قەدىر كىچىسى ھەققىدە
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
97 ـ سۈرە قەدىر مەككىدە نازىل بولغان، 5 ئايەت.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىرىدە نازىل قىلدۇق [1]. شەبى قەدىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [2] شەبى قەدىرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر [3]. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5].
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەر يىلى مۇبارەك رامىزان كىرسە ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى زېمىنغا ياغىدىغان بۇ ئاينى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ، رامىزان ئايلىرى ئىچىدە قەدىر كىچىسىگە ئۇچرۇشۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئارزۇلاردىن سانىلىدۇ . قەدىر كىچىسىنى قانداق قىلغاندا زايە قىلىۋەتمەسلىك كىرەكلىگىنى ھەممىمىز بىلىشنى خالايمىز، بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن قەدىر كىچىسى ھەققىدە ئازراق توختۇلۇش زۆرۈر دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن بۇ تىمىدا قەلەم تەۋرەتتىم، ئۈمۈتكى،جانابى ئاللاھ يازمامنى ماڭا ۋە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگەي، ئامىن .
جانابى ئاللاھ قەدىر كىچىسىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5].
قەدىر كىچىسىنىڭ ئەڭ زور ئالامىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىشىدۇر،مانا بۇ بىزگە جانابى ئاللاھتىن يەتكەن ئېنىق دەلىلدۇر، ئۇنداقتا بىز جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ زىمىنغا چۈشكەن ۋاقتىغا دەلىل ئىزلەپ كۆرەيلىچۇ؟
1-دەلىل : بەدىر غازىتىدا رامىزاننىڭ 17-كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەن.ھالبۇكى بەدىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ كاپىرلارغا قارىتىپ توپا ئاتقان ۋەقەلىكى 8-سۈرەنىڭ دەل 17-ئايىتى بايان قىلماقتا:
(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى اﷲ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) اﷲ ئاتتى. (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [17]. 8 ـ سۈرە ئەنفال
2-دەلىل :ئىسرا كىچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھنى مىئراجغا كۆتەرگىلى زىمىنغا چۈشكەن.ھالبۇكى ئىسرا سۈرىسى قۇرئانى كەرىمدە 17-سۈرەدۇر. جانابى ئاللاھ بۇ سۈرىنىڭ 1-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
اﷲ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [1].
رەسۇلۇللاھنىڭ مىئراجغا چىققاندىكى ئەھۋالى مۇنداق بايان قىلىنغان:
(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى [17]. 53 ـ سۈرە نەجم
3-دەلىل: قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە قەدىر سۈرىسى ئاياغدىن سانىغاندا 17-سۈرەدىن كىيىنكى سۈرەدۇر.
جانابى ئاللاھ بۇ سۈرىنىڭ 1-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىرىدە نازىل قىلدۇق [1].
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ مەريەم ئانىمىزغا، جانابى ئاللاھ ئىلقا قىلغان ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىنى ئىلىپ كەلگەن ۋەقەلىكمۇ 17-ئايەتتەدۇر:
ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى [17]. 19 ـ سۈرە مەريەم
4-دەلىل: ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئەۋۋەلقى 10 كۈنى كىچىسىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى،بىزمۇ بىللە ئىتىكاپتا ئولتۇردۇق،شۇ چاغدا جىبرىئىل كىلىپ:« سەن كۈتۈۋاتقان كىچە تىخى ئالدىڭدا دىدى»، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ
ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 10 كۈندە ئىتىكاپتا ئولتۇردى، بىزمۇ بىللە ئىتىكاپتا ئولتۇردۇق، جىبرىئىل يەنە كىلىپ:« سەن كۆزلىگەن كىچە تىخى ئالدىڭدا » دىدى .ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ 20-كۈنى سەھەردە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دىدى:« مەن بىلەن ئىتىكاپتا ئولتۇرغانلار ئىتىكاپتا
قايتا ئولتۇرسۇن،مەن قەدىر كىچىسىنى (قايسى كىچەدىلىگىنى) كۆرگەن ئىدى،(لىكىن ئۇنى) ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم،ئۇ چوقۇم ئاخىرقى 10 كۈن ئىچىدەكى تاق كىچىلەردە بولىدۇ، چۈشۈمدە ئۆزۈمنى خۇددى لاي سۇغا سەجدە قىلغاندەك كۆردۈم » . ئىبنى كەسىر، ئۇيغۇرچە نەشرى، 6-توم 539-بەت .
يۇقارقى ھەدىستە بايان قىلىنغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جانابى ئاللاھ قەدىر كىچىسىنى ئۇنتۇلدۇردى، بۇ قارىشىمىزنى يۇقارقى ھەدىستىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە جانابى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتتىكى كەلىمىسى دەلىللەيدۇ:
87 ـ سۈرە ئەئلا مەككىدە نازىل بولغان، 19 ئايەت.
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ [6ـ7]
بەلكىم جانابى ئاللاھ بەندىلىرىنى رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرىدىن تولۇق رىزىقدار قىلىشنى ئىرادە قىلىپ، رەسۇلۇللاھقا قەدىر كىچىسىنى شۇڭا ئۇنتۇلدۇرغاندۇ؟.. شۇ سەۋەپتىن جانابى ئاللاھ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن قەدىر كىچىسى ھەققىدىكى ئالامەتنى نەسخى قىلغاندۇ؟...چۈنكى جانابى ئاللاھ خالىغاننى مەنسۇخ قىلغۇچى، خالىغاننى مانسۇخلۇقتىن قالدۇرغۇچى ھۆكۈمراندۇر، بۇنى جانابى ئاللاھنىڭ ئاقىۋەت جەھەتتە بىز ئۈممەتكە پايدىلىق بىرەر ھىكمەتلىرى سەۋەبىدىن دەپ بىلىمىز.ئىنشائاللاھ .
5-دەلىل:«لەيلەتۇل قەدرى» كەلمەسى ئەرەپچە ھەرف ھىساۋىدا 9 ھەرفتۇر، بۇ كەلىمە دەسلەپكى 2 يەردە كۈن لەبزىدە بايان قىلىنغان، 3-قىتىمدا ئاي لەبزىدە بايان قىلىنغان، مەنچە دەسلەپكى 2 قىتىملىق كۈننى ئىپادىلەپ كەلگەن «لەيلەتۇل قەدرى» كەلىمىسىنىڭ ئەبجەد سانى 9 نى بىر-بىرىگە قوشساق 18 دۇر، كىيىنكى ئاينى سۈپەتلەپ كەلگەن «لەيلەتۇل قەدرى» كەلىمىسىنىڭ ئەبجەد سانى 9 بولسا رامىزان ئېيى بولغان 9-ئايدۇر، يۇقارقى دەلىللەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا، قەدىر كىچىسى رامىزان ئېيى بولغان 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچنىڭ كىتىشى ۋە 18-كۈنى كۈندۇزنىڭ كىرىشى كىچىلىگىمىكىن دەيمەن، بەزى بايانلارغا كۆرە، قەدىر كىچىسىنى رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىدە دەپ قارىغۇچىلارمۇ بولغان ئىكەن، شۇنىسى ئىنىقكى « شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق» قەدىر كىچىسىگە مۇلاقات بولۇش ئۈچۈن رامىزان ئىچىدىكى ھەرقانداق كىچىنى قولدىن بەرمەسلىك، قەدىر كىچىسىنى تىپىۋىلشقا ئەڭ يىقىندۇر،جۈملىدىن 17-كۈنى كىچىسىنى، 18- كۈنى كىچىسىنى ۋە 19-كۈنى كىچىسىنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك بەك مۇھىمدۇر،چۈنكى قۇرئانى مۇقەددەستە تۇنجى نازىل بولغان سۈرە ئاياغدىن 19-سۈرە بولغان 19 ئايەتلىك سۈرە ئەلەقتۇر، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ قەدىر كىچىسىنى چۈشىدە كۆرۈپ ئۇنتۇلدۇرۇلغان كىچىسىمۇ دەل رامىزاننىڭ 19-كىچەسى ئىدى،ھەمدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇلۇللاھقا: «سەن كۈتۈۋاتقان كىچە تىخى ئالدىڭدا» دىگەن كۆرسەتمىسىمۇ رامىزاننىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن بولغان بولۇپ، 20-كۈنى سەھەردىن بۇرۇنقى كىچىلەردىن 17-18-كۈنىدىكى كىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش ئىھتىمالى زوردۇر، تولۇق بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.
جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى [146]. 7 ـ سۈرە ئەئراف
بۇ ھالاكەتلىك ئازغۇنلۇقتىن مىھرىبان ئاللاھىم پاناھلىق بەرگەي، ئامىن!.....
ئاخىرىدا ھەربىر ھەق سۆيەر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ رەڭدار دۇنيانىڭ تاشقى پوستىغا مەھلىيا بولۇپ، ئۆمرىنى بىخۇت ئۆتكەزمەسلىگىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھ جانابىلىرى ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە ياشاپ، توغرا يول ئۈستىدە جان بەرگىلى نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!...
بەندەڭمەن،گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،
كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.
2012-يىلى شەھرى قاغىلىق
ت.ت.قۇرىغار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 12:17 PM