cartoon801 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:58 PM 
بەزىلەر قاراڭ، چەتئەلدە تۇرىمەن دەيدۇ يۇ، ئۆگەنگەن ن ...
ھا ھا، قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا دەپ گەپ قىلىۋېتىپسىزدە،رەھمەت. مەن چەتئەلدە تۇرساممۇ ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى، تىلىمنى، دىنىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ئاللاھقا شۈكرى. سىزنىڭ ئىدىيىڭىزدە بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ جاھانغا ماسلىشىپ، غەرپلىشىپ ياشىسا دەيدىغان ئۇقۇم بەك ئېغىر ئوخشايدۇ. نادانغا سۈكۈت دەپتىكەن دانالىرىمىز. سىز بىلەن تەڭ بولۇشنىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوق.
چەتئەل ئادەمگە ياراشسا قانداق بولىدۇ سىزنىڭچە؟ سىزنىڭچە بولسا، چەتئەلدە تۇرغان ھەممىلا ئۇيغۇر يالاڭغاچ يۈرگەنلەرنى كۆرسە ئېغىر ئالمايدىغان، ۋىجدانسىز دەپ چاغلاپ قالدىڭىزمۇ؟ ھەم ھەممىسىلا شۇنداق ھايۋاندىن پەرقى يوق ئېچىلىپ يۈرۈيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟ كەچۈرۈڭ، لىكىن سىز تېخى ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىكەنسىز. سىز باشقىلارنىڭ قانچىلىك نەرسە بىلىشى توغرىسىدا ھېساپلىشىپ ئولتۇرماي، كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ بېرىڭ -ئىڭىڭىز ئېچىلىپ، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، ياخشىراق تەپەككۇر قىلىپ، پىكىر قىلالىشىڭىزغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
سىز باشقىلارنىڭ قالاق ئىدىيەسى توغرىلىق سۆزلىمەي، ئۆزىڭىزنىڭ قاداق ئىدىيىدە ياشاۋاتقان، قاتمال كاللىڭىزنى ئويغىتىشنڭنىڭ غېمىنى قىلىڭ!!!