سيىت نوچىنىڭ شىكايىتى
فېليەتۇن
سەمەتجان غاپپار(ئەلتۈرك)
سىيىت نوچىنىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكىنىگە بىر ئەسىردىن ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇ شەخىس ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىر ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى. گاھىسى سىيت نوچىنى باتۇر، قورقماس، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار، مەرد دەپ رۇھىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنى ماختاپ ئۆزىگە ئۈلگە تىكلەپ، پەخرلىنىپ ئوبرازىنى جۇلالاندۇرسا، گاھىسى سيىت نوچىنى ساۋاتسىز، قارام، تەلۋە، ساۋاتسىزلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى قەشقەر دوتىيىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، قارا قۇساق دەپ ئەيىبلەپ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
سىيىت نوچىنىڭ روھى ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن جەمىئىيەتتىكى ھازىرقى كشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزى توغرىسىدا قانداق پىكىرلەرنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەل ئارسىنى زىيارەت قىلماقچى بۇلۇپتۇ. ئۇسەپەرگە چىقىپ يۇرت كېزىشكە باشلاپتۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى قەشقەر شەھرىگە كەپتۇ. ئۆزى ياشىغان ۋاقىتتىن تۇلىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ شەھەرنىڭ قىياپىتىگە قاراپ ھەيران قاپتۇ.
كوچىلاردىكى ھەرخىل كىيىنگەن ئادەملەر، ھەر بىر ئىش سىيت نوچىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر توپلانغان جاينى كۆرۈپ شۇتەرەپكە بېرىپتۇ. قارىسا توپ ئىچىدە بىر قانچە كىشى بىر ئادەمنى ھەدەپ ئەدەپلەۋاتقان، ئاچچىقى كەلگەن سىيىت نوچى ئۇلارنى زەردە بىلەن سىلكىپ، دەل جايىدا ئايرىپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ.
ھۇ لەنىتى ئەبگالار! ھەر قايسىڭ قانداق نېمىلەر؟ بىر ئادەم ئۇرۇشسا، ئايرىپ قويماقتا يوق، تاماشا كۆرگىنىڭ نېمىسى؟ مەن چېغىمدا بىچارە، ئاجىزلارنى قوغداپ، ئادالەتنى ياقىلاپ، مۇتىھەملەرنىڭ، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ كەلگەنمەن. ھەتتا ئۇچتۇرپان ئامبىلىمۇ مەن بار چاغدا يۇۋاش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا پېتىنالمىغان.ئەجداتلىرىمىز روھىدىكى باتۇرلۇق، مەردلىك قېنى؟ بۇبىچارىنى بىر قانچە ئادەم بوزەك قىلسا، قاراپ تۇرۇشساڭ قانداق بۇلىدۇ؟ ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن ئېيتىقاندىمۇ يۇۋاش، بىچارىلەرنى بوزەك قىلسا نامەردلىك بولمامدۇ؟ دەپ كايىغىنچە مېڭىپ يۇرۇپ بىر مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ.
دەرسخانىدىن: بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ « سىلەرچە بىلىمسىزلىكنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بۇلىدىكەن؟ »دىگەن گېپى ئاڭلىنىپتۇ.
سىيىت نوچى قىزىقىپ يېقىن بېرىپ قاراپتۇ. ئوقۇغۇچىلار كېلشىۋالغاندەكلا:
« سىيىت نوچىدەك ھېچنىمىنى ئۇقمايدىغان، ساۋاتسىز بۇلۇپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىكەنمىز» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئوقۇتقۇچىمۇ:« توغرا، ئەگەر بىلىم ئىگەللىمىسەك، سىيىت نوچىدەك ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۈتۈپ بېرىمىز، شۇڭا تىرشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك» دەپ سۆزلەۋاتقۇدەك.
سىيىت نوچى چۈچۈپ كېتىپ:
توۋا! بۇخەقلەرنىڭ نېمە دىگىنى ئۇ. ئۇلار مېنى ساۋاتسىز، ھېچنىمىنى ئۇقمايدىغان دەپ گۇناھ ئارتشىۋاتقىنى نېمىسى؟ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم ئۆزەمگە ئايان. ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، مەرتلىكنى ئەلا بىلىپ، ئىككىلەنمەي خەتنى ئاپىرىپ بەرگەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان . ئانامغا بولغان ۋاپادارلىقىمنى بىلدۇرەي دەپ، ئۆلۈمدىن قورقماي يوقلاپ بارغانمەن. سىلەر مىېنى ساۋاتسىز دەيسىلەر؟ ساۋاتلىق بولساڭلار قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان خەتلەرنى سىلەردىن قانچىڭلار ئوقۇيالايسىلەركىن؟ سىلەرگە ناھىينىڭ ئامباللىرى، ھاكىملىرى تامغىلىق بىرەر پارچە خەتنى بىرەرسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا، خەتنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر؟ نېمشقا ئەجداتلاردىن قالغان ئادىمىيلىك، مەرتلىكتىن يىراقلىشىپ كەتتىڭلار؟ سىلەرنىڭ شارائىتىڭلار ياخشى بولغاندىكىن ئۆلىمالار، ئالىملارنىڭ ھېكىمەتلىرنى قۇبۇل قىلىپ، پەزىلەت، ئادىمىيلىك خىسلەت يېتىلدۇرمىدىڭلار؟ دەپ كايىغىنچە كېتىپ قاپتۇ.
ئاپتۇر: ئاۋات ناھىيەلىك يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
2011-يىل9-دىكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 12:09 PM