ئەجەپ زىركتىم ئېغىز سىناقتىن
(نەفسى)
خوشياقمايدۇ دەرس تەكرارلاش،
كۆنەك بولغاچ بىزگە تىل ئاڭلاش.
دەيدۇ مۇئەللىم بىزنى قاپاقباش،
ئەجەپ زېركتىم ئېغز سناقتىن .
بولدى قىلماس بىر سۇئال سوراپ،
سوراپ بۇلۇپ تۇرىدۇ قاراپ .
جاۋاپ تاپالماي ھالىمىز خاراپ .
ئەجەپ زىركتىم ئېغز سىناقتىن.
دەرس ۋاقتىدا تېلفۇن ئوينايمەن.
ئۆتكەن دەرسكە قۇلاق سالمايمەن.
بەزدە ئۇخلاپ يەنە ھارمايمەن،
ئەجەپ زىركتىم ئېغز سناقتىن.
يوقلىمدا ئىسمىم بىرنچى ،
يېزىپ قويدى قايسى چېقىمچى ؟
منى شۇنداق رەسۋا قىلماقچى .
ئەجەپ زىركىتم ئېغىز سىناقتىن.
يۈرەك سۇقار ئەنسىز تىپرلاپ ،
مەن سۇئالغا تۇرغاندا شۇ تاپ.
لىكن دوسلار بۇلار پىچىرلاپ.
ئەجەپ زىركتىم ئېغىز سىناقتىن.
ئۇچۇرلاشقان بىزنىڭ سىنپمۇ
قورقمۇدۇققۇ ئىزا ئىشتىپمۇ .
خەت يەتكۈزەر ھەتتا ئېتىپمۇ ،
ئەجەپ زىركىتم ئېغىز سىناقتىن.
كىكەچلەيمەن بىرەلمەي جاۋاپ،
ئەتراپىمغا تەلمۈرۈپ قاراپ.
يا بىر سىناق قالمىدى توختاپ،
ئەجەپ زىركىتم ئېغىز سىناقتىن .
مەيلى ئالسام نۆل نۇمۇرنى مەن،
نۆل ئالغانغا يىمەيمەنغۇ غەم .
مەنلا بولمسام نۆل ئالغىنى ھەم .
ئەجەپ زىركىتم ئېغىز سىناقتىن!
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
2012-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
(نەفىسى)