مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 2

بىز يىشىللىققا مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 06:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

بىز يىشىللىققا مۇھتاج

مىنى ھەق دېندا قىلغان رەببىمگە، روھىملا بولىدىكەن تەشەككۈرلەرئەيتقىلى نىسىپ بولسۇن، مىنى ھەق دېنغا دەۋەت قىلغان مۇھەممىدىمگە، روھىملابولىدىكەن دۇرۇتلار ئەيتقىلى نىسىپ بولسۇن، يىشىللىق ھامىيسى بولۇپ ياشاۋاتقانيولداشلىرىمگە يىشىللىق بىلەن بىزەلگەن 2 دۇنيا يار بولسۇن، ئامىن!

كۈندە دىگۈدەك تۈرلۈك تاراتقۇلاردىنسانى بىر قانچە بولغان يىشىل يىمەكلىك، يىشىل دورا، يىشىل ئىستىمال ھەققىدەبىرىلىۋاتقان لاپلىق دام داملار بىلەن ئۇچرۇشۇپ تۇرىمەن، تاراتقۇلارنىڭ داۋراڭلىرىغاقارىسام، يىشىل يەرشارىدا يىشىل نەرسە بەكمۇ ئاز قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن.ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى يىشىللىققۇرۇلىشىغا زور دىققەتنى ۋە كۈچى مەركەزلەشتۈرۋاتىدۇ، كىسلاتالىشىۋاتقانيىمەكلىكلىرىمىزگە قارشى يۇقۇرى ئۆلچەملەردە نازارەت قىلىنىپ، تەستىقلىنىۋاتقان«يىشىل يىمەكلىك ئىتىراپنامىسى» تارقىتىش تەدبىرىمۇ شۇ تىرىشچانلىقلاردىن بىرى.كۆتىمىز ئۈچۈن قەغەز قىلغىلىكىسىلىۋاتقان مىليارتلاپ كۆچەتلەرنىڭ ئورنىغا ، يىشىل دۇنيانى قوغداش ئۈچۈن ھەريىلى باھاردا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مەجبۇرى كۆچەت تىكىش پالىيەتلىرىمۇ شۇ تىرىشچانلىقلاردىنبىرى.كۈنسىرى قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم بورانئاپىتىدە ئىڭراۋاتقان يەر شارىدا،تىرىلغۇ يەرلەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، تەبىئيلىگىقوغدىلىدىغان رايۇنلارنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداش تەدبىرىمۇ شۇ تىرىشچانلىقلاردىنبىرى. سانائەتلىشىش پەيدا قىلغان كاربون 4 ئوكسىدنى قويۇپ بىرىشكە چەك قويۇش ئۈچۈنتۈزۈلگەن « كىيوتۇ كىلىشىمى»مۇ شۇ تىرىشچانلىقتىن بىرى.سانائەتلىشىش پەيدا قىلغان ناچار تەسىرلەردە جىددىييوقىلىپ بىرىۋاتقان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەن«ناگاياكىلىشىمى»مۇ شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرىدۇر.يۇقارقى بەلگۈلىمىلەر ھەر بىرئىنساننىڭ ئاڭلىق ئىجرا قىلىدىغان ھەركەت مىزانىغا ئايلىنالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ«ئىقى قەغەز، قارىسى سىياھ» دىن تۈزۈلگەن يەر شارىنى بۇلغايدىغان ئەخلەتتۇر.قارىشىمچە، دۇنيادا ئەڭ تىزسۈرئەتتە يوقىلىۋاتقان نەرسە يىشىللىقتۇر،بىز يىشىللىقنى سۆيگۈچىلەرمىز،يىشىللىقنى سۆيمەيمۇ باشقا تاللىشىمىز يوق، شۇڭلاشقا ، يىراقتا ئارىستوتىل، يىقىنداگىگىل، نىتىچى،ماركىس،ماۋزىدوڭقاتارلىق پەيلاسوپلار ئىنسانىيەتنىڭتەقدىرى ئۈستىدە، توغرىسى يەر شارى يۈزىدىكى تەقدىرى ئۈستىدە ئىزلەندى،شۇ ئىزلىنىشلەرنىڭسەمەرىسىدە، يەر يۈزىدە نەچچە خىل «ئىزىم»لار شەكىللەندى، ئەپسۇسكى، پۈتكۈلئىنسانىيەتكە قارشىلىشىتىن خالى، تىنچ يەر شارى تىخىچە نىسىپ بولمىدى، بۈگۈنكىكۈندە ،يەر يۈزىدىكى 2 يۈز نەچچە دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلغانھالدا تەرەققىيات يولىدا توختاۋسىز ئىلگىرلىمەكتە،ئۆزىگە تەھدىد  ئەكىلىش خەۋپى بار دۈشمەنلىرىدىن ھەر زامانئۈستۈن مۇداپەدە تۇرۇش ئۈچۈن ھەربى سىلىنمىنى كۆپەيتمەكتە، بۇ تەرەققىياتلارتاقەززا قىلغان تەخىرسىز ئىنىرگىيە ئىھتىياجلىرى ،دۆلەتلەر ئارازىددىيەتلەرنى،قارشىلىشىشلارنى كۈچەيتىۋەتمەكتە، ھەتتا قورالغا مۇراجەتقىلىنماقتا،قىزىل پۇللار ئۈچۈن تۆكۈلگەن قىزىل قان بىلەن قانداقمۇ يىشىل تېنچلىقپەرپا قىلغىلى بولسۇن؟...ھەسرەتكى،تارىختا يۈز بەرگەن ۋە بۈگۈنگىچەداۋاملىشىۋاتقان بۇ قارشىلىىششىلارنىڭ خاتىمىسىنى چۈشۈرگۈدەك پەلەسەپىۋىي كۈچ ،يەرشارى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەركىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان «پەلەسە ئىزىم»لارىنىڭھىچقايسىسىدا يوقتۇر.بۈگۈنكى دۇنيادا بار 2 يۈز نەچچەدۆلەت گەۋدىىسى يەر يۈزىدە مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، 2 يۈز نەچچە قانۇن ئىنسانىيەتجەمىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 2 يۈز نەچچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ھۆكۈمران كۈچيەر يۈزىدە مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، 2 يۈز نەچچە ئوخشىمىغان مەنپەت گۇرۇھلىرىئارىسىدىكى  توقۇنۇشتىن ساقلانماق مۈمكىنئەمەس. مۇبادا چوڭ بىلىق كىچىك بىلىقنى يەۋەتسەچۇ؟...ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا غايەتچوڭ ئىككى لەھەڭ بىر بىرىگە خىرىس قىلىدۇ، بۇ ئەتراپىمىزدا بار بولغان ئوبىكتىپرىياللىقتۇر .ئۇنداقتا كىرىزىسلىق يەر شارىنى،يىشىللىقنى يالماۋاتقان سانائەت بۇلغانمىلىرىنىڭ قورشاۋىدىن، يىشىل ھاياتقا نىمە باشلاپئەكىلەلەيدۇ؟...دۇنيادىكى ھەرخىل تىرە، ھەرخىلتىل،ھەر خىل ئېرىقلارغا تەۋە ئىنسانىيەتنى ئۇرۇش ۋە قارشىلىشىشتىن خالىي يىشىلتېنچلىققا نىمە باشلاپ ئەكىلەلەيدۇ؟...دۇنيادىكى ھەرخىل تىرە، ھەرخىلتىل،ھەر خىل ئېرىقلارغا تەۋە ئىنسانىيەتنى زىددىيەتلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچى يىشىلروھقا نىمە باشلاپ ئەكىلەلەيدۇ؟...دۇنيادىكى ھەرخىل تىرە، ھەرخىلتىل،ھەر خىل ئېرىقلارغا تەۋە ئىنسانىيەتنى،كائىناتتا بىرلا بولغان يىشىل يەرشارىدا،يەر شارىدىكى زۆرۈر ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا بىرسى بولمىسا بولمايدىغانمەخلۇقات-مەۋجۇداتنىڭ ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھەققىنى قوغدىيالايدىغان ۋە ئۇلاربىلەن ئورتاق تېنچلىقتا بىللە تۇرالايدىغان تۈزۈلمىگە نىمە باشلاپ ئەكىلەلەيدۇ؟...يىشىل يىمەكلىكمۇ؟...ياق!...چۈنكى يىشىللا يىمەكلىك يەۋاتقانھايۋانلارمۇ يىشىل چۆپنى تالىشىپ بىر بىرىنىڭ قىزىل قانلىرىنى تۆكىشىدۇ.يىشىل كىيىممۇ؟...تىخىمۇ ياق!...چۈنكى بۈگۈنكىدۇنيادا بىر-بىرىنىڭ قىزىل قېنىنى تۆكۈۋاتقان رەھىمسىز ئەسكەرلەرنىڭ كىيىمى نەقيىشىلدۇر.ئۇنداقتا يىشىل دورىمۇ؟ياق!...ياق!...ياق!... چۈنكى بۈگۈنكىيىشىل دورىلار ، يىشىللىقنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە، قىزىل پۇللار ئۈچۈن ياسىلىۋاتىدۇ.مۇنداق قىلغانداچۇ؟...ياق!....ئۇنداق قىلغانداچۇ؟...ياق!..ياق!...ئەمىسە قانداق قىلغاندا؟..................................مەن ھەر يىلى ھەج مەۋسۇملىرىدەمەككە مۇكەررەمەدە نۇرغۇن يىشىل دېنلىق ئىنسانلارنى كۆرىمەن، ئۇلارنىڭتىلى،تىرىسى،دۆلىتى ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۇلار بەيتۇللاھتا بىر يەرشارىلىق، بىرتىللىق، بىر دىللىق، بىرلا ئاتىدىن، بىرلا ئانىدىن تۇغۇلغان قىرىنداشلاردۇر،تارىختىن بۈگۈنگىچە ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە مەن بۇ يەردىكىگە ئوخشىغان ، ئىنسان ۋەھايۋانات، ئىنسان ۋە تەبىئەت، ئىنسان ۋە ھەممە مەخلۇقات بىر-بىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغاتاجاۋۇز قىلىشماي ، ئىناق ۋە بەختلىك ياشاۋاتقان يىشىل جەمىيەتنى كۆرۈپ باقمىدىم .بۈگۈنكى كىرىزىسلىق يەر شارىۋەزىيىتىدىن تىڭىرقاپ قالغان پەيلاسوپلارنىڭ نەزىرى يىشىل پەلەسەپىگەئاغدۇرۇلىدىغان پەيت ئاللىقاچان يىتىپ كەلدى.دۇنيادىكى ھەرخىل تىرە، ھەرخىلتىل،ھەر خىل ئېرىقلارغا تەۋە ئىنسانىيەتنى پەقەت يىشىل ئەقىدەلا تېنچ بەختلىك 2دۇنيالىق يىشىل ھاياتقا باشلاپ كىلەلەيدۇ.جانابى ئاللاھ ، دەل شۇ ھەقىقەتنىبەندىلىرىگە مانىۋىر قىلدۇرغىلى، قادىر بولالايدىغانلارغا ھەجنى پەرھىز قىلغان.

ياشىسۇن يىشىللىقنى سۆيگەنئىنسانىيەت!

ياشىسۇن يىشىل ئەقىدە!....

ياشىسۇن يىشىل تېنچلىق!...

بەندەڭمەن،گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.

2012-يىلى  شەھرى قاغىلىق  

    .ت.ت.قۇرىغار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 06:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72887
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 09:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى قۇرلارنى يازدىكەنسىز،قەلىمىڭىز سۇنمىسۇن،ئاللاھ نىيتىڭىزنى روشەن قىلىشقا كۇچ-ماغدۇر بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 09:24:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!...ھەق يولدا بىرگە قىلسۇن...ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش