ھاياتلىقتا خوشاللىققا ئىرىشىشنىڭ 10خىل تەدبىرى
ئالدى بىلەن كەمىنە تۈركلاندىن ھەممىڭلارغا سالام:
مەن ھاياتلىق ئۈستىدە ئاز تولا پىكىر يۈرگۈزدىغانلار بىلەن بەك كۆپمۇ ئارلىشىپ كەتمىگەن .بىراق مەن ئادەتتە ھاياتلىق ئۈستىدە،ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرىمەن.بىر چاغلاردا ئاجايىپ سالمىقى زور ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلۇنۇپ مەنمۇ ئاشۇنداق سالمىقى زور گەپلەرنى قىلىدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم.ھەمدە ئاجايىپ زور پىلانلارنى تۈزۈپ ئۈزۈمنى خوش قىلاتتىم.دەسلەپتە شۇنداق تىرىشاتتىم يۇ ،ئاخىرغا با رغاندا بوشىشىپ ئۈزۈمنىڭ ئىرادىسىزلىكىدىن ئاغرىناتتىم.ئويلاپ باقسام 20يىللىق ھاياتىمدا كۆز ئالدىمدىكى خوشاللىقنى دەپلا ياشاپ كەپتىمەن .لىكىن ناھايتىمۇ ئەپسۇس،مەن خوشاللىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ناھايتىمۇ كىچىكىپ چۈشىنىپتىمەن.ئەسلىي ھاياتلىقتا ئىرىشمەكچى بولغان خوشاللىققا بىر تۈرلۈك ماھارەت ۋە تەدبىر كىتىدىكەن.مەن ئۇزۇن مەزگىل ئويلۇنۇش ،تەجرىبە قىلىش ،ماتىرىيال كۆرۇش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك 10خىل ھەقىقىي خوشاللىققا ئىرىشىشنىڭ تەدبىرىنى تۈزۈپ چقتىم :
1.ئەگەر تۇرمۇش رىتىمىڭىزدىن رازى بولمىسىڭىزمۇنداق قىلىڭ :ئالدى بىلەن 10كۈنلۈك ۋاقتڭىزنى ئاجرىتىڭ .بۇ 10كۇندە سىز ھەر كۈنى سەھەردە شۇ كۈنى نىمە قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئاڭقىرىۋالغاندىن كىيىن دەرھال مەخسۇس شۇ كۈنگە تەۋە بىر پىلان يېزىڭ.ھەمدە ئۈزىڭىزنى زورلاپ بولسىمۇ شۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەڭ.ئەگەر قىلالمىسىڭىز،بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۈتۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاڭ،بىرىنچى كۈنى راست قىينىلىسىز بىراق بۇنى چۇقۇم 10كۇن تۇللۇق ئۇرۇندىشىڭىز شەرت.لىكىن خاتىرجەم بۇلۇڭ بىرىنچى كۈنى مۇۋاپىقىيەت قازانسىىڭز،ئىككىنچى كۈنىڭىزگە ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ.لىكىن پىلانىڭىز بەك كۆپ ۋە ياكى بەك ئاز بۇلۇپ قالمىسۇن.بولمىسا ئىشەنچىڭزنى يىتىلدۈرۈشكە تەسىر يىتىدۇ .ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق تۈزۈڭ.ئەنە شۇنداق 10كۈننى ئۆتكۈزۈڭ .سىزدە شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر ئىشەنچ يالقۇنجايدۇ.ھەمدە ھەقىقىي بىر خوشاللىققا ئىرىشكەندەك بولىسىز.خوش 10كۈن تۇللۇق ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن،سىزتۇرمۇش رىتىمڭىزنى ئاندىن بەلگىلەڭ.ھەر كۈنى قىلىشىقا تىگىشلىك بولغان ئىشىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ .ھەمدە كۈنلۈك ئىشىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتكۈزۈڭ.يەنە بىر تەكىتلەپ ئۈتەي ئىشەنچىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ.باشتىكى 10كۈنلۈك تەجرىبە -ئەمىليەتتە دەل ئىشەنچ يىتىلدۇرۇش باسقۇچىدۇر.ئىشەنچىڭىز بولغاندا ئاندىن 10كۈندىن كىيىنكى تەرەقىياتلارغا ئىرىشەلەيسىز.10دىگەن سان چوڭ بىلىنسە 1 دىگەن ساننى ئىشلىتىڭ .دىمەكچىمەنكى بىر كۈندىن بىر كۈندىن ئالغا بېسىڭ.
2.ھەرگىز نىشانسىز ياشىماڭ .ئىشىنىڭكى نىشانىڭىز قانۇنىي ئەخلاقلارغا زىتلا بولمىسا، چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئشىنىڭكى نىشانىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا سىزدىن بەختىيار ئادەم بولمايدۇ.
3.گەپ سۆزدە باشقىلارنى چۈشۈردىغان گەپلەرنى ھەرگىز قىلماڭ.قاشى تەرەپ كۆڭلىدە سىزگە ھىچنىمە دىمىگەندەك قىلغان بىلەن ،سىزگە ئۆچ بۇلۇپ كىتىدۇ.
4.ھەقىقىي چىن دوستىڭىز بىلەن ئىلىم -بىرىمدە بەك چىڭ تۇرىۋالماڭ.ئۇ سىزنىڭ ھەقىقىي دوستىڭىز بولغانكەن ھەرگىز سىزنى قىيناپ قۇيىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ.سۇقۇشۇپ قالغان چاغلاردا ھەرگىز تەتۈرلۈك قىلماڭ.ئۇنىڭدىن ئالدى بىلەن كەچۈرۈم سورىسىڭىز،سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىز نامايەن بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇ سىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ.
5.تۇرمۇشتا بەك چوڭچىلىق بىلەن پۇل خەجلىمەڭ .پۇل ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ.بەك چوڭچىلىق بىلەن خەجلىسىڭىز باشقىلارغا يامان تەسىر بىرىپ قۇيىسىز.
6.ساغلاملىققا ئائىت بىلىملەردىن ئاز تولا پايدىلىنىپ قۇيۇڭ.ئىمكانقەدەر ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.تەن ساقلىق زور بايلىق ئەمەسمۇ؟
7.ئائىلىدىكىڭىزلەر بىلەن ياخشى ئۈتۈڭ .ئاتا -ئانىڭىزنى قىيناپ قويماڭ.ئەمىليەتتە ئۇلاردىن كىلىدىغان خوشاللىق ھىساپسىزدۇر.
8.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلمىسىڭىزمۇ ھەرگىز يامانلىق قىلماڭ.باشقىلارغا ياخشلىق قىلالىسىڭىز تېخى ياخشى،شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈزىڭىزنى نامايەن قىلالايسز ھەم باشقىلارنىڭ رەخمىتىگە ئىرىشىش ئارقىلىق خوشاللىق تاپالايسىز.
9.ئۈمىدسىزلەنگەندە باشقىلاردىن تەسەللىي تاپالمىسىڭز،ئۈزىڭىزدىن تەسەللىي تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.باشقىلارغا روھسىز ھالىتىڭىزنى كۆرسىتىشنى خالىمىسىڭىز ،ھاۋاسى ساپ خىلۋەت جايلارغا بېرىپ ،بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئۈزىڭىزگە ئاگاھلاندۇرۇڭ.قەددىڭىزنى قايتىدىن روسلاپ ،مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئىلىپ،خاتا قەدىمىڭىزنى توغۇرلاڭ.مەغلۇبىيەت پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىك ئەمەس،بەلكى بىر خاتا قەدەمدىن بالدۇر قۇتۇلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
10.خىزمەتتە بەك تىرىشچان بولسىڭىزمۇ،لىكىن ئۇزىڭىزنى زىيادە چارچىتۋالماڭ.ئىلمىي نوقتىدىن ئالغاندا،دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش،ئۆگۈنۈش ئۈنۈمىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.ئىسىڭىزدە بولسۇن -ھازىرقى دەۋىر ئىشنىڭ ئۈنۈمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.
خوش ھۆرمەتلىك زامانداشلىرىم،دەيدىغانلىرىم تۈگەپ قىالدى،لىكىن ۋاقىتلىق تۈگەپ قالدى خالاس ،بۈگۈن مۇشۇ يەردە بايانىمنى ئاخىرلاشتۇراي.يازغانلىرىڭ ئاز-تولا لوگىكىغا ئۇيغۇنكەن دەپ قارىغان بولساڭلا ئالامچە خوشاللىقا چۆمگەن بۇلاتتىم.
مەنبە:كەمىنە تۈركلان
2012-04-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 09:48 PM