|
|
|
|
مەمەتتۇرسۇن چوڭ لوندون ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالايىتىگە ئىرىشتى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى،مۇخبىر جاڭ شىنجۈننىڭ 12-ئاپرىل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە ،شىنجاڭ بوكىس ھەركىتى ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ لوندون ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى .
لوندون ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئاسىيا رايۇنى سالاھىيەت مۇسابىقىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە باشلانغان ئىدى.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تەنھەركەت ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن فىلىپپىن،قىرغىزىستان ۋە ئىران ماھىرلىرىنى يېڭىپ 69 كىلوگىراملىقلار بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى(ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)،شۇنۇڭ بىلەن بىرگە لوندون ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ 1988-يىلى تۇغۇلغان،قەشقەرلىك،كاندىدات پارتىيە ئەزاسى،ھازىر دۆلەت كوماندىسىدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ،خەلقئارالىق ئالى تەنھەركەتچى،2006-يىلى دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 5-لىكنى قولغا كەلتۈرگەن،11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ چىمپىيونى بولغان،دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن 2007-2011-يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشقان.2011-يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان.
مەنبە:خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئۇلىنىش: http://www.tianshannet.com.cn/ne ... content_6742072.htm
|
|
|
|
|
|