شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىنى» ھېلىلا يېپىلىشى بىلەن، شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 4-ئايدا «كۋاڭ ميوڭسوڭ-3» سۈنئىي ھەمراسىنى قويۇپ بېرىپ، كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەخمەق قىلىنغانلىق تۇيغۇسى ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە ب د ت نى تېزلىكتە قاپلىدى، جۇڭگو، روسىيەمۇ بىرلىكتە شىمالىي كورىيەگە بېسىم قىلدى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، شىمالىي كورىيەنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتى ۋەكىلى كىم كيېگۋان بېيجىڭغا جىددىي ئۇچۇپ، جۇڭگونىڭ كورىيە يېرىم ئارىلى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋۇ داۋېي بىلەن دىياۋ يۈتەي دۆلەت مېھمانلىرى سارىيىدا سۆھبەتلەشتى. سۈنئىي ھەمرا كىرزىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكىنى، شىمالىي كورىيە ئاشلىق كىرزىسى يەنە ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ھەمدە كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئويۇنلارنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ قالدى. سۈنئىي ھەمرا كىرزىسىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى توختاتقان شەرت ئاستىدا، 240 مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمى بېرىشكە قوشۇلغان ئىدى، جۇڭگو 2-ئايدا 600 مىليون يۈەن قىممىتىدە شىمالىي كورىيەگە ھەقسىز ئاشلىق ياردىمى بېرىشكە تۇتۇش قىلىشقا باشلىغان، ھازىر تەشۋىش ئىچىدە قالدى. بىرلا ۋاقىتتا، ب د ت ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى شىمالىي كورىيەنى يەنە بىر قېتىم «يەر شارىدىكى ئاشلىق كىرزىسىغا دۇچ كەلگەن 34 دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. نۆۋەتتىكى شىمالىي كورىيەنىڭ كونكرېت ئاشلىق كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۆلچەر سانى بۇرۇنقىدەك چىگىش ۋە غەلىتە ئىدى. ب د ت ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى 2012-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، گەرچە مەھسۇلاتتا ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيەدە يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق يېتىشمىگەن بولۇپ، 740 مىڭ توننا ئاشلىق كەمچىل ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ خادىمى يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي كورىيەدە بۇ يىل 414 مىڭ توننا ئاشلىق كەمچىل بولغان، ئەگەر بۇ يىل يازدا شىمالىي كورىيەدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىدىغان بولسا، بۇ سان ماس ھالدا ئۆزگىرەيدۇ. ئاشلىق كەمچىللىك كۆلىمىگە ماس ھالدىكى ئاجىز ئاممىغا بولغان سىتاتىستىكىمۇ بىردەك ئەمەس. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلەش ئۆمىكى خەلقئارانىڭ 3 مىليون ئاجىز شىمالىي كورىيە ئاممىسىغا ئاشلىق ياردىمى تەمىنلەش تەكلىپى بەرگەن. 2011-يىلى 10-ئايدا، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئول مۇئاۋىن باش كاتىپ ئاموسنىڭ دېيىشىچە، شىمالىي كورىيەدە تەخمىنەن 6 مىليون ئادەم ئاشلىق كەمچىل بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئەگەر راست بولسا، بۇ سان شىمالىي كورىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. ب د ت 2010-يىلى ئېلان قىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2008-يىلى 24 مىليون 50 مىڭ بولغان. 1995-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، شىمالىي كورىيەدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتا مىليوندىن كۆپ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. كېيىن گەرچە ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاچلىقنىڭ تەھدىتىدىن باشتىن-ئاخىر تەلتۆكۈس قۇتۇلالمىدى. شىمالىي كورىيە يېپىق ھەم چەتئەللىكلەرنى چەتكە قاقىدىغان بولغاچقا، بۇ سىرلىق زېمىندا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋال ئىكەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىزچىل قايمۇقتۇرۇپ كەلدى. ئاستا خاراكتېرلىك ئاچارچىلىق قاپلىغان دۆلەت 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا، شىمالىي كورىيەدە كىشىنى چۆچتىدىغان چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. جەنۇبىي كورىيەگە قېچىپ كەتكەن شىمالىي كورىيە رەھبىرى خۋاڭ چاڭيوپنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا: 1995-يىلىغا كەلگەندە، پيوڭئان بۇكدودا كەلكۈن كېلىپ، ئاشلىق كىرزىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشقان. كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئادەملەر بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئاشلىق تالىشىش سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى كۈنسېرى كۆپەيگەن...پەقەت پيوڭياڭ شەھەر مەركىزىدىن سىرتقا ئازراق ماڭسىلا ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئادەملەرنى كۆرگىلى بولغان، شەھەر سىرتىدا جەسەتلەر دۆۋە بولۇپ كەتكەن. خۋاڭ چاڭيوپ شىمالىي كورىيە پارتىيە تەشكىلىي بۆلىمىنىڭ قارىشىنى نەقىل قىلىپ دېيىشىچە، 1995-يىلى 50 مىڭ پارتىيە ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن، 1996-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. ھەربىي سانائەت ئىشچىلىرىدىن 500 مىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېخنىك سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئىشچىلاردىنمۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. يېرىم ئادەم ئاچ قورساق ئەمگەك قىلالمىغاچقا پەقەت يېتىشقا مەجبۇر بولغان.
جەنۇبىي كورىيە بىرلىك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 2004-يىلدىكى تەتقىقات نەتىجىسى قارىشىچە، 1994-2000 يىللىرى ئارىسىدا، شىمالىي كورىيەدە ئاچلىق سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئاز دېگەندە 630-690 مىڭ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 580 مىڭدىن 1 مىليون 120 مىڭ ئارىسىدا بولغان. چوڭ ئاچارچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە گەرچە نەچچە قېتىملىق ئاشلىق كىرزىسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك پاجىئەلىك ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. ئەمما ئاچارچىلىق شىمالىي كورىيەدىن يېرىم قەدەممۇ نېرى كەتمىگەن، پەقەت كۈندۈلۈك ھەم ئاستا ئاچارچىلىققا ئۆزگەرگەن. بۇ ۋەقە جۇڭگولۇقلارغا 1959-1961 يىللىرىدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ پاجىئەلىك خاتىرلىرىنى ئەسلىتىدۇ. شىمالىي كورىيەدە ئاچ قالغان نوپۇس 90-يللارنىڭ بېىشىدا تەخمىنەن 4 مىليون 200 مىڭ ئادەم بولغان، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدا كۆپىيىپ 7 مىليونغا يەتكەن. كېيىن 10 يىلدىن كۆپرەك ئاستا ئاشلىق كىرزىسىنى باشتىن كەچۈردى، 2007-يىلىغا كەلگەندە، %33 پۇقرا يەنى 7 مىليون 800 مىڭ ئادەم ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇش ھالىتىدە تۇرغان. بۇ ئاسىيا رايونىدا بىردىنبىر ئەھۋالدۇر. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ شىمالىي كورىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى جېئان پىئېر 2007-يىلى جۇڭگو ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەھلىل قىلىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق كەمچىل بولىشىدا نۇرغۇن قۇرۇلمىلىق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. «بىرىنچىدىن، شىمالىي كورىيەدە تېرىغىلى بولىدىغان يەر نىسبىتى تۆۋەن، شىمالىي كورىيە يەر مەيدانى گەرچە 120 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولسىمۇ، ئەمما تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر پەقەت %18 كېلىدۇ، بۇ نىسبەت دۇنيادا ئەڭ تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، شىمالىي كورىيەدە يېتەرلىك خىمىيىۋى ئوغۇت، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى يوق، سۇغىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئاجىز. ھەر يىلى يازدا، شىمالىي كورىيەدە ھەمىشە چوڭ ياكى كىچىك سۇ ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە قۇرغاقچىلىق ۋە كۈز پەسلىدە بوران ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى شىمالىي كورىيە يېزا ئىگىلىكىدە ئاسانلا مەھسۇلات كېمىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ» دېگەن. ب د ت ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىر دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 1996-يىلدىن 2000-يىلغىچە جەمئىي 15 قېتىم ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئاپەتلەردە، ئەسلىھەنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى ئادەم خاتالىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئادەم ئامىلى ئاپىتى 9 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىنمۇ كۆپ بولغان. نامراتلىقنىڭ بىۋاستە سەۋەبى ھەمىشە نىسبەتەن ئوچۇق بولىدۇ، بەك كۆپ تەھلىل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى سەۋەبى غۇۋا بولۇپ، مەڭگۈ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ب د ت نىڭ «2010-يىللىق دۇنيا ئاشلىق مۇقىمسىزلىقى ئەھۋالى» دوكلاتى شىمالىي كورىيەنى 22 ئاستا خاراكتېرلىك ئاشلىق كىرزىسى بار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزدى. بۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاشلىق كىرزىسى بار دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى ناچار بولۇش نىسبىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئادەتتە، ئادەم ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1800 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ئېنىرگىيەگە كاپالەتلىك قىلالمىغان كىشىلەر ئېھتىمال ئوزۇقلىقى ناچار ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ئاچلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىغا كىرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئاچلىق ۋە نامراتلىقنى تونۇشتا، ئىنچىكە لاھىيەلەنگەن ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى ۋە ئەپچىل مىقدارلار ئەسلا كېرەك ئەمەس. «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» نىڭ مۇخبىرى 2010-يىلى 4-ئايدا شىمالىي كورىيەدە، سىنئۇيجۇدىن پيوڭياڭغىچە بولغان ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى كۆرگەن. تۆمۈر يولنىڭ ئىككى يېقىدا ئۇپۇققا تۇتاشقان ئېتىز بولۇپ، دەل-دەرەخنى ئىنتايىن ئاز كۆرگىلى بولاتتى. شۇڭا سەل غەلىتە كۆرۈنىدۇ. شىمالىي كورىيەلىكلەر دەرۋەقە ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەتتە ئاشلىق تېرىغىلى بولىدىغان يەر ئاچقان. دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىغاندىن سىرت، تۆمۈر يول يېنى، دەريا قىرغىقى قاتارلىق جايلاردا ھەمدە دەريا ئوتتۇرىسىدا دۈمچەك چىقىپ قالغان يەرلەرنىمۇ ئاغدۇرۇپ ئېتىزغا ئايلاندۇرغان. ئېتىزدا، توپ-توپ دېھقانلارنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما ھەقىقىي ئەمگەك قىلىۋاتقانلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس: نۇرغۇن كىشىلەر رەت-رەت بولۇپ ئولتۇرۇشقان ياكى ئوتىغۇچنى تۇتۋېلىپ يىراقلارغا قارىشىپ تۇرغان. ئەمما بەزى ئادەملەر ناھايىتى ئىشچان بولۇپ، نەچچە مېتىر نېرىدا كېتىپ بارغان پويىزغا قاراپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئادەتتە ئايللار بولۇپ، كىيىملىرى كونا، تېنى ۋىجىك، چېچى چۇۋۇلغان، كىچىك خالتا يۈدۈۋالغان، قولىدا كىچىك گۈرجەك بولۇپ، يەرگە دۈم بولغان ياكى ئولتۇرغان ھالدا بىر نەرسىلەرنى ئىزدىمەكتە، كولىماقتا ئىدى. بۇ خىل مەنزىرە جەنۇبتىكى كائېسوڭدىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى پيوڭياڭنىڭ شەھەر مەركىزىگىچە، يەنە شىمالىي قىسىمىدىكى سىنئۇيجۇغىچە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەھۋالنى بىلگۈچى زاتنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاياللار شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق قەھەتچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياۋا كۆكتات كولاشقا مەجبۇرلانغان. ھەر يىلى بۇ مەزگىل شىمالىي كورىيەدە ئەتىيازلىق ئاچارچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ، دەل سېرىق تال ۋاقتى. مۇخبىر شىمالىي كورىيەگە كىرىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، جۇڭگولۇق كېمە خادىمى چوڭجىن پورتىدا ئاچارچىلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. جۇڭگو كېمە خادىملىرى قىرغاققا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، يانفۇنى بىردەك پېچەتلەنگەن، قىرغاقتا شىمالىي كورىيە ئەسكەرلىرى قوراللىق پوستتا تۇرغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەمما قىرغاقتىكى ئاچ قالغان كىشىلەر كېمە خادىملىرىغا قول سۇنۇپ، كېمە خادىملىرىدىن يەيدىغان نەرسە تاشلاپ بېرىشىنى تىلىگەن. بىر قىسىم كىشىلەر پورتتا مۈكچىيىپ يۈرۈپ سىنچىلاپ يەر سۈپۈرۈۋاتقان بولۇپ، چۈشۈپ قالغان گۈرۈچ، بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىزدەۋەتقان ئىدى. مەنبە: سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى، ئىككىنچى بۆلىكى «شىمالىي كورىيەدە زادى قانچىلىك ئاشلىق كەمچىل؟»، ئۈچىنچى بۆلىكى «ياردەم ئاشلىقىنى كىملەر يېيەلەيدۇ؟»، تۆتىنچى بۆلىكى «باشقۇرۇلىدىغان بومبا لازىممۇ ياكى ئاشلىقمۇ؟» ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز كېيىنكى بۆلەكلىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
|