 |
 |
 |
 |
مەرھۇم ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ تەرجىماھالى
مەرھۇم ئالىم ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى مىلادى 1862-يىلى (ھىجىرىيە 1279-يىلى) ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا ئابدۇۋارىس ئىسىملىك بىر دېھقانئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن.ھەم ئىپتىدائىيئۇقۇشنى ئوز يېزىسىدا ئۇقۇپ 15يېشىدا قەشقەرگە كىلىپ شەيخۇل ئۆلىما موللا-ئىسلامداموللىدا ئوقۇپ ئوتتۇرا ۋە ئالي بىلىم تەھسىل قىلغاندىن كىيىن ،بۇخاراغا بېرىپدىننى بىلىم جەھەتتىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ دىننى ،جەھەتتىن ۋە تارىخ ،ئەدەبىيات ،قاتارلىقلاردا كامالەتكە يەتكەن .بۇنىڭدىن سىرىت پارىس ،تۈرك ،ئەرەب ،قاتارلىقتىللارنى پۇختا ئۈگۈنۈپ ھەقىقى ئالىم بۇلۇپ يىتىشىپ چىققان ،ۋەتەنگە قايتقاندىنكىيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە مەددىرىسلىك قىلغان.
بۇ چاغدا شىنجاڭ زۇلمەت ،نادانلىق جاھالەت ئىچىدە قالغان بۇلۇپ ،بۇ ئەھۋال مەرھۇمئالىمنى ئېغىر خۇرساندۇرىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا قالغانلار يۇرۇقلۇققا ،ئۇسسۇزلۇققا قالغانلار سۇغا تەشنا بولغاندەك شۇ يىللاردا مىللەت ماددى جەھەتتىن قاششاقلىقتىنتەرەققىياتقا ،مەنىۋى جەھەتتە مەرىپەتكە ئىنتايىن تەشنا ئىدى.بۇنى پەقەت زامانىۋىتۈس ئالغان يېڭىچە مائارىپ يولى ئارقىلقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى .شۇنىڭ ئۈچۈن بۇچاغدا بۇ ئالىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەشقەر ،غۇلجا ،تۇرپاننى مەركەز قىلغان مەرىپەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چەت ئەللەردىن ئوقۇتقۇچىزىيالىلارنى تەكىلپ قىلىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە مەكتەپلەرنى قۇردى .ئەپسۇسكى بۇيارقىن مەرنپەتچىلىك ئۆز تەرەققىياتىدا تارىخى ئىجتىمائى ۋە سىياسى چەكىلمىلەرشۇنداقلا تۈرلۈك توسقۇنلۇقلاردىن خالى بولالمىدى.
1-توسقۇنلۇق دىننى مۇتەسسىپلەردىن كەلدى.
2-چەتئەل مۇخالىپەتچىلىرىمۇ ئويغۇنۇشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچ بولدى.
بۇ دەۋىردە مەرھۇم ئالىمنىڭ مەسلىھەتداشلىرىدىن باۋدۇن مۇسا بايىپ،قۇتلۇق ھاجىشەۋقى ، تەجەللى ۋە خالىس ئەپەندىلەر بىرلىكتە ھەمنەپەس بولىدۇ. بۇنداق ئىلغارئىدىيە ۋە ئەھلى كۈچ شۇ زاماندىكى ھاكىمىيەت ۋە چەتئەل كۈچلىرى ،بىر قىسىم بايلارۋە مۇتەسسىپ كۈچلەرنى ئالاقىزادە قىلىدۇ. ئاخىرى بۇ كۈچلەر جۇش ئۇرۇپراۋاجلىنىۋاتقان يېڭىچە ئۇيغۇر دىننى مائارىپى ۋە پەننى مائارىپقا قارشى تۇرۇشيۈزىسىدىن سۈيقەسىت پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىكى بەدبەخىت بايۋەچچە ھامرا بايدىگەن نائەھلىنىڭ شۇ جايدىكى ئەخمەت مەزىنگە 300 سەر كۆمۈش بېرىش بەدىلىگە مەرھۇمئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مەنىۋى يىتەكچىسى ، مەشھۇر مائارىپچى ،جاھالەتكە قارشىجەڭچى، شائىر ، ،ئالىم 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەردىكى چەتئەلىكلەرنىڭ، ئەكسىيەتچىل مۇتەسسسىپ قارا كۇچلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم دىنى تونغا ئورنىۋالعان مۇناپىقلارنىڭ قۇتۇرتۇشى بىلەن ئۆز ئۆيىدە سۇيقەسىت قىلىنىپ پىچاق بىلەن پائاجەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
مەرھۇمنىڭ زۈرۈر ئەقىدىلەر ،ئىسلام ئىبادەتلىرى، قىرائەت ئىلمى ،ئەدەبىياتئاچقۇچى،ئۆسمۈرلەر تەلىماتى،ياشلارغا نەسھەت،ئىلمى ھىساب قاتارلىق كىتابلىرىتاشكەنىت ،قازان مەتبئەلىرىدە بېسىلىپ ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىگەتارقالغان........... , ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما: 1. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق.
2. زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق
سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.
3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.
4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال:غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.
5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى «يېيىۋەتتى» دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟!
6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن.
7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ.
8. كىتاب ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتابنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.
مەرھۇم ئابدۇقادىر دامۇللام توغۇرلۇق يىزىلغان ئىلىمى ماقالىلارنى كۆرمەكچى بولساڭلار مۇشۇ ئادىرىستىن كۆرگەيسىزلەر .http://www.uyghurmail.com/Shahisler/?p=1568
قەشقەر شەھەرنىڭ شەرقى قىسىمىدا تاختى كۆرۇك دەپ ئاتىلىدىغان بىر چوڭ مازارلىق بولۇپ بۇ يەردە مەرھۇمئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قەبىرسىمۇ سانسىزلىغان قەبىرلەر يولنىڭ تۆپىدىلا قەد كۆتۇرۇپ تۇرماقتا . مەن بۇ سۇرەتلەرنى يوللاش ئارقلىق مەرھۇمنىڭ ھاياتى توغۇرلۇق قىسقىچە چۇشەنچى بەرمەكچى شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ قەبىرسىنى تورداشلارغا كۆرسىتىپ مۇشۇ ئاقىلىق ئەجداتلارنى ياد ئەتمەكچى ... بۇ مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق تۇقانلىرىنىڭ توغرا چۇشۇنىشى ئۇمۇت قىلىمەن .
بۇ تاختى كۆرۇك يولى يولنىڭ چەت تەرىپى قەبىرىستانلىق
بۇ قەبىرىستانلىققا كىرىش يولى مۇشۇ يولدىن 50 مىتىر ماڭساقلا مەرھۇمنىڭ قەبىرسىگە يىتىپ بارىمىز .
مانا بۇ باشقا قەبىرلەردىن بىراز پەرىقلىنىپ تۇرغان قەبىرە مەرھۇم ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قەبىرسىدۇر.
بۇ سۇرەتلەرنى قول تىلفوندا تارتقاچقا ئىنىقلىق دەرجى ياخشى ئەمەس .
مەنبە شىرىپ حۇشتارنىڭ ‹‹شىنجاڭ يىقىنىقى زامان تارحدىكى مەشھۇر كىشىلەر ›› دىگەن كىتاۋىدىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 12:57 AM
|
 |
 |
 |
 |
|