ئىراننىڭ يادرو پىلانى ۋە ئوت-چۆپ يېيىش ئاپتورى: شلومو بېن-ئامى (تەرجىمىدە: نەپرەت 2009)
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ مەخپىي يادرو قورالى تەتقىق قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى مەسىلە غەرب ئىراننىڭ قورال-ياراغلىرىنى يادرولاشتۇرۇشىنى توسۇپ قالالامدۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئىسلام ھاكىمىيىتى ئالدى بىلەن غۇلاپ چۈشەمدۇ يوق بولۇپ قالدى. بەختكە قارشى، ئىران غۇلاپ چۈشمەي قالسا، ئۇنداقتا ئىراننى توساشنىڭ بىردىنبىر شەكلى ئۇرۇش، لېكىن ئۇرۇش ئىنتايىن يامان نىيەت. ئىرانغا قارىتىلغان جازا ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرەلەيدىغان كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىغا قارىغاندا، پاكىستان نەقىل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. 1965-يىلى، پاكىستان دېپلوماتىيە مىنىستىرى زۇلپىقار ئەلى بۇتتو بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ھىندىستاندىن ئىبارەت ئەشەددىي دۈشمىنى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، پاكىستان «ئوت-چۆپ يېسىمۇ، ھەتتا ئاچ قالسىمۇ» ئۆزىنىڭ يادرو بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. ھازىر، پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن، مەغلۇپ بولاي دەپ قالغان پاكىستان دۆلىتى ھىندىستاندىنمۇ كۆپ يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولدى. ئىراندىن ئىبارەت دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن ھاكىمىيەت ئاسانلىقچە يادرو قارا نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئىران ئىسرائىلىيە، «چوڭ شەيتان» ئامېرىكا ھەمدە ئەتراپىدىكى ئەرەب دۇنياسىدىن تەركىب تاپقان رەززىل ئىتتىپاق ئىراننىڭ زومىگەرلىك قارا نىيىتىدىن نەپرەتلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، ئىران چوقۇم ئۇلار بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ھاياتلىق ئىمكانىيىتىنى ئىزلىشى كېرەك. فرانسىيە ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىنقىلابى بىزگە ئىنقىلاب ئېكىسپورت قىلىش ئىنقىلابنى قوغداشنىڭ بىر خىل شەكلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. ئىرانمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما مەغلۇپ بولدى. ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى-سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ئىراننىڭ ئەندىشىسىنى ئاشۇردى، ئىران يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىراننىڭ مەۋجۇتلىقىدا بارغانسېرى زۆرۈر بولىۋاتىدۇ دەپ قارىدى. يادرو قارا نىيىتى ئۈچۈن، ئىران رەھبەرلىرى خەلقنى «ئوت-چۆپ يېگۈزۈشكە، ھەتتا ئاچ قويۇشقا» تەييارلانغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما كىشىلەر ئىراندا يەتكۈچە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ بۇ خىل ھاقارەتكە باش ئەگمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى. كۆپ يىللاردىن بېرى، ئىراننىڭ ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، غەرب ئىرانغا قاتتىق ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى. ئەمەلىيەتتە، تۇنىس ۋە مىسىر خەلقى قوزغىلاڭلىرىنىڭ مەنبەسى ئىراننىڭ «يېشىل ئىنقىلابى» ئىدى، بۇ ئىنقىلاب 2009-يىلدىكى سايلامدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئېتراز بىلدۈرۈشتىن باشلانغان بولۇپ، ئىران ھۆكۈمىتى دەھشەتلىك باستۇرغان ئىدى. ئىرانغا قارىتىلغان جازا شەك-شۈبھىسىزكى قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئەمما رېئاللىق شۇكى، ئاددىي ئىرانلىقلار ئۇچرىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئاساسلىقى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادنى باشقۇرۇشتىكى يارامسىزلىقىدا ئەكىس ئېتىدۇ؛ ھەقىقەت شۇكى، ھازىر ئىران ئىقتىسادىنى ئۇرۇشقا بولغان بىر خىل ۋەھىمە چىڭ چىرمىۋالدى. دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە %50 چۈشۈپ كەتكەندە، ئىقتىسادىي يىمىرىلىش كۆز ئالدىمىزدىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ. پۇل پاخاللىقى كونتروللىقىنى يوقاتقانلىقتىن، سودىگەرلەر رىيالنى ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى سودىلاردىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭدىن سىرت، مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىدى، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تۇرالغۇلارنىڭ باھاسىنى كۆرگەندە، ئىشسىزلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاراپلا ئارقىغا داجىيدىغان بولدى.
