خىلۋەتتىكى يوللار
( ھېكايە)
ئىۋان .بۇنىن ( رۇسىيە )
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان
كۈزنىڭ سوغۇق ، قاتتىق ياققان يامغۇردىن چىلىق – چىلىق ھۆل بولغان ،چاق ئىزلىرىدىن قارامتۇل بولۇپ كەتكەن تۇلانىڭ كەڭ يوللىرىنىڭ بىرىدە كېلىۋاتقان سايىۋەتلىك توت چاقلىق ھارۋا ئۇزۇن بىر ياغاچ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ياغاچ ئۆينىڭ بىر تەرىپى پادىشا رەسەرۇپىدىكى پوچتا بېكىتى ، يەنە بىر تەرىپى يولىچىلارنىڭ ھاردۇق چىقىرىپ تۈنىشى ، ساماۋەر قايتىپ چاي ئىچىشى ۋە تاماق يېيىش ئۈچۈن راسلانغا خۇسۇسىي دەڭ ئىدى . لاي بولۇپ كەتكەن ھارۋىنىڭ سايىۋېنى يېرىم چىقىرىپ قويۇلغان ، ئىزۋوسقا قوشقان ئۈچ يەرلىك ئاتلارنىڭ دۇمبىسىگە لاي چاچراپ كەتمەسىلىك ئۈچۈن رەخت تېڭىپ يوگەپ قويۇلغان ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ جايىدا – ئورۇندۇقتا بېلىنى مەھكەم باغلىۋالغان ، چىرايى قاپقارا ، يەلكىلىرى كەڭ ھارۋىكەش تۇگۇلۇپ ئولتۇرۇراتتى .كەمدىن –كەم كىشىلەردە ئۇچرايدىغان قاپقارا ، قويۇق ساقىلى ئۇنى قەدىمكى دەۋردىكى قاراقچىلارغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى . سايىۋان ئاستىغا يوغان تېرە ئۇستدە نىكولايچە قۇندۇز ساقاللىق كۈلرەڭ پەلتۇ كەيگەن ياشانغان سۆلەتلىك بىر ھەربى ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قاشلىرى قاپقارا بولسىمۇ يۈزىگە تۇتاشقان چېكە ساقاللىرى ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىن ئالېكساندىر II گە شۇنداق ئوخشاپ كېتەتتى ، بۇنداق ئوخشاشلىق ئالېكساندېر II دەۋرىدە ياشىغان ھەممە ھەربىلەردە دېگىدەك بار ئىدى . ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنچە قەتئىي ، سۇئالسىز ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى .
ئاتلار توختىشى بىلەن ئۇ ھەربىچە تۈز پاشىنىلىق ئوتۈك كەيگەن پۇتلىرىنى يەرگە ساڭگىلتىپ ،بۇغا تېرىسىدىن تېكىلگەن قولقاپ كەيگەن قوللىرى بىلەن پەلتۇسىنىڭ ئېتەكلىرىنى تۇتقىنىچە ئۆي ئالدىدىكى مەيدانغا سەكرەپ چۈشتى .
- سول تەرەپكە مېڭىڭ ، مۆھتىرەم ئالىيلىرى – دېدى ھارۋىكەش ئورنىدىنمۇ قوزغالماي قوپال ئاۋازدا ۋاقىراپ . ھەربى كىشى كىرىش ئىشىكىدە تىزىملاتتى ،يوغان گەۋدىسىنى ئېگىپ ئەۋۋەل دەھلىزگە ئاندىن مېھمانخانىغا كىردى .
مېھمانخانە ناھايىتى ئازادە ھەم ئىسسىق ئىدى .سول تەرەپتىكى تامغا گىرۋەكلىرى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئەۋلىيا سۈرىتى ئېسىلغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئاستىغا قوپىلاراق ماتادىن تېكىلگەن داستىخان سېلىنغان ئۇستەل ، ئۇستىگە ياغاچ چىنىلەر قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە يېققىندىلا بور بىلەن ئاقلانغان مەش ؛ ئۇنىڭ يېنىدا ئالا – بولا ياپقۇچ يېپىلغان كات ؛ يىقىلىپ چۈشۈدىغاندەك تامغا ئوخشاش بىر نەرسە مەشكە تاقاشتۇرۇپ قويۇپ قويۇلغان ئىدى .مەش تەرەپتىن پىرىق – پىرىق قايناۋاتقان قوي گۆشىنىڭ مېزىلىك پۇرۇقى كېلىۋاتاتتى .
مېھمان پەلتۇسىنى يېشىپ ياغاچ ئورۇندق ئۇستىگە قويدى ، ئۇ ئەمدى ھەربى فورمىدا تېخىمۇ ھەيۋەت ، گەۋدىلىك كۆرۈنەتتى . ئاندىن باش كىيىمىنى ۋە قولقاپنى سېلىۋېتىپ ، قېنى كەتكەن قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى ھارغىن تاراشقا باشلىدى ،ئاپپاق ئۇزۇن چاچلىرى ئىككى ياققا ساڭگىلاپ چۈشتى . بىلىنەر – بىلىنمەس چېچەك ئاسارىتى كۆرۈنۈپ تۇرغان سوزۇنچاق ، چىرايلىق يۈزىدە ، قارا كۆزلىرىدە بىر جانلىنىش پەيدا بولدى . مېھمانخانىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى . ئۇ دەھەلىز ئىشىكىنى ئېچىپ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىردى .
- ھاي ، ئادەم بارمۇ بۇ يەردە ؟
ئاۋازنى ئاڭلاپ شۇ زامان قارا چاچلىق ، قارا قاشلىق ،يېشى ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغىنىغا قارىماي خېلى تېتىك بىر ئايال كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ چېككىسى ۋە لەۋلىرىنىڭ ئۇستىدە يۇمشاق تۈكلەر بار ئىدى . بەدىنى تولغان سېمىز بولسىمۇ خۇددى قۇشتەك يەڭگىل ھەركەت قىلاتتى . تولغان كۆكسى كۆفتىسىنى بۇرتۇپ تۇراتتى ، قارا يوپكىشى ئاستىدىكى قوساقلىرى خۇددى غازنىڭ قارنىدەك پولتىيىپ چىقىپ تۇراتتى .
-خۇش كېلىپسىز ، مۆھتىرەم ئالىيلىرى – دېدى ئۇ – تاماق بۇيرۇتامسىز ياكى ساماۋەر قاينىتىشنىمۇ ؟
مېھمان ئايالنىڭ يۇمۇلاق يەلكىسىگە ،كونىراپ قالغان تاتارچە باسماقلىق ئۆتىكىگە بىردەم كۆز يۇگۇرتتى ۋە ئېتىۋارسىزلىق بىلەن قىسقا – قىسقا قىلىپ دېدى .
- چاي ئىچىمەن . سەن بۇ يەرنىڭ ئايال خوجانىمۇ ياكى خىزمەتچىسىمۇ سەن ؟
- خوجايىنىمەن ، ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى .
- دېمەك ، مېھمانخانىنى ئۆزەڭ يالغۇز باشقۇرامسەن؟ .
- شۇنداق ، ئۆزەم باشقۇرىمەن ، ئالىيلىرى
- بۇ قانداق بولغىنى ؟ ھەممە ئىشنى ئۆزەڭ قولۇڭغا ئېلىۋاپسەن . تۇل قالغانمۇسەن ؟
- ئەرگە تەگمىدىم ،ئالىيلىرى . تىرىكچىلىك ئۈچۈن ، يەنە كېلىپ ھەممە ئىشنى ئۆزەم قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن .
- ھە ، مۇنداق دېگىن . ئەمىسە ياخشى ، ئۆينى بەك پاكىز تۇتىدىكەنسەن ، بۇ ئىشىڭ ماڭا يارىدى .
ئايال گۈمانسىرغان كۆزلىرىنى ھەربىي كىشىدىن ئۈزمەي بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇردى ،ئاندىن قىسىلغان ، خىيالچان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى .
- پاكىزلىقنى جېنىمدىن ئارتۇق كۆرىمەن – دېدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ – ئېسىلزادىلەر ئۆيىدە چوڭ بولدۇم ھەم شۇ يەردە تەربىيە ئالدىم . شۇنداق بولغاچقا ئۆي تۇتۇشمۇ شۇنىڭغا يارىشا بولىدۇ –دە ، نىكولاي.ئالېكساۋېچ
مېھمان بىردىن قەددىنى رۇسلاپ ، كۆزلىرىنى چوڭ – چوڭ ئېچىپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى .
- نادەجدا ! بۇ سەنمۇ ؟ - دېدى ئۇ تەمتىرەپ .
- شۇنداق بۇ مەن نىكولاي.ئالېكساۋېچ – دەپ جاۋاپ بەردى ئايال .
- يارەببىم ، يارەببىم . قانداق بولۇپ كەتتى – ئۇ كۆزلىرىنى ئايالدىن ئۇزمەي ئاستا كېلىپ ياغاچ ئورۇندۇققا ئولتۇردى – كىم بۇنداق بولىشىنى ئويلايدۇ دەيسەن . كۆرۈشمىگىنىمىزگە نەچچە يىل بولدى ؟ ئوتتۇز بەش يىل بولدىما ؟
- ئوتتۇز يىل بولدى ، نىكولاي.ئالېكساۋېچ . مەن قىرىق سەككىزگە كىردىم . سىزمۇ ئاتمىشقا بېرىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن ؟
- شۇنىڭغا يېققىنىراق .توۋۋا قىززىق ئىش بولدى – ھە ؟
- نىمىسى قىززىق تەقسىز .
- ھەممىسى ، ھەممىسى – دە .ناۋادا نونۇمىغان بولساڭ .
مېھماننىڭ ئەمدى ھارغىنلىقى ۋە پەرىشانلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ، ئۇ يەرگە تىكىلگىنىچە مېھمانخانە بويلاپ ماڭاتتى .بىردەمدىن كېيىن شاپپىدە توختاپ يۈلىرى قىزارغان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى .
- شۇنىڭدىن كېيىن سەن توغرىسىدا ھېچنىمە ئاڭلىمىدىم ،قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ ؟ نىمىشقا ئېسلزادىلەر يېىنىدىن كەتتىڭ ؟
- سىز كەتكەندىن كېيىن ئۇلار مېنى يولغا سېلىپ قويدى .
- كېيىن قەيەرلەردە ياشىدىڭ ؟
- بولدى ، سىزمۇ سورىماڭ ، مەنمۇ دېمەي ، تەقسىر .
- ھېلىغۇچە ئەرگە تەگمىدىم دېدىڭما بايا ؟
- ھە ، تەقسىز .
- نېمە ئۈچۈن ؟ شۇنچە ھۆسنى – لاتاپىتىڭ بار تۇرۇپ ؟
- جۇرئەت قىلالمىدىم ، تەقسىر .
- نىمىشقا جۇرئەت قىلالامىدىم دەيسەن ؟ بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟
- نىمىمۇ دەرمەن ئەمدى .بەلكى يادىڭىزدىدۇر ، مەن سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرەتتىم .. .
مېھمان بۇ سۆزلەردىن ناھايىتى بىئارام بولدى ، قىزىرىپ كەتكىنىدىن كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى .يەنە ئۆي ئىچىدە ئۇياندىن – بۇيان مېڭىشقا باشلىدى .
-ھەممە نەرسە ئۆتكۈنچىدۇر ئەزىزىم – دەپ غۇدۇرىدى ئۇ – مۇھەببەت ، ياشلىق ھەممىسى ئۆتكۈنچە . مەيلى نىمىلەر يۈز بەرگەن بولسۇن ھەممىسى ئۆتتى – كەتتى .ۋاقىت ئۆتۈپ ھەممىسى ئۇنتىلىدۇ .
- مەيلى نېمە بولسۇن ، پىشانىگە نېمە پۈتۈلگەن بولسا شۇ بولىدىكەن نىكولاي.ئالېكساۋېچ . ياشلىققۇ ھېچكىمگە ۋاپا قىلمايدۇ . لېكىن مۇھەببەت – باشقا نەرسە .
نىكولاي.ئالېكساۋېچ بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ مېڭىشتىن توختىدى –دە ، ھەسراتلىك كۈلۈپ قويدى .
- سەن مېنى بىر ئۆمۈر سۆيەلمەيتتىڭغۇ ، ئاخىر .
- ياق سۆيۇشۇم مۇمكىن ئىدى . شۇندىن كېيىن قانچە يىللار ئۆتتى ، مەن مۇھەببىتىمنى ئۆزەمگە ھەمراق قىلىپ ئۆتتۇم .سىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەسلىكىڭىزنى ، ئارىمىزدا نىمە ئىشلار بولغان بولسىمۇ ،ھەممىنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىڭىزنى ، بۇنىڭ بىلەن ھېچ نەرسىدىن ئايرىلىپ قالمايدىغانلىڭىزنى بىلەتتىم ...لېكىن ،ھازىر .. ئەمدى بۇلارنى تەگەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ، ئەلبەتتە . ئەمما توغرىسىنى ئېيتقاندا ،شۇ چاغدا سىز مېنى تولىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن تاشلاپ كەتكەن ئىدىڭىز – مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزەمنى نەچچە قېتىم ئۆلتۇرۋالماقچى بولغان ئىدىم .سىزنى دەپ چەككەن ئازاپلىرىمنى دەپ تۇگۈتەلمەيمەن . نىكولاي.ئالېكساۋېچ ، قانداق چاغلار ئىدى ھە ، مەن سىزنى نىكولېنكا دەپ چاقىراتتىم .شۇ چاغدا مېنى دەپ چاقىراتتىڭىز ، ئېسىڭزدا بارمۇ ؟ شۇنداق سىز مېنىڭ ئالدىمدىمۇ ئېسىلزادىلىكىڭزىنى تاشلىمايتتىڭىز ،‹‹ خىلۋەتتىكى يوللار ›› ھەققىدە شېئىلار ئوقۇپ بەرمەسسمۇ گەپ قىلماي تۇرۇۋالاتتىڭىز – دەپ قوشۇپ قويدى ئايال ناخۇشلۇق بىلەن كۈلۈۈپ .
- شۇنداق سەن شۇ چاغلاردا ئاجايىپ ئىدىڭ ! – دېدى مېھمان ئارمان بىلەن باش چايقاپ – شۇنداق جەزىپدار ،يۈرەكلىك ئىدىڭ . كۆزلىرىڭ يېنىپ تۇراتتى ، تولىمۇ خۇشقامەت ئىدىڭ .ئېسىڭدىمۇ سېنى كۆرگەندە ھەممىسى ئىختىيارسىز كەينىڭدىن تەلمۇرۇپ قاراپ قېلىشاتتى
- ئېسىمدە ، تەقسىر .ئەمما سىزمۇ ئاجايىپ ئىدىڭىز .شۇڭا مەن بار ھۆسن – لاتاپىتىمنى ، بارلىق ياشلىق گۈزەللىكىمنى سىزگە پىدا قىلغان ئىدىم .بۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولاتتىمۇ ؟!
- ھە ، ھە . ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدىكەن ، ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن .
- تەغرا ھەممە نەرسە ئۆتۈپ كېتىدىكەن ، لېكىن ، ھەممە نەرسە ئۇنتۇلۇپ كېتىۋەرمەيدىكەن .
- بولدى بەس ، مېنى خالى قوي – دېدى مېھمان . ئۇ توساتتىن قايرىلىپ دەرىزە يېنىغا بېرىۋالدى – ئۆتۈنەي بۇ يەردىن چىقىپ كەتكىن – دەپ يالۋۇردى ، كەينىدىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ ئاستا كۆلىرى ئۇستىگە باستى – ئىشقىلىپ مېنى ئاللاھ كەچۇرسۇن .سەنغۇ مېنى كەچۇرگەندەك قىلىسەن .
ئىشىك ئالدىغا بارغان ئايال تۇيۇقسىز توختىدى .
- ياق ، نىكولاي.ئالېكساۋېچ ، مەن سىزنى كەچۈرمىدىم .گەپ مۇھەببىتىمىز ھەققىدە بولغاچقا ئېنىق دېمەي ئىلاجىم يوق ،قىلغانلىرىڭىزنى ئويلاپ سىزنى كەچۈرەي دېسەممۇ كەچۈرەلمىدىم . شۇ چاغدا سىز مېنىڭ بۇ يورۇق دۇنيادىكى ئەڭ ئەزىر كىشىم ئىدىڭىز ،كېيىنمۇ شۇنداق بولدىڭىز . شۇ ۋەجىدىن مەن سىزنى كەچۈرەلمىدىم .بولدى ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلارنى تەگەشمەيلى ، گۆرگە كىرگەن قايتا تىرىلىپ چىقمايدىغۇ ئاخىر .
- شۇنداق توغرا دېدىڭ ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات .بۇيرۇغىن ئۇلار ئاتنى قوشسۇن – دېدى مېھمان دەرىزە ئالدىدىن يىراقلىشىپ ناھايىتى جىددى ، سوغۇق ئاۋازدا .
- ئەمما ، ساڭا دېسەم شۇنىڭدىن بۇيان ھاياتتا ھەممە ئىشىم يۈرۈشمىدى ،بەختلىك بولالمىدىم .ئۆتۈندىغىنىم باشقىچە ئويلاپ قالما .بەلكىم مېنىڭ گەپلىرىم سەندىكى ئىزتىراپلىق ھېسسىياتقا زىتتۇر ،سەن ئۈچۈن خورلۇق بىلىنەر ، ئەمما ھەممىنى ئوچۇق دەيمەن .خوتۇنۇمنى كۆرۈپلا ئۇنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئۇ بولسا باشتا ماڭا خىيانەت قىلدى ، كەينىدىن ، مەن سېنى تاشلاپ كەتكەندىنمۇ بەتتەر خورلۇققان قويۇپ مېنى تاشلاپ كەتتى . ھەممە مېھرىمنى ئوغلۇمگە بەرگەب ئىدىم . ئۇ چوڭ بولغۇچە نى – نى ئۇمۇدلەرنى ،ئارزۇلارنى كۈتكەن ئىدىم .ئۇچۇ ، ئۇ ئادەم ئەمەس ئىسراپخور ، يۈزسىز ، ئىمانسىز ،ۋىجدانسىز ،يارىماس بىر ھايۋان بولۇپ چىقتى ...مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشنىڭ بىر كارتىنىسى. بولىدۇ ئەمىسە ، ئامان بول ئەزىزىم . ئويلاپ باقسام سەندىن ئايرىلىپ ھاياتىمدىكى ئەڭ بىباھا گۆھەرنى يوقاتقان ئىكەنمەن .
ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېگىلىپ ئۇنىڭ قولىدىن سۆيدى ، نىكولاي.ئالېكساۋېچ ھەم ئۇنىڭ قولىغا سۆيدى .
