ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى «پەرىشتە» ئوخشىتىشى توغرىسىدا
تۇرغۇنجان ئەرشىدىن
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىققانلىقىم ئۈچۈن كىچىكىمدىن تارتىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھېرىس بولۇپ كەلدىم. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىمۇ شۇ قىزىقىشم تۈپەيلى ئەدەبىيات كەسپىنى تۇنجى بولۇپ تاللىدىم، ۋە ئاللانىڭ بۇيرىشى بويىچە شۇ كەسپكە قۇبۇل قىلىندىم (مېھرىبان ئاللا ھەقىقەتەن تىرىشقانلاغا تىرىشقاندىكى نىيىتى بويىچە نېسىۋە بېرىدۇ). گەرچە ئالىي مەكتەپ ھاياتى ماڭا كەسپىي بىلىمگە قارىغاندا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە رىئاللىق ھەققىدە كۆپىرەك بىلىم ۋە ئويلىنىش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئىلگىركى كىتابخۇمارلىقىم ۋە ئۇقۇغان شۇ بىر تۈركۈم كىتابلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن ئەدەبىي يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتى ماھارىتى ۋە ئىلغار پكىرلەر ماڭا ئۇل بولۇپ مەن دۇچ كەلگەن بەزەن خاتا پىكىرلەر ۋە ئۆزلۈككە تاقىلىدىغان بەزى پىكىر ئىختىلاپلىرى ئالدىدا مېنى قايمۇقتۇرپ قويمىدى(ئاللاغا مىڭ شۈكىرى!)، تەستىقلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى تەستىقلىدىم، ئىنكار قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدىم. ئاللادىن روشەن كۆز ۋە يېتەرلىك ئىلىم تىلەپ تۇردۇم. مەقسەتكە كۆچسەم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۇرغاچقا بەزى كونا-يېڭى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيەلەرنى، پىكىرلەرنى تەپەككۇر قىلىپ تۇردۇم. شۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ جەمىئىيەتنى يېتەكلەشتىكى ۋە ئىدىيە تارقىتىشتىكى رولىغا سەل قارىغۇم كەلمىدى. لېكىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قارىساق مەسىلە تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت، ئۆزۈمنى ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئوقۇرمەن ئورۇنىغا قويۇپ قىسمەن كونا قەلەمكەشلەردە ۋە كۆپ سانلىق يېڭى قەلەمكەشلەردە مەسىلە خېلى چوڭ دەپ ئويلايمەن. بەدىئىي دىت ئىككىنچى مەسىلە، مۇھىمى ئەسەرلەردىكى ئىدىيە ئىدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلساق سەۋەبنى يەنىلا قىسمەن كىشىلىرىمىزدىكى دىننىڭ ماھىيىتىنى تونۇماي ياكى دىن توغرىسىدىكى بىلىمى يوق دىيەرلىك تۇرۇپمۇ « تەڭرى، تەغدىر، ئىمان، ئىسلام...» توغرىسدا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئالدىراپ، ئاقىۋەتنى ئويلىماستىن ئوتتۇرىغا قويۇشتەك كېسەل ۋە ناچار كەسپىي ساپادىن تاپىمىز. بۇ يەردە مەن ئەدەبىي ئەسەرلەردە قوللىنىلغان «پەرىشتە» ئوخشىتىشى توغرىسدا ئازىراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا پىكرىم چېچىلاڭغۇ ۋە تېيىز بولۇپ قېلىشى بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنالماي قېلىشىم مۇمكىن. قېرىنداشلارنىڭ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىشىنى شاكىلىنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمەن.
«پەرىشتە» ئاللانىڭ مەخلۇقاتى. قۇرئاندا پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ سۆز تىلىمىزغا پارىسچىدىن كىرگەن بولۇپ ئوكيانۇس لۇغىتىدىن ئىزدىگەندىكى مەنىسى: 1) دىننىي چۈشەنچە بويىچە ئاللانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، جەننەت ۋە دوزاخنى باشقۇرىدىغان، قاناتلىق غەيرى تەبىئىي مەخلۇق؛ مالائىكە. 2) [كۆچمە مەنىسى] ياخشى خۇلق-مىجەز، ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن كىشى دېگەندىن ئىبارەت.
لېكىن مۇشرىكلار ۋە ئازغۇنلار پەرىشتىنى چىشى مەخلۇق، ئاللانىڭ قىزلىرى دەپ ئېتقاد قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق چېركاۋ تام-تورۇسلىرىدا قاناتلىق قىز(پەرىشتە)لەرنىڭ رەسىملىرىنى نەگە قارىساق ئۇچرىتالايمىز. كىنو-تىلىۋىزىيە رەسىملىرى، دېئالوگلىرىدىمۇ ھەم ئەھۋال شۇنداق. تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن تارتىپ تەسۋىرلەشكە خۇشتار ئەدەبىياتتىن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى غەرب مەدەنىيىتنىڭ دۇنيا مىقياسىغا يامرىشى بىلەن بۇ خىل قاراشمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى خەلقلەرگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، ھەتتا بىرمەزگىل ئەۋج ئالدى. بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە روشەن گەۋدىلەندى. يېقىنقى مەزگىلدىكى قايسى خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق قىزلارنى پەرىشتىگە ئوخشىتىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپىرەك.
ھالبۇكى كىلاسسىكلىرىمىزدا بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار گۈزەل قىزلارنى پەقەت «پەرى، ھۆر-غىلمان»لارغا ئوخشاتقان.
مەسىلەن:
چۈشتى كۆكتىن بىر پەرى،
مەستانە كۆزلۈك دىلبەرى.
كۆرگەنچە تويماس كۆزلىرىم،
كۆردۈم ئاجايىپ مەنزەرى.
...
بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئىقتىدارىغا مۇكەممەل دىنىي بىلىملەرنى ئوزۇق قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان خەلقنىڭ يازغۇچى-شائىرى بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزى چوقۇم ياخشى مۇسۇلمان بولۇشى لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئەينى دەۋردە جاھانغا مەشھۇر يازغۇچى-شائىرلىرىمىز مەيدانغا كەلگەن. ئۆزلۈكنى يوقاتقان كىشى قىممىتىنى يوقىتىدۇ، قىممىتى يوق كىشىدىن قانداقمۇ قىممەتلىك جاۋاھىراتلار مەيدانغا كېلەلىسۇن؟!
«پەرىشتە» بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بولۇپمۇ شېئىرلاردىكى ئىستىمال مەنىسى «پاكلىق، گۈزەللىك» نۇقتىسدا قىزبالىغىلا خاس بولۇپ كەلدى. پاكلىق، گۈزەللىك قوغلىشىپ پەرىشتىگە ئوخشىتىشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇ سۆز پەقەت قىز بالىغىلا تالىق بولۇپ قېلىشى كىشىنى ئەنسىرتىدۇ.
بۇ ھەقتە قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن:
(بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم)
ئۇلار (پەرىشتىلەرنى ئاللا نىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللا نىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللا نىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى.(مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللا غا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر.
[سۈرە «زۇخرۇف» 15-ئايەت]
ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللانىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتقاد قىلدى، ئاللا پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە-ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.
[سۈرە «زۇخرۇف» 19-ئايەت]
دېمەك جانابىي ئاللا پەرىشتىلەرنى چىشى مەخلۇق قىلىپ ياراتقىنى يوق. ئۇلار ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا خىلدىكى مەخلۇقاتتۇر.
بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا خاتا مەنىدە قاچاندىن باشلاپ سىڭىپ قالغانلىقىنى ئىزدىنىپ كۆرىشمىز كېرەكتۇر. بۇ سۆز ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلغان ۋاراقلاردىن تۇمۇشىمىزغا كۆچۈپ كىرگىلىمۇ خېلى بولدى. ئايالىنى ، قىزلىرىنى «پەرىشتەم»،«كىچىك پەرىشتە»...دېگەندەك ئوخشىتىشلار بىلەن سۈپەتلەيدىغان ئەركەكلىمىز نۇرغۇن. ساددا خەلقىمىزنىڭ ئۇ سۆزلەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتى يوق. شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىغا قىزىقىدىغان قىزىققان يازغۇچىلىرمىزدا بولسا ماھىيەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەستۇر بولغان ھۆرمەتلىك «قۇرئان»نى قولىغا ئالغۇدەك ماجال يوق. شۇڭا يۇقىرىدىكى مىسالىمىزدەك بەخىتسىزلىكلەر يەنە نۇرغۇن تۇرۇپتۇ.
پەرىشتە ئاللا ئىگىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناپ مەخلۇقاتلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە، ئاللاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇشتا، تەسبىھ ئېيتىشتا، بەندىلەرگە ئاللادىن مەغفىرەت تىلەشتە بوشىشىپ قالمايدۇ، بىخۇد بولۇپ قالمايدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ يالغۇز بىرلىكىگە، پەرىشتىلەرگە، ئاللانىڭ كىتابلىرىغا، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرىمىز. ئاللادىن بىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى، غەزىپىگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ئۆزى ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىشىنى، ئىلمىمىزنى زىيادە قىلىشىنى، روشەن قەلىب، روشەن كۆز ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز(ئامىن).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 08:36 AM