ئىران ئىقتىسادى قالاق، ئىقتىسادنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىنقىلابىي ئارمىيە كونترول قىلىدىغان بولۇپ، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشقا قەتئىي ئامالسىز، بۇ ئىران پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى ئىجتىمائىي مەسىلە. بۇ مەسىلە بارغانسرى ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى، چۈنكى %60 ئىرانلىق 1979-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، نوپۇسنىڭ تېزلىكتە ئېشىشى ۋە كالامپاي ئىقتىسادىي سىياسەت ئىراننى ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىققا زىيادە تايىنىدىغان قىلىپ قويدى. لېكىن، جازانىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك يۇقىرى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىران ھاكىمىيىتىنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى، ئاممىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئويغىتىش ئارقىلىق، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمىشىش پۇرسىتىنى يۇقىرىلىتىپ، ئىراننىڭ «ئەرەب باھارى» نى قوزغاشتۇر. ئەمما بۇ كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان خىيال بولىشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق كۆرۈلگەن تەغدىردىمۇ، باستۇرۇش ئېھتىمال ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىسرائىلىيە ياكى ئامېرىكا ئىران يادرو ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قوزغىسا ئاپەت خاراكتېرلىك خاتالىق بولۇپ قالىدۇ، خۇددى ئىسرائىلىيە موساد ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق رەھبىرى مېئىر داگان (Meir Dagan) ئېيتقىنىدەك «ئەڭ ئەخمىقانە قاراش» بولىشى مۇمكىن. كىشىلەر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇنىڭ ئۇرۇش دارۋىڭى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىق ئەسلىمىسىنى تىزگىنلەشتەك پەسكەش قىلمىشى پەقەت دۇنيانىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇراشتىكى بىر خىل ۋاستە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر، نېتانياخۇ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى. بىراق، بىز دېپلوماتىيە ۋاستىسى، ئىقتىسادىي جازا ياكى ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بىردەك مەغلۇپ بولىشىدەك ئەھۋالنى چەتكە قاقساق بولمايدۇ. شۇنداق بولۇپ قالسا، كىشىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنى سەل چاغلاپ قالسا بولمايدۇ. 1976-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا مىسىرغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتىگە بولغان ئومۇمىي باھا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىققا بولغان ۋەھىمىدۇر. ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمال دەل نېتانياخۇنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇرۇشتىن كېيىنكى يەر شارى دېپلوماتىيىسى ئېھتىمال ئوتتۇرا شەرقنىڭ يادرو قورالى ئەركىن رايونى قۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى بىر تەرەپ قىلىش، پەلەستىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلەر دەل نېتانياخۇ ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر. ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇشنى تاللىسا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ بىنورمال بۇ رايوننى تىنجىتىش تىرىشچانلىقى يەنە مەغلۇپ بولىدۇ، ئۇنداقتا ئوتتۇرا شەرق رايونى پارچىلىنىپ باشقۇرۇش تەس بولغان مالىمانچىلىققا پېتىپ، ئىران يادرو بومبىسى ياسىغاندىكى تەھدىدتىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ كېتىدۇ. مەنبە: ئاپتورى شلومو بېن-ئامى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى.
|