- بۇيرۇغىن ئاتلارنى ھارۋىغا قوشسۇن – دېدى ئۇ
سايىۋەن ھارۋا دەڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندا ئۇ خامۇش خىياللار ئىلكىگە چۆككەن ئىدى . ‹ ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ، گۈزەل ئىدى › . ئۇ ئايال بىلەن خوشلىشىۋېتىپ ئەڭ ئاخىردا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى ۋە نادەجداننىڭ پەقەت قوللىرىغا سۆيگەنلىكىنى ئويلاپ ئۇيالدى .شۇ زامان ئۆزىنىڭ ئۇياتچانلىقىدىن خىجىل بولدى .‹ شۇنداق ئۇ ماڭا ئۆمرىنىڭ ئەڭ گۈزەل دەۋرىنى ، ئالتۇن دەقىقىلىرىنى بەخش ئەتكەن ئەمەسمىدى ››
پېتىۋاتقان قۇياش ئەمدى ئۇپۇققا باش قويغان ئىدى .ئاللىقانداق خىياللارغا چۆككەن ھارۋىكەش ئاتلارنى سىلكىپ – سىلكىپ قوياتتى .ھارۋا چوڭ يولدىكى سان – ساناقسىز ھارۋا چاقلىرىغا تولغان چوڭ يولدا ئىككى ياققا ئىرغىنىپ – ئىرغىنىپ كېتىپ باراتتى . ئاۋازى قوپاك چىقىدىغان ھارۋىكەش گەپ باشلىدى .
- ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى ، ئاۋۇ خوتۇن بىز مېڭىشىمىز بىلەن دەرىزە ئالدىغا كېلىپ كەينىمىزدىن بىزگە تەلمۇرۇپ قاراپ قالدى .قارىغاندا بۇرۇندىن تونۇشلىقىڭلار بار ئىكەن – ھە
- ھە ، شۇنداق تونۇشاتتۇق .
- ئەقلى بار خوتۇن ئۇ . بەك بېيىپ كېتىپتىمىش ، ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ . قەرزگە پۇل بېرىدۇ .
- شۇمۇ مەرتىبە بولدىمۇ ئەمدى .
- مەرتىبە بولماي – زە .باي بولۇپ ياشاشنى كىم خالىمايدۇ . ئەمما ، راستنى ئېيتقاندا ، ئۆزى بەك ياخشى خوتۇن .خەققە زېغىرچىلىق يامانلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق . شاراق – شاراق پۇللارنى باشقىلارغا قەرزگە بېرىدۇ ، ئەمما بەزى بايۋاتچىلەردەك ئالدامچىلىق قىلمايدۇ . ئەمما ئۆز ئىشىغا پىششىق – قاتتىق خوتۇن .لالمىلىق قىلىپ قەرزنى ۋاقتىدا بەرمىسەڭ ،ئۆزەڭدىن كۆر ، ئاياپ ئولتۇرمايدۇ .
- ھە، ئۆزەڭدىن كۆر ...تېزراق ھەيدە بۇنداق ئاستا ماڭساڭ پويىزغا كېچىكىپ قالمايلى يەنە .
ئۇپۇققا پېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قەھرىۋادەك نۇرلىرى ئادەمسىز دالىلارغا نۇر چېچىپ جىلۋە قىلىپ تۇراتتى ،ئاتلار يولدا بىر خىلدا چېپىپ كېتىپ باراتتى . نىكولاي.ئالېكساۋېچ ئاتلارنىڭ يالت –يۇلت قىلىپ كۆرۈنىۋاتقان تاقىلىرىغا قارىغانچا ، قارا قاشلىرىنى بىر يەرگە قىلىپ خىيالغا پاتقان ئىدى .
‹‹ ھە ، ئۆزەڭدىن كۆر . ئاجايىپ دەملەر ئىدى – دە ، شۇ چاغلار .ھەقىقەتەن ئەپسۇسلانغۇدەك چاغلار ئىدى .‹‹ ئەتراپتا مىڭ گۈلدىن ئالۋان چېچىلار ، خىلۋەت يوللار شىۋىرلار تەنھا .. ›› يارەببىم ، كېيىن نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى زادى ؟ ناۋادا ئۇنى تاشلاپ كەتمىگەن بولسام قانداق بولاردىكېن ؟ مانا شۇ نادېجدا خاراپ بىر دەڭنىڭ خوجايىنى ئەمەس ، پېتېربوركتىكى ساراينىڭ ئايال خوجايىنى ،مېنىڭ خوتۇنۇم ، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى بولۇشى مۇمكىن ئىدىغۇ ؟ ! ››
ئۇ كۆزىنى بوش يۇمۇپ ، بېشىنى ئاستا چايقاشقا باشلىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 09:30 AM