ئاڭكور خارابىيلەر توپى
دۆلەت تەۋەلىكى : كامبودژا
ئېگىلىزچە نامى :Angkor
ئىسسىق بەلۋغ ئورمانلىقىدا بايقالغان قەدىمى شەھەر
كامبودژا دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا 3 دانەئالتۇن رەڭ بۇددا مۇنارىدىن تەشكىللەنگەن ئىبادەتخانا رەسىمى بار ، مانا بۇ شەرقتىكى 4 مۆجىزىلىك خارابىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ئاڭكور ئۆڭكۈرى .ئوتتۇرا ئەسىردە ياسالغان بۇ ئىبادەتخانا كامبودژانىڭ دۆلەت سىمۋولى .شۇنداقلا يەنە ئىنسانلار بىناكارلىق تارىخىدىكى يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ئابىدە .1992-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاڭكور خارابىسىنى مەدەنىيەت مىراسى قىلىپ بىكىتىپ ‹‹دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن.
ئاڭكور ئۆڭكۈرى ھەققىدە سۆزلىگەندە فىرانسىيەلىك ئاسارە ئەتىقەشۇناس ھىنرى مۇۋېلنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ .
1860-يىلى ھىنرى قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىش ئۈچۈن كامبودىژانىڭ ئادەم ئايىغى كەمدىن كەم بىسىلغان قويۇق ئورمانلىقىنىڭ ئىچىگە كىرگەن. توساتتىن ئۇ قويۇق شاخلار ئارىسىدا زور تاش ئويما بۇت ،مۇنار ئىبادەتخانىلارنى بايقىغان، بۇلار بىر گەۋدىلىشىپ بىر شەھەر كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان .
كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە ئۇنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىنى ھاڭ –تاڭ قالدۇرغان .نەزەرلىرى ھەر ياققا چېچىلغان ،ئۇلار خۇددى سىرلىق بىر دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشقان .ھەممە يەردە ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك ئىبادەتخانا، نەپىسلىكتە تەڭداشسىز تاش ئويما ھەيكەل قاپارىتمىلار ،شەكلى ھەر خىل ،گۈزەل پەزىزات، مىھرىبانلىقى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇتلارنى كۆرگەن. نەچچە يۈزلىگەن ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بۇددا مۇنارى ،ھەجىمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۇغىرىش سىستىمىسى، كەڭتاشا يوللار بار بولۇپ لىكىن بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ بۇ شەھەر دەل ئاڭكور ئىدى. كىيىن مۇۋىل: ‹‹ئۇ يەر گىرىكلار ۋە رىملىقلار بىزگە قالدۇرغان ھەر قانداق نەرسىدىن بەھەيۋەت ››دەپ يازغان .ھالبۇكى شۇنچە سەلتەنەتلىك شەھەر نىمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، ئۇ ھەر قانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يىتەلمىگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭكور بايقىلىپ 2-يىلى ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .3-يىلى ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى مۇۋىلنىڭ بايقىشىنى ياۋروپادا ئىلان قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئاڭكور دىگەن بۇ نام پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان .
<< دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى>>دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى ،
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .تەرجىمان : ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aybanum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 06:02 PM