كېرەك
(سۆز ئويۇنى)
سۇ بويىغا جىرىم كېرەك،
ئىنسانلارغا بىلىم كېرەك.
قورۇلتايغا ۋەكىل كېرەك،
رەڭۋازغا شەكىل كېرەك.
پەلتوغا ئەستەرلىك كېرەك،
نوچىغا كەمتەرلىك كېرەك.
ئىنكاسقا پاكىت كېرەك،
تىرىشچانغا ۋاقىت كېرەك.
تۆگىگە شاپ كېرەك،
ھاپپازغا لاپ كېرەك.
قوغۇنلۇققا سۆرە كېرەك،
ھەر ئادەمگە جۆرە كېرەك.
پارىخورغا نەپسە كېرەك،
خوشامەتچىگە تەخسە كېرەك.
سودىگەرگە پايدا كېرەك،
ھۇرۇنغا دالدا كېرەك.
چايغا چايدان كېرەك،
مەرتكە مەيدان كېرەك.
چاشقانغا باسماق كېرەك،
مەينەتكە قاسماق كېرەك.
ئىتقا زەنجىر كېرەك،
نەشىخورغا كەندىر كېرەك.
تېرىققا تۇلۇم كېرەك،
غەيۋەتخورغا بۇلۇڭ كېرەك.
تاماخورغا زەللە كېرەك،
ئۇرۇشقاققا غەلۋە كېرەك.
قېرىلارغا تالقان كېرەك،
پىتنىخورغا يالغان كېرەك.
داۋراڭچىغا ھەشەمەت كېرەك،
مەيدانسىزغا خوشامەت كېرەك.
دانىشمەنگە بىلىملا كېرەك،
پىخسىققا كىرىملا كېرەك.
راۋاپچىغا زەخمەك كېرەك،
ئالدامچىغا ئەخمەق كېرەك.
نەزىرگە پوشكال كېرەك،
مۇناپىققا ئىشكال كېرەك.
مايسىلارغا ئاپتاپ كېرەك،
ئۆسمۈرلەرگە مەكتەپ كېرەك.
سۈنئى چىشقا سەدەپ كېرەك،
ھەممىمىزگە ئەدەپ كېرەك.
كىچىك بالىغا كەمپۈت كېرەك،
ئەخلاقسىزغا تەنقىت كېرەك.
ئاغرىقلارغا داۋا كېرەك،
قىز باللىغا ھايا كېرەك.
يازغۇچىغا قەلەم كېرەك،
مۆتىھەمگە ئەلەم كېرەك.
نەغمىكەشكە ناغرا كېرەك،
دىيابىتقا زاغرا كېرەك.
تويمىغورغا نەپلا كېرەك،
ۋالاقتەككۈرگە گەپلا كېرەك.
قۇيماققا ماي كېرەك،
يېڭى دەۋرىگە باي كېرەك.
يول بۇيىغا ئىمارەت كېرەك،
ئادەمگە ئىناۋەت كېرەك.
خامانچىغا ئارى كېرەك،
سازچىغا تارى كېرەك.
ئۆي سېلىشقا تامچى كېرەك،
سۆرەلمىگە قامچا كېرەك.
چاي ئىچكىلى پىيالى كېرەك،
جەمئىيەتكە زىيالى كېرەك.
چىراق تۈندىلا كېرەك،
بىلىم كۈندىلا كېرەك.
*******
مەنبە: ئۆز قەلىمىم( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
يېزىلغان ۋاقىت: 1985-يىل