مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 5

ئانا تىلىم-زەرتىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78691
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەڭ قىلمايمەن قىممىتىڭنى ھېچكىمگە ئانا،

مەدىھلەيمەن قىممىتىڭنى ھەر بىر تىنىقتا.

   

شۇنداق! جېنىم تېنىمدىلا بولدىكەن،تەڭرى نەپسىمنى ئۈزمەيدىكەن،ھەربىر تىنىق ھەر بىر يۈرەك سوقۇشۇمدا مەدىھىلەيمەن،سېنى ئۇلۇغلايمەن،ساڭا چىنيۈرەكتىن ئىھتىرام بىلدۈرمەن جېنىم ئانا!سېنىڭ ئىللىق قوينۇڭدا شاھلار ھوزۇرنىسۈرۋاتقان ۋاقتىمدا ،ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ ئوغلۇڭ بولغانلىقىمدىن ئالاھتۇمۇل ئىپتىخارلىقھېس قىلمەن.سېنى سۆيۈش مېنىڭ ئىپتىخارىم،سېنى ھۆرمەتلەش مېنىڭپەرزىم،شۇنداقلا،سېنى قەدىرلەش مېنىڭ پەرزىمدۇر ئانا!چۈنكى سەن مېنى بۇ دۇنياغاتەۋەللۇت قىلغان.

     "ئانا"دەپياڭراۋاتقان ئۇشبۇ تىنىقلىرىمدا،يەنە بىر پاسىبان جاننىڭ ئۆزنىڭ ئۇلۇغ ئانىغا خاسبۈيۈك خىسلەتلىرى،بىزگە بولغان تەسۋىرلىگۈسىز مىھر-مۇھاببەتلىرى بىلەننەپەسلىرىمگە ئورناپ،قانلرىمدا مەۋۇج ئۇرۇپ ئېقىپ،پۈتۈن بەدىنىمنى زىل-زىلگەكەلتۈرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن،شۇنداق!ئۇ بۈيۈكلىكتەتەڭداشسىز بىر ئۇلۇغئانىنىڭ بارىچە خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن.ئۇ قەلىبلەرگەئەينەك،مۇھاببەتكە كۆۋرۈكتۇر،ئۇ ئادەم!ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتىدۇر.ئۇبولغاچقىلا ئالەم-جاھان شۇنچە گۈزەل؛ئۇ بولغاچقىلا ئىنسانلار ئارىسى  مىھىر-مۇھاببەتكە تولغان؛ئۇ بولغاچقىلا سىز ۋەمەن قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمىز.مانا ئۇ دۇنيانىڭ بارىچە خىسلەتلىرنىڭئېگىسى،ئۇلۇغۋار مەبۇد__ئانا تىلىمىزدۇر.

     

ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى،ئۇيغۇرنىڭ قېنى،

      قېنىنىمە؟ھاياتلىقى،بارلىقى،جېنى!

     

ئىپتىخارغا تولغان يۈرۈكۈمنى چاڭگاللاپ تۇرۇپ،پۈتۈن دۇنياغا شۇنداقدەپ جار سالمەنكى:جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى،شان-شەرپى بىلەنماختانسا،مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنمەن.ئۇنى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىرئۇلۇغلۇقلارغا تەڭ قىلمايمەنكى