىيەتنى پەسەيتىشى كىرەك.

        

  4-ئاينىڭ 22-كۇنى دۇنيا قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى كۇنى. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .

شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى

24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854

  توردا مەسلىھەت بىرىش     1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 10:48 PM  


مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

قان ئىچدە قان ......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلار تۈرۈكمۇ ؟

ئۇيغۇرلار تۈرككە تەۋەمۇ ؟نىمشقا ؟ تىلىمىز بىر سىستىمىدا بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ياكى ئۆرۆپ ئادەتلىرىمىزدە ئوخشاشلىق بولغاچىقىمۇ ؟ بولسا قانداق بار ؟

مەن ئاڭلىغان :ھوننىڭ ئككى شاھزادىسى بۈلۈنۈپ چىقىپ  قەدىمقى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرككە بۆلۆنگەن ، كىيىن تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسدا قاتتىق قىرغىنچلىق بولغان ، ئاخىر ئۇيغۇرلار يڭىپ دىگەندەك سۆزلەر ..........
  بەلكىم مۇشۇنىڭدىن بىر ھوننىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان بولشىمىز مۇمكىنمۇ ؟ يەنە بىر گەپ ئاڭلايمەن، ئۇيغۇرلار قان جەھەتتە ئەڭ مەينەت مىللەت«يەنى كۆپ خىل مىللەتتىن كىلىپ چىققان دىمەكچى » «دىققەت مەن دەۋالمىدىم» دەپ بىزنى موڭغلدىن باشلاپ قەدىمدە ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان مىللەتلەر بىلەن ئىمىلداش قانداش قىلىپ چىقىرىپ قۇيۇپتۇ،  بۇ زادى نىمە گەپ ؟

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 64 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، 2010 – يىلىدىكىدىن 221 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، كۆزلىگەن نىشاندىن 10 مىڭ كىشى ئاشقان. بۇ يىلقى نىشان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنى 2 مىليون 160 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈش ئىكەن.

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7535
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم ... رەھمەت . مۇشۇنداق تىمىلار بولسا يەنە ئايماسسىز . بولۇپمۇ بىز خەق قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلگۇچە مۇشۇنداق جاپا تارتىپ تۇراسىز ...

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20861
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3952
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:54:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم ... رەھمەت

ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن، ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 10:51:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېلۋىلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 10:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چىكىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78815
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:14:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن~!!!!
مەن مۇشۇ توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك بىر نەرسە تاپالمىغان ئىدىم بۈگۈن تاپتىم رەھمەت سىزگە~!!!
قانون توغرىسىدا بىزگە پايدىلىق نەرسىلەنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز~!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش