مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2832|ئىنكاس: 30

مۇھەممد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئانى كەرىمدىكى گۇۋاھلىق( تۈزىتىلگىنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:28:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جانابى ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا قۇرئانى كەرىمدىكى گۇۋاھلىقى



بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم



جانابى ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرغان ھەمدۇ سانالار بىلەن جانابى ئاللاھقا،جانابى ئاللاھنىڭ ئېلمىنىڭ كۆپلۈگىچە ھەمدۇ-سانا ئەيتىمەن.مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۈممەتلىرى ئۇ زاتنىڭ ھەققىدە جانابى ئاللاھتىن تىلىگەنلىرىنىڭ سانىچە بارلىق ياخشى تىلەكلەر بىلەن دۇئا ۋە دۇرۇت يوللايمەن.مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابە-سالىھىنلەرگە ۋە سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەلەرگە،جانابى ئاللاھنىڭ

ئىككى دۇنيالىق ھەسەناتلىرى ۋە مەغپىرەتلىرىى بولغاي، ئامىن،يارەببىل ئالەمىن،بىرەھمەتىكە

يا ئەرھەمىرراھىمىن.


تۆۋەندە جانابى ئاللاھنىڭ ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قۇرئانى كەرىم ئارقىلىق بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى قۇربىمنىڭ يىتىشىچە بايان قىلىمەن، جانابى ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلاپ قويۇشىنى تىلەيمەن، ئامىن .

جانابى ئاللاھ مۇقەددەس قۇرئانى كەرىمدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىگىگە گۇۋاھلىق بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: اﷲساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق ، پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، اﷲقۇرئاننى ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ،  اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر [166].4-سۈرەنىسا 166-ئايەت.

قۇرئانى كەرىمدىكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەخسىيىتىگە چىتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تەپەككۈر قىلساق، جانابى ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەققىدە،ئۇنىڭ تارجىمھالىنىڭ تەپسىلاتلىرى تولۇق بايان قىلىنغان نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئىلاھىي بايانلارنى بايقايمىز، ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:


1- قۇرئانى كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئىيسادىن كىيىن كۈتىلىۋاتقان پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


2-سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن

ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار مۇقەددەس كەبەنىڭ ئۇلىنى قوپۇرىۋىتىپ جانابى ئاللاھقا

مۇنداق ئىلتىجا قىلغان ئىدى:

پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى، ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى  پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن،ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن [129]. 2-سۈرە بەقەرە 129-ئايەت.


جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:


اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق ، پەيغەمبەرلىكىڭگەگۇۋاھلىق بېرىدۇ، اﷲ قۇرئاننى ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ  گۇۋاھلىق بېرىدۇ،  اﷲ نىڭگۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر [166].4-سۈرەنىسا 166-ئايەت.


سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدىن،تاكى سۈرە نىسانىڭ 166-ئايىتىگىچە جەمئى 523 ئايەت بار،

قۇرئانى كەرىمدە مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك نامى 47-سۈرەدە سۈرە ئىسمى بولۇپ تىلغائېلىنغان، 523 كە 47 نى قوشساق 570 تۇر،570 بولسا مەشھۇر پىل يىلى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك تەۋەللۇت يىلىدۇر.

523 كە رەسۇلۇللاھقا بىرىلگەن سۈرە فاتىھەنىڭ 7 ئايىتىنى قوشساق جەمئى 530 ئايەت بولىدۇ، قۇرئانى كەرىمدە 6236ئايەت باردۇر،6236 دىن 530 نى ئىلىۋەتسەك 5706 قالىدۇ، بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك تەۋەللۇت يىلى 570-مىلادىيەنىڭ 6-ئىيىغا ئىشارەتتۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان تۇنجى سۈرە ,96-سۈرەئەلەق بولسا قۇرئانى مۇقەددەستە ئاياغدىن سانىغاندا دەل 19-سۈرەدۇر، قۇرئانى مۇقەددەس 30 پارەدۇر، 30 غا 19 نى  كۆپەيتسەك يەنىلا 570 تۇر.

سۈرە ئەلەقنىڭ نۇمۇرى بولۇپ كەلگەن 96 سانى بولسا ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىكى يىشى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەتكەندىكى يىشىنىڭ قوشۇلمىسىغا تەڭ، 33+63=96 .بۇ مۆجىزە مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى كۈتىلىۋاتقان پەيغەمبەرلىكىگە ئىشارەتتۇر.

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يىشىدىكى 33 دىكى ئىككى دانە  3نىبىر-بىرىگە كۆپەيتسەك 9 دۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يىشىدىكى 63 تىكى 6 بىلەن3 نى بىر-بىرىگە قوشساقمۇ 9 دۇر،يۇقارقى 9 سانىنى تۇنجى نازىل بولغان سۈرىلەردىن74-سۈرىنىڭ سانىغا كۆپەيتسەك 666 دۇر، 666 بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان570-يىلى سانىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يىشى 33 بىلەن63 نى قوشقانغا تەڭ، 570+33+63=666دۇر.

74نى 9غا كۆپەيتسەك چىققان نەتىجە بىلەن، ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى تۇنجى ۋەھى 96-سۈرەنىڭ سانى بولغان96نى قوشساقمۇ يەنىلا 666 دۇر.

يۇقارقى دەلىللەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى كۈتۈلۈۋاتقان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەرلىگىگە ئىشارەتتۇر.

96-سۈرە ئەلەقنىڭ قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە ئاياغدىن 19-سۈرەدەكىلىشىدە ۋە 19 ئايەتلىك كىلىشىدە يەنە باشقا ھىكمەت بارمىدۇ؟

قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە باشتىن 19-سۈرە مەريەم سۈرىسىدۇر، ھالبۇكى مەريەم نامى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامگەزىچ باغلىنىشلىقتۇر،چۈنكى:

1-ئىيسا ئەلەيھىسسالام قۇرئانى كەرىمدە ئىبنى مەريەم نامى بىلەنمۇ زىكرى ئىتىلىدۇ.

2- مەريەم ئانىمىز جەننەتتە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نىكاھلاپ قويۇلاركەن،ئۇنداقتا ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جەننەتتىكى ئايالىنىڭ ئوغلىدۇر، ھەم ھازىرغىچە ھايات ساھابىسىدۇر.

شۇنىمۇ تىلغا ئىلىش زۆرۈركى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى رۇمدا تارقالدى ۋە رۇمدا بۇرمىلاندى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىمۇ 3-قىتىم رۇمدىن دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە تارقالدى ۋە يەنە شۇ رۇمدا(بۈگۈنكى تۈركىيە) بوغۇلدى،ئوسمانلى رۇم خەلىپىلىكى 1919-يىلى غەرپ دۆلەتلىرى تەرىپىدىن پارچىلاندى،1924-يىلىبولسا مۇستاپا كامال خەلىپەلىكتىن ۋاز كىچىش بەدىلىگە تۈركىيە دۆلىتىنى قۇردى،سۈرە مەريەمدىكى 19 بىلەن سۇرە ئەلەقتىكى 19 نى جۈپلىسىڭىز دەل مۇشۇ تارىخنىڭ سىماسى1919 نى كۆرىسىز .  

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەمگە سۈرە ئەلەقتىن كىيىنلا نازىل قىلىنغان سۈرە،74-سۈرە مۇددەسسىرنىڭ30-ئايىتىدە 19 پەرىشتە تىلغا ئىلىندى:

ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر [30].74-سۈرەمۇددەسسىر،30-ئايەت.


19 نى 30 غا كۆپەيتسەك 570 تۇر.ھالبۇكى جانابى ئاللاھ 4-سۈرەنىڭ 166-ئايىتىدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەرىشتىلەرنىڭمۇ گۇۋاھلىق بىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى، بۇ گۇۋاھلىق يۇقارقى ئايەتتە سانى كەلگەن 19پەرىشتە ۋە 19 بىلەن باغلىنىشلىق مەزمۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى ئىھتىمالدۇر.

قۇرئانى مۇقەددەستە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم كەلىمىسى سۈرە ئىچىدە كەلگەن بىردىن-بىر سۈرە 27-سۈرە نەملدۇر:

ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى:«ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭمەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[29ـ30]. 27-سۈرەنەمل.30-ئايەت.


بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم كەلىمىسى ئەرەبچە ھىساۋىدا 19 ھەرفتۇر، 19 غا مۇشۇ كەلىمە كەلگەن ئايەتنىڭ سانى بولغان 30 نى كۆپەيتسەكمۇ يەنىلا 570 تۇر .

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەمەرىيە ھىساۋىدا 63 يىل 3 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن دىيىلىدۇ.

63 تىكى 6 بىلەن 3 نى قوشساق9 دۇر، ھالبۇكى 570 نى 9 غا بۆلسەك 63.333 تۇر،مۇنداقچە ئەيتقاندا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆرگەن ئۆمرىنىڭ يىل،ئاي،كۈن سانىنى 9 غاكۆپەيتسەكمۇ ئوخشاشلا 570 تۇر.

ھەتتا 570 كە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ 63 يىشىنى قوشساقمۇ 633 تۇر،633 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تۇغۇلغان مىلادى 570-يىلىغا ، قەمەرىيە ھىساۋىدا ياشىغان يىشى 63 نى قوشقان سانغا تەڭ.


2-قۇرئانى كەرىم رەسۇلۇللاھقا ۋەھى نازىل بولغان يىلىغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە تۇنجى نازىل قىلىنغان ۋەھى 96-سۈرە ئەلەقنىڭ1-ئايىتىدىكى : ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمىبىلەن ئوقۇغىن [1]. دىگەن كەلىمەدۇر،قۇرئانى مۇقەددەستە ئاياغدىن سانىغاندا سۈرە ئەلەقنىڭ1-ئايىتىگىچە دەل 129 ئايەت بار . ھالبۇكى 2-سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدە ،ھەزرىتىئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار مۇقەددەس كەبەنىڭ ئۇلىنى قوپۇرىۋىتىپ مۇنداق ئىلتىجا قىلغان ئىدى:

پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى، ھېكمەتنى  ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى  پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن،ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن [129].

يۇقارقى ئىككى ئايەتتىكى بىر بىرىگە سۇئال-جاۋاپتەك  ماس كىلىشلەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ،ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دۇئاسىغا جاۋابەن ئەۋەرتىلگەن پەيغەمبەرلىگىگە ئىشارەتتۇر.

2-سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدىن تاكى 114-سۈرە ناسنىڭ ئاخىرىغىچە قۇرئانى مۇقەددەستە 6100 ئايەت بار، ئوخشاشلا تۇنجى ۋەھى بولغان 96-سۈرەنىڭ 1-ئايىتىدىن تاكى سۈرە بەقەرىنىڭ  بىرىنچى ئايىتىگىچە6100 ئايەت بار، سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدە ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ كەبەنىڭ ئۇلىنى قوپۇرىۋىتىپ قىلغان دۇئاسى بايان قىلىنغان، بۇ كۈن قەمەرىيە تەقۋىمىدە12-ئاي بولغان زۇلھەججەنىڭ 9-كۈنى ئىدى،129 سانىدىن ھەم 12 ۋە 9 سانىغا ئىشارەتنى بىلەلەيمىز. دەل مۇشۇ 129- ئايەتتىن باشلاپ ھىساپلىغاندا قۇرئانى كەرىمدە 6100ئايەت قالىدۇ، 6100 سانى بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋەھىنى قوبۇل قىلىپ ،ئالەملەرگە رەھمەت قىلىنغان ۋە پۈتكۈل ئالەملەرگە جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت دەرۋازىسى ئىچىلغان مىلادىيەنىڭ 610-يىلىغا ئىشارەتتۇر.

شۈكرى ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىن ئەلا كۈللى ھال!

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان تۇنجى سۈرە 96-سۈرە ئەلەقتۇر، ئارقىدىنلا نازىل بولغان سۈرە، 74-سۈرە مۇددەسسىردۇر،74-سۈرە قۇرئانى مۇقەددەس تەرتىۋىدە ئاياغدىن سانىغاندا 40-سۈرەدۇر، 40 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ 40ياشتا ،يەنى مىلادىيەنىڭ 610-يىلىدا پەيغەمبەر ۋە رەسۇل بولغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.

قۇرئانى مۇقەددەستە جەمئى6236 ئايەت باردۇر،6236 دىن 129 نى ئىلىۋەتسەك 6107 دۇر.6107 دىن سۈرە فاتىھەنىڭ سانى بولغان 7نى ئايرىۋەتسەك  610 قالىدۇ ،بۇسانمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مىلادىيەنىڭ 610-يىلىداپەيغەمبەر  ۋە رەسۇل بولغانلىقىغائىشارەتتۇر.

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانمىغان سۈرە تەۋبەنىڭ 129 ئايىتىنى قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرى سانىدىن چىقىرىۋەتسەك 6107 ئايەت بار،بەلكىم6107 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولغان يىل ۋە ئاينىڭ سانىغا ئىشارەتتۇر؟ ۋە بەلكىم جانابى ئاللاھ سۈرە تەۋبىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بايان قىلغاندەك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مىلادى 610-يىلى 7-ئايداپەيغەمبەر بولغاندىن باشلاپلا مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بولغان رەسۇللۇقىغائىشارەتتۇر؟

(بۇ) اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا ـ جۇدا بولۇش ئېلانىدۇر [1]. يەريۈزىدە  تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى،سىلەر اﷲ دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر،  اﷲكاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر [2]. (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە  ياخشىدۇر، ئەگەر  يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن [3]. 9-سۈرە تەۋبە .


3-قۇرئانى كەرىم رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەت قىلغان يىلغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


مىلادىيەنىڭ 622-يىلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى،سۈرەمۇھەممەدنىڭ 13-ئايىتىدە جانابى ئاللاھ بۇ ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى [13].

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ ۋەھى نازىل بولغانلىقىنىڭ 13-يىلى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقامەجبۇر بولغان ئىدى، سۈرە مۇھەممەدنىڭ 13-ئايىتىدە بۇ ۋەقەنىڭ تىلغا ئىلىنىشى ،قۇرئانى مۇقەددەستىكى ئىلاھىي ئېلىمنىڭ تەجەللىياتلىرىدىندۇر ،شۇنداقلا مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ 13-يىلى ھىجرەت قىلغانلىقىغائىشارەتتۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەمنىڭ بوۋىلىرى بولغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار ،جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەج قىلغان قاقاس تۇپراق-بۈگۈنكى مەككە مۇكەررىمە شەھرىگە جايلاشقان بەيتۇللاھ ،يەر شارى خەرىتىسىدە شىمالى ئۇزۇنلۇق 22-گىرادۇسقا جايلاشقاندۇر.

قۇرئانى مۇقەددەستە 22-سۈرەھەج ،كۆچۈش ئىبارىتىدە ناملانغان سۈرىدۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ تەقۋىمى بولغان كۆچۈش كالىندارى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان ھىجىرىيە كالىندارىنىڭ بىرىنچى يىلىمۇ ،6-يۈز يىلنىڭ 22-يىلىدىن باشلانغان ئىدى .

مىلادىيەنىڭ 632-يىلى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋەھى نازىل بولغانلىقىنىڭ دەل 22-يىلى،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەيتۇللاھنى ھەج قىلغان ئىدى .


4-قۇرئانى كەرىم رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولغان يىلىغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


سۈرە بەقەرەنىڭ 129-ئايىتىدىن تاكى سۈرە نىسانىڭ 166-ئايىتىگىچە جەمئى 523 ئايەت بار، 523 سانى ، مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى بەشىنچى مۇرسەل پەيغەمبەر بولۇپ كىلىپ، 23 يىل ۋەھى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئىسلام دېنىنىڭ ئۇلى بولغان 5 پەرھىزنى 23 يىل تەبلىغ قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان تۇنجى سۈرە 96-سۈرە ئەلەقتۇر،

ئارقىدىنلا نازىل بولغان سۈرە74-سۈرە مۇددەسسىردۇر، 96-سۈرە ئەلەقتىن 74-سۈرە مۇددەسسىرگىچە جەمئى 23 سۈرە بار،بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ 23 يىل پەيغەمبەر ۋە رەسۇللۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر، 610-مىلادىيەدىن 632-مىلادىيەگىچە 23 يىل ئۆتكەندۇر .

ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان سۈرەبەقەرەنىڭ 281-ئايىتىمۇ ھىجىرىيەنىڭ 10-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۈمئى كۈنىدە نازىلبول غاندۇر، جانابى ئاللاھ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە تۇنجى نازىل قىلىنغان 2 سۈرەلەردىن بولغان ، 96-سۈرە ئەلەقتىن 74-سۈرە مۇددەسسىرلەر ئارىسىدىكى پەرق سانى 23 ئارقىلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ بىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ(ئىنشائاللاھ)جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بارىدىغان ئۇلۇق كۈنىنى ئالدىن ئىشارە قىلغان ئىكەن، شۇنداقلا قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ 23 يىلدا نازىل بولۇپ تامام بولىدىغانلىقىنى،ئالدىن ئىشارەقىلغان ئىكەن،ئاللاھۇ ئەكبەر!

63 بولسا 9 بىلەن 7 نىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ، 7 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەربولغان 7 قىتئە ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جانابى ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە نامىنى ئالاھىدە ئاتاپ تۇرۇپ بەرگەن7  ئايەتلىك سۈرە فاتىھەگە ئىشارەتتۇر، 9 بولسا بۇزاتنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىنغانلىقىغا ئىشارەتتۇر،570 نى 7 گە بۆلسەك 81 دۇر،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇرئانى كەرىمدىكى 2-سۈرەنىڭ 281-ئايىتى نازىل بولۇپ 81 كۈن ئۆتكەندە ۋافات بولغاندۇر .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە ، قۇرئانى كەرىمدە ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت، 2-سۈرە بەقەرەنىڭ 281-ئايىتى ئىدى.

(تەپسىرى ئىبنى كەسىر،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1-توم 447-بەت)

سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى،ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر ،ئاندىن ھەر كىشى قىلغان ئەمالىنىڭ دەرىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ،ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.( 281)

بۇ ئايەتنىڭ سانىدىكى 2 بولسا،سۈرە بەقەرەگە ئىشارەت قىلماقتا، 81 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە ئىشارەت قىلماقتا .

قۇرئانى مۇقەددەستە ئەڭ ئاخىرىداجاي ئالغان 3 سۈرە باشلىنىش سۆزىنىڭ ئۆخشاشلىقى ۋە ئايەتلىرنىڭ سانى تەرتىپى ۋەسۈرە تەرتىپىدە ئارقىمۇ-ئارقا كىلىدۇ، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان سۈرىلەر تەرتىۋىدە بۇ سۈرىلەر 113،112،111-سۈرىلەر بولىدۇ، يۇقارقى سۈرە سانلىرىنى بىر-بىرىگە قوشساق 336 دۇر. 336 نى ئوڭدىن سولغا ئوقۇساق ئالتە يۈز ئوتتۇز ئۈچتۇر. 633 بولسا قۇرئانى مۇقەددەسنى بىزلەرگە تولۇق يەتكۈزگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تۇغۇلغان مىلادى 570-يىلىغا ياشىغان 63 يىشىنى قوشقانغا تەڭ،يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ خاتىمىسى ،قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ خاتىمىسى بولغان ئاخىرقى 3 سۈرىنىڭ سۈرە سانىنىڭ ئەرەبچەتەرتىپتە ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىشىغا تەڭ

قۇرئانى مۇقەددەستە 6236ئايەت باردۇر، مۇبادا 6236 دىگەن ساننى ئەرەبچە تەرتىپتە ئوڭدىن سولغا ئوقۇساق ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتە بولىدۇ، بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مىلادىيەنىڭ 632-يىلى 6-ئايدا پەيغەمبەرلىكنى تولۇق تاماملاپ، جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەتكەن يىل ۋە ئاينىڭ ئەينى سانىدۇر .

قۇرئانى كەرىمدىكى ئاخىرقى ۋەھىيلەردىن بولغان 5-سۈرە مائىدەنىڭ3-ئايىتىنىڭ ھىجىرىيەنىڭ 10-يىلى زۇل ھەججىنىڭ 9-كۈنى ئەرافتتا نازىل بولغانلىقىنى، شۇ يىلنىڭ ھەججى ئەكبەر يىلى ئىكەنلىگىنى، شۇ كۈننىڭ جۈمئى كۈنى ئىكەنلىگىنى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۈرە مائىدەنىڭ 3-ئايىتى ھەققىدەكى ئالاقىدار سۆزلىرىدىن بىلىمىز،( تەپسىرى ئىبنى كەسىرنىڭ ئۇيغۇرچەتەرجىمىسى 2-تومنىڭ 192-بەتلىرىدە بايان قىلىنغان) شۇنداقلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغاكەتكەن مۇبارەك كۈنىنىڭ دۈشەنبە ئىكەنلىگىنىمۇ ئېنىق بىلىمىز .ئۇنداقتا ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى رەببۇل ئەۋۋەلنىڭ 14-كۇنىلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپات بولغان كۇنى بولغان دۇشەنبە كۇنىگە ئەڭ ئۇدۇل كىلىدۇ،ئەپسۇسكى تا بۈگۈنگىچە مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەدىردانىمىزنىڭ ۋاپات بولغان مۇبارەك كۈنىنى رەببۇل ئەۋۋەلنىڭ 11،12،13-كۈنى دۈشەنبە ئىدى دەپ ھەر خىل مەنبەلەردە ھەر خىل ئېلىپ كەلدۇق ،يۇقارقى 3 خىل خاتا قاراشنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ،بۇ تىمىدا ئىزدەنگۈچى ئۇستازلىرىمىزنىڭ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى تىپىشتا ،مىلادىيە تەقۋىمىنى ھىجىرىيە تەقۋىمىگە سوقاشتۇرۇپ ئالدىغاسۈرۈپ ھىساپلاشلار نەتىجىسىدىن ئېرىشىلگەن سانلارنى بۇ ھەقتە دەلىل قىلىشىدىن بولسا كىرەك.

ئالاقىدار دەلىللەردە، مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ھەققىدە،ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى رەببۇل ئەۋۋەل 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كىيىنكى ۋە 14-كۈنلىرىدىن بۇرۇنقى دۈشەنبە كۈنى چاشكا ۋاقىتلىرىدا ئىدى دىيىلىدۇ، كەمىنە تۆۋەندە ئىسلامىي دەلىللەردىن پايدىلىنىپ،ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى رەببۇل ئەۋۋەلنىڭ 10-كۈنلىرىدىن 14-كۈنلىرىگىچە بولغان قايسى كۈننىڭ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەدىردانىمىزنىڭ ۋاپات بولغان مۇبارەك كۈنىلىگىنى دەلىللەپ چىقىمەن .جانابى ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغاي،ئامىن .

ئەمىرۇل مۆئمىنىن ئۆمەرنىڭ قەسەملىك گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن ھىجىرىيەنىڭ 10-يىلى زۇل ھەججىنىڭ 9-كۈنى دەل جۈمى كۈنى ئىدى،ھەمدە بۇجۈمئى ئەرەفەكۈنىدە كەلگەن ئىدى:

بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتائىلاجسىزلىقتىن ، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر [3]. 5 ـ سۈرە مائىدە 3-ئايەت.

تەپسىرى ئىبنى كەسىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2-تومنىڭ 192-بەتلىرىدە بايان قىلىنغان،ئىمام جەرىرنىڭ ھارۇنئىبنى ئەنتەرەنىڭ دادىسىدىن قىلىنغان رىۋايىتىگە كۆرە ، 5 ـ سۈرە مائىدەنىڭ 3-ئايىتىنىڭ،ھەججى ئەكبەر كەلگەن ھىجىرىيەنىڭ10-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇبارەك جۈمئى كۈندە ئەرافاتتا مۇھەممە دسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغانلىقى ئېنىقتۇر. يۇقارقى ئېنىق ۋەئىشەنچىلىك تارىخى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن  مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ھىساپلاپ چىقىش تامامەن مۈمكىندۇر. بۇ ئىسلامىي پاكىتقا ئاساسەن تەقۋىم تۈزەپ كۆرەيلىچۇ؟

تۆۋەندىكى تەقۋىمدە يىشىل رەڭلىك سانلار جۈمە كۈنىنى، قىزىل رەڭلىك سان بولسا يەكشەنبە كۈنىنى،شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك سان 14بولسا رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان دۈشەنبە كۈنىنى،جۈزە رەڭلىك سان ئاخىرقى ۋەھى نازىل بولغان كۈننى كۆرسىتىدۇ.ھەپتەنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەنئەنىمىزگە ۋە شۇ كۈننىڭ نامى ئۇقتۇرغان مەناغا ئاساسەن يەكشەنبەدىن باشلاندى،يەكشەنبە دىمەك 1- كۈن دىمەك، دۇشەنبە دىمەك 2-كۈن دىمەكتۇر،كۈن ۋە ئايلار ھىجىرىيە تەقۋىمىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلدى . ھىجىرىيە تەقۋىمىدە تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار 29 كۈندۇر،ھەججى ئەكبەر كەلگەن يىلىلا زۇل ھەججە ئايى بولغان 12-ئاي 30 كۈن كىلىدۇ ، باشقايىللىرى زۇل ھەججە ئايى 29 كۈن كىلىدۇ .

ھىجىرىيەنىڭ 10-يىلى ھەججى ئەكبەر.

12-ئاي, زۇلھەججە، 30 كۈن،

1 2   3

5 4   6   7   8    9  10

11 12 13 14 1516 17

18 19 20 21 22 24 23

25 26 27 28 29 30

ھىجىرىيەنىڭ11-يىلى 1-ئاي,مۇھەررەم،30 كۈنب

                       1

2  3 4   5  6 7 8

9 10 11 12 131415

1716 18 19 2021 22

2423 25 26 2728 29

30  

ھىجىرىيەنىڭ11-يىلى 2-ئاي،سەپەر، 29كۈن .

    1 2  3   4   56

7  8  9  10 11  1213

1415 16 17 1819 20

212223 24 2526 27

28 29

ھىجىرىيەنىڭ11-يىلى 3-ئاي,رەبئۇلئەۋۋەل،30كۈن

       1   2  3  45

6 7  8  9  12 11 10

14 1315 16 171819

2120 22 23 24 2526

27 28 29 30

يۇقارقى دەلىلدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى،ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى 3-ئاينىڭ 14كۈنى سۆيۈملۈك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ،جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەتكەن مۇبارەك دۈشەنبە كۈندۇر، ھىجىرىيەنىڭ11-يىلى 3-ئاينىڭ 14 كۈنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن يىل،ئاي،كۈنلەرنىڭ سانىنى سان بىلەنلا ئىپادىلىسەك11314 بولىدۇ،113 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بىرىلگەن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان 113 سۈرەنىڭ سانىدۇر، 14 سانىدىكى 1 بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا ئىشارەتتۇر،  4 بولسا تەۋرات بىرىلگەن مۇسا ئەلەيھىسالام، زەبۇر بىرىلگەن داۋۇت ئەلەيھىسالام، ئېنجىل بىرىلگەن ئېيسا ئەلەيھىسالام، قۇرئان بىرىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن ئىبارەت ئىبراھىم ئەلەيھىسالام نەسلىدىن كەلگەن 4 مۇرسەل پەيغەمبەرگە ئىشارەتتۇر، شۇنداقلا ئىلاھى كىتاپلارنىڭ 114 سۈرە ئىكەنلىگىدىن ئىشارەتتۇر،

ئىلمىنتلار دەۋر جەدۋىلىدە 112 ئىلمىنتنىڭ ئورنى بولۇشىمۇ سەۋەپسىز ئەمەستۇر، بەلكىم تىپىلمىغان بىر نەچچە ئىلمىنتلار بايقالسا دۇنيادا بارئىلمىنتنىڭ سانى 114 بولار،ۋە بەلكىم ئىنسانىيەت بايقاشقا قادىر بولالمىغان نامەلۇم ئىلمىنتلار تارتىش كۈچى، ماگنىت مەيدانى، توك دىگەندەكلەر ۋە ئىنسان ۋە جىننىڭ ۋۇجۇدىدىكى جان دىگەن ئىلمىنتتۇر؟...

مۇبادا روھنى ئىنكار قىلىش ئىلمىيلىك دەپ قارالسا، ئۇنداقتا تارتىشكۈچى ۋە ماگنىت مەيدانىنىمۇ ئىنكار قىلىش كىرەكتۇر، ئۇنداق قىلالمىساق ئۇنداقتا،مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا بار ئىلمىنت 114 تۇر، شۇنى بىلىمىزكى، ئىلمىنتلارنى ماددىدىن تۈزۈلگەن دەپلا قاراش قانداق نادانلىق بولسا،ئوخشاشلا روھ ۋە تارتىش كۈچى دىگەنلەرنى دۇنيانى  تەشكىل قىلغان بارلىق شەيئىلەردىن ئايرىۋىتىشمۇ شۇنداق نادانلىقتۇر.  114 سانى ئىپادە قىلغان يوشۇرۇن مەنانى چۈشىنەلەيدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۈمكىن. شۇنىسى ھەقىقەتكى، قۇرئانى مۇقەددەستە  دۇنيا سۆزى 115 قىتىم، ئاخىرەت سۆزىمۇ 115 قىتىم تەكرار تىلغا ئېلىنغان،مۇنداقچە ئەيتقاندا، 114 تىن كىيىن دۇنيا ھالاك بولىدۇ، ئەمما بۇ 114 ، قۇرئانى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ،بىر كۈنى بىز سانايدىغان 1000يىلغا بارابەر كىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئەرشىدىكى 114 كۈننى ئىپادىلەيدىغان 114مۇ ؟... ۋە ياكى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەرشىگە ئۆرلەيدىغان بىر كۈنى بىز سانايدىغان 50 مىڭ يىلچە كىلىدىغان  كۈن ھىساۋىدىكى 114 كۈننى ئىپادىلەيدىغان 114مۇ ؟... بۇنى بىز بىلەلمەيمىز!...


5-قۇرئانى كەرىم رەسۇلۇللاھنىڭ نەسەبلىرىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


جانابى ئاللاھ 6-سۈرە ئەنئام نىڭ133-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

پەرۋەردىگارىڭ  بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇخالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ،سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ [133].6-سۈرە ئەنئام نىڭ 133-ئايەت .

جانابى ئاللاھ يۇقارقى ئايەتتە ئىشارەت قىلغان  مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  مەنسۇپ بولغان قۇرەيشلەرنىڭ ئەسلى يىلتىز مىللىتى بولغان باشقا قەۋم بولسا قەدىمدە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان سۇمىرلارنىڭ نەسلى بولغان سەبە قەۋمىدۇر.

ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىگە كۆچۈپ كىلىپ جورھۇم قەبىلىسىدىن ئۆيلەنگىنىدىن كىيىنلا ئاندىن ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن ئىدى،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەنسۇپ بولغان قۇرەيشلەرنىڭ ئانا تەرەپ ئەجدادى ئەدنانلاردىن بولغان جۇرھۇملۇق ئايال ئىدى، دادا تەرەپ ئەجدادى بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەنسۇب بولغان سەبە قەۋمى ئىدى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالاقىدار ھەدىسلىرىگە كۆرە نەسەپ ئاتىغا تارتىدۇ،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەبەلەردىن ئەرەپلەشكەن قۇرەيشلەرنىڭ ئەۋلادى ئىدى .قۇرئانى مۇقەددەستە بۇ تارىخنى جانابى ئاللاھ 27-سۈرە نەملنىڭ 30-ئايىتىگە يوشۇرۇپ قويغان ئىدى، بۇ ئايەت ھەم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تۇغۇلغان يىلىغا ھەم ئاتا مىللىتى سەب ەقەۋمىگە ئىشارەت قىلىدۇ، ھەتتاكى 27-سۈرەنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئالاھىدە باغلىنىشى بار، مىسال:

قۇرئانى كەرىمدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك سۈپەتلىرىدە كەلگەن تۇنجى سۈرە 20-سۈرە تاھا دۇر، 20 گە 27 نى قوشساق 47 دۇركى، 47-سۈرەمۇھەممەدكە ئىشارەتتۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك سۈپەتلىرىدە كەلگەن ئىككىنچى سۈرە 36-سۈرە ياسىندۇر، 36 گە 27 نى قوشساق 63 دۇركى، 63 بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۆمرىگە ئىشارەتتۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ئىسىمىدا كەلگەن ئۈچىنچى سۈرە 47-سۈرە مۇھەممەدتۇر ،  47 گە27 نى قوشساق 74 دۇركى،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەر بولغان40 يىشىغا ئىشارەتتۇر .چۈنكى 74 –سۈرە ئاياغدىن باشقا سانىغاندا 40-سۈرەدۇر .ھالبۇكى74-سۈرە ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە 40 يىشىدا نازىل بولغان،مۇشۇ سۈرىگە نام بولغان مۇددەسسىر كەلىمىسى سۈپەتلىگەن كىشمۇ مۇھەممە دسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر.


6-قۇرئانى كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىگى ۋە  پۈتۈن ئالەمگەرەھمەت قىلىنىپ ئەۋەرتىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ.


مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك مۇھەممەد ئىسىمىداكەلگەن سۈرە  47-سۈرە مۇھەممەدتۇر ،27 گە 47نى قوشساق 74 دۇر،شۇنداقلا 47 نى تەتۈر ئوقۇساقمۇ 74 تۇر، 74 كە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەر بولغاندىكى يىشى 40 نى قوشساق 114 تۇر،بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە 114 سۈرەلىك قۇرئانى كەرىمنىڭ بىرىلىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر ،شۇنداقلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ تاكى قىيامەت بولغىچە دۇنيادا داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەرەتتۇر،74-سۈرەنىڭ سانىدىكى 74 نى تەتۈر ئوقىساق 47 دۇر، 47 بولسا سۈرەمۇھەممەدنىڭ رەت نۇمۇرىدۇركى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىشارەتتۇر.

قۇرئانى كەرىمدە جانابى ئاللاھنىڭ 99 ئەسمائۇل ھوسنالىرىدىن بىرى بولغان مۈلك سۈپىتى ئىسىم بولۇپ كەلگەن سۈرەنىڭ سۈرە سانى 67 گە ،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ئىسىمى سۈرە نامى بولۇپ كەلگەن 47- سۈرەنىڭسانى 47 نى قوشساق 114 بولىدۇ، بۇ قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەممە پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەنلىكىگە ئىشارەتتۇر.

جانابى ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىمى بولغان مۈلك نىڭ 67-سۈرىدە كىلىشى بىلەن،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ئىسىمى بولغان مۇھەممەدنىڭ  47-سۈرىدە كىلىشىدىمۇ كاتتا مۆجىزەيوشۇرۇلغاندۇر،

دەلىللەردىن مەلۇمكى،جانابى ئاللاھ شەرق،جەنۇپ،غەرپ،شىمال ۋەئاستى،ئۈستى بولۇپ جەمئى 6 تەرەپنىڭ ۋە 7 ئاسمان ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ، يوقاتقۇچىسى ، ئەزىز قىلغۇچسى،خار قىلغۇچسى، پادىشاھلىقىدا ھىچ بىرشىرىكى بولمىغان بىردىن بىر مەڭگۈلۈك شاھىنشاھىدۇر. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم بولسا، يەر يۈزىدىكى شەرق،جەنۇپ،غەرپ،شىمال بولۇپ جەمئى 4 تەرەپكە ۋە 7قىتئەگە رەھمەت قىلىنىپ ئەۋەرتىلگەن ئاللاھ جانابىلىرىنىڭ ھەق خەلىپىسى ۋە بەرھەق ئەلچىسىدۇر،( ئى رەببىم، گۇۋاھلىقىمدا ئەبىدىي قىل،ئىلمىمنى زىيادە قىل،ئامىن،يارەببىل ئالەمىن) مانا بۇ 47 بىلەن 67 سانلىرى ئىچىگە يوشۇرۇلغان مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەرتىلگەنلىكىگەئىشارەت قىلىدىغان ھىكمەتلىك دەلىل ۋە ئىلاھىي مۆجىزەدۇر.

36-سۈرەنىڭ نامى ياسىندۇر،ياسىن بولسا  مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىسىملىرىدىندۇر، 36 نى ئوڭدىن سولغا ئوقۇساق 63 تۇر . 36 گە مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يىشىدىكى 63 نى قوشساق 99 دۇر، بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى كاتتا دەرىجىلىرىگە ئىشارەتتۇر،ئى ئۇلۇق ئاللاھ ، ئۇ زاتنىڭ ئاخىرەتتىكى ماقامىنى تىخىمۇ كاتتا قىلغىن،قۇلۇڭنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلغىن.ئالەمدىكى ھىكمەتلىرىڭدىن كۆپرەك ئىھسان قىلغىن،ئۈمۈتكى بۇ سەۋەپتىن سىنىڭ كاتتالىقىڭنى يەنىمۇ بىلگەيمەن، ۋە سەن چەكلىگەندىن تولۇق چەكلەنگەيمەن،ئامىن،يا رەببىل ئالەمىن.

ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئوڭ ئالقىنىدا ئەرەپچە 18 باردۇر، سول ئالقىنىدا 81باردۇر، 81 گە 18 نى قوشساق 99 دۇر ، 81 دىن 18 نى ئېلىۋەتسەك 63 تۇر ،جانابىئاللاھنىڭ 99 سۈپىتى باردۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېشىدىكى 63كە ،جانابى ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتىدىكى 99 نى كۆپەيتسەك 6237 دۇر، مۇقەددەس قۇرئانى كەرىمنىڭ بىرىنچى سۈرىسى بولمىش سۈرە فاتىھەنى كۇفەلىك ئالىملار بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن قوشۇپ يەتتە ئايەتتۇر دىسە،يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىمدىن ئايرىم يەتتە ئايەتتۇر  دەيدۇ،ئۇنداقتا قۇرئانى كەرىم 6237 ئايەتتۇر،6237 دىكى ھىكمەت بولسا قۇرئانى كەرىمنىڭ 99 سۈپەتلىك ئاللاھ جانابىلىرىدىن 63 ياشلىق مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەلچىسىگەنازىل قىلىنغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.

كەمىنەنىڭ قارىشىچە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم قۇرئانى كەرىمدە 27-سۈرەنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، شۇڭا قۇرئانى كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، ئەمما باشقا سۈرىلەردە مۇستەقىل كىلىدىغان ماۋزۇ ئايەتلەردىندۇر.

قۇرئانى كەرىمدە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم نىڭ 3 خىل ماقامى باردۇر:

1- ئاللاھ جانابىلىرى سەبە قەۋمىدىن كۆپ چىققان پەيغەمبەرلەرىگىلا خاس قىلىنغان، ئۇلارغاجانابى ئاللاھتىن رەھمان ۋە رەھىم بولۇپ كەلگەن ماقامى.


مۇشۇ رەھمەت سەۋەبىدىن سەبە قەۋمى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىدا ھىدايەتكە كەلدى،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم نىڭ27-سۈرەنىڭ 30-ئايىتىدىكى ئورنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ پىشىۋايىمىزنىڭ نەسلىدىن كەلگەن جىمى پەيغەمبەر-رەسۇللارغا خاستۇر.


2- ئاللاھ جانابىلىرى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق دەۋەت قىلغان ھەقىقەتكە ئىمان ئەيتقان قەۋمىگىلا خاس قىلىنغان، ئۇلارغا جانابى ئاللاھتىن رەھمان ۋە رەھىم بولۇپ كەلگەن ماقامى.

دەل مۇشۇ رەھمەت سەۋەبىدىن تا قىيامەتكىچە دىنۇل ئىسلام باقىدۇر،بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم نىڭ 9-سۈرەدىن باشقا 113 سۈرەنىڭ بىشىدا كىلىدىغان ماقامى بۇ دۇنيادامەۋجۇت بولغان جىمى مەۋجۇداتقا خاس ،ئاخىرەتتە جىمى ئىنسۇ-جىندىن بولغان ھەق دىن ساھىپلىرىغا خاستۇر. ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى جانابى ئاللاھ ، دۇنياغا مەنسۇپ قىلغان ئىلمىنت 114 تۇر، خىمىيەئېلمىدىن ئازراق ساۋادى بار ئادەمگە ئايانكى، رۇسىيە ئالىمى مىندىلىۋ تۈزۈپ چىققان ئىلمىنتلار دەۋر جەدۋىلىدە 112 ئىلمىنتنىڭ ئورنى بار، تىخى بايقالمىغان بىر قانچەئىلمىنتنىڭ قىيامەتكىچە بايقىلىشى مۇقەررەردۇر،ئاشۇ 114 ئىلمىنتتىن بارلىققاكەلگەن مەخلۇقاتلاردىن خالىققا تانغانلاردىن باشقا 113 گە جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىككىلى دۇنيادا جۇش ئۇرار، پەقەت كاپىرلارغاغىنە ئۇ ئالەمدە رەھمەت ۋەراھەت يوق. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم114 جايدا زىكرى ئىتىلدى، لىكىن 9-سۈرەدەلا باشلىنىشتىن تاكى ئاخىرلاشقۇچە زىكر ىئىتىلمەگلىكتۇر .


3-ئاللاھ جانابىلىرى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق دەۋەت قىلغان ھەقىقەتكە ئىمان ئەيتمىغان قەۋملەردىن مەھرۇم قىلىنغان ماقامى.

دەل مۇشۇ سەۋەپتىن قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە 9- سۈرە بولغان سۈرە تەۋبىدە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم ئايىتى كەلمەگلىكتۇر . 9-سۈرە تەۋبىدە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم كەلىمىسىنىڭ كەلمەسلىك سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ،قەدىمدە ۋە ھازىرمۇ ئىنسان نەسلىنىڭ بىر قىسمى ئىلاھ دەپ چوقۇنۇلغان 9 شەيئى توغرىسىدا توختىلىش زۆرۈر.ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمدە جانابى ئاللاھ 9 باتىل ئېتىقاتچىلارغا ئىبرەت قىلغان 9-ئايەتنى زىكرى قىلىمىز:

«سىلەر زېمىننى ئىككىكۈندە ياراتقان اﷲ نى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن [9].41-سۈرەفۇسسىلەت،

يۇقارقى ئايەتنىڭ بىكارغىلا 9-ئايەت تەرتىۋىدە كەلمىگەنلىكىنى ئەجدادىمىز بىسىپ ئۆتكەن جاھالەت قايناملىرىغا كۆز يۈگۈرتسەك چوڭقۇر ھىس قىلىمىز.

توپان بالاسىدىن كىيىنكى ئىنسانىيەت نوھ ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى بىرقانچە ئەسىرلەردىن كىيىن يەنە تەۋھىدتىن ئېزىپ، مۇشرىكلىككە قەدەم ئالدى،ئۇلارتەبىئەت دۇنياسىدا نىمە كاتتا ۋە كۈچلۈك بولسا شۇنىڭغا چوقۇنۇشقا يۈزلەندى،خۇددى بۈگۈنكى ئازغۇن ئىنسانىيەت پۇل ۋە ھوقۇققا چوقۇنغاندەكلا،كىيىنكى زامانلاردائاتالمىش ئاسماندىكى ئىلاھلىرى بىلەن زېمىندىكى ئۆزلىرى ئۇلۇغ بىلگەن ھايۋانلىرىنى كۈچكە چوقۇنۇش ئەقىدىلىرىدە بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۈر قىلىشتى،  بۇ خىياللار بارا-بارا روھنىڭ كۆچۈشى چۈشەنچىلىرىنى پەيدا قىلدى،چۈنكى ئۇ ئازغۇنلارنىڭ خىيالىچە،ئۇ ھايۋانلارنى ئىلاھلىققا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلاھلار يەرگە چۈشىشى كىرەك بولاتى،بۇ بۈگۈنكى بۇددادېنىدا «سانسارا» ئەقىدىسىدە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا،ئۇلارچە ئىلاھلار يەر يۈزىگەچۈشۈپ تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سىياقىدا ھەركەت قىلاتتى، شۇڭا ئۇلار كىيىنكى زامانلاردا 9 شەيئىگە قوشۇپ يەنە 9 ھايۋانغامۇ چوقۇنغاندۇر، ھەتتا كىيىنچە بۇ باتىل ئىلاھلارغا مەلۇم يىللارنى نىسبەت بىرىپ،شۇ باتىل ئىلاھلار شۇ يىلنى باشقۇرىدۇ دەپ قاراشقان،«توخۇ يىلىدا ئۇ بولىدۇ، كالا يىلىدا بۇ بولىدۇ، ئىت يىلىدا مۇنداقبولىدۇ، يىلان يىلىدا ئۇنداق بولىدۇ»..دىگەن باتىل ئەقىدىلەر شۇندىندۇر.

ھەتتا شۇ يىللارنى شۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقان، كىيىنكى زامانلاردا 9 باتىل ئىلاھ چۈشەنچىسى سۇسلاشقاندىن كىيىن، 9 مۆچەل كۆپىيىپ  12 مۆچەل بولغان،كىيىن قوشۇلغىنى ، چاشقان،بىلىق، ئەجدەرھا،توخا،توڭگۇز،يىلان  قاتارلىقلاردۇر، بەزى مىللەتلەردە باتىل مۆچەللەرگەبۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى قوشۇلۇپ، يەنە بەزىلىرى قوشۇلماي تا بۈگۈنگىچە بۇ باتىل ئادەت  12مۆچەل نامىدا ئەتراپىمىزدا داۋاملاشماقتا.ئۇلارنىڭ باتىل 9 ئىلاھلىرى مۇنۇلار:

1-بۇلۇت ئىلاھى. مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە ،مانات ياكى بايات دىگەن شۇ،بىزلەردىكى بارات دىگەن كىشى ئىسمى شۇ ئەقىدىدىن كەلگەندۇر، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە ، باتىل مانات ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى مايمۇن دۇر ،مايمۇن دىگەننىڭ مەنىسى ئاي ئىلاھىنىڭ بالىسى دىمەكتۇر، شۇڭا مايمۇنغا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان.

2-چاقماق ئىلاھى . بىزدىكى كۆك تەڭرى ،يۇنانلاردىكى زىۋىس دىگەن شۇ، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە باتىل چاقماق ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى كالا دۇر ،شۇڭا كالاغا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان، كالا بولسا باتىل ئەقىدىلەرگە كۆرە 2- ئىلاھ دەپ قارالغان، شۇڭا تۈركلەردە كالا 12 مۆچەلدىكى 2-مۆچەلنىڭ يىل نامىدۇر،ھەيرانقالارلىقى، قۇرئانى كەرىمدە 2-سۈرە كالا نامىدا ئاتالغان ،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى جانابى ئاللاھ،كالا سۈرىسىدە كالىنى ئاشۇ باتىل ئەقىدىگە كىنايە قىلىپ ئىككى يەردەتىلغا ئالغان، بىرىنچىسى مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى چوقۇنغان ئالتۇن كالا،ئىككىنچىسى بولسا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان ئالتۇن رەڭ كالىدۇر، كالىنىڭ جانابى ئاللاھقا قۇربانلىققا بۇيرۇلۇشىدا ئىككى ئىبرەت بار، بىرسى كالىغا چوقۇنغان مۇسا قەۋمىگە بىرىلگەن تەنبىھ، يەنە بىرسى قەدىمدىن ھازىرغىچە كالىغا چوقۇنۇۋاتقانلارغا بىرىلگەن تەنبىھتۇر،ھىندىلارغا كالىغا چوقۇنۇش ئوغۇزلاردىن تارالغان،ئوغۇزلار كالىغا چوقۇنغاچقا نامى ئۆكۈز سۆزى بىلەن يىلتىزداشتۇر،

تۇرانلار بولسا دەرەخكە(توغراق) چوقۇناتتى، تا ھازىرغىچە قەدىمىدەرەخنى كەسسە بولمايدۇ دەيدىغان باتىل ئەقىدەمىز بار، دەرەخ سۆزى قەدىمقى تىلدايىغاچ دىيىلەتتى، دەرەخ سۆزى دو گاد←دوداگ←دوياغ←

دوراخ(دوغراخ-توغراق)←دەرەخ تەلەپپۇزىدا بىزگە كەلگەن بولۇپ ، 2- ئىلاھ يەنى باتىل چاقماق ئىلاھىنىڭ يەردىكى سىماسى دەپ قارالغان،بەلكىم چىقىلغان چاقماق بىلەن توغراق شاخلىرىنىڭ شەكلىنىڭ ئوخشاشلىغى،قەدىم تەكلىماكاندىكى بىپايان قۇملۇق ئىچىدىكى دەريا ۋادىلىرىدا تارقالغان توغراقلىقلاردا تۇرانلارنىڭ تىرىكچىلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تايىنىدىغان ئەشياسى توغراق بولغىنى ئۈچۈن ئۇلاردا توغراققا مۇھەببەت بولغاندۇ؟...ۋە بارا-بارا بۇ سۆيگۇ باتىل ئەقىدەگە خۇرۇچ بولغاندۇ؟..كىيىنچە مىللي نامى ساك دەپ قارالغان ئەجدادىمىزنىڭ نامىمۇ دەل دوداك←سوساك←ساك←ساق←شاك←شىك نامىدائاتالغان بولۇپ،چاقماققا ياكى ئۇنىڭ نۇرى بولغان كۆك تەڭرىگە چوقۇنغۇچىلاردىن ئىدى،شۇڭىمۇ مەڭگۈ تاشلاردا « كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دىيىلىدۇ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «كۆك تەڭرىدىن تامدۇق، زېمىندا توغراق شەكلىدە ئىلاھ بولۇپ ئۈندۇق»دىگەنلىكتۇر ،ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىلىرىچە يامغۇر بىلەن بىللە كىلىدىغان چاقماق زېمىنغا يامغۇرنى چۈشۈرىدىغان ئىلاھى كۈچ ئىدى، نەئۇزۇبىللاھ، قەدىم تۇران،ساك،ئوغۇز،ئۇيغۇرلاردىن بولغان باتىل كاھىن-باخشىلار« ئىلاھ ئاسماندىن يەرگەيامغۇر بولۇپ تامىدۇ،شۇ يامغۇردىن دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ،شۇڭا دەرەخلەرمۇئىلاھلاردۇر »دىگەن باتىل تەپەككۈرلەردە بولۇشقان،بۇ باتىل ئەقىدىگە خۇرۇچ بولغىنى بەلكىم ھەممە جانلىقنىڭ سۇدىن يارىلىشىدۇر؟..مانا بۇ ھىندى دېنىغا ھازىرغىچە  تۇتىيا ئۇدۇم بولغان قەدىمقى تۇرانى سانسارا(ھاياتلىقنىڭ  ئادەمدىن ھايۋانغا،ھايۋاندىن دەرەخكە،دەرەختىن يەنە ئادەمگە ئۈزلىكسىز داۋام قىلىش ) تەلىماتىدۇر، قەدىمى قەۋرىلەردىكى مىيىتقا قوشۇپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرگە دەپنە قىلىنىشى ۋە مىيىتنىڭ توغراق ھولاقلىرىغا دەپنە قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ باتىل ئەقىدە سەۋەبىدىندۇر،بۇئادەت ھازىرغىچە لوپنۇر ۋە دەريا بويى كىشىلىرىدە ئەينى ھالدا ساقلانغان،ئاشۇ نادان ئەجدادىمىزنىڭ نەسلى بولۇش سۈپىتىمىزدە، بىزنى كالىغا چوقۇنۇش ئازغۇنلۇقلىرىدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا شۈكرىكى .ھىندىلار تا ھازىرغىچە بۇ باتىل ئەقىدىلەرنىڭ قۇربانى بولماقتا. ھەتتاكى كالىغا چوقۇنۇش قەدىم خۇاڭدى زامانلىرىدائوغۇزلاردىن خەنزۇلارغا تارالغان، شۇڭا قەدىم خەنزۇ يادىكارلىقلىرىدا كالىغائالاقىدار بۇيۇملار خىلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ،بەلكىم ئوغۇزلاردىن قالغان يادىكارلىقلاردۇ؟.. 9ئۇيغۇرنى بۇ 9 باتىل ئەقىدە ئازغۇنلۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان رەببىمگە قەۋمىم نامىدىن شۈكرى ئەلھەمدۇ لىللاھ.

3-شامال ئىلاھى. سەنەم،ئۇززا، ياكى ئۇز تەڭرى ،لاكشىمى دىگەن شۇ، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە،باتىل شامال ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن باتىل سىماسى قويدۇر ،شۇڭا قويغا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان،مازار-قەۋرىلەرگە قوچقار كاللىسى ئىسىپ قويۇش شۇسەۋەپتىندۇر،ھەتتا تۇغۇتلۇق ئايالغا قوي كاللىسى يىگۈزۈشمۇ شۇندىندۇر، چۈنكى قوي قەدىمدە باتىل گۈزەللىك ئىلاھى دەپ قارالغان ئۇززا نىڭ سىمۋولى ئىدى،شۇڭا خوتەن تەرەپتە چىرايلىق دىگەن سۆزنى ئۇز دىيتۇ .

4-تۈن ئىلاھى. كىچە ئىلاھى ياكى دىۋە-تىۋە دىگەن شۇ، بۇ سۆز يەنە،سۇۋا،شىۋا ،چىۋا دەپمۇ ئاتالغان. دىۋە ياكى چىۋا ئېتىقادچىلىرى ، جىن-ئەرۋاھلارنى چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلغان، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە، باتىل كىچە ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى توشقاندۇر . توشقاننىڭ كىچىدە ھەركەت قىلىشى ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىسىگە تۇترۇق بولسا كىرەك، شۇڭا توشقانغا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان. تۇرپاندىن تىپىلغان تۇۋە بىلەن پىر رەسىمى ئەمىلىيەتتە باتىل دىۋە-چىۋا ئىلاھى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ رەسىمىدۇر. تا ھازىرغىچە چەرچەندە قەدىم رىۋايەتلەردىكى بىر جۈپ ئالتۇن توشقاننى قوغلاپ چۆل كىزىپ يۈرگەن مەستانىلەر بار، ئالتۇن توشقان بولسا باتىل 4-ئىلاھنىڭ سىماسى ئىدى.

5-يۇلتۇز ئىلاھى. مارس ياكى ۋىناس،ياكى بارس(بورە) دىگەن شۇ، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە، باتىل يۇلتۇز ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى بۈركۈتتۈر،شۇڭاتا ھازىرغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە دۆلەت گىرىبلىرىدا بۈركۈتنىڭ سىماسىنى كۆرىمىز، كىيىنچە ئەسھابۇل كەھفە ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن بۈركۈت بىلەن ئىتنى باتىل ئىلاھلىقتا ئۆ ئارا باغلاپ «بۈركۈت قېرىغاندا ئىككى تۇخۇم باسىدۇ، بىرسى بۈركۈت بولىدۇ، يەنە بىرسى باراققا ئايلىنىدۇ » دىگەن ئەپسانىنى توقۇپ چىقىشقان،بۇ باتىل ئەپسانە ھەتتا تۈركى تىللار دىۋانىدامۇ خاتىرلەنگەن،باراق دىمەك ئۇچار بۆرە دىمەكتۇر. رىۋايەتلەردە ئوغۇزخانغا يول باشلىدى دىيىلگەن كۆك بۆرە شۇ باتىل ئەقىدىلەردىندۇر،بۆرىنى باتىل ئىلاھلىقتا بۈركۈتكە شىرىكقى لىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە 2 دۇر:

1).بۆرە ياكى ئىت ئەسھابۇلكەھفەنى 309 يىل قوغدىغىنى ئۈچۈن ، كىيىنكى زامانلاردا نادان ئىنسانىيەتكە ئىت نىئىلاھنىڭ بالىسى دەپ ئۇلۇغلاشقا تۇترۇق بولغاندۇر.

2). قەدىمدە مۇستەبىت پادىشاھلار «ئىلاھنىڭ ئوغلى( نەئۇزۇبىللاھ) ،پادىشاھلىقنى ئۇلارغا ئىلاھ بەرگەن» دەپ قارىلاتتى،ئۇ پادىشاھلارغا ئۆز پۇخرالىرىنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدە بىرەر ئىلاھىي سۈپەت بولمىسابولمايتتى،ھالبۇكى بۈركۈت ئۇلاردا يوق قانات بىلەن ئەڭ ئىگىز ئاسمانغا- ئىلاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ-چۈشەلەيتتى،بۆرىمۇ كۆزلىرىدىن كۆك نۇر چىقىرىپ ئاسمانلاردىكى ئىلاھقا قاراپ توختىماي ھۇۋلايتتى،يەنە تىخى غار يىگىتلىرىنى 309 يىل ھىچ يەرگەكەتمەي زالىملاردىن قوغدىغان ئىدى، بۈركۈت ۋە ئىتتىكى مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىك، ئاتالمىش ئىلاھ دادىلىرى ھوزۇرىغا ئۇچاي دىسە قانىتى يوق «ئىلاھزادە»لەرگە ئاسماندىن ۋەھىي ئىلىپ چۈشىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە ئەمەسمۇ؟...ھەم شۇ چۆچەكنى تارقاتسا نادان خەلق تىزلا ئۇلارنى ئىلاھلىق ئورنىغا چىقارمامدۇ؟ مانا بۇ ئىتنىڭ ئۇلۇغ بولۇپ قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ھەتتا مىسىر فىرئەۋنلىرىمۇ ئىت يۇلتۇزلار تۈركۈمىگەچوقۇناتتى. ئىتالىيەنىڭ رىم شەھرىدىنمۇ 2800 يىللار بۇرۇنقى زاماندىن قالغان ئىلاھىي بۆرە ھەيكىلى تىپىلغان، گىرمانلارمۇ پادىشاھىنى بۆرە كىتلىخ دەپ ئاتىغان،رىۋايەتلەردە قەدىم ئۇيغۇرلارنى زالىم شاھنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ساقلاپ قالغىنىمۇ بۆرە ئىدى،ئوغۇزخانغا يول باشلىغانمۇ بۆرە ئىدى،تۈركلەرنى ئەرگەنە قۇندا400 يىللىق قامالغان ئۆڭكۈردىن ئازات قىلغانمۇ يەنىلا بۆرە ئىدى،پان تېكىن ئورخۇندىن تۇرپانغا كۆچۈپ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغاندا ئىتقا چوقۇنۇش ئادەتلىرى بولغان،ئىت ياكى بۆرە بولسا باسمىللارنىڭ باتىل ئېتىقادىدا ئىلاھزادە دەپ قارىلاتتى، بۇ باتىل ئەقىدە باسمىللاردىن ئادىزلارغا، ئاندىن 9 ئوغۇزلارغا مىراس قالغان، شۇلار قۇرغان خانلىقنىڭ نامىمۇ «ئىدىقۇت خانلىقى» نامى بىلەن سۈپەتلەنگەن، ئىدىقۇت دىمەك ئىت گود سۆزىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئىت ئىلاھى ياكى ئىلاھى ئىت دىمەكتۇر،تۇرپاندىلىقى دەۋا قىلىنغان تۇيۇقتىكى ئەسھابۇل كەھفە غارى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە، ھازىرغىچە ئەسھابۇل كەھفە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولغان ئىتنى «قىتمىرغوجام» دەپ ئاتىشىدۇ،قىتمىر دىمەكمۇ گودمۇر يەنى ئىلاھنىڭ بالىسى دىمەكتۇر، نەئۇزۇبىللاھ.بىزلەردە تولا گەپ قىلغاننى ۋالاقتەككۈر دەپ تىللاشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ بۆرىگەباغلىنىدۇ، يەنى ۋالاق تەككۈر دىمەك ۋورك-بورك-بۆرە ئۇرسۇن دىمەكتۇر.

بۆرە دىمەك بورس دىگەن سۆز بولۇپ ،بۇ سۆز گود مورس دىگەن سۆزدىن قىسقارغان ، مەنىسى ئىلاھنىڭ بالىسى دىمەكتۇر ، نەئۇزۇبىللاھ!.. تۇرانلارنىڭ مەلىكىسىنى تۇمارس دىگەندەكلا،تۇمارس دىمەك چاھماق ئىلاھىنىڭ بالىسى دىمەكتۇر.كىيىنچە گود مورس دىگەن بۇ سۆز، گودمورس←گودمۇر←قۇتمۇر← قىتمىر←قىتمىر غوجام، گود←قۇت، گودمۇر←گود←دوگ←داگ←زاگ←سەگ، گودمورس←مورس←بورس←بارس←بالىسى←بالا،

گودمورس←بورس←بۆرى←بارى ←بالى←بالادەپتەلەپپۇز ئالماشتۇرۇپ بىزدە ئىشلىتىلسە،گود مۇر←

گود←دوگ←dog دەپ ئىنگىلىزلاردا ئىشلىتىلىدۇ ،گود مۇر←گود←گۇو –狗دەپ خەنزۇلاردائىشلىتىلىۋاتقان

ئاتالغۇنىڭ ئۆزى  شۇ بولۇپ،ئەركىلەتمە ئىسمى بۆرەدىيىلگەن مەخلۇقنىڭ ئۆيىمىزدە بىقىپ كۆندۈرۈلگەن تۈرىبولغان ئىتنىڭ نامى بولۇپ كەلمەكتە،نادان ئىنسانىيەت ئىتنى ئىلاھ دپ تونغان شۇكۈندىن باشلاپ پەرىشتىلەر ئىت بار ئۆيگە كىرمىگەن بولۇشى مۈمكىن. تا ھازىرغىچەباتىل بۆرىنى ئۇلۇغلاش ئازغۇنلۇقىدىن تولۇق قول ئۈزۈپ بولالمىدۇق،ئىنشائاللاھكى،كىيىنكى يازمىمىزدا باتىل بۆرە ئېتىقادى ۋە ئەسھابۇل كەھفە ھەققىدەتولۇق توختىلىمىز.

6-ئاي ئىلاھى . ئاي تەڭرى،ئوماي، ياكى ناتىگەي دىگەن شۇ،بالىلارنى«ئوۋا تەككۈر» دەپ تىللىش «ئوماي ياكى ئوۋاي ئۇرسۇن» دىگەن گەپتۇر، باتىل ئاي ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى ئات تۇر، شۇڭا ئاتقا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان،ئالتايدىكى مىللەتلەردە يىقىنغىچە ناتىگەيگە چوقۇنۇش ئادىتى بولغان،

بىزلەردەرىۋايەت بولۇپ كەتكەن ئوماي ئانا دىگەنگە تۇترۇق بولغان مەنبە  ئەنە شۇ.

7-يەر ئىلاھى. ئەرزۇھا تەڭرى ياكى قاراخان تەڭرى دىگەن شۇ، بىزدە ھازىرغىچە ئازايىم قوچىقىنى ئۇلۇغلايدىغان پىرىخونلاربار،ھازىرمۇ ئازايىم قوچىقى بىلەن ئەر-خوتۇننى ئىسسىقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىش سىھرىگەرلىكى بەزى ئىمانسىزلار ئارىسىدا داۋاملاشماقتا.

مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە، يەر ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى ئېيىق تۇر، شۇڭائېيىققا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان،گەرچە ئورۇسلار مىللىي نامىنى ئەتتىرگۈل دىگەن سۆزنىڭ ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزى روزى سۆزىدىن كىلىپ چىققان دەپ قاراشسىمۇ ، توغرىسى ئورۇسلارنىڭ مىللىي نامى ئەرز-يەر دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ،بۇ سۆز ئۇيغۇرچە ئېتىز،ئىنگىلىزچە (Earth ) ئەرەپچە ئەردە  تەلەپپۇزىدا يەرنى ئىپادىلەپ قوللۇنۇلماقتا،ئورۇسلار قەدىمدە باتىل ئەرزۇھاغا چوقۇنغان،شۇڭا ئورۇسلار ھازىرغىچە ئېيىقنى ئۇلۇغلايدۇ،

ئورۇسلارداھەر يىلى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرىغا يىمەكلىك تاشلاپ بىرىش ئادىتى بار، ئورۇسلارنى شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى دىيىش شۇندىندۇر .

8-دېڭىز ئىلاھى. دېڭىز دىگەن شۇ،دون گود سۆزى دون گود←دونگۇز←دىن گىز←دېڭىز تەلەپپۇزىدا بىزگە يەتكەن، بۈگۈنكى دېڭىز سۆزىنىڭ ئەسلىسى دون دۇر، دوم سۆزى دون←دوي←دەي←زەي←سەي←سۇي←سۇ

دىگەن تۈرلىنىشتە بىزگە يەتكەن، بۈگۈنمۇ بۇ سۆز سۇنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتماقتا،مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە،

دەسلەپتە دىڭىز ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى توڭگۇز ئىدى،كىيىنچە توڭگۇزنى پەس كۆرگەنلىكتىن شىرغا ئىتىقات قىلسا كىرەك؟..ياكى مەلۇم قەۋملەرئارىسىدا شىر بىلەن توڭگۇز ئالماشسا كىرەك؟ شۇڭا شىرغا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان،شىرغاچوقۇنۇش شىر تۈركلەر-سىر تۈركلەر ياكى ئاسىنا شىر لاردىن خەنزۇلارغا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارالغان،خەنزۇلارنىڭ ئەسلى تۇتۇمى ھەتتا ئەجدەرھامۇ ئەمەس، ئەجدەرھاغا چوقۇنۇش خەنزۇلارغا مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھونلاردىن تارالغان، خەنزۇلار ھازىرغىچە شىرغا چوقۇنىدۇ،ئازراق ئەمىلىي ھوقۇقى بار ئىدارە-شىركەتلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا قارىسىڭىز ئىككى شىرنىڭ بۇتىنى كۆرىسىز، بىز قوللانغان مۆچەلدە شىر ئورنىغا توڭگۇز قوللۇنىلىدۇ،شىر تۈركلەردىن(سىرتۈرك) بولغان تونيوقۇقنىڭ ئەۋلادى ،تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقىدا ئەمەلدار بولغاندا ئۇلارنى شى فامىلىسى بىلەن ئاتىشاتتى،شى دىمەك خەنزۇچە شىر دىمەكتۇر.

9-قۇياش ئىلاھى. كۈن تەڭرى دىگەن شۇ ، مۇشرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىچە، باتىل قۇياش ئىلاھىنىڭ مەخلۇقاتتا ئەكس ئەتكەن سىماسى يولۋاستۇر ، شۇڭا يولۋاسقا چوقۇنۇش كىلىپ چىققان، بىز قوللانغان مۆچەلدە يولۋاس ئورنىغا خوراز قوللۇنىلىدۇ، يولۋاسقا دەسلەپتە گانگ دەريا ۋادىسىدىكىلەردىن دارد لار، دارىلار ۋە تاجىكلار چوقۇنغان،داي،دارى ۋە تاجك دىمەكمۇ دايك-قۇياش دىمەكتۇر.شۇڭىمۇ تاجكلار قۇياشقا ئەڭ يېقىن يەرلەردەماكانلاشسا كىرەك؟

باتىل ئىلاھ دىگىلىمۇ لاياقىتى توشمايدىغان يۇقارقى9 شەيئىگە چوقۇنۇش ،ياپەس ئەۋلادى 9 ئۇيغۇرلاردىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى سەبەلەرگىچە، قەدىم مايانلاردىن يۇنانلارغىچە ، ئارىيانلاردىن-ھىندىلارغىچە،سىلاۋيانلاردىن-ئورۇسلارغىچە،مىسىرلىقلاردىن-سۇمىرلارغىچە، ئوخشىمىغان ماكان ۋە ئوخشىمىغان زاماندا ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئىتىقات ئوبىكتى قىلىنىپ، مىسوپوتامىيەدىن ماۋرائۇن نەھرىگىچە، ئۇسسۇرى ۋادىسىدىن ۋولگا بويلىرىغىچە ، گانگا ۋادىسىدىن تاكى پەنجاپ ۋادىسىغىچە، كۆكنۇردىن لوپنۇر، ئارال دىىڭىزىغىچە، پامىردىن ئالتايغىچە، قارا قۇرۇمدىن تەڭرى تاغ،كاپكازتاغلىرىغىچە،ھەتتا تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرق ۋە غەرپلىرىگىچەبولغان كەڭ ۋادىدا ئۇزۇن زامان جاھالەت تۈتەكلىرىنى تارقاتتى ۋە تارقاتماقتا.

ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى جانابى ئاللاھ بۇ ئازغۇن مۇشرىكلىككە قارىتا مۇنداق دەيدۇ:

بىلمەمسەنكى،ئاسماندىكىلەر،زېمىندىكىلەر،كۈن،ئاي،يۇلتۇزلار،تاغلار،دەرەخلەر،ھايۋاناتلار اﷲ قا بويسۇنۇپ، اﷲ نىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەر اﷲ قا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئازابقا دۇچار بولدى، اﷲ نىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ [18]. 22-سۈرە ھەج.18-ئايەت.

ئاللاھ جانابىلىرىنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغانلار سىراتىل مۇستەقىمدىن ئازغان ئەنە شۇ مۇشرىكلەردۇر.

دەسلەپكى تىمىغا كەلسەك،مىھرىبان ئاللاھ  9-سۈرىدە مۇشرىك ۋە كاپىرلارغا قاتتىق تەئەددىي قىلىپ، ئۇلارغا ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزگەن تېنچلىق ئەھدىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلان قىلدى، مۇبادا راستچىل رەببىمىز بۇ سۈرىنىمۇ بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن باشلىغان بولسا ئىدى، مىھرىبان ۋە رەھىملىك سۈپىتىگە لايىق ھالدا كاپىر ۋە مۇشرىكلەرگە تەئەددىي قىلمىغان بولاتتى، بۇ سۈرە جانابى ئاللاھنىڭ قەھھارلىق سۈپىتىدە نازىل قىلغان سۈرىسىدىن بولۇشى ئىھتىمال.  ئىبارەتلىرى ۋە جازا ھۆكۈملىرى كەسكىن بايان قىلىنغان سۈرە تەۈبە ،ھىجىرىيەنىڭ 9-يىلى مەككە مۇشرىكلىرىگە ھەج كۈنىدە ئىلان قىلىنغان،ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلار بىلەن ئادا-جۇدا بولۇش ئىلانىدۇر،بۇ ئىلان تاكى قىيامەتكىچە ۋە بەلكى ئىككى ئالەم كۈچكە ئىگە.

بۇ سۈرىنىڭ 9- سۈرە بولۇشى ھىجرىيەنىڭ 9-يىلىغا،129 ئايەت بولۇشى زۇلھەججە 12-ئاينىڭ 9- كۈنىگەئىشارەتتۇر،چۈنكى بۇ سۈرىنى ھەزرىتى ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ،ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدىن مەككىگەئىلىپ بارغان ۋە ئەرافاتتا مەككە مۇشرىكلىرىگە ئىلان قىلغان ئىدى . شۇنداقلا 129سانىدىكى ھىكمەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئەلمىساقتا رەببىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ، بىرئاللاھقا قوشۇۋالغان باتىل ئىلاھلىرىدىن، ئۈزەيىر ۋە ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇردىگەن 1+2=3 ئىلاھلىق ئازغۇنلۇقلىرى،ھەمدە 9 شەيئىنى بىر ئاللاھقا شىرىك قىلغان ئازغۇنلۇقلىرىغا ئىشارەت قىلماقتا،دەل شۇ سەۋەپلەرگە كۆرە ھەممىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھ 9-سۈرىنىڭ سۈرە نامىنى تەۋبە قويدى، ۋە سۈرە سانىنى 9، ئايەتلىرىنى 129قىلدى،بىر ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان« ئىيسا- روھۇلقۇدۇس ۋە ئاللاھ» 3 ئىلاھلىق چۈشەنچىسى، 1 ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان« 9 باتىل ئىلاھ» چۈشەنچىسىگە تەنبىھ بولۇش سەۋەپلىرىدىن 9-سۈرەنىڭ بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانماسلىقى قۇرئانى كەرىمنىڭ يەنە بىر مۆئجىزىسدۇر.

بۇ سۈرىدە كەلمىگەن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم كەلىمىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان سەبەلەرنىڭ كىيىنكى پادىشاھى بىلقىسقا، سەبەلەرنىڭ نەسلى بولغان سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلىندى، 27-سۈرىدە بۇ كەلىمەنىڭ 2 جايدا كىلىشىنىڭ ھىكمىتى، پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى بولغان سەبە قەۋمىدىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە جانابى رەھمان تەئەلانىڭ كاتتامەرھەمەتلىرىدىندۇر. يەھۇدىيلارنىڭ ئىبرانىيلەر بىزلەرمىز دەپ دەۋا قىلىشى داپ يۈزلۈكتۈر،چۈنكى ئىبرانىيلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەردۇر،

مۇبادا پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولغىنى ئۈچۈنلا شۇ دېننىڭ ۋەكىللىرى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى،ھەممىمىز بۇ ئىمتىيازغا لايىق ئىدۇق، چۈنكى دۇنيادائۆتكەن ھەممە ئادەم ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدۇر، مۇبادا سەبە قەۋمىنىڭ پۇشتى بولۇشلا ئالاھىدە ئىمتىياز بولغىنىدا ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى بولغان «سەبە» لەرنىڭ ئەجدادى بولغان سۇمىرلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئۇيغۇرلار ھەممىدىن ئىمتىيازلىق بولۇپ كىتەتتى، چۈنكى سۇمىرلار قەدىم تارىم ۋادىسىدىن ماۋرائۇن نەھرىگە بىرىپ بىز ھازىر سەمەرقەن دىيىشكەن سۇمۇركەندنى بىنا  قىلىشقانلارنىڭ قىرىنداشلىرىدۇر،يەھۇدىيلارنىڭ بىز ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغانلارمىز دىيىشلىرى يالغاندۇر، دىيىش توغرا كەلسەئۇلارنى جانابى ئاللاھ باشقا قەۋملەردىن ئارتۇق قىلغان، بۇ ئارتۇقلۇق ئەقىلدىكى ئارتۇقلۇقتۇر، شۇڭا يەھۇدىيلەردىن ئالىم كۆپ چىقىدۇ، ھالبۇكى قۇرئانى كەرىم ئۇلارنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ بۇ نىئمىتىگە ئاسىي بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ،مۇبادا ئەقىل بىلەنلا كىشى ھىدايەت تاپالىغان بولسا ئىدى، شەيتان گۇمراھلىقىدىن ھەققە قايتقان بولار ئىدى،ھەتتاكى نۇرغۇنلىغان ئالىملارمۇ دۇنيادىن ئىمانسىز كىتىشمەستى، بۈگۈنكى يەھۇدىيلىك بىر ساماۋىي دىننىڭ نامى بولماستىن بەلكى ئىنسانلىققا قارشى مەسلەكچىلەرنىڭ سىياسى نامىدۇر،ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى ،ھەكىم ۋە ئالىم ئاللاھىمدۇر.


7- قۇرئانى كەرىمدە 19 غا باغلانغان ھىكمەت .


قۇرئانى كەرىم ئىلاھى ھىكمەتلەرنىڭ بىزگە يەتكەن تەجەللىياتلىرىدىندۇر، ئەمما ئىلاھىي ئىلىمنىڭ بىزگە يەتكەن ئەڭ يۇقۇرى چىكى ئەمەستۇر، بۇ سۆزىمىزگە دەلىلىمىز، جانابى ئاللاھنىڭ قۇرئانى كەرىمنى ئىنسان ئەقلىگە لايىقلاشتۇرۇپ ھىپزى قىلىشقا ئاسان قىلىپ نازىل قىلغانلىقىدۇر.مىسال قىلىش دۇرۇس بولسا،خۇددى بىزدىكى ئەللامىنىڭ بالىلارچە تىلدا بوۋاققا سۆزلىگىنىدەكلا ،لىكى نقۇرئانى مۇقەددەس شۇنداق بىر ئىلاھى مۆئجىزە بىلەن تويۇنغانكى، ئۇنى بوۋاق ئوقۇسىمۇ ئاممىباپ ۋە چۈشۈنىشلىك بولغاچقا قىيىن كەلمەيدۇ، ئەللامە ئوقۇسىىمۇ ئەقلىنى لال قىلغۇچى يۇقۇرى سەۋىيەلىك سىرلار كانىغا دۇچ كىلىدۇ.

قۇرئانى كەرىم ئىلاھى ھىكمەتلەرنىڭ بىزگە يەتكەن تەجەللىياتلىرىدىندۇر، ئەمما ئىنسانىي ئىلىمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىكىدۇر، بۇ سۆزىمىزگەدەلىلىمىز، بۈگۈنكىدەك ئىنسانىيەت تارىخىدا ئېلىم-پەن ئەڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان زاماندىمۇ، قۇرئانى كەرىمدەك روشەن ھەقىقەتنى ئىنسان ئەۋلادىنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ ئىنكار قىلىشىدۇر.ئاشۇ ھەققە تەكلىپ قىلىنغۇچىلاردا ھەقىقىي ئېلىم بولسا ئېدى ،بىز ئىرىشىشكە قادىر بولالمىغان، ئۇلار ئاللىقاچان ئىرىشىپ بولغان بارلىق پەننىي ۋاستىلەرىنى ئىشقا سىلىپ،ئۆزلىرى توپلىغان بارلىق ئېلمىي ھاسىلاتلار بىلەن قۇرئانى مۇقەددەستىكى ھەقىقەتلەرنى تەھقىقلەپ ھەقنى تونۇپ ،دەرھال جانابى رەببىگە سەجدەقىلغان بولاتتى،چۈنكى ھەقىقى ئېلىمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھەققە باش ئىگىشكە ئىلىپ بارىدۇ، ئەپسۇس...ھەسرەت... تەۋبە...رەببىغفىرلى ۋەرھەمنى، مىنى ئاشۇ ئالىيجاناپ ئىسىلزادىلەردەك جاھالەتتە قىلمىغان

رەببىمگە ساناقسىز شۈكرى،شۈكرى ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىن.

قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ تۇنجى ئايىتى بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم دۇر، بۇ ئايەت ئەرەپچە ھەرف تۈزىلىشىدە 19 ھەرفتۇر، قۇرئانى مۇقەددەسنىڭ تۇنجى نازىل بولغان سۈرىسىمۇ ئاياغدىن سانىغاندا 19-سۈرىدۇر، شۇنداقلا بۇ سۈرە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان سۈرىلەر تەرتىپىدە باشتىن 95-سۈرەدۇر، 95 بولسا 5 نىڭ 19 غا كۆپەيمىسىدۇر،سۈرە فاتىھە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىمدىن باشقا 6 ئايەتتۇر، 6 نى19 غا كۆپەيتسەك 114 تۇر، 114 بولسا قۇرئانى كەرىمنىڭ سۈرە سانىدۇر.قۇرئانى كەرىمنىڭ 19 سانى بىلەن سىرلىق باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىگى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلار يىزىلدى،ئەمما 19 نىڭ بىزگە بىلدۈرمەكچى بولغان ھىكمىتىنى ھىچكىم تولۇق ۋە توغرا شەرھىلەپ بىرەلمىدى، ئۇنداقتا قۇرئانى كەرىم دە 19 سانى ئىپادىلەپ كەلگەن ئىلاھىي ھىكمەت نىمە؟

74-سۈرە مۇددەسسىرنىڭ 30 ئايىتىدە 19 تىلغا ئېلېىنغاندۇر:

ئى ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى پەيغەمبەر! [1] تۇر! ..ئىنسانلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر [2].

سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ [27] ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) [28]. ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپتۇرىدۇ [29]. ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر [30]. بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىزئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ 19ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتقاي،مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋەئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر(بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇمىسالدىن اﷲ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، اﷲ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھقىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى اﷲ بايان قىلغان دوزاخ)پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر [31].

شۇنىسى ھەيران قالارلىق ۋە قورقۇنۇچلۇقكى، 74-سۈرەنىڭ سۈرە سانى  74 كە ،بۇ سۈرىدە سەقەر دىگەن دەۋزەخكە مۇئەككەل بولغان پەرىشتىلەرنىڭ سانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن 19 نى كۆپەيتسەك دەل 1406 دۇر،ھىجىرىيەنىڭ 1406-يىلىدا (مىلادىيەنىڭ 1986-يىلى)ھاللەي دەپ ناملانغان، يىراق مۇساپىلەردىنمۇ كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا ئەڭ يېقىن كەلدى، ھاللەي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ھەر 76 يىلدا يەر شارىغا بىر قىتىم يېقىنلىشىدۇ،74-سۈرەنىڭ سۈرە نۇمۇرىغا ، مۇشۇ سۈرەدە قاتتىق ئازاپ تىلغا ئېلىنغان2-ئايەتنىڭ ئايەت نۇمۇرىىنى قوشساق76 بولىدۇ، بۇ سان ھاللەي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ76 يىلدا بىر قىتىم يەر شارىغا كىلىدىغان ۋاقتىغا تەڭ ،ھەزرىتى ئەيسائەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا بۇ يۇلتۇز كەلگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ھەزرىتى ئەيسائەلەيھىسسالام ھاللەي يۇلتۇزى كۆرۈنۈپ 33 يىل ئۆتكەندە ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، 1986 گە 33 نى قوشساق 2019 بولىدىكەن، 2019- يىلى ھاللەي يۇلتۇزى 1986-يىلى يەر شارىغا يېقىنلىشىپ  قايتىپ كەتكەنگە 33يىل بولغان كۈن، بۇ كۈندە ئېىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ھىكمەتلىك ۋەقەنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىگىگە كەسكىن بىر سۆز ئەيتىشقا ئاجىزمىز،مەن قورقىمەنكى، ھاللەي يۇلتۇزى جانابى ئاللاھ تىلغا ئالغان سەقەر دىگەن دەۋزەخنىڭ جۈملىسىدىنمىدۇر؟..

چۈنكى قۇرئانى كەرىمدە يۇلتۇزلاردا سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاپ بار دەپ بايان قىلىندى، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردا ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاپنىمۇ يوق دەپ ئەيتالمايمىز.چۈنكى جانابى ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان ئالاقىدار ئايەتلەردە، يۇلتۇزلارنى ئويناپ تۇرۇپ بىكارغىلا ياراتمىغانلىقىنى تەكرار-تەكرارتىلغا ئالدى،ئاندىن ئارقىدىنلار قاتتىق ئازاپ ۋە دەۋزەخنى تىلغا ئالدى،ئۆتمۈشتەنۇرغۇن قەۋملەرمۇ ئاسماندىن چۈشكەن مىتروئىتلار سەۋەبىدىن ھالاك بولمىغانمىدى؟...

رەببىغفىرلىۋەرھەمنى!..

ئاندىن ئۇ ئاسماننى(يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا:«ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار » دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى [11]. اﷲ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى  ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق،بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر [12]. 41- ئسۈرە فۇسسىلەت .

يەر شارى يارىتىلغان زاماندا ،بۈگۈنگىچە چەكسىزلىككە كىڭىيىۋاتقان ئالەم ئەسلىدە تۇمان ھالىتىدە ئىدى،جانابى ئاللاھنىڭ «كەل» دىگەن ئەمرى بىلەن ئاسمان ۋە زېمېىننىڭ ھەر ئىككىلىسى ئختىيارى ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا بويسۇنۇپ كەلدى:

(سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان اﷲ نى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن [9]. 41- سۈرە فۇسسىلەت

يۇقارقى ئايەت دەل 9-ئايەتتۇر، بۈگۈنگىچە چەكسىزلىككە كىڭىيىۋاتقان ئالەم جەمئى 9 شەيئىدىن تۈزۈلگەندۇر، ئۇلار بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرى جاي ئالغان يەتتە ئاسمان، ۋە يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ئاللاھ جانابىلىرىنىڭ ئەرشى جايلاشقان دېڭىز، ۋە دېڭىز ئۈستىدە ئورۇنلاشقان ئاللاھ جانابىلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىبارەت.(شۇنىسى ھەقىقەتكى،مەككىدىكى بەيتۇللاھقا ئاللاھنىڭ ئىھتىاجى يوق، ئەمما بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز باردۇر، چۈنكى بىزماددىنىلا كۆرەلەيمىز، رەھىمدىل ئاللاھ بىزگە مەنىۋىي ئاراملىق بولسۇن ئۈچۈنلا زېمىندا ئۆزىگە ئۆي بەرپا قىلغۇزدى،ۋە ئۇنى بەندىلىرىگە ئاراملىق ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈن بەيتۇللاھ دەپ ئاتىدى، خۇددى شۇنىڭدەك،

جانابى ئاللاھنىڭ ئەرش-كۇرسىغىمۇ ھاجىتى يوق، ئەمما نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان زاتتۇر) ئاللاھنىڭ ئەرشى ئالدىدا يەتتە قات ئاسمان كىچىككىنا شەيئىدۇر، ھالبۇكى يەتتە قات ئاسمان ئالدىدا بىرىنچى قات ئاسمان كىچىكلا شەيئىدۇر، بىرىنچى قات ئاسمان ئالدىدا ،بىزنى قورشاپ تۇرغان نەچچە مىليارتلىغان يۇلتۇزلار تۈركۈمى بولسا پەقەتلا بىرىنچى قات ئاسماننىڭ بىزگە ئەڭ يېقىن جايلىرىغا جانابى ئاللاھ بىزگە زىننەت ۋە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ياراتقان كىچىككىنا شەيئىلەردۇر، بىرىنچى قات ئاسماندىكى سامان يولىسىستىمىسىنىڭ كاتتىلىقىدا ،قۇياش سىستىمىسى قانچە كىچىك بىر شەيئى بولسا، قۇياش سىستىمىسىدا يەر شارىمۇ يوقلا بىر نەرسىدۇر، يەر شارىدا بولسا بىزمۇ يوقلا بىرنەرسەمىز، بەلكىم بىزنى ئۆزىمىزگە بەغايەت كىبىردە كۆرسەتكەن نەرسە بىز بىر ئوچۇم تۇپراققا جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن پۈۋلەنگەن روھتۇر .

ئەنە شۇ كاتتا 9 مەخلۇقنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان جانابى ئاللاھ ، بۇ چەكسىز ئالەمنى ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن يوقتىن بار قىلغان بىردىن بىر خالىقتۇر. 19 بولسا 1 ۋە 9 دىن تۈزۈلگەندۇر،1 گە 9 قوشساق10 بولىدىغانلىقىنى بۇ زاماندا ئانا دىيەلەيدىغان بالىلارمۇ بىلەلەيدۇ،

9+1=10، سىنچىلاپ بۇ قوشۇشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بىقىڭچۇ؟ نىمىنى كۆردىڭىز؟ سىزنىڭ 10 نى كۆردىم دەيدىغانلىقىڭىز تۇرغانلا گەپ ، ھالبۇكىمەن 9+1=10 دىن ،خالىق سۈپەتلىك مەڭگۈ بىر ۋە بار بولغان رەببىم ئەھەد بىلەن، 9شەيئىنىڭ ئارىسىدىكى ئىنتايىن كىچىك جانلىقلاردىن بولغان ئىنسان ۋە جىننىڭ ،ئەڭ تۆۋەندىكى شەيئى يەر شارىدا،تۇيقىسىز كىلىدىغان قىيامەت ۋەئەجەلنىڭ يالمىشىغا بىخۇتلارچەپەرۋاسىز قاراپ، ئايغا،مارىسقا كۆچۈپ چىقىشنىڭ خام تەمەسىدە تىپىرلاۋاتقانچە 0 گەئايلانغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم!.....

سىتىفىن خاۋكىڭ ئالەمنىڭ بىر قىتىملىق تۇيقىسىز قاتتىق پارتىلاشتىن شەكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۈگۈنكى دۇنيا ئاقىللىرى بۇ نەزىرىيەنى «بىگ باڭ نەزىرىيەسى » نامىدا قوبۇل كۆردى،شۇنىسى ئېنىقكى، سىتىفىن خاۋكىڭنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە بولغاندىمۇ ، ئالەم چەكسىز داۋاملاشمايدۇ، ئەكسىچە ئۇزۇنغا قالماي يوقىلىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيا ئاقىللىرى بۇ نەزىرىيەنى «بىگ كرونىچ نەزىرىيەسى » نامىداقوبۇل كۆردى،ئەمما سىتىفىن خاۋكىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىليارتتىن كۆپرەك ئىنسان«بىگ كرونىچ نەزىرىيەسى» تەھقىقلىگەن ئالەمنىڭ يوقىلىشىنى ئۆزلىرىدىن تولىمۇ يىراق سانىماقتا. ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى ،بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئىنسانىيەت خۇددى1945-يىلى ناگاساكى بىلەن خىروشىماغا تاشلانغان 2 ئاتوم بومبىسى گەۋدىسىدىكى ساناقسىز مىكرو جانلىقلار ئۆزلىرىگەكىلىۋاتقان دەھشەتلىك ئاپەتتىن بىخەۋەر يادرو بومبىسى يۈزىدە ئۆزلىرىنىڭ مەشئىتىنى بىپەرۋالارچە داۋام قىلىۋەرگەندىنمۇ بەكرەك بىخۇت ھالاتتە ، سائىتىگە 1700كىلومىتىرلىق سۈرئەتتە قىيامەتكە ئۇچۇۋاتقان يەر شارى ئۈستىدە دۇنيانىڭلا غىمىدە يۈرمىگەن بولاتتى. شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، «بىگ كرونىچ نەزىرىيەسى »گە يانداپ بىزگە ئاللىقاچان رىياللىق بولۇپ بولغان «كىلون نەزىرىيىسى»مۇبار،3 مىڭ يىل بۇرۇن جەسەتكە ئايلانغان چاشقاننىڭ زەررەسىدىن ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كىلونلاپ چىقىۋاتقان بىزگە مۈمكىن بولغان كىلونلاش ھۈنىرى ياراتقۇچىغا مۈمكىن بولماسمۇ؟...قايتا تېرىلىشنى ئىنكار قىلغان ئالىيجاناپ كاتتىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ قويىمىزكى،بىزنىڭ دۇنيادا باشقىلاردىن ئارقىدا قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل قايتا كىلونلىنىپ ھىساپ بىرىشتىن قورققانلىقتىن نۇرغۇن ئىشلاردا دۇنيانىڭلا غىمىنى كۆزلىيەلمىگەنلىگىمىزدىندۇر،بۇ بىزنىڭ ئەيىبىمىز ئەمەس بەلكى پەخرىمىزدۇر!....

ئۇ كۈندە ئاسماننى پۈتۈكچى نەرسەيىزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز،مەخلۇقاتنى قانداق ياراتقان بولساق، شۇھالەتتە ئەسلىگە قايتۇرىمىز، بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر،ئۇنى چوقۇم ئىشقائاشۇرىمىز.21-سۈرە ئەنبىيا،104-ئايەت .

يۇقارقى ئىلاھىي ھۆكمىگەئاساسلانغاندا بۇ چەكسىز ئالەممۇ تۇمان ھالىتىگە قايتقۇسىدۇر، ئەنە شۇ كۈن سىزمۇ،مەنمۇ ،سىتىفىن خاۋكىڭمۇ «بىگباڭ نەزىرىيەسى» بىلەن «بىگ كرونىچ نەزىرىيەسى»مۇ 0 گە ئايلىنىدىغان يوقىلىش كۈنىدۇر،مانا بۇ 19 نىڭ ھىكايىسى، مانا بۇ قۇرئانى كەرىمدىكى ئەڭ ئاددىي ، ئەمما پۈتۈن مەخلۇقاتقا تەدبىقلىنىشى ئەڭ ئومۇمىي بولغان ئېلمىي ھەقىقەتتۇر!...


خاتىمە


رەسۇلۇللاھقا تۇنجى كەلگەن ۋەھى قۇرئانى كەرىمدە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان 95-سۈرە بولغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغان كۈنمۇ ئاخىرقى ۋەھى كەلگەن زۇل ھەججىنىڭ 9-كۈنىدىن 95 كۈن ئۆتكەن كۈن ئىدى ،يەنى ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چاشكا ۋاقىتلىرى ئىدى . رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى قۇرئانى كەرىم بىلەن چەمبەر-چەس باغلانغاندەك، ماماتىمۇ قۇرئانى كەرىم بىلەن چەمبەرچەس باغلانغاندۇر ،بۇ مۆجىزاتلار جانابى ئاللاھنىڭ مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلغان ئىكراملىرى ۋە قۇرئانى كەرىمدە مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى جۈملىسىدىن بولۇشى بىلەن ،بىز مۆمىن-مۇسۇلمانلەرگە بەرگەن كاتتا شان-شەرەپلىرى جۈملىسىدىندۇر . شۇنداقلا جانابى ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەييىدىمىزنىڭ جېمى ئالەملەرگە ۋە ئالەملەردىكى مەخلۇقلارغا رەھمەت قىلىنىپ ئەۋرتىلگەنلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندەلىرىدىندۇر.

بۇ رەھمەت چەشمىسىدىن ئىچەلەيدىغانلاردىن زېمىندا قانچىسى چىقار؟...

گۇمانسىزكى ، بۇ چەشمىدىن رىقىزدار بولغان ھەرقانداق مەخلۇق، جانابى ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا ھۆرمىتىگە ،شۇنداقلا جەننەتنىڭ ئاسمانى مەۋجۇتلا بولسا ، مەڭگۈ ئاخىرلاشماس نازۇ-نىئمەتلەر بىلەن بىزەلگەن كاتتا ئىمپىرىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىگەئولتۇرۇش ئىجازىتىگە ئىرىشكەنلەردىندۇر.

شۈكرى ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن ئەلا كۈللى ھال .

جانابى ئاللاھ خالىمىسا بىز ھىچنىمىنى خالىيالمايمىز.......


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.


بەندەڭمەن،گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.


2012-يىلى  شەھرى قاغىلىق      


ت.ت.قۇرىغار





















قوشۇمچە :

سۈرە فاتىھە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن قوشۇلۇپ 7 ئايەت دەپ قارالسا،قۇرئانى كەرىمنىڭ بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن قوشۇلۇپ ئوقۇلىدىغان ئايەتلىرى جەمئى6236 دۇر . ھەرەمدەنەشىر قىلىنغان قۇرئانى كەرىم 6236 ئايەتتۇر .

(6236 نى ئوڭدىن سولغا ئوقۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولغان مىلادىي 632-يىلى 6-ئايغا سىلىشتۇرۇڭ) .

سۈرەفاتىھە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىمدىن ئايرىم 7 ئايەت دەپ قارالسا، ۋە سۈرەتەۋبىدىن باشقا سۈرىلەرمۇ شۇنداق ھىساپلانسا،قۇرئانى كەرىمنىڭ بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان 113 سۈرىدىكى جەمئى ئايەتلىرى 6220 دۇر.6236-129+113=6220

( نۆلنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى 6220 سانىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەت يىلىغا سىلىشتۇرۇڭ) .

سۈرە فاتىھە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىمدىن ئايرىم 7 ئايەت دەپ قارالسا،قۇرئانى كەرىم بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم بىلەن قوشۇلۇپ جەمئى 6237 ئايەتتۇر . پاكىستاندا نەشىر قىلىنغان قۇرئانى كەرىمدە سۈرە فاتىھە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىمدىن ئايرىم 7 ئايەت دەپ ھىساپلانغان.

(6237 نى،ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتىگە ۋەرەسۇلۇللاھنىڭ 63 يېشىنىڭ كۆپەيتمىسىگە سىلىشتۇرۇڭ) .

سۈرە فاتىھە بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم بىلەن 7 ئايەت دەپ قارالسا، ۋە سۈرە تەۋبىدىن باشقا سۈرىلەرمۇشۇنداق ھىساپلانسا،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانغان سۈرىلەردىكى جەمئىnئايەت،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن قوشۇلۇپ 6219 دۇر. 6236-129+112=6219 .

6219=19+62=99 ،( بۇ ساننى ئاللاھنىڭ99 سۈپىتىگە سىلىشتۇرۇڭ)

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلانمىغان 9-سۈرىدىكى129 ئايەتنى قوشمىغاندا،113 سۈرىدىكى جەمئى ئايەت، 6107دۇر ، 6236-129=6107 .

(بۇ ساننى رەسۇلۇللاھنىڭ مىلادىيەنىڭ610-يىلىدا پەيغەمبەر ۋە رەسۇل بولغان يىلىغا سىلىشتۇرۇڭ،بەلكىم  6107 دىكى 7 سانى 610-يىلى 7-ئاينى كۆرسىتىدىغاندۇ؟..ئىنىق بىر نىمە دىيەلمىدىم) .

قۇرئانى كەرىمدە يوشۇرۇلغان ئېلمىي ھەقىقەتلەر تاكى قىيامەتكىچە ، ئىنسانىيەتنىڭ ئېلمىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغائەگىشىپ ئاشكارىلىنىپ بارىدۇ،قۇرئانى كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلۇپ شۇئايەتنىڭ رەت نۇمۇرىنى بىلدۈرۈپ كىلىدىغان سانلارنىڭ شۇ ئايەتلەر بىلەن زىچ ئالاقىسى بار،قۇرئانى كەرىمنىڭ بۇ مۆجىزىسى كىيىنچە تىخىمۇ بەكرەك ئاشكارابولغۇسى،ئىنشائاللاھ.

جانابى ئاللاھ بىزنى ھەممىدىن ئايرىسىمۇ ھىدايىتىدىن ئايرىمىغاي، ئى مەزلۇملارنىڭ رەببى... ئامىن، يا رەبىل ئالەمىن!...



(قۇرئانى كەرىم سىرلىرىنى چۈشۈنىشتە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئىلاۋە قىلىندى)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 01:49 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
vqkun + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كالىندارنىڭ سانلىرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ دەل جايىغا رەتلىيەلمىدىمغۇ؟...بۇ مۇنبەرنىڭ چاتىغىمۇ نىمە؟...ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ جايغا دىققات قىلىپ ئوقۇغاي...رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توساتتىن مىسرانىمدا دىنى تېمىلار كۆپىيىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم .
مۇمكىن بولسا چ چ1329473672نى قوشۇ ۋالسىڭىز ،تەلىمىڭىزگە تەشنامەن قېرىندىشىم .

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ھاياتنىڭ باشلىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2146
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 1934 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنشااللا

قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ساقلىۋالدىم


نىمە ئۈچۈ ن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۈنكى ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 482
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8088
تۆھپە نۇمۇرى: 336
توردا: 1051 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 06:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ       چ چ نىمۇ قوشۇ ۋالغان بولسىڭىز    303201593   .

موھەببەت   راسم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8286
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5921
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 07:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 04:01 PM
توساتتىن مىسرانىمدا دىنى تېمىلار كۆپىيىپ كەتتى.


سىز  دىنغا   ئۆچ ئوخشىمامسېزنىمانداق قالايمىقان    سۆزلەيسېز    يارىمىغان بولسا   باشقا مەزمونلارنى كۆرسىڭىزمو بولاتتىغۇ   ئۇنداق   جۆيلۆشنىڭ  نىمە ھاجېتې بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0903halepa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 09:12 PM  


ھەي  بېلەيتاش  سەن قاچانغېچە   تۇمۇرنې   'ئېتتېكلېتېسەن  لېكېن  ئۆزۆڭ   كەسمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2253
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5206
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 1493 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 04:01 PM
توساتتىن مىسرانىمدا دىنى تېمىلار كۆپىيىپ كەتتى.

سېنىڭ بىر يەرلىرىڭگە تاقىشىپ قالمىغاندۇ دىنى تېمىلار؟  زۇۋانىڭنى يىغىپ ، قىم - قىم بوپكەتكەن يەرلىرىڭنى چىڭ قىسىپ، جىم ئوتتاۋا نان بۇزدى گۇي...............................

ئېي بۇرادەر ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0903halepa يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 07:34 PM
سىز  دىنغا   ئۆچ ئوخشىمامسېز

شۇنى دىمەمسىز مەنمۇ ئويلىشىپ قالغانتىم بۇ قانداق ئىنكاس دەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:55:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى ئۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېمەي.... بىزنىڭ دىنىمىزدىن ئارتۇق نېمىمىز بار.... ھازىر خەقلەر نېمە بولىۋاتقاندۇ؟؟؟... ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن!!! ئى ئاللاھ ئىسلامغا ياردەم بەرگەنلەرگە ياردەم بەرگىن، قارشى چىققانلارغا ئۆزۈڭ كۇپايە قىلغىن!!!....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش