|
|
|
|
[دىيارىمىزنىڭ خوتەندىن باشقا جايلىرىدا ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن كەسپ-گىلەمچىلىك
80-يىللارنىڭ باشلىرى مەھەللىمىزدىكى بىر ئائىلىگە باشقا بىر مەھەللىدىن بىر قىز يېڭى كېلىن بولۇپ كەلدى. بۇ يېڭى كېلىن ئەسلى گېلەم توقۇيدىغان ھۈنەرۋەن قىز بولۇپ بۇ ھۈنىرىنى مەھەللىمىزگىمۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ كېلىننىڭ ئۆيىدە گېلەم توقۇۋاتقىنىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئاستا ئاستا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇمىغان قىزلىرىنى شاگىرتلىققا بېرىپ توقۇشنى ئۈگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيلىرىدە دۇكان قۇرۇپ (بۇ تېمىدىكى دۇكان- گىلەم توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ) ئۆيىدە توقۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىمىزدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان گېلەم توقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا قۇچىقىدا بوۋىقى بار ياش چوكانلارمۇ بالىسى ئۇخلىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تاماق ئەتكەن، ئائىلىنىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا بۇ ئىشنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
بۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ئاناممۇ ئاچام ئىككىمىزنى بۇ ھۈنەرنى ئۈگىنىشكە شاگىرلىققا بەردى. ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا مەن 11 ياشلاردا، ئاچام 13 ياشلاردا ئىدى. ئاچام ئىككىلىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان بولغاچقا بىز پەقەت قىشلىق تەتىلدىلا ئۈگىنەلەيتتۇق. شۇنداق قىلىپ گېلەم توقۇشنى 2 قىشلىق تەتىل ئۈگەندۇق. ئاندىن مەن تولۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە ئانام بىزگە ئۆيدە دۇكان قۇرۇپ گېلەم باشلاپ بەردى.(بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا قىشلىق تەتىل قىسقا گېلەمنى توقۇپ پۈتتۈرۈپ بوللالمايدۇ دەپ يازلىق تەتىلدە باشلاپ بېرەتتى). مۇشۇ بويىچە ئاچام ئىككىمىز تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ماڭغىچە ھەر يازلىق تەتىلدە بىردىن گېلەم توقۇدۇق. ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇش، ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت قىلىش، ئائىلە قۇرۇپ بالىمىزنى بېقىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن بۇ ھۈنەرنى قايتا قولغا ئالىدىغان پۇرسەت بولمىدى. مەن ئالى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن بىر گېلەم توقۇپ ئېشىپ قالغان يىپلارنى قوشقاندا ئۆيىمىزدە يەنە بىر گېلەم پۈتكۈدەك يۇڭ يىپ بار ئىدى، ئانام بۇ يىپنى باشقىلارغا بېرىۋېتمەي ياكى سېتىۋىتمەي بىزنى يەنە بىر كۈنلەردە توقۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئوي بىلەن ھەر يىلى ئاپتاپقا سېلىپ، ئارىسىغا كۈيە دورىسى سېلىپ 20 يىل ساقلىدى. مانا توپتوغرا 20 يىل بولغان بۇ يىلدا ئاچام ئىككىمىز ئاخشىمى ۋە شەنبە يەكشەنبە ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ قانداقلا بولمىسۇن بۇ گېلەمنى توقۇۋېتىشنى قارار قىلدۇق. ھەم گېلەم توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىنتايىن پۇختا ئېگىرىلگەن پاختا يىپ ۋە يۇڭ يىپنى بوياشقا ئىشلىتىدىغان رەڭ نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقتۇق. ئەپسۇس شەھرىمىزدىكى چوڭ كىچىك بازارلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپمۇ ئۆزىمىزگە لازىملىق بۇ نەرسىلەرنى تاپالمىدۇق. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن بۇ نەرسىلەر توردا بولسا توردىن سېتىۋالاي دەپ تاۋباۋ تورى قاتارلىق تور بەتلەردىن نەچچە سائەت ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەرنى خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تونۇشىمىز ئارقىلىق شۇ يەردىن ئەكەلتۈرمەكچى بولدۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 03:56 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-13 06:12 PM):
مەن بىزگە لازىملىق ئاشۇ نەرسىنى تاپالمىغان شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئويلايمەن، قىز ئاياللارنىڭ شوغۇللىنىشغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، ۋاقىت، ئورۇن تاللىمايدىغان ، پاكىزە ھەم ئەھمىيەتلىك بۇ كەسپ مۇشۇنداقلا ئۇنتۇلۇپ كېتەرمۇ ؟
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|