تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە كۆمۈر گازى
نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان يېقىلغۇ گازلار ئاساسلىقى ئۈچ خىل بولۇپ، ئۇلار تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە كۆمۈر گازىدىن ئىبارەت. گەرچە ئۇلار ئوخشاش بىر خىل يېقىلغۇ گازغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پەرقلىنىدۇ.
تەبىئىي گاز. بۇ بىر خىل رەڭسىز، پۇراقسىز، ئاسان كۆيىدىغان ھەم ئاسان پارتلايدىغان گاز. ئەگەر تەبىئىي گازنىڭ ھاۋادىكى قويۇقلۇقى %5- %15 ئەتراپىدا بولسىلا ئوت يېقىلسا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېتان. گەرچە مېتان زەھەرسىز بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىگە بەلگىلىك مىقداردا ھېدرو سۇلفىد ئارىلىشىپ قالسا زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. ھېدرو سۇلفىد بىر خىل كۈچلۈك سېسىق تۇخۇم پۇرىقىغا ئىگە رەڭسىز گاز بولۇپ، ھاۋادىكى قويۇقلۇقى0.3L/gmغا يەتكەن ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ كۆز، ئېغىز ۋە بۇرۇنلىرىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆزدىن ياش ئاقىدۇ، بېشى ئاغرىپ قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھاۋادىكى مىقدارى 1.54L/gmگە يەتسە ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ يېقىلغۇ گاز توغرىسىدا چىقارغان بەلگىلىمىسىدە ئاھالىلەر تەمىنلىنىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ھەر كۇب مېتردىكى ھىدرو سۇلفىدنىڭ مىقدارى 20L/gmدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئەسكەرتىلگەن. تەبىئىي گازنىڭ ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى كۆيدۈرگەندە ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئوخشاش ھەجىمدىكى كۆمۈر گازىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى. تەبىئىي گازنى يەنە سۇيۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەجمى كىچىكلەپ ئەسلىدىكى ھەجمىنىڭ 600 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز. بۇ ئەمەلىيەتتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىنىڭ قىسقارتما ئاتىلىشى بولۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پروپان، بۇتان قاتارلىق تۆۋەن كاربونلۇق كاربون ھىدرىدلاردىن ئىبارەت. سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز رەڭسىز ھەم پۇراقسىز گاز بولۇپ، ئىسسىقلىق قىممىتى تەبىئىي گازدىن تۆۋەن، تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ئارىلاشما ماددا بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىلگەن ئاشخانىلاردىكى ئاشخانا سايمانلىرىدا بىر قەۋەت مايسىمان ماددا يېپىشىپ قالىدۇ. بۇ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز كۆيگەن ۋاقىتتا ھاسىل بولغان بىر قىسىم ئورگانىك ماددىدىن ئىبارەت.
كۆمۈر گازى. بۇ كۇكسىنى كۆيدۈرگەندە ھاسىل بولغان گاز بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبىدە كاربون چالا ئوكسىد بولغاندىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردا ھىدروگېن ۋە مېتان گازىمۇ بولىدۇ. گەرچە كۆمۈر گازى رەڭسىز ھەم پۇراقسىز گاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ زەھەرلىك. بۇنىڭ ئىچىدىكى كاربون چالا ئوكسىد ئەڭ زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش كۈچى ئوكسىگېننىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا 200 ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا، قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئوكسىگېن توشۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىپ، ھەر قايسى توقۇلما، ئەزالارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارتېرىيە تومۇر دىۋارىدا سۇلۇق قاپارتمىلارنى ھاسىل قىلىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ راۋان ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. كاربون چالا ئوكسىد يەنە ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ يۈز بېرىدىغان كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشمۇ، ئەمەلىيەتتە، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتە، تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە كۆمۈر گازىغا ئالاھىدە پۇراققا ئىگە ئاز مىقداردىكى ئېتىل مېركاپتان ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئېتىل مېركاپتاننى بىر خىل ئاگاھلاندۇرغۇچ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە كۆمۈر گازى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رەڭسىز ھەم پۇراقسىز گاز بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئاسان سېزەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاز مىقداردا ئېتىل مېركاپتان قېتىۋەتكەندە، گاز تۇڭى ياكى گاز تۇرۇبىلىرىدىن گاز چىقىپ كەتكەندە ئاسانلا سېزىۋالغىلى بولىدۇ، شۇ ئاساستا ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ پارتلاش، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ۋە يېقىلغۇ گازلار چالا كۆيگەندە ھاسىل بولغان كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قېلىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 10:38 PM