مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 3

بۇلبۇل ماكانى(ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:39:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇلبۇل ماكانى


(ھېكايە )


ئاگاتا. كرىستى (ئەنگىلىيە )


ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئىرپان




-    خەير ، ئەزىزىم .

-    خەير ، جېنىم .

ئالىكېس .مارتىن مەھەلىگە ئېلىپ بارىدىغان چېغىر يولبويلاپ كېتىۋاتقان  ئېرىگە كىچىك ، قوپالدەرىزىگە يولەنگىنىچە قاراپ قالدى .مانا ئېرى بىر دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپلا كۆزدىنغايىپ بولدى ،ئالېكىس شۇ تۇراغانچە ئاناردەك يۈزىنى سۆيۈپ تۇرغان قوڭىر چاچلىرىنىخىيالغا پاتقان ھالدا تۇزۇتۇشكە باشلىدى . ئۇنىڭ قارىشىدا قانداقتۇر رازىمەنلىك ئەكسئېتەتتى .

ئالىكېس . مارتىننى ناھايىتى گۈزەل ۋە لاتاپەتلىكدەپ ئاتىساق توغرا بولماس ، ئۇنىڭ چىراي – شەكلى تىلنى ئاجىز قالدۇرغۇدەك ئەمەس ئىدى. لېكىن ياشلىقنىڭ دەسلەپكى باشقۇچلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان چېھرىدە خاتىرجەملىك ھەمبەخت بالقىپ تۇراتتى .ئۇنىڭ بۇرۇنقى تونۇشلىرى ئۇنىڭ ئىشچان ، تىنىم تاپمايدىغان،ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ،خىيالپەرەس  ئالىكېسنى تونىماي قېلىشىۋاتاتتى .ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاران پۇتتۇرگەنئىدى ، ئون سەككىز يېشىدىن ئوتتۇز ئۈچ يېشىغۇچە تىرىكچىلىك ۋەجىدىن كاتىپ بولۇپئىشلىگەن ئىدى . ئۆتكەن ئاشۇ 15 يىلنىڭ كېيىنكى يەتتە يىلىدا ئانىسى ئاغرىپ قالدى.كېسەل باقماق ئاسان ئەمەس . ياشاش ئۈچۈن قىلغان شەپقەتسىز كۈرەش ياش قىزنىڭيۈلەرىدە بىلىنەر – بىلىنمەس سىزىقلار قالدۇرغان ئىدى .

شۇنداق ، ئۇنىڭ بۇ ھاياتىدا ئۇ بىر قېتىممۇھەببەتلەشتى .شۇ چاغدا ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان دىك .ۋىندىفوردنى ياخشىكۆرۈپ قالغان ئىدى .ئۇ ئاياللىق نازۇكلىقى بىلەن يىگىتكە يېقىشنى ئىچ - ئىچىدىنئويلىسىمۇ ، سىرتىغا چىقارغۇسى كەلمەيتتى .سىرتىدىن قارىماققا ئۇلار دوستلاردەككۆرۈنەتتى .

دىك بۇ چاغدا ئىشلەپ  تاپقىنىنى يىغىپ ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۇكىسىنىڭئوقۇشىغا سەرپ قىلاتتى ، شۇڭا ئۇ ئۆيلىنىش ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان ئىدى .

قىسقىسى ، قىز كۈندە قاتتىق ئىشلەش بىلەن بۇلارنىخىيال قىلىشدىن خالى بولاتتى .قىزغا شېرەم بىر تۇققىنى نەچچە مىڭ فونتلۇق بايلىقبىلەن يىلدا ئىككى يۈز فونت كىرىم كىرىپ تۇرىدىغان دارامەتنى ۋەسىيەت  قالدۇرۇپ بۇ يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلاشتى .بۇ ئالىكېسئۈچۈن ئەركىن ، پاراۋان ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كاپالەت بولغان ئىدى . ئەمدىدىك بىلەن بىمالال تۇرمۇش قۇرسا بولىۋېرەتتى .لېكىن ، دىك ئۇ كۈتكەندەك ئۇنىڭغابىر نەرسە دېمىدى ،شۇ چاققىدە ئالىكېسقا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلمىدى .ئۇنىڭ بۇتوغرۇلۇق ئۇنىڭغا  گەپ قىلغۇسى كەلمىگەنبولسا كېرەك ، ئۇ ئۆزىنى ئالىكېستىن ئېلىپ قاچىدىغان ، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى .ئالىكېس بۇنىڭ سەۋەبىنى دەرھال چۈشەندى . يىگىتنىڭ ئەھۋالىۋە غۇرۇرى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ قالغان ئىدى . ئۇ دەسلەپكى قەدەمنى ئۆزىباشلىماقچى بولدى ، لېكىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش ھەممە نەرسىنى ئاستۇن –ئۇستۇن قىلىۋەتتى .

ئالىكېس دوستىنىڭ ئۆيىدە جورالد . مارتىن بىلەنتونۇشۇپ قالدى ، يىگىت قىزنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى .ئارىدىن بىر ھەپتەئۆتۈپ ئۇلارنىڭ توي چېيى بولدى .ئۆزىنى يىگىتلەر  ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ بىلگەن ئالىكېسقا بۇيېڭىلىق  تۇيۇلۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغانئىدى .بۇ تۇيۇقسىز ئىشتىن دىكنىڭمۇ ھېس – تۇيغۇلىرى ئويغۇنۇپ كەتتى .ئۇ قىزنىڭيېنىغا كېلىپ غەزەپتىن دۇدۇقلاپ كەتكىنىچە ۋاقىرىشقا باشلىدى .

-    ئۇ سەن ئۈچۈن تولىمۇيات  ، سەن ئۇ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيسەن –دېدى.

-    مەن شۇنى ياخشى بىلىمەنكىمەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن

-    قانداق قىلىپ ئۇنى بىلىشىڭمۇمكىن ، سەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئەمدى بىر ھەپتە بولغان تۇرسا .

-    ھەممە ئادەم ئۆزمۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ئون بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ يۈرۈۋەرمەيدۇ  - دېدى ئالىكېس ئەسەبىلىشىپ .

يىگىتنىڭ يۈزى تاتىرىپ كەتتى .

-    مەن سېنى تۈنجى ئۇچراتقانكۈندىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغان ، مەن سېنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن –دېدى يىگىت .

-    مەنمۇ ھەم شۇنداق دەپئويلىغان ئىدىم – دېدى ئالىكېس ئىقرار بولۇپ .- ئەمدى ئويلاپ باقسام مۇھەببەتھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەنمەن .

دىك ئەۋۋەل يالۋۇردى ،ھەتتا دوق – پوپوزىمۇ قىلىپباقتى .ئالىكېسنىڭ كۆڭلىنى ئىگەللىۋالغان ئادەم ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىپباقتى .

قۇياشلىق تاڭدا ئالىكېس دەرىزىگە يۆلەنگىنىچە ئاشۇسۆھبەتنى ئەسلەپ چىقتى .ئۇنىڭ تۇرمۇش قۇرغۇنىغا بىر ئاي بولغان ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىتولىمۇ بەختلىك ھېس قىلاتتى . جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن ئېرى ئۆيدىن ئايرىلىپكېتىۋاتقاندا ئۆزىنى قانداقتۇر بىر بىئاراملىق ئىچىدە ھېس قىلىۋاتاتتى . بۇ بىئاراملىقنىڭ  سەۋەپكارى دىك ئىدى .

ئۇ ئەرگە تەككەندىن بۇيان ئۈچ قېتىم ئوخشاش بىر خىلچۈش كۆردى . ئېرى ئۆلۇپ ياتقانمىش ، دىك ئۇنىڭ بېشىدا ھىجىيىپ كۈلۈپ قاراپتۇرغانمىش . ئۇ ئېرىنىڭ قاتىلىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغانمىش ، تولىمۇ دەھشەتلىكى ئۇئېرىنىڭ ئۆلگىنىدىن خۇشال بولۇۋاتقۇدەك .ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ ئۇنىتەبرىكلەۋاتقانمىش .ھەممە چۈشى بىر خىل ،دىك ئايالنى قۇچۇغىغا ئېلىش بىلەنئاخىرلىشاتتى .

تېلفوننىڭ ئادەمنى قورقۇتقۇدەك جىرىڭلىشى بىلەنئايالنىڭ خىيالى بۆلۈندى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ تۇرۇپكىنى ئالدى .

-    نېمە دېدىڭىز ؟ كىم بولىسىز؟

-    ئالىكېس ئاۋازىڭغا نېمەبولدى ، مەن سېنى تونىماپتىمەن . مەن دىك .

-    قەيەردىن تېلفونقىلىۋاتىسەن ؟

-      ‹‹سەيياھ تۇغى ›› دېگەن مېھمانخانىىدىن ، ئىسمى ئاشۇنداق ئىكەن .سەن بۇنداق مېھمانخانىنىئاڭلاپ باققانمۇ ؟ مەن پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن بۇ يەرگەكېلىمەن .بۈگۈن سىلەرنىڭ ئۆيگە بارسام بولامدۇ ؟

-    ياق – دېدى ئالىكىسقەتئىيلىك بىلەن – ئەڭ ياخشى كەلمىگىن .

ئارىنى سۈكۈت قاپلىدى .دىك يەنە سۆزلەشكە باشلىدى ،ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازى باشقىچىرەك چىقىۋاتاتتى .

-    مېنى كەچۈرگىن – دېدى سوغاقئاۋازدا – ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايمەن .

ئالىكېس ئالدىراپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى .ئۇنىڭمۇئامىلىسى يىگىتكە قاتتىق بىلىنىپ كەتكەن ئىدى .ئۇ ئۆزىنىڭ راسلا خاتا قىلىپقويغانلىقىنى ھېس قىلدى .شۇ سەۋەپلىك ئايالمۇ جىددىلىشپ كەتتى .

