مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 1

ئۇلارمۇ گۇيا ھەسەل ھەرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:40:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلارمۇ گۇيا ھەسەل ھەرىسى
تاھىرجان نىياز

   
     ھەسەل ھەرىسى بىر ئۆمۈر ئۆملۈك بىلەن تېنىمسىز ئىشلەپ،ھالال ئەجىر-مېھنىتى ئارقىلى گۈل بەرگىلەردىن شىرنە يىغىش ئارقىلىق ساپ ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىپ،ئىنسانلارغا سوۋغا قىلىدۇ. شۇڭا ھەسەل ھەرىسى ئۆملۈككە، مېھنەتكەش،تىرىشچانلارغا سىمىۋول قىلىنىدۇ.شايار ناھىيەسىدە ‹‹ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى››قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ ناھىيەدە ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان دېھقانلار بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ،خۇددىي ھەسەل ھەرىسىدەك ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق،جاپالىق ئەجرىنىڭ قەنتىنى چاقتى.
    مەن مارتنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرىنى باشلاپ ،بۇ ناھىيەنىڭ قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدىكى‹‹ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى››غا باردىم.كوپىراتىپ مەسئۇلى ياسىنجان ئابلا ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان 20خادىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەللەرنى سۈزۈپ قوتىغا قاچىلاش ۋە يەشىكلەرگە ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.
ئۇ بىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن:
        ــ بۇ ھەسەللەرنى ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە دىگىۋارلاشقان ئۈرۈمچى،قەشقەر قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىدىم.ۋاقتىدا كەپسىلەر ،بۇ يەرنى سۆرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرنى ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان يەنە بىر ئەزايىمىزنىڭ قىېشىغا باشلاپ باراي ،شۇنىڭدىن ئەھۋال ئۇقۇشۇپ بېقىڭلار ــ دېدى.بىز بۇ بازارنىڭ گۈزەل كەمتىگە باردۇق.ئۇ يەردىكى بىر چوڭ ھويلىدا بىر يىگىت 110ساندۇق ھەسەل ھەرىسىنىڭ ساندۇقىغا دېزىنفىكسىيە سويۇقلىقى چېچىۋاتقان ئىكەن.
        ــ بۇ، بازار كەنتىدىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق ئائىلىسى ئەخمەت تاش بولىدۇ.بۇ ئۆزى بېقىۋاتقان ھەسەل ھەرىسى.
        ـــ ئۆيىڭىز بازار كەنتىدە تۇرسا ،ھەسەل ھەرىڭىزنى نىمىشقا بۇ كەنتكە ئەكىلىپ باقتىڭىز؟ دەپ سورىدىم ئەخمەت تاشتىن ھەيران بولۇپ.
        ــ بازار كەنتىدە ياسىن ئۇستامنىڭ ھەرىللىرى بار. ئۆيىمىز يېقىن.ھەر بىر جايدا ئايرىم بېقىلىدىغان ھەسەل ھەرلىرىنىڭ ئارلىقى تۆت كىلومىتىردىن يىراق بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئارلىشىپ كېتىپ،ئۇۋىسىنى تاپالماي قالىدۇ,ھەم چېچەك يېتىشمەيدۇ.شۇڭا ھەر بىر ھەسەل ھەرىسى باقىدىغانلار مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە ئارلىق تاشلاپ باقىمىز.
        ــ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدىسى بارمىكەن؟
        ــ ئەلبەتتە بار ــ دەپ سۆزىنى باشلىدى ئەخمەت تاش.
        ــ مەن ئىلگىرى تامچى ئىدىم.ياسىنجان ئۇستامغا شاگىرت كىرىپ ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىن ئۈگەندىم ۋە 2008-يىلدىن باشلاپ ئۆز ئالدىمغا ھەسەل ھەرىسى باقتىم. ھازىر110ساندۇق ھەسەل ھەرەم بار. يىلدا 100مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن.ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان ، ياسىنجان ئۇستام ھەقسىز تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرىت،ھەسەللىرىمىزنى  ئۆزى سېتىۋېلىپ سېتىپ چىقىرىدۇ. بىز سېتىپ چىقىرىشتىن غەم قىلمايمىز.ھازىر ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشى مەزگىلى.ھەرىللىرىم قىش ۋە ئەتىيازدىن بىخەتەر ئۆتتى.تېخنىكىنى بىلمىسەك ھەرىلەرنى قىش،ئەتىيازدىن بىخەتەر چىقارغىلى بولمايدۇ. ئاسان كېسەل تېگىدۇ.بىر ئانا ھەرە بىر كۈندە 20مىڭدىن ئارتۇق تۇخۇم تۇغىدۇ.بۇ تۇخۇم 20كۈندە ھەرىگە ئايلىنىدۇ.ھەسەل ھەرىسى بېقىشتا بىزمۇ ھەسەل ھەرىسىدەك ھارماي-تالماي ،تىرىشىپ ئىشلىسەك ئاندىن ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن...
        قارىغاندا ئەخمەت تاش ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىدا خېلىلا يۇقۇرى تېخنىكىغا،تەجىربىگە ئىگە بولۇپ قالغانىدى.
        بىز ئەخمەت تاش بىلەن خوشلۇشۇپ،يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدۇق.ياسىنجان ئىشلەپ چىقارغان ھەم ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان‹‹ياسىنجان›› ۋە ‹‹كۆنەس››ماركىلىق ھەسەللەر ئۆلچەملىك يەشىككە قاچىلىنىپ ،ئاپتوموبىلغا بېسىلغىدەك ھالەتتە تەق قىلىۋېتىلگەن ئىدى.
        ياسىنجان ئابلانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ياسىنجان 1990-يىلىدىن باشلاپ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ،كېيىن ھەسەللىرىنى ‹‹ياسىنجان ››،‹‹كۆنەس››ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ،ھەسەلچىلىك فېرمىسى قۇرغان.ئۇنىڭ ئىلەپچىقارغان ھەسەللىرى‹‹دۆلەت دەرىجىلىك لاياقەتلىك مەھسۇلات››دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ،گۇۋاھنامە بېرىلگەن.ياسىنجاندىن ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسى ئۈگەنگەن خېلى كۆپ كىشىلەر ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللانغان.‹‹ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىلگىرىكى ‹‹ياسىنجان ھەسەلچىلىك فېرمىسى››ئاساسىدا 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،دەسلەپتە ئەزالىرى13بولۇپ،2010-يىلى 28،ھازىر 57كىشىگە يەتكەن.ئومۇمەن ناھىيە تەۋەسىدىكى مىللىي ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كوپىراتىپقا ئەزا بولغان.ياسىنجان كوپىراتىپ قارمىقىدا مەخسۇس چوڭ تىپتىكى ھەسەل يۆتكەش ماشىنىسىدىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ،ناھىيە ئىچى ھەم شڭنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرىنىڭ ھەسىلىنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سېتىۋېلىپ،پىششىقلاپ ئىشلەپ،ئوراپ قاچىلاپ سېتىپ چىقىرىش بىلەن شوغۇللانماقتا.ھازىر ‹‹ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى››غا ئەزا ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرى بېقىۋاتقان ھەسەل ھەرىسى 5مىڭ ساندۇقتىن ئاشىدىغان بولۇپ،ئايدا 30توننا ھەسەل سېتىپ چىقىرىلىۋاتىدۇ.بۇ ئارقىلىق ‹‹كوپىراتىپ››تىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرى يىلدا ھەسەل سېتىپ بىر مىليۇن 700مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىدۇ.كوپىراتىپنىڭ ئايلانما مەبلىغى 2مىليۇن يۈەندى ئارتۇق.
        ياسىنجان ئابلا ئاخىردا بىزگە مۇنداق دېدى:‹‹ھازىرقى ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئۈسكۈنلىرى يېرىم ئاپتوماتىك. ئەمدى زاۋۇتنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ،چوڭ تىپتىكى زامانىۋىي ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەيمىز.ناھىيەمىزگە ساھەلەر بۇيىچە ياردەم بېرىۋاتقان جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىياشىڭ شەھىرىگە بۇ يىل مىڭ توننا ھەسەل يۆتكەشنى دېيىشتۇق››.
مەنبە:ئۆزۈم.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78712
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3074
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 03:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش