توختام ماجرلىرىدىكى زىيان تۆلىمى،زاكالەت ،خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ پەرقى
توختام ماجرالىردا زاكالەت ،خىلاپلىق قىلىش پۇلى،زىيان تۆلىمى (تۇۋەندە ئۇچ تۆلەم دىيىلدۇ) تالاش تارتىشى كۆپ ئۇچرايدۇ.تۇختامدىكى ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇغداش ئۇچۇن كىپىللىك قانۇنى تۇختام قانۇن ۋە باشقا ئەدىلىيىلىك ئىزاھاتلاردا ئۇچ تۇلەمگە دائىر نۇرغۇن مەزمۇنلار بار.
زاكا لەت بۇلسا توختامنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئادا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن ،قانۇنغا ئاساسەن ۋە تۇختامدا پۇتۇشۇپ ،توختام ئۇمۇمى سۇممىسنىڭ مەلۇم قىسمىغا باراۋەر پۇل ۋە مالنى يەنە بىر تەرەپكە بىرىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.توختام قانۇنىنىڭ 115 –ماددىسدا تۇختامنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئادا قىلىنىشى ئۇچۇن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە زاكالەت بەرسە بۇلىدىغانلىقى ،بۇزاكالەتنى بەرگەن تەرەپ ئەگەر تۇختامنى ئادا قىلمىسا بۇ زاكالەتنى ئالغۇچىدىن تەلەپ قىلسا بۇلمايدىغانلىقى ،ئەگەر زاكالەتنى ئالغان تەرەپ تۇختامنى ئادا قىلمىسا بۇ زاكالەتنى ئىككى ھەسسە قىلىپ قايتۇرىشى كىرەكلىگى كۇرسىتلگەن .كىپىللىك قانۇنىنىڭ 91-ماددىسدا زاكالەت پۇلىنى تەرەپلەر پۇتۇشسە بۇلىدىغانلىقى ئەمما تۇختام ئۇمۇمى سۇممىسىنىڭ %20 دىن ئىشىپ كەتسە بۇلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ..
خىلاپلىق قىلىش پۇلى توختامدىكى ئىككى تەرەپ كىلىشىش ئارقىلق ئالدىن بىكىتلگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەركىتى يۇز بەرگەندىن كىيىن كىلىپ چىقىدىغان مۇستەققىل بولغان توختامنى ئىجرا قىلىشتىن سىرىت توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى خىلاپلىق قىلمىغۇچىغا تۆلەيدىغان بىر خىل ھەقتۇر.توختام قانۇنىنىڭ 114-ماددىسدا كىلىشكەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى كىلىپ چىققان زىياندىن تۇۋەن بۇلۇپ قالسا ياكى يۇقۇرى بۇلۇپ قالسا توختامغا ئالاقىدار تەرەپ خەلق سوت مەھكىمسىدىن ياكى كىسىم ئۇرگىنىدىن تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى ئازايتىشنى ياكى كۇپەيتىشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدىغانلىقى كۇرسىتلگەن .توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۇختام ئىمزالانغاندا ئالدىن پۇتۇشۇلگەن بۇلغاچقا كىيىن كىلىپ چىقىدىغان زىياننى تۇغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىگى مۇمكىن شۇڭا توختام قانۇنىدا يۇقۇرقى بەلگىلمە چىقىرىلغان.
زىيان تۆلىمى بۇلسا توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ كەلتۇرۇپ چىقارغان زىياننى كۇرسىتىدۇ.ئەمىليەتتە زاكالەت ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى زىيان پۇلىنىڭ خاراكتىرگە ئىگە،بىراق زاكالەت ۋە تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تەرەپلەر ئالدىن پۇتۇشىدۇ.زىيان پۇلى بولسا توختامغا خىلاپلىق قىلغاندىن كىيىن كىلىپ چىقىدو.زىيان پۇلى تۆلەشتە توختامغا خىلاپلىق قىلمىغان تەرەپ زىيانغا ئالاقىدار ئىسپاتنى تۇلۇق تۇپلىشى كىرەك. خىلاپلىق قىلىش ھەركىتى يۇز بەرگەندىن كىيىن ،خىلاپلىق قىلمىغان تەرەپ خىلاپلىق قىلىش تۇپەيلى زىيان كىلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمسە زىيان تۆلەشنى تەلەپ قىلىش تەسكە توختايدۇ.توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر دەۋا جەريانىدا ئۇچ تۇلەمىنىڭ قايسىسنى تاللاشتا تۇلىمۇ ئىھتىياتچان بۇلىشى كىرەك. ئۇچ تۇلەمنىڭ قانۇنى مۇناسىۋتىدىن قارىغاندا ئۇچ تۇلەم ئىچىدە زاكالەت بىلەن خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بۇلمايدۇ.تۇختامدا پۇتۇشۇشكە بۇلىدۇ لىكىن دەۋا جەريانىدا چۇقۇم بىرنى تاللاشقا تۇغراكىلىدۇ.توختام قانۇنىنىڭ 116- ماددىسدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش يۇز بىرىپ ئالاقىدارلار توختامدا زاكالەت ۋە خىلاپلىق قىلىش پۇلى پۇتۇشكەن بولسا بىرنى تاللاش كىرەكلىگى كۆرسىتلگەن .تەرەپلەردە توختامغا خىلاپلىق قىلىش يۇز بەرگەندىن كىيىن تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى بىلەن زىياننى بىرلا ۋاقىتتا تەلەپ قىلغىلى بۇلىدۇ.توختامغا خىلاپلىق قىلىشتىن مەيلى زىيان كىلپ چىقسۇن چىقمىسۇن پەقەت تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەركىتىنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولسىلا توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تەلەپ قىلغىلى بۇلىدۇ. تۇختام ماجرالىرغا ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ ئۇچ تۇلەمنىڭ مۇناسىۋتنى ئىنىق ئايرىشى تۇغرا قۇللىنىشى كىرەك .شۇنداق بۇلغاندىلا توختامدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتنى ئەڭ زۇر دەرىجىدە قۇغدىغىلى بۇلىدۇ.
4-ئاينىڭ 22-كۇنى دۇنيا قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى كۇنى. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854
توردا مەسلىھەت بىرىش 1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 07:50 PM