شىنخۇا تورىنىڭ 11-ئاپرىل جاكارتادىن بەرگەن خەۋىرى.11-ئاپرىل چۈشتىن كىيىن ھىندونوزىيەنىڭ سۇماتېرا ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 8.5 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىدى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئورگانلىرى دېڭىز تاشقىنى سىگنالى تارقاتتى.
ھىندونوزىيە مېتو تىلۋىزىريە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرىدە دىيىلىشچە،يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 15تىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە يۈزبەرگەن،تەۋرەش مەركىزىي ئاتسىخ ئۆلكىسىنىڭ سىمېۋلو ئارىلىنىڭ غەربى جەنۇبىغا 346 كىلومىتىر كىلىدىكەن،تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومىتىر كىلىدىكەن.ھىندونوزىيە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارماقلىرى دەسلەپتە تەۋرەش دەرىجىسىنى 8.9 بال دەپ ئىلان قىلغان،كىيىن 8.5 بال دەپ تۈزەتكەن.سۇماتىرا ئەتراپىدىكى سۇماتىرا ئۆلكىسى ،ئاتسىخ ئۆلكىسى ،غەربى سۇماتىرا ئۆلكىسى ۋە بىڭكۇلۇ ئۆلكىللىرىدە تەۋرەش تەسىرى بولغان.شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەر قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ،كوچىلارغا قېچىپ چىقىپ پانالانغان،بىر قىسىم دوختۇرخانىلار بىمارلارنى سىرىتقا يۆتكەپ كىلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ھىندونوزىيە ھاۋا رايى ،كىلىمات،يەرشارى فىزىكىسى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ھاياد مۇنداق دەيدۇ:دېڭىز تاشقىنى مودىلى بويىچە ھىساپلىغاندا ،بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 6 مىتىر ئىگىزلىكتە دېڭىز دولقۇنىنى پەيدا قىلىدۇ.ئەڭ دەسلەپتە ئاتسىخ ،سۇماتىرا،بىڭكۇلۇ ئۆلكىللىردە دېڭىز تاشقىنى ئالدىن مەلۇمات بىرىش سىگىنالى تارقىتىلغان ئىدى،كىيىن سۇماتىرا،بىڭكۇلۇ ئۆلكىللىرىدىكى سىگىنال بىكار قىلىنىپ،ئاتسىخ ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.
بۇ قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن،شىمېۋلو ئارىلىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 6 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى.
ھىندونوزىيە تىنىچ ئوكياننىڭ يەر تەۋرەش بەلۋىقىغا جايلاشقان بولۇپ،ھەر يىلى نەچچە مىڭ قېتىم چوڭ-كىچىك يەر تەۋرەش بولۇپ تۇرىدۇ.2004-يىلى 12-ئايدا ،سوماتىرا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 8.9 بال يەر تەۋرەپ،ھىندى ئوكياندا دېڭىز تاشقىنى يۈز بىرىپ ،200000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ،500000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆي ماكانسىز بۇلۇپ قالغان.