|
|
|
|
سۈرىيە ئەسكەرلىرى تۈركىيەگە قاچقان كىشىلەرگە ئوق چىقاردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىسنىڭ ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزى ئەتراپىدىكى سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مىنا كۆمۈلگەن جايلاردىن تۈركىيەگە ئۆتمەكچى بولغان بىر توپ كىشىلەرنى ئوققا تۇتتى. كىلىسنىڭ ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزى ئەتراپىدا بىر گۇرۇپپا، مىنا كۆمۈلگەن جايلاردىن كىلىسكە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15- 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ تۈركىيەگە ئۆتۈشى جەريانىدا قورال ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ئېگىزلىكلەرگە ئورۇنلاشقان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىسقا داۋاملاشقان ئوق چىقىرىشى قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ئېتىلغان ئوقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كانتېينىرلارغا تەگكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىن، تۈركىيەگە تەرەپكە ئۆتكەن سۈرىيەلىكلەر مىنبۇسلار بىلەن كانتېينىر شەھەرگە ئاپېرىلدى. ئەمما، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلانغان گۇرۇپپىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ سۈرىيەگە قېچىپ، غايىپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمدى. مەنبە:http://www.trtuyghur.net/trtworl ... c-8afe-bd27344a0e1c
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ayasofiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 05:03 PM
|
|
|
|
|
|