-    مەن پەقەت .. دېمەكچىمەنكى.. بىز بۈگۈن سەل ئالدىراش – ئۇ سۆزىنى تېخىمۇ تەبىئىرەك چىقىرىش ئۈچۈن – ئەڭياخشىسى ئەتە كەچلەردە كەلگىن  - دېدى .

بىراق يىگىت ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنىسېزىپ قالغان ئىدى .

-    رەھمەت – دېدى بايىقىئاھاڭدا – ئەتە بىرەر يەرگە بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن . بۇ دوستۇمنىڭ كېلىش -كەلمەسلىكىگە باغلىق .خوش ، ئالىكېس –دېدى ئۇ ئالدىراپ – بەختلىك بول ئەزىزىم -دەپ – قوشۇپ قويدى .

ئالىكېس تېلفون تۇرۇپكىشىنى قويۇپ يەڭگىل تىن ئالدى. ‹‹ ئۇ بۇ يەرگە كەلمەسلىكى كېرەك . ئۇ بۇ يەرگە كەلمەسلىكى كېرەك ›› دەپ ئىچىدەنەچچە قېتىم تەكرارلىدى . مەن نېمە دېگەن ئەخمەق ھە ، يەنىلا ئۇنىڭ كېلىشىنىخالاۋاتىمەن . ياق ، ئۇ كەلمىسا مەن خۇشال بولىمەن .

ئۇ ئۇستەل ئۇستىدىكى ئاددىغىنە شىلەپىسىنىئېلىپ  كەيدى ، يەنە باغقا چىقتى –دە ، ئۆيئالدىغا ئىلىپ قويۇلغان ‹‹ بۇلبۇل ماكانى ››دېگەن لەۋھەگە قارىدى .

-    بەك غەلىتە ئىسىمكەنغۇ ؟ -دەپ سورىغان ئىدى تويدىن بۇرۇن جورالاددىن .

-    ھەسەلىم – دەپ ئەركىلەتكەنئىدى ئۇ – ئىشىنىمەنكى سەن مۇشۇ چاققىچە بۇلبۇل خانىشىنى ئاڭلىمىغان بولساڭ كېرەك،لېكىن مەن بۇنىڭدىن خۇشالمەن .بۇلبۇللا پەقەت ئاشىقلار   ئۈچۈنلاسايرايدۇ .ئەمدى بىز كەچلىرى بۇلبۇل پىغانىنى بىرگە ئاڭلاپ تۇرىمىز – ئۇ ئىشىكئالدىدا تۇرۇپ بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇ  بەختتىن مەس بولغان ئاشۇ ئاخشامنى يادىغاكەلتۇردى .

بۇ‹‹ بۇلبۇل ماكانى›› نى تاپقان خورلاد ئىدى .ئۇ بىرقېتىم ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراپ كېلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر جاينى تاپقانلىقىنى ،بۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ ھاياتتا ئادەمگە بىر قېتىم نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئۆينى ئالىكېس كۆرۈپمۇياختۇرغان ئىدى . بۇ ئۆي ئەڭ يېققىن دېگەن مەھەلە بىلەنمۇ ئىككى مىل كېلەتتى ،بىراق كونىچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان ئۆيدە ئىىسىق سۇ ، توك ، تېلفون قاتارلىق تۇرمۇشقاكېرەكلىك ھەممە نەرسە بار ئىدى .ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ بۇ يەرگە مەھلىيا بولۇپ باشقائۆي ئىزدەشكىمۇ رايى بارمىدى .لېكىن بىر ئىش چىقىپ قالدى ، ئۆي ئىگىسى ئالدىندېيىشكەن بويىچە ئۆينى ئىجارىگە بەرمەيدىغان نەق پۇلغا ساتىدىغان بولۇپ قالدى .

جورلاند تاپاۋىتى خېلى ياخشى بولسىمۇ ئۆزىنىڭپۇلىدىن چىقىرىشنى خالىمىدى ، ئۇ مىڭ فونت چىقىرالايتتى .ئۆتنى بولسا ئۈچ مىڭغاباھالىغان ئىدى .ئالىكېس ئۆينى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچىبولدى .ئۇنىڭ چېكىدىكى پۇلنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش خېلى ئاسانغا چۈشەتتى .ئۇ ئۆزمەبلىغىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆينى سېتىپ ئېلىشقا ئىشلەتتى .

ئاخىر ئۆي ئۇلارنىڭ بولدى ، ئالىكېس بۇ ئۆينىسېتىۋالغىنىغا ئەپسۇسلانمايتتى .ئېرىنىڭ قەيسەرلىگى ،ئۆزبېشىمچىلىقى بۇ يەردىكىخىزمەتكارلارغا ياقمىدى ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن كېتىپ قېلىشتى .ئۆيئىشلىرىنى قىلىشنى سېغىنىپ قالغان ئالىكېس بۇ ئىشلارنى جان دەپ قولىغا ئالدى.باغدىكى گۈللەرنى پەرۋىشلەش ئۈچۈن يېققىن مەھەلىدىكى قېرى باغۋەن بىر ھەپتىدەئىككى قېتىم كېلىپ پەرۋىش قىلاتتى .

ئۆي تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئالىكېس باغداگۈللەرگە قاراۋاتقان باغۋەننى كۆرۈپ ئەجەپلەندى .ئۇ ئاساسەن دۇشەنبە ۋە خۇمە كۈنى كېلەتتى – بۈگۈن بولساچارشەنبە ئىدى .

-    جورج بۇ يەردە نېمەقىلىۋاتىسەن؟ – دەپ سورىدى ئالىكېس يېققىن كېلىپ .

-    مەنمۇ شۇنى سورايدۇ دەپپەرەز قىلىپ تۇرغان ئىدىم ، خانىم .جۇمە كۈنى قۇدىمىز زىياپەت بەرمەكچى ئىدى .ئۆزەمچەمارتىن جاناپ ۋە ئۇنىڭ مۆھتىرەم خانىمى بىر قېتىم جۇمە ئورنىغا چارشەنبە كۈنى ئىشلەپبەرسەم ، قارشى چىقماس دېدىم .

-      ئەلبەتتە – دېدى ئالىكېس – تازا بىر كۆڭۇل ئاچايدەپسەن –دە ؟

-    بۇ ئېنىق – دېدى قېرىباغۋەن ساددىلىق بىلەن – پۇل تولىمەيدىغاننى بىلىپ تۇرۇپ قانغۇچە يەپ – ئىچىشكىمگە ياقمايدۇ دەيسىز ؟. خانىم سىز كېتىپ قالسىڭىز قايتا كۆرۈشەلمەسلىكىمىزمۇمكىن ، شۇڭا زورۇر تاپشۇرۇقلىرىڭىز بولسا ئېيتىپ قويۇڭ دېمەكچى ئىدىم .قاچانماڭىسىز ياكى ئېنىق ئەمەسمۇ ؟

-    مەن ھېچيەرگە كەتمەيمەن

-    ھە ، ئەتە ئەتتىگەنلوندونغا بارمامسىلە ؟ - ئەجەپلەندى جورج .

-    ياق ، بۇ گەپنى نەدىنتاپتىڭ ئەمدى ؟

جورج يەلكىسىنى قىستى .

-    مەن ئاخشام خوجايىن بىلەنمەھەلىدە ئۇچرىشىپ قالدىم . ئەتىكى كۈندە لوندونغا  ئايرۇپىلان بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى ، قاچانكېلىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى .

-    مۇنداق دە – دەپ كۈلدىئالىكېس – سەن ئۇنىڭ گېپىنى باشقىچە چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايسەن .

ئۇ ئەسلى جورلاندنىڭ چالغا نېمە دېگەنلىكىگە قىزىقىپقالغان ئىدى . ئۇ بۇ چاققىچە ئۇ يەرگە ، لوندونغا بېرىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى.

-    مېنىڭ لوندوننى كۆرگۇم يوق –ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇ گەپلەر چىقىپ كەتتى .

-    ھە ، ئەمىسە مەن راستلاباشقىچىراق چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايمەن – دېدى جورج خاتىرجەم ئاۋازدا – لېكىن ئۇ ئېنىقشۇنداق دېگەن ئىدى .بەربىر سىز بۇ يەردە قالىدىكەنسىز ،بۇنى ئاڭلاپ خاتىرجەمبولدۇم .راستنى دېسەم لوندون ماڭىمۇ ياقايدۇ .ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە قىلىمەن.باشقىلار ئۇ يەرنى ماشىنىلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ .ئادەم ماشىنا ئالسىلابىر يەردە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن .مېنىڭ بۇرۇنقى خوجايىنىم ئېيمىس ئەپەندىماشىنا ئېلىشتىن بۇرۇن بەكمۇ ئېغىر - بېسىق ئادەم ئىدى .بىر ئاي بولمايلا ئۆينى ساتىدىغانبولۇپ قالدى . ھەر بىر ئۆيگە توك ،گاز ،تېلىفون ئېلىپ كىردى .بۇلارنى باقالمايسەندېسەم  ‹ بىلەمسەن، مەن بۇ ئۆينى ئىككى مىڭفونتقا ساتاي دەۋاتىمەن › دېدى .مانا دېگىنىدەك قىلدى .

-    ئۇ ئۆينى ئۈچ مىڭ فونتقاساتتى – دېدى ئالىكېس چالنىڭ گېپىنى توغۇرلاپ .

-    ئىككى مىڭ – دېدى جورجقايتىلاپ – بۇ تووغرىسىدا مەن نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم . بۇنى ھەممىسى بىلىدۇ

-    مەنمۇ بىلىمەن ، ئۈچ مىڭنىساناپ بەرگەنمىز – دېدى ئالىكېس گېپىدە چىڭ تۇرۇپ .

-    ئاياللار ھېساپ – كىتاپقاسەل خام كېلىدۇ – دېدى جورج قەيسەرلىك بىلەن – سىز ئېيمىس ئەپەندىنىڭ ئۈچ مىڭنىسورىغانغا ئىسپارت بېرەلەمسىز ؟

-    ئۇ مەن بىلەن ئەمەس ئېرىمبىلەن سودىلاشقان .

جورج گۈللەرگە ئېڭىشتى .

-    ئۆي ئىككى مىڭغا سېتىلغان –ئۇ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى .

ئالىكېس ئۇنىڭ بىلەن تاكالىشىپ ئولتۇرماي ،نېرىراقتىكى گۈللەر يېنىغا بېرىپ گۈلدەستە تىزىشقا باشلىدى . ئۇ گۈللەرنى باغرىغاباسقانچە ئۆيىگە كېتىۋېتىپ ، چوپلەر ئارسىدا پاقىراپ تۇرغان بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالدى. ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى ، بۇ يولدىشىنىڭ خاتىرە دەپتىرى ئىدى . ئۇ قىزىقىش بىلەنخاتىرىنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى .

ئالىكېس توينىڭ دەسلەپكە كۈنلىرىدە ئېرىنىڭ تولىمۇھېسىياتچان ، تەبىيىتىدىن قەتئىلىكىنى ، ناھايىتى تەرتىپ ۋە سەۋىرلىكى بىلەنباشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدى .ئۇلار تاماقنى بىرلىكتە دەلۋاقتىدا يەيتتى ،ئۇ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ۋاقىت تەرتىۋى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپقوياتتى .

ئۇ خاتىرىنى ۋاراقلاۋېتىپ ، مۇنۇلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىتۇتالماي كۈلۈپ كەتتى .

‹‹ ئالىكېس بىلەن توي .ئەۋلىيا پيوتېر چېركاۋسى ،سائەت 2:30 ››

-قىززىقچى  - دېدى ئالىكېس كۈلۈپ . ئۇ باشقا بەتلەرنىئاچتى .بۈگۈنكى ۋاقىت . ئۇ ھۆسنىخەت بىلەن ‹ كەچقۇرۇن .سائەت 9:00 › دەپ يازغانئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە يېزىلمىغان ئىدى .‹ قىززىق، بۈگۈن كەچ  سائەت توققۇزدا نېمە قىلماقچىدۇ ؟ › ئەجەپلەندىئالىكېس .‹ئەگەر بىرەر ئايال بىلەن ئىلكىشىپ قالغان دېگەن گۇمان بولغاندىمۇ ، بۇمەخپى دەپتەردە بىرەر بەلگە بولاتتى ›دەپ ئويلىدى ئالىكېس سىرلىق كۈلۈپ .بىراق بۇيەرگە بىرەر يات ئايالنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان ئىدى .ئالىكېس ئېرەنچىلىك بىلەن باشقاۋاراقلارنى ۋاراقلاپ چىقتى ، قانداقتۇر سانلار ، چۈشۈنۈكسىز بەلگىلەر ۋە بىر تاللائىسىم – ئۇنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىدى .ئۇ خاتىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيىگە كىرىپكەتتى .بىراق بىردىنلا يۈرۈكىگە قانداقتۇر تەشۋىش كىرىۋالدى . قۇلۇقىغا دىكنىڭسۆزلىرى تەكرارلىنىشقا باشلىدى .

- ئۇ ساڭاناتونۇش بىر ئادەمغۇ ؟ سەن ئۇ ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيسەنغۇ ؟

راست ، ئۇنىڭبۇرۇنقى ئىشلىرىدىن ھېچنېمە بىلمەيمەن .ئۇ قىرىققا كىردى ،بۇ چاققىچە ئۇنى بىرەرئايال بىلەن بىرگە بولمىغان دەپ كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ .

ئۇ بۇلارنىئويلاشنى خالىمىدى ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلىرى بار ئىدى .دىكتىن تېلفونكەلگەنلىكىنى ئېرىمىگە دەيمۇ ؟ ئۇلارنى مەھەلىدە ئۇچرىشىپ قالمايدۇ دېگىلىبولمايتتى . ئەمما ئالىكېسنىڭ دىك ھەققىدە ئېرىگە بىر نەرسە دېگۇسى يوق ئىدى.ناۋادا دېسە ئېرى ئۇنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى .ئۇچاغدا دىكنىڭ كەلمەكچى بولغانلىقىنى تەن ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .ئۇ چاغدا ئېرىبۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ قالسىچۇ ؟

ئۇ بۇخىجىلچىلىتىن قىينىلىپ بۇ ھەقتە ئېرىگە ئېغىز ئاچماسلىققا قارار قىلدى .بۇ ئۇنىڭئېرىدىن يوشۇرغان  تۈنجى سىرى ئىدى .

كەچلىك تاماققايېققىن ئېرىنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىدىكى تەشۋىشنى يېڭىش ئۈچۈنتاماق تەييارلشقا كىرىشىپ كەتتى .

ئېرىنىڭتۇرقىدىن دىك بىلەن ئۇچراشمىغاندەك قىلماتتى .ئالىكېس خاتىرجەملىك بىلەن بىرگەقانداقتۇر بىر قولايسىزلىقنى سېزىپ تۇراتتى .ئىپاردەك ھاۋا كىرىۋاتقان دەرىزەئالدىغان قويۇلغان ئەمەن ئۇستەل ئەتراپىدا كەچلەك تاماقنى يەۋاتقاندا ئالىكېسنىڭخىيالىغا ھېلىقى خاتىرە كەلدى .

-    ئەتتىگەن گۈللەر ئارىسىدىنتېپىۋالدىم – دېدى قولىدىكى خاتىرىنى ئېرنىڭ تىزىغا تاشلاپ .

-    ھە باغدا چۈشۈرۈپ قويغانئىكەنمەن – دە .

-    ھە ، سېنىڭ سىرلىرىڭنىئانچە – مۇنچە بىلىۋالدىم .

-    مېنىڭ ھېچقانداق گۇناھىميوق – دېدى جورلاند باش چايقاپ .

-    بۈگۈن كەچ سائەت توققۇزداكىم بىلەن ئۇچراشماقچى ئىدىڭ ؟

-    ھە شۇ گەپمىدى – ئۇ باشتابىردەم تەمتىرەپ قالدى ،لېكىن بىردىنلا تۇيۇقسىز بىر كۈلكۈلىك ئىشنى ئەسلەپقالغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويدى – ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىشىمىز بارئىدى – ئالىكېس بىلەن . ئۇنىڭ چاچلىرىمۇ سېنىڭكىدەك قوڭىر رەڭدە ، كۆزلىرى كۆك .

-    چۈشەنمىدىم – دېدى ئالىكېسئۆزىنى جىددىلەشكەندەك كۆرسۈتۈپ – نېمىشقا گەپنى ئايلاندۇرۇپ دەيسەن ؟

-    ياق ، بىلەمسەن ، بۈگۈن بىرئىككى پارچە نېگاتىۋنى يۇيۇشۇم كېرەك ئىدى ،شۇنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويماي دەپيېزىپ قويغان ئىدىم.ئۇنى قىلىشقا سېنىڭمۇ ياردەملىشىشىڭ كېرەك – ئېرى ئىشتىن سىرترەسىم تارتىشقا ھەۋەس قىلاتتى .

-    ئۇنى دەل سائەت توققۇزداقىلىش شەرتمۇ ؟

-    جانىم – ئۇنىڭ ئاۋازى سەلتىترەپ چىقاتتى – بىلىسەن ، مەن ھەممە ئىشنى قاتتىق پىلان ئىچىدە قىلىمەن . شۇنداققىلغاندا ھەممە ئىش ئۆز ئورنىدا بولىدۇ .

ئالىكېس ئېرىگە ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قاراپئولتۇردى .ئېرى ئۇستەلگە يولەنگۇنىچە تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ قىزغىنلىقچىقىپ تۇرغان يۈزىدىكى ئۈزۈن سىزىقلار غۇۋا يورۇقتا ئېنىق كۆرۇنۇپ تۇراتتى .

تۇيۇقسىز ئايالنى مەۋھۇم بىر ۋەھىمە ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى ۋە بىردىن سۇئالسورىدى :

-    جورلاند ، مەن سەن توغرۇلۇقجىقراق نەرسە بىلسەم دەيمەن .

ئەر ئەجەپلىنىپ خوتۇنىغا قارىدى .

-    ئەزىزىم ئالىكېس ، سەنمېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى بىلىسەنغۇ ؟ ساڭا بورتۇمبەرلەندتە ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىم، جەنۇبى ئافرىقىدا ياشىغانلىقىم ، كېيىنكى ئون يىل كانادادا تۇرغانلىقىم ۋە شۇيەردە ئۆزەمگە يارىشا بايلىق تاپقانلىقىمنى ساڭا دەپ بەرگەن ئىدىمغۇ .

-    ھەممىسى شۇما – سورىدىئالىكېس كۈلۈپ .

-    ھە ،سېنىڭ نېمەگەقىزىقىۋاتقانلىقىڭنى بىلدىم – دېدى ئۆزىنىڭ قۇتۇلالمايدىغانلىنى ئويلاپ چاقچاققابۇراپ – سىلەر ئاياللار ئوخشاش ، سىلەرنى باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىدىن باشقانەرسە قىزىقتۇرالمايدۇ  ،

ئالىكېس گېلىنىڭ قۇرۇۋاتقانلىىنى ھېس قىلدى ۋە پەسئاۋازدا :

– سەن شۇچاغدا يات ئاياللار بىلەن بىللە  ئارلىشىپيۇرگەنسەن ، مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم .. ناۋادا بىلسەم ..

-    سەن ‹ كۆك ساقال خاسخانىسى› ھەققىدە ئاڭلىغانمۇسەن . توغرا مەن شۇ چاغلاردا ئاياللار بىلەن ئارلىشىپيۇرگەنمەن . مەن بۇنى تەن ئالىمەن .بىراق قەسەم ئىچىپ ۋەدە بېرىمەنكى ، ئۇئاياللار قەلبىمگە سەنچىلىك  چوڭقۇر ئورۇنئالمىغان .

ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى سەمىمىلىكتىن ئالىكېسنىڭ كۆڭلى سەلئارامىغا چۈشتى .

-    ئەمدى خاتىرجەم بولدۇڭمۇ –دەپ سورىدى ئېرى .- بۈگۈن ئەجەپ غەلىتە نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ قالدىڭ ؟

-    ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، بىركۈن نېرۋىلىرىم جىددىلىشىپ يۇردۇم .

-    قىززىق – دېدى ئېرى ئۆزىگە –ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا .

-    نىمىسى قىززىق ؟

-    ھەسىلىم ، سەن نىمىشقابۇنداق قارايسەن ماڭا .شۇنىسى قىززىقكى سەن بۇرۇن بىغەم ھەم ئەركە ئىدىڭ . بۈگۈن...

ئالىكېس زورىغا كۈلدى .

-    قەستەن بولىۋاتقاندەك بۈگۈنھەممە ئىش نېرۋامغا چىقتى . ئاۋۇ قېرى جورج لوندونغا قاچان كېتىسىلەر دەپ چىشىمغا تەگدى .ئۇ بۇ گەپنى سەندىنئاڭلىغانمىش .

-    سەن ئۇنى نەدە كۆردۇڭ –بىردىنلا ئېرىنىڭ ئاۋازى يۇقۇرى چىقىپ كەتتى .

-    بۈگۈن بىزنىڭكىگە جۇمەكۈندىكى ئىشنى قىلغىلى كەپتۇ .

-    لەنىتى قېرى ساراڭ – دېدىئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ .

ئالىكېس ئۇنىڭ بۇنداق غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپھەيران بولدى .ئۇ ئېرىنى ھېچقاچان بۇنداق ئەلپازدا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى .ئايالىنىڭچىرايىدىكى تەئەجۇپنى كۆرۈپ ئۇ دەرھال ئىزاھات بېرىشكە باشلىدى .

-    راستلا ئۇ قېرى ئەقلىدىنئازغان ئوخشايدۇ .

-    سەن بىرنەرسە دېگەنمۇ ؟

-    مەنما ؟ مەن ھېچنەرسەدېگىنىم يوق .ھە ، ھېلىقى ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى .مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ بىزلوندونغا باراي دەۋاتىمىز دېگەن ئىدىم ، ئۇ راس دەپ بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ .بەلكىمخاتا بىلىپ قالغاندۇ . سەن ئۇنىڭغا چۈشەندۇرۇش بەرگەنسەن .

-    ھە ، ئاڭلىغىنىنى راست دەپتۇرۇۋالىدىغان قېرىكەن ئۇ .  

ئالىكېس ئېرىگەئۆي ئىككى مىڭ فونتقا سېتىلغان دەپ قاتتىق تۇرۇۋالغانلىقىنى سۆلەپ بەردى .ئېرىبىردەم جىم تۇرغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا :

-    ئېيمىس ئىككى مىڭنى ئالدىنساناپ ئالدى .قالغان مىڭنى كېيىن  جوندەپبەرمەكچى بولغان ئىدىم .شۇنى بىلىۋالغان ئوخشايدۇ ئەمىسە –دېدى .

-    مانا ھەممىسى ئايدىڭ بولدى –دېدى ئالىكېس يەڭگىللەپ – ئۇ شۇنداق دېگەچ تامدىكى سائەتنى ئىما قىلىپ كۆرسەتتى –ئەمدى ئىشىمىزنى باشلايلى ھېلىمۇ بەش مىنۇت كېچىكىپتىمىز .

جورلاندنىڭ چىرايىدا چۈشۈنۈكسىز بىر كۈلكە پەيدابولدى .

-    مەن ئويلاپ باقسام – دېدىخاتىرجەم ئاۋازدا – بۈگۈن يەنىلا رەسىمگە تارتاي .

ئاياللار تەبىئىتىدىن ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ.ئالىكېس ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىپ ماڭغاندا خاتىرجەم ھەم ئۆزىنى بەختلىك سەزدى .ئۇنىڭبەختىگە سايە تاشلاشقا باشلىغان بۇلۇتلار تارقاپ كەتكەن ئىدى .

بىراق، ئەتىسى كەچقۇرۇن كىمدۇر ، نېمىدۇر ئۇنىڭبەختىگە قارا كۆلەڭگە تاشلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .دىك ئۇنىڭغا تېلفون قىلمىغانبولسىمۇ ئۇ خىيالىدا بۇ ساراسىمىنىڭ سەۋەپچىسى شۇ دەپ قارايتتى . ‹ ئۇ ساڭا تولىمۇياتقۇ ؟ سەن ئۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيسەنغۇ ؟ ›ئالىكېس ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قايتا –قايتائەسلىدى .بىردىنلا ئاخشام ئېرى ئۆزىگە دېگەن سۆزلىرى كەلدى .‹‹ ‹كۆك ساقالخاسخانىسى ›  ھەققىدەئاڭلىغانمۇ سەن ؟ ›. كۆك ساقال ھەققىدىكى ھېكايىنى ئۇ كىچىك چاغلىرىدا كىتاپتىنئوقۇغان ئىدى . ئۇ تولىمۇ سىرلىق ،شەپقەتسىز ، خوتۇنباز ئىدى . ئەمدى ئېرى ئۇنىتىلغا ئېلىپ نېمە دېمەكچى ؟ بۇنداق دېيىش بىلەن مېنىڭ شەخسى تۇرمۇشۇمغا ئارلاشمائاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دېمەكچىمۇ ؟

جۇمە كۈنى سەھەردە ئېرىنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىشقاكۈچەپ كەتكىنىدىن ئايال ‹كۆك ساقال خاسخانىسى ›نىڭ بارلىقىغا ئىشەندى .يۈرىكىدەئاستا – ئاستا پەيدا بولىۋاتقان رەشك ئوتىدىن پۇچۇلۇشقا باشلىدى.ئۇلار تۈنۈگۈنسائەت توققۇزدا ئۇچرىشىشقا پۇتۇشكەن ، رەسىم يۇيىمەن دېگىنى ئۇنىڭ ئويلاپ تاپقانباھانىسى دەپ بىلدى .

ئۈچ كۈن ئەۋۋەل بولغان بولسا ئۇ مەن ئېرىمنى ياخشىچۈشۈنىمەن دەپ ۋەدە بېرەلىگەنمۇ بولاتتى .بۈگۈن بولسا ئېرى ئۇنىڭغا پۇتۇنلەيناتونۇش ئادەم بولۇپ كۆرۈنىۋاتاتتى .ئۇنىڭ قېرى جورجقا بولغان ئورۇنسىز قەھرىنىئويلىدى . ئۇ بۇرۇنقى خۇشال سەمىمىي جورلاندقا ئوخشىماي قالغان ئىدى . راستلا ئۇنىغەپلەت باسقاندۇر ، ئۇ ئېرىنىڭ ھەقىقى كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك ؟

جۇمە كۈنى ئۇ مەھەلىگە بېرىپ ئۇششاق – تۈششەك نەرسەسېتىۋېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى .بۇ ھەقتە ئېرىگە دېگەندە ، ئۇ قەتئىي رەت قىلىپ ئۇنىباغدا قېلىشقا مەھەلىگە ئۆزى بېرىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئايالنىڭ يەنەگۇمانىنى قوزغىدى . نېمىشقا مېنىىڭ بېرىشىمغا قارشى تۇرىدۇ ؟

بەلكى ئۇ ماڭا گەپ قىلماي دىك بىلەن سۆزلىشىپكەلمىچىمىدۇر ؟ ئالىكېسنىڭمۇ مۇگدەپ ياتقان رەشك ئوتلىرى ئەمدى ئويغاندىغۇ ؟ئۇنىمۇ شۇنداق بىر رەشك قىيناۋاتقان بولىشى مۇمكىنغۇ ؟ ئۇ مېنى دىك بىلەنئۇچراشتۇرماسلىق ئۈچۈن مېنى ئۇ يەرگە بارغىلى قويمايۋاتقان بولسىچۇ ؟ ئەنە شۇخىياللار ئايالنى ئاۋارە قىلدى ، ھەمدە ئۇنى سۈبھىلىك ئوي – خىياللاردىن نېرىقىلغان ئىدى .

ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قالايمىغان خىياللار يەنە ئۇنىقىيناشقا باشلىدى .ئۇ ئۆزىنى بۇ بىمەنە ھېسلارنىڭ قورشاۋىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ بىرەرئىش بىلەن بەنت بولماقچى بولدى .قولىغا دەسمالدىن بىرنى ئېلىپ ئېرىنىڭ خانىسىنىيىغىشتۇرماقچى بولۇپ ماڭدى .

‹ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم كامىل بولسا ئىدى ،بۇئازاپلاردىن قۇتۇلار ئىدىم › دەپ پىچىرلىدى ئايال ئۆز – ئۆزىگە .

ئۇ ئىككى قۇتىغا دېققەت قىلدى بىرى پۇل سالىدىغانكىچىك ساندۇق ، يەنە بىرى يېزىق ئۇستىلىنىڭ سول تەرىپىگە قويۇلغان كىچىككىنە قۇدائىدى .ئالىكېس ھېچنەرسىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرمىدى .ئۇ ئەنە ئىككى قۇتىنىڭبىرىدىن ئېرىنىڭ ئۇ بىلمەكچى بولغان سىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇمۇد قىلاتتى .ئۇئېرىنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئاچقۇچلارنى ئاشخانىدىكى ئۇستەلنىڭ تارتمىسىغاقويىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى .ئۇ ئاچقۇچلارنى ئېلىپ كېلىپ قۇتىلارغا سېلىشقاباشلىدى .ئۈچۈنجى ئاچقۇچ  يېزىقئۇستىلىدىكى قۇتىغا كەلدى .ئالىكېس ھاياجاندىن قوللىرى تىترەپ ئۇنى ئاچتى.ئۇنىڭدىن پۇللار سېلىنغان قاپچۇق ، كەينى تەرىپىدىن بىر باغلاپ مەكتۇپ چىقتى.ئالىكېس نەپسى تىقىلغۇدەك بولۇپ مەكتۇپنى باغلىغان يىپنى يەشتى .ئۇنىڭ يۈزىئۇياتتىن لاۋۇلداپ كەتىى ،ئۇ خەتلەرنى جايىغا قويۇپ تېزلا قۇتىنى يېپىپ قويدى .بۇخەتلەرنى تويدىن بالدۇر جورلاندقا ئۆزى يازغان ئىدى .ئۇ ئەمدى پۇل سېلىغان قۇتىغايېپىشتى .ئۇ جورلاند ھەققىدىكى گۇماندىن خالى بولۇش ئۈچۈن ھەممىگە تەييارلىق قىلىپقويغان ئىدى .ئۇ ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنىڭ بۇنىڭدىن تېپىلىشىغا ئانچە ئىشەنچىبولمىسمۇ ، ئەسەبىي تۇيغۇلىرى ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى .

قېرىشقاندەك ھېچقايسى ئاچقۇچ بۇ قۇتىغا چۈشمەيقېلىۋاتاتتى ، ئالدىراپ كەتكەن ئالىكېس بىر مەھەل ئىزدەپ باشقا بىر ئۆيدىن بىرتىزىق ئاچقۇچنى تېپىپ كەلدى .ئاخىرى قۇلۇپ ئېچىلدى . لېكىن بۇ يەردىن ۋاقتى ئۆتكەن، تۇپا –چاڭ باسقان گېزىت پارچىلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە چىقمىدى .

ئالىكېس يەڭگىل نەپەس ئالدى .ئۇنى ئەمدى بىر نەرسە –نەچچە يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كېلىنگەن گېزىت پارچىلىرى قىزىقتۇرماقتا ئىدى.بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خېلى يىللار ئەۋۋەل ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغانگېزىتلەردىن كېسىپ ئېلىنغان ئىدى .بىر پارچىسىدا ئەشەددى خوتۇنباز ، ئالدامچىچارلىز . لېمىتېرنىڭ جىنانەتلىرى يېزىلغان ئىدى .ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە لېمىتېر ئۆزتورىغا ئىلىنغان ئاياللارنى ئۆلتۇرگەن دەپ ئەيىپلەنگەن ئىدى . ئۇ ئىجارىگە ئالغانئويدىكى پولنىڭ ئاستىدىن ئايالنىڭ جەسەت سۆڭىكى تېپىلغان ،كېيىن ئۇ ئۆيلەنگەنئاياللار ھەققىدە ھېچكىم ھېچنەرسە بىلمىگەن .  

ئۇ ئۆزىگە ئارتىلغا ئەيىپلەشتىن ئۇستىلىق بىلەنھىمايىلىنىش ئۈچۈن ئا ق ش دىن ئەڭ كۈچلۈك ئادۋۇكاتتىن بىرنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.شوتلاندىيە باش سوتى ئۇنىڭ ئىشىنى كۆرۈپ چىقىپ ، يېتەرلىك ئاساس بولمىغانلىقىئۈچۈن ئۇنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاساسىي ئەيىپلەشتىن ئامان –ئېسەن قۇتۇلۇپ ،كىچىگىرەك بىر جىنايەت بىلەن قاماقتا بىرنەچچە يىل يېتىپ چىققان .

ئالىكېس بۇ ھەقتە ئاڭلىغان ئىدى ، بىر مەزگىللىمېتېر ھەققىدە شاۋقۇنلار ئەنگىلىيىنى قورقۇنۇچقا سالغان ئىدى .ئايال لېىمېتېرنىڭبۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن قاياققىدۇر قېچىپ كەتكەنلكىنى ئاڭلىغان ئىدى .ئۇنىتۇتالمىغان ئىدى . بۇ مەھھۇم ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئاياللار ئۇستىدىن ئېلىپبارغان ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقى خېلى ئۇزۇنغىچە ئەنگىلىيە گېزىتلىرىنىڭ دېققەتمەركىزى بولۇپ قالغان ئىدى .

گېزىت پارچىسىنىڭ بىرىدە لىمېتېرنىڭ سۈرىتى بېسىلغانئىدى . ئالىكېس زىيالى سۈپەت ساقال قويغان بۇ قانخورغا خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى .ئۇكىمگىدۇر بىرىگە ئوخشاۋاتاتتى . ئۇنى جورلاندقا ئوخشاتتى –دە ،پۈتۈن بەدىنىنىتىترەك بېسىپ كەتتى .قاش – كۆزلىرى دەل جورلاندنىڭ ئۆزى ئىدى . ئۇ سۈرەت ئاستىدىكىچۈشەندۇرۇسنى ئوقۇشقا باشلىدى .ئۇنىڭغا يېزىلغان بەزى سانلار ئالىكېس تېپىۋالغانخاتىرىدىكى سانلار بىلەن ماس كەلگەن ئىدى ، بۇ سانلا ئۇ ئۆز قۇربالىرىنى يوقۇتۇشئۈچۈن بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىدى .

گۇۋاھ بولغان بىر ئايالنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ سولبېلىكىدە  كىچىك بىر تاتۇق بارلىقىنىئېيتقان ئىدى .ئالىكېس ھاياجانلىنىپ قولىدىكى قەغەزلەرنىڭ قولىدىن چۈشۈپكەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالدى .شۇنداق ئۇنىڭمۇ سول بېلىكىدە ئاشۇنداق تاتۇق بارغۇ ؟

ئۇنىڭغا پۈتۈن ئۆي چاقپىلەكتەك پىقىرغاندەك بىلىنىپكەتتى .ئۇ سەل ھۆشىغا كېلىپ كاللىسىغا كەلگەن بىرىجى ئوي شۇ بولدى – جورلاند دەلچارلىز .مارتىن . ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولۇشقا باشلىدى . ئۆي ئۈچۈنتۆلەنگەن پۇل .. بۇ پۇل ئۇنىڭ ئىكەن . ئۇ يېنىدىن بىر سېنت چىقارمىغان .دېمەككۆرگەن چۈشى ئاساسسىز ئەمەس ئىكەن .سەزگۇلىرى تەبىئىي رەۋىشتە جورلاند. ماتېندىنخەۋپسىرەپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئىكەن .بۇ ياردەمنى تەبىئىي رەۋىشتە دىكتىنكۈتكەن ئىكەن .دېمەك ، لىمېتېرنىڭ نۆۋەتتىكى قۇربانى ئۆزى ئىدى . بەلكىم يېققىنئارىدا ...

ئۇ خاتىرىدىكى ‹ چارشەنبە ، كەچ سائەت 9:00 ›دېگەننى ئەسلەپ سەسكىنىپ كەتتى .بىردىنلا تامدىن تاش يۆتكەشكە قولايلىق بولغانگەمە ئېسىگە كەلدى .دېمەك ، ھەممە نەرسە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ پۇرسەتنىئالدىن يېزىپ قويغان ..جورلاند ھەممە نەرسىنى ئالدىن پىلانلاپ قويغان .قاتىللىقئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە كۆڭۇل خۇشلىقىدەك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان .

بىراق ئۇنىڭ ئۇستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم نېمىشقاكەينىگە سۈرۈلدى ؟ ئۇنى كىم ياكى نېمە قۇتقۇزۇپ قالغان بولغىيتتى ؟ ھە ،شۇنداققېرى جورج قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى .ئېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەنكۆكۈرۈپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەندى .ئېنىقكى ، ئۇ پىلانىنى ئىزسىز ئەمەلگەئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا زىمىن ھازىرلىغان ئىدى .كۆرۈنگەن كىشىگە ئەتە لوندونغا بارىمىزدېگەن ، كۈتمىگەندە جورج باغقا كېلىپ قالغان ، بۇ ھەقتە ئالىكېسنى خەۋەرلەندۇرۇپقويغان ، ئايال بۇ گەپكە ئىشەنمىدى . ئۇ كۈنىكى گەپنى چال ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالغانبولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ پىلانىنى ئىجرا قىلمىغان .دېمەك ، ئۇنى خۇدا ئاسراپقالغان ئىدى .ئالىكېسنىڭ تېنى مۇزلاپ كەتتى .

ئۇنىڭ ئۈچۈنھەر دەقىقە غەنىمەت ئىدى .ئېرى بۇ يەرگە كەلمەي تۇرۇپ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بۇيەردىن قېچىپ كېتىش كېرەك ئىدى .ئۇ ئالدىراپ- تېنەپ  گېزىت پارچىلىرىنى ئورنىغا قويۇپ قۇتىنىقۇلۇپلىدى .

ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئورنىدا تۇرۇپ قالدى .ئۇدەرۋازىنىڭ غىچىرلىغانلىقىنى ، قەدەم تاۋۇشىنى ئاڭلىغان ئىدى .ئېرى قايتىپ كەلگەنئىدى . ئۇ بىردەم قىمىر قىلماي جىم تۇردى ، ئاياق ئۇچىدا مېڭىپ ، پەردىدىن سىرتقاقارىدى .ھەقىقەتەن ئېرى كەلگەن ئىدى . ئۇ قايسىدۇر بىر ناخشىنى غىڭشىغانچە كىرىپكېلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ ئالىكېسنىڭ يۈرۈكى يېرىلىپ كېتەي دەپقالدى . ئۇنىڭ قولىدا يېپيېڭى گۈرجەك بار ئىدى .

بۇ كېچە قانداق بىر مۇدھىش پاجىئەنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقى ئالىكېسنىڭ ئەقلى تونۇپ يەتتى .

لېكىن ، قۇتۇلۇشقا يەنىلا پۇرسەت بار ئىدى ، ئېرىناخشىغا غىڭشىپ ئۆي تەرەپكە كېلىۋاتاتتى . ئالىكېس پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي پەسكەقاراپ ماڭدى .بىراق ئىشىك ئالدىغان كەلگەندە ئېرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى .

-    خالوۋ ، ئالدىراپ نەگە ؟ -دېدى جورلاند ھەيران بولۇپ .

ئالىكېس ئۆزىنى ھەر دائىمقىدەك ۋەزمىن ۋە خاتىرجەم تۇتۇشقا تىرىشتى .ھازىر قېچىشقا ئىمكانيوق ، ئەمما سىر بەرمەي تۇرسا بۇ ئىمكانىيەت چوڭراق  بولۇشى مۇمكىن ئىدى .

-    چىغىر يولغا بېرىپ بىردەمئايلىنىپ كېلەيمىكىن ، بىردەمدە قايتىپ كېلىمەن – ئالىكېس گەپلىرىنىڭ ياسالما ۋەئىشەنچىسىز چىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى .

-    ياخشى – دېدى جورلاند – مەنسەن بىلەن بىللە بارىمەن .

-    ياق بولدى ، بارمىساڭمۇبولىدۇ . بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ ،ئىچىم سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۆزەم ئايلىنىپ كېلەي .

ئېرى ئۇنىڭغا دېققەت بىلەن زەڭ سالدى . ئالىكېسئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى گۇماننى تېزلا سېزىۋالدى .

- نېمە بولدى ساڭا ئالىكېس ؟ چىرايىڭ تاتىرىپكېتىپتۇ ،تىترەپ كېتىۋاتىسەن ؟

- ھېچ ئىش يوق – دېدى ئالىكېس بار كۈچىنى يىغىپ تەبىئىراقكۈلۈشكە زورۇقۇپ – شۇ سەل بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ ، بىر ئايلىنىپ كەلسەم ئوڭشۇلۇپقالىمەن .

- سەن مەنسىن ئۆزەڭنى ئەپ قېچىشقا بىھۇدەئۇرۇنىۋاتىسەن – دېدى ئېرى كۈلۈپ – خالىساڭمۇ – خالىمىساڭمۇ سەن بىلەن بىرگەبارىمەن .

ئالىكېس چىڭ تۇرالمىدى .ئەگەر ئېرى ئۇنىڭ ھەممىدىنخەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسىچۇ ؟ ئۇ مىڭ مۇشەققەت كۈچ چىقىرىپ ئۆزىنىتۇتۇۋېلىشقا ،ئادەتتىكىدەك تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتى .ئالىكېس ساراسىمە ئىچىدەئېرىنىڭ ئۆزىگە گۇمان بىلەن قاراپ قويۇۋاتقانلىقىنى سەزدى .ئۇلار ئۆيگە قايتىپكەلگەندە ئېرى ئۇنى يېتىۋېلىشقا كۆندۇردى .ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك مېھرىبان ھەمسەمىمىي ئىدى . ئايال بولسا ئۆزىنى جەھەننەمگە كېتىپ بارغان ئدەمدەك ئاجىز ھەمبىچارە سېزەتتى .

ئېرى ئۇنى بىر مىنۇتمۇ يالغۇز قويمايتتى . ئۇئاشخانىدىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاددى تاماقنى ئالغىلى بارغاندىمۇ ئۇنىڭكەينىدىن تەڭ چىقتى .ئالىكېسنىڭ گېلىدىن ھېچنەرسە ئۆتمىسىمۇ ،ئۆزىنى مەجبۇرلاپئۇنىڭ – بۇنىڭدىن يىگەن بولدى .ئۆزىنى ئىمكان قەدەر خۇشال ھەم تېتىك تۇتۇشقاتىرىشاتتى .ئۇ ھازىر ھاياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى .ئۇ ھازىركۇشەندىسى بىلەن ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇراتتى ،ھېچيەردىن ياردەم كەلمەيتتى ، مەھەلەبۇ يەردىن ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىل يىراقتا .بىرلا يول بار ئىدى ، ۋاقتىچە بولسىمۇئېرىدىكى گۇماننى تۇگۇتۇپ ، بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ يالغۇز قالغۇدەك پۇرسەتيارىتىش ، بۇ ئارقىلىق پەسكە چۈشۈپ تېلفون ئۇرۇپ ياردەم سوراش ئىدى .

ئالىكېستا باشقا تەرەپتىن بۇنىڭ چارىسىنى تېپىش ئويىتۇغۇلغان ئىدى .شۇ چاغدا تۈنجى قېتىم ئېرىنىڭ قانداق چاغدا ئۆز ئويىدىنيانغانلىقىنى ئەسلەشكە باشلىدى .بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دىك .ۋىندوفورتنىڭ كەلمەكچىبولغانلىقىنى ئېيتسا قانداق بولار ؟ئۇ ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دەپ ، نېمىدۇربىرنەرسىنى ئويلاپ بۇ پىكرىدىن ياندى .ئۇنىڭ جىم تۇرغان ھەييار كاللىسىدا قانداقسەگەكلىكنىڭ يوشۇرنۇپ ياتقانلىقىنى ئۇ بىلمەيدۇ .بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆلۈمپۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن .شۇ سەۋەپتىن ئۇنى ئۆلتۈرىشى مۇمكىن .ئاھ ! دىكراستلا كېلىپ قالسا ھە ؟ بىردىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاجايىپ بىر خىيال كەچتى .ئۇكۆزلىرىمدىن بۇنى بىۋالغاندىمۇ دەپ ئېرىگە قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى .ئۇنىڭ قەلبىگەئۇمۇت نۇرلىرى شولا تاشلاش بىلەن ، ۋۇجۇدى جاسارەت ۋە غەيرەت كىرگەنلىكىنى ھېسقىلدى . ئۇ بىردىنلا بەخىرامان ھالغا كەلدىكى ، بۇنىڭدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى .

-    سەل تۇرۇپ بىللە رەسىميۇيايلى ماقۇلمۇ ؟ - دېدى ئېرى

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ بەدىنىگە چۆمۈلەئولاشقاندەك بولۇپ كەتتى ، لېكىن چاندۇرماي :

-    ئۇ ئىشنى ئۆزەڭ قىلساڭبولمامدۇ ؟ بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىم

-    ئىشىمىز ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ– دېدى جورلاند سوغۇق ھىجىيىپ – كاپالەت بېرىمەنكى ، ئىشىمىز تۈگۈگەندە سەنھارغىنلىقمۇ ھېس قىلمايسەن .

بۇ گەپ ئۇنىڭغا نەشتەر بولۇپ تەگدى .ئۇ بۇ پىلانىنىيا ھازىرلا بېجىرىدۇ ياكى مەڭگۈ ئەمەلەە ئاشۇرالمايدۇ .ئالىكېس شارتتىدە ئورنىدىنتۇردى .

-    مەن قاسساپقا تېلفونقىلىۋالاي – دېدى ئۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن – ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرغىن .

-    قاسساپقا ؟ مۇشۇ چاغدىما ؟

-    ھازىر دۇكاننى تاقاپ بولدى،قاسساپ ئۆيىدە ھازىر . ئەتە شەنبە . باشقىلار بۇيرۇتماستا كالا گۆشىدىن بۇيرۇتۇپقوياي . بىچارە چال مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى .

بىر خانىسىغا كىرىپ ئىشىكنى يېپىپ قويدى .كەينىدىنئېرى ‹ ئىشىكنى ئوچۇق قويغىن › دېگەن سۆزىگە سوغۇققانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى .

-    ئىشىكنى ئوچۇق قويسام چىۋىنكىرىۋالىدۇ ، چىۋىننى كۆرەر كۆزۈم يوق .ۋاي تەنتەك ، مېنى ئاشۇ قېرى بىلەن شېرىن –شېكەر گەپ قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن ؟ .

ئۇ ئۆيدە يالغۇ قېلىشى بىلەنلا ‹سەيياھ تۇغى›مېھمانخانىسىنىڭ نومۇرىنى باستى . تېلفون دەرھاللا ئۇلاندى .

-    ۋىندىفورد ئەپەندىممۇ؟باشقا بىرىما ؟ ئۇ كېتىپ قالمىغاندۇ ؟ چاقىرىپ بېرەلەرسىزمۇ ؟

شۇ چاغ ئېرى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭيۈرۈكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى .

-    چىقىپ تۇر جورلاند – دېدىرەنجىگەن ئاۋازدا – تېلفوندا سۆزلەنكەندە بىرىنىڭ ئاڭلىشىنى خالىمايمەن

جورلاند كۈلۈمسىرەپ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى .

-    راسلا قاسساپ بىلەنسۆزلىشىۋاتامسەن ؟.

ئالىكېس قاتتىقئۇمۇدسىزلەندى ، ئۇنىڭ پىلانى مەغلۇپ بولغان ئىدى .

دىك تېلفوننىئالدى .تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭدىن  ياردەمسورىسۇنمۇ ؟ ئۇ جىددىلىشىپ تۇرۇپكىنى  بىرچىڭ قىسىپ ، بىر بوشاتتى .شۇ پەيت ئۇنىڭ كاللىسىدا يېڭى پىكىر تۇغۇلدى .تۇرۇپكىنىچىڭ قىسسا ئاۋاز قارشى تەرەپكە ئاڭلانمايتتى .

-    بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشسەل قىيىن توختايدىغاندەك قىلىدۇ – ئويلىدى ئۇ – مەن ئۆزەمنى پەقەت قاسساپ بىلەنسۆزلىشىۋاتقاندەك تۇتۇشۇم كېرەك ، ھەرگىز ھاياجانغا بېرىلمەسلىكىم كېرەك . بۇ ئىشمېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ ، ئىشىنىمەن .

تېلفوندىن دىكنىڭ ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى .ئۇ چوڭقۇرنەپەس ئېلىۋېلىپ تۇرۇپكىنى  بوش تۇتتى- دە، سۆزلەشكە باشلىدى .

-    مەن ‹ بۇلبۇل ماكانى › دىكىمارتىن خانىم بولىمەن .ئىلتىماس تېزراق يېتىپ كېلىڭ  ‹ تۇرۇپكىنى چىڭ قىسىپ ›ئەتە ئەتتىگەن ئالتە بولاق كالا گۆشىدىن ئەكەپ بەرسىڭىز ‹ تۇرۇپكىنى بوش قىسىپ ›كېلىشىڭىز شەرت ‹ تۇرۇپكىنى چىڭ قىسىپ › رەھمەت سىزگە خېكسورسى ئەپەندىم .بۇنچە كەچ  سىزگە تېلفون قىلغىنىمدىن رەنجىمەيسىزغۇ دەيمەن.كاتلىتنى شۇنچە ياخشى كۆرىمەنكى ‹ تۇرۇپكىنى بوش تۇتۇپ › بولمىسا ئۆلۈپ قېلىشىممۇمكىن ‹ تۇرۇپكىنى چىڭ قىسىپ › ناھايىتى ياخشى ئەتە ساقلايمەن ئەمىسە ‹ تۇرۇپكىنىبوش قىسىپ › ئامال بار تېزراق بولسۇن – ئۇ تۇرۇپكىنى قويۇپ  بىر ئۇھ تارتتى –دە . ئېرىگە قارىدى .

-    قاسساپ بىلەن ئاجايىپسۆزلىشىپ قويدۇڭ – ھە ؟ - دېدى ئېرى ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزمەي .

-    ئادەتتىكىدەك ، باشقائاياللاردەكلا – دېدى ئالىكېس ئۆزىنى ئاران بېسىۋېلىپ .

جورلاند ھېچنىمىدىن گۇمان قىلمىدى ،دىك ھېچنەرسىنى چۈشەنمىگەنبولسىمۇ  چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئايال ياتاق ئۆيىگە كىردى ، كەينىدىن ئېرىمۇ كىرىپكەلدى .

-    تۇرقۇڭدىن ھازىر كەيپىياتىڭخېلى ياخىشى بولۇپ قالغاندەك قىلىسەن شۇنداقمۇ ؟ - دېدى خوتۇنىغا سىرلىق تىكىلىپ .

-    ھە – دېدى خوتۇنى –بېشىمنىڭ ئاغرىقىمۇ توختاپ قالدى – ئۇ ئېرىگە تەبەسسۇم قىلغۇنچە دائىم ئولتۇردىغانئورنىغا – ئېرى ئولتۇردىغان كۇرسنىڭ قارشىسىدىن جاي ئالدى .ئۇ ھازىر يېنىكلەپقالدى . سائەت سەككىزدىن يىگىرمە ئۆتتى ، توققۇزغىچە دىك يېتىپ كېلىدۇ .

-    بۈگۈنكى قەھۋە ماڭا ياقمىدى، بەك ئاچچىق دەملەپسەن – دېدى نارازىلىق بىلدۇرۇپ .

-      بۇ قەھۋەنىڭ يېڭىسى ئىكەن ، ناۋادا ساڭاياقمىغان بولسا بۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئالماي ، ئەزىزىم .

ئالىكېس قولىغا تورنى ئېلىپ قوقۇشقا باشلىدى ، جورلاند بولسا كىتاپ ئوقۇشقا باشلىدى .ئۇبىرنەچچە سەھىپىنى ئوقۇپ بولۇپ سائەتكە قارىدى ۋە كىتاپنى بىر يانغا تاشلىدى .

-    سەككىز يېرىم بوپتۇ ، يۇر ،گەمىگە كىرىپ سۈرەت ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ .

توقۇۋاتقان نەرسىسى ئالىكېسنىڭ  قولىدىن چۈشۈپ كەتتى .

-    ياق ، ياق ، توققۇزغىچەساقلايلى

-    ياق ، ھەسىلىم  ،بۇ ئىشنى كېچىكتۇرسەك بولمايدۇ .شۇ ۋاقىتقابەلگىلەپ قويغانمەن ، سەن ھەم ۋاقتىدا ئۇخلايسەن .

-    نېمىشقىدۇر توققۇزغۇچەكۈتكۈم بار .

-    ھەممە ئىشنىكېچىكتۇرمەسلىككە ئۆگەنگىنىمنى بىلىسەنغۇ .كەتتۇق ئالىكېس ، بىر مىنۇتمۇساقلىيالمايمەن – ئالىكېس ئۇنىڭغا قارىدى – يۇ ، رەڭگى تامدەك ئاقىرىپ كەتتى .ئېرىئاللىقاچان نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان ئىدى .ئۇنىڭ قوللىرى تىترەيتتى ، كۆزلىرى چوڭئېچىلغان ،قۇرىغان لەۋلىرىنى تىنىمسىز يالايتتى .ئۇ ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمايقالغان ئىدى . جورلاند ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يەلكىسىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى .

-    قېنى ئەزىزىم ئۇ يەرگە مەنسېنى ئۆزەم ئېلىپ بارىمەن – ئۇنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلىرىدىن  كىشىنى دەھشەتكە سالىدىغان قاباھەت پۇرۇقىكېلەتتى .ئايال ئاخىرقى كۈچىنى توپلاپ ئېرىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ تامغايولىنىپ قالدى . ئۇ بۇ ھالدا ھېچنەرسە قىلالمايتتى ، ھېچيەرگە قاچالمايتتى .ئېرىبولسا ئۇنىڭ ئۇستىگە باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى .

-    خوش ، ئالىكېس .

-    ياق ، ياق ...

ئۇ چىقىرغىنىچە قوللىرىنى ئالدىغا سۆزۇپ ئۆزىنىھىمايە قىلماقچى بولدى .

-    جورلاند ئالدىرما ، ساڭابىر گەپنى ئېيتىشىم كېرەك ... ئىقرار بولۇشۇم كېرەك . ئېرى بىردىن سەگەكلەشتى .

-      ئىقرار بولماقچىمۇسەن؟ - دەپ سورىدى ئەجەپلىنىپ .

-    ھە ، ئىقرار بولۇشۇم كېرەك.

ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئېرىنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈنسۆزىنى داۋاملاشتۇردى .

-    نېمە ؟ ئوينىشىڭ بارمىدى ؟- سورىدى ئېرى مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ .

-    ياق ئۇنداق ئەمەس ،ئېھتىمال سەن بۇنى .. سەن بۇنى جىنايەت دەپ ئاتىشىڭ مۇمكىن .

بۇ ئوق نىشانغا تەككەن ئىدى ،ئېرىنىڭقىزىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى .ئۇ ئۆزىنى ۋەزىيەت ھاكىمى ساناپگېپىنى داۋاملاشتۇردى .

-    ئەڭ ياخشىسى جايىڭغا بېرىپئولتۇرساڭ ياخشى بولاتتى -  دېدى سالقىنئاھاڭدا ،ئۆزىمۇ ئۆينىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى ، يەردىن باياقولىدىن چۈشۈپ كەتكەن توقۇۋاتقان نەرسىنى ئالدى .ئۇ ئىچكى قورقۇنۇچنى چىرايىدىنئىپادىلەپ قويماسلىققا تىرىشىپ قۇتقۇزغۇچىلار كەكگۈچە ۋاقىتنى سوزغۇدەك گەپلەرنى ئويلاپ تېپىشقا تىرىشتى.   

– مەن ئون بەش يىل كاتىپ بولىپ ئىشلىگەن ئىدىم .ئەسلىدە ئۇنداقئەمەس ئىدى ، ئىككى قېتىم ئىشتىن توختۇدۇم . بىرىجى قېتىم يىگىرمە ئىككى يېشىمداتوختۇدۇم . خېلى باي بىر قېرى ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم .ئۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدىھەم توي قىلىش تەكلىۋىنى قويدى .ئۇنىڭ گېپىنى يەردە قويغۇم كەلمىدى . ئائىلەقۇردۇق .- ئۇ بىردەم جىم تۇرۇپ قالدى – ئۇنى ئالداپ – سالداپ ئۆمرىنى سۇغۇرتاقىلدۇرۇشقا كۆندۇردۇم .

شۇنداق ،ئالىكېسئېرىنىڭ چىرايىدىكى قىزىقىشنى بايقاپ قالدى .ئۇ ئەمدى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالداھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى .

-    ئۇرۇش ۋاقتىدا ھەربىدوختۇرخانىسىنىڭ دارا بۆلىمىدە  ئىشلىدىم.ئۇ يەردە زەھەرلىك ماددىلار بىلەنمۇ ھەپىلىشىكە توغرا كېلىدىكىن .

ئۇ بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك جىمىپ قالدى .ئۇ ئېرىنىڭدېققىتىنى ئۆزىگە بەرگەنلىكىدىن گۇمان قىلمىدى .قاتىلنى قاتىللىق قىزقتۇرى – دە ،ئەلبەتتە .ئايال ماھارەت بىلەن رولىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى . ئۇ ئوغۇرلۇقچەسائەتكە قارىۋالدى .توققۇزغا يىگىرمە مىنۇت قالغان ئىدى  - شۇنداق بىر زەھەر بولىدىغان ،ئاق رەڭلىك،ئۇنغا ئوخشايدۇ بىر چىمدىمى ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ .سەن ئۇنداق زەھەرنى ئاڭلاپباققانمۇ ؟

ئۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە جاۋاپ كۈتتى .ناۋادا بىلسەگەپنىڭ كەينىنى ئويلىپىراق قىلشىقا توغرا كېلەتتى .

-    ياق – دېدى جورلاند –بىلسەممۇ جىق بىلمەيمەن .

-    ئەمىسە گىئوستسىئامىننىئاڭلىغان بولىشىڭ مۇمكىن .بۇ زەھەر ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدۇ .ھەر قانداقدوختۇرمۇ ئۇنىڭدىن زەھەرلەنگەننى يۈرەك كېسىلى دەپ چىقىرىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.مەن شۇنىڭدىن ئازراق ئوغۇرلاپ ئالغان ئىدىم ، ھەر دائىم يېنىمدا ساقلاپ كەلگەنئىدىم  - ئۇ ئۆزىگە سەل كۈچ توپلاش ئۈچۈنبىردەم تۇرۇۋالدى .

-    داۋام ئەت – دېدى ئېرىسەۋىرسىزلىك بىلەن .

-    ياق باشقا چاغدا دەپ بېرەي،ساڭا دەپ بېرىشتىن قورقىمەن .

-    ياق ، ھازىر ئېيتىسەن

-    تۇرمۇش قۇرغىنىمىزغائەمدىلا بىر ئاي بولغان ئىدى .مەن ئېرىمگە ناھايىتى مۇلايىم مۇئامىلىدە بولاتتىم،ئۇ مېنى خوشنىلارغا ماختاپ بېرەتتى .كەچقۇرۇنلىرى مەن ئۆزەم ئۇنىڭغا قەھۋە دەملەپبېرەتتىم .بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇنىڭ قەھۋەسىگە بىر چىمدىم زەھەر سېلىپ قويدۇم .

ئالىكېس ئالدىرماي قولىدىكى يىپنى زىقتىن ئۆتكۈزدى .ئۇ ئۆمرىدە بىرەر قېېتىم سەھنىگە چىقىپ باقمىغان بولسىمۇ ، ئۇ ھازىر داڭلىقئەرتىسلەر بىلەن بەسلىشەلەيتتى .ئۇ تولىمۇ سوغۇق قان قاتىلنىڭ رولىنى ماھارەتبىلەن ئويناۋاتاتتى .

-    ھەممە ئىش تولىمۇ ئۆڭۇشلۇقبولىۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈزىتىپ ئولتۇردۇم .ئۇ باشتانەپەس ئالالماي خىرىلداشقا باشلىدى .مەن دەرىزىنى ئېچىۋەتتىم .بىردەمدىن كېيىن ئۇئورۇندۇقتىن تۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇئۆلۈپ قالدى ...

-    سۇغۇرتىدىن قانچە پۇل ئالدىڭ؟

-    ئىككى مىڭ فونت ئەتراپىدا .پايچىك سودىسىدا ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلدىم .شۇنداق قىلىپ يەنە بۇرۇنقىكاتىپلىقىمنى قىلدىم .ئۇ يەردە يەنە ئۇزاق قالالمىدىم .باشقا بىرى بىلەن تونۇشۇپقالدىم ، مەن قىز ۋاقتىمدىكى فامىلەمنى ئىشلەتسەممۇ ، ئۇ مېنىڭ توي قىلغانلىقىمنىبىلەتتى .ئۇ ياشراق ، كېلىشكەن ھەم خېلى دوۋلەتمەن ئادەم ئىدى .ئۇ مېنىڭ نامىمداسۇغۇرتا قىلىشقا ئۇنۇمىدى ، لېكىن ھەممە بايلىقىنى ماڭا مىراس قالدۇردىغانلىقىنىئېيتتى .ئۇمۇ بۇرۇنقى ئېرىمدەك مېنىڭ ئۆز قولۇم بىلەن قەھۋە دەملەپ بېرىشىمنىياخشى كۆرەتتى – ئالىكېس خىيالچانلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى – قەھۋەنى بەك ياخشىدەملەيمەن - دە  .بىز تۇرۇۋاتقان مەھەلىدەمېنىڭ تونۇشلىرىم بەك كۆپ ئىدى .بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېرىمنىڭ يۈرۈك كېسىلىبىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ماڭا ئېچىنىشتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشتى .ئىككىئېرىمدىن ماڭا توت مىڭدەك مىراس قالدى .بۇ قېتىم پايچەك سودىسىغا ئارلاشمىدىم.پۇللۇرۇمنى بانكىغا قويدۇم .مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن ...

ئۇ گېپىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى .جورلاندۋاقىرغىنىچە ئۇنىڭغا بىگىز بارقىنى نوقۇپ بوغۇلۇشقا باشلىدى .

-    قەھۋە ! ئاھ پەرۋاردىگارىم. قەھۋە – ئايال ساراسىمە ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدى – ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەندىم ،سەن ئىبلىس نېمە قىلدىڭ ؟ - ئۇ ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنىتۇتقىنىچە خوتىنىغا تاشلانماقچى بولدى – سەن يەنە مېنى زەھەرلىدىڭما ؟

ئالىكېس ئېرىدىن قېچىپ يىراققا بېرىۋالدى .ئۇ قورقۇپكەتكىنىدىن ھەممىسى يالغان دېمەكچى بولدى ، بىراق كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىمۇمكىنلىكىنى ئويلاپ تىلىنى چىشلىدى .ئۇ پۈتۈن بەدىنىدىكى كۈچنى يىغىپ ئېرىگەقاراپ تۇرۇۋەردى .

-    ھە ، سېنى زەھەرلىدىم ،زەھەر ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . سەن ئەمدى ئورۇندۇقتىن تۇرالمايسەن ،ھەتتاقىمىرلىيالماي قالىسەن .

ئۇ ئېرىنى بىر نەچچە مىنۇت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپتۇرماقچى ئىدى .نېمە بۇ ؟ ئاياق تىۋىشىغۇ ؟ دەرۋازا غىچىرلاۋاتامدۇ نېمە ؟ دېمەكئۇلار كەپتۇ – دە .

-    سەن ئەمدى جايىڭدىنقىمىرلىيالماي تۇرۇپ ئۆلىسەن – ئالىكېس بار قۇۋۋىتىنى يىغىپ ۋاقىردى .ئۇ شۇگەپلەرنى دەپ بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ۋە ئەس – ھۆشىنى يوقاتقان ھالدا دىكنىڭقۇچىغىغا يىقىلدى .

-    تەڭرىم نېمە بولدى ؟ -ۋاقىرۋەتتى دىك ۋە كەينىدىن كېلىۋاتقان گەۋدىلىك ساقچىغا قاراپ – ئىچكىرگە كىرىپبېقىڭلار نېمە ئىش يۈز بەردىكىن .

دىك ئېھتىيات بىلەن ئالىكېسنى ئۇزۇن ئورۇندۇققاياتقۇزدى ئۇنىڭغا ئىڭىشتى .

-    ۋاي مېنىڭ كىچىك تېيىم –دەپ ئەركىلەتتى – مېنىڭ شورلىقىمەي ، ئۇلار سېنى نە كويغا سېلىشتى ؟

ئالىكېس زەئىپ ئاۋازدا ئاران ئۇنىڭ نامىنى تىلغائالدى .دىك ساقچى ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتقاندىلا ئاندىن ئۆزىگە كەلدى .

-    ئۇ يەردە ھېچ نەرسە يوقكەنئەپەندىم . ئورۇندۇقتا بىرسى ئولتۇردۇ .تۇرقىدىن بەك قورقۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ .

-    ئاندىنچۇ ؟

-    ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ ، ئەپەندىم

ئۇلار ئالىكېسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سەگەكلەشتى .ئۇيۇمۇق كۆزلىرى بىلەن خۇددى جۆيلىگەندەك غۇدۇرايتتى .

-    ئۇ ئۆلگىلى خېلى بولدى – ئۇكىمنىڭدۇر گېپىگە جاۋاپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 10:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 02:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە تەكلىپ ھەربىر سۆزدىن كېيىن بوشلۇق كونۇپكىسىنى بىر بېسىۋەتسىڭىز ، سۆزلەر ئېنىق ئايرىلماي قاپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:35:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
blueleaf يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 02:02 PM
تېما ئىگىسىگە تەكلىپ ھەربىر سۆزدىن كېيىن بوشلۇق كونۇپ ...

زرەھمەت سىزگە بەزى جايلارغا تازا دېققەت قىلماپتىمەن ، كۆرسۈتۈپ بەرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، بۇندىن كېيىن دېققەت قىلاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 04:12:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu hikayini ikkin ji ketim okuyaliginim din nahayiti hursan man

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش