تۈركىيە كونا يۈزىنچى يىل ئۇنۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى پىروففىسور ،دوكتور سېيىت مەھمەت شەن ياڭاق ھەركۈنى چوقۇم 30گىرام ئىستىمال قىلىنىغاندا،يولدىشى بىلەن جىدەل قىلمايدۇ،ھۇزۇر ئىچىدە ياشايدۇ،دېدى.
شەن ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە (AKM)ئوردۇ ۋالىلىقى،ئوردۇ ئۇنۋېرستېتى، ئوردۇ يىمەك-ئىچمەك،دېھقانچىلىق،ھايۋانچىلىق مۇدىرلىقى بىلەن ئوردۇ زىرائەت ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ياڭاق كۆرگەزمىسىدە تۈركىيەنىڭ ياڭاق ئىشلەپچىقىرىشتا كەينىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگونىڭ ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش يىللىق مىقدارىنىڭ 800مىڭ توننىدىن كۆپرەك،ئامرىكىنىڭ بولسا 400مىڭ توننا ئەتراپىدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەن:بۈگۈن قارايدىغان بولساق ئەپسۇسكى سىرتقا ساتالمايۋاتىمىز،1970.يىللاردا سىرتقا ساتاتتۇق،بۈگۈن بولسا ياڭاقنى سىرتتىن كىرگۈزىدىغان دۆلەت ھالىغا كەلدۇق،سىرتتىن يىلىغا 50مىڭ توننا ياڭاق ئېلىۋاتىمىز.
ياڭاقنىڭ ناھايىتى چوڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شەن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى، ياڭاق ھەركۈنى چوقۇم 30گىرام ئىستىمال قىلىنىغان كىشىنىڭ يولدىشى بىلەن جىدەل قىلىدىغان ئىشى قالمايدۇ،ھۇزۇر ئىچىدە ياشايدۇ،ئۇيقۇسى قاچمايدۇ،بالىلىرى يارامسىز بولۇپ قالمايدۇ،چۈنكى ياڭاقتا ئومەگا 3يېغى بار.بۇنى بەدەن چىقىرىپ بېرەلمەيدۇ،سىرتتىن قوبۇل قىلىدۇ،بۇ سەۋەپتىن ياڭاق مۇتلەق ئىستىمال قىلىنىشى كېرەك.
ئومەگا يېغى كەم بولسا ئەركىشىلەر ئايالى بىلەن جىدەل قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆيىمىزدە ھۇزۇر بۇزۇلىدۇ،بۇ بىر ئىلمى كۆز قاراش بولۇپ،ئامرېكا كىلىنىك تەتقىقات خىزمەتلىرى جەريانىدا ئوتتۇرغا چىققان نەتىجىدۇر.
ياڭاق بۇرۇندىن پادىشاھلار ئىستىمال قىلىدىغان بىرخىل مېۋە تۈرى بولۇپ كەلگەن.
كۆرگەزمىگە ئوردۇ ۋالى ۋەكىلى مۇستافا ئىمامئوغلۇ،ئوردۇ ئۇنۋېرستېتى مۇدىر ياردەمچىسى زەكى بوستان،زىرائەت فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروففىسور ،دوكتور تۇران قارا دېڭىز،ئوردۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ئۆزەر قاراداغ،بەزى دائىرە(رايۇن)باشلىقلىرى ۋە كۆپ ساندا ۋەتەنداشلار قاتناشتى.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
مەنبە:
http://www.netgazete.com/News/82 ... z_huzurlu_olur.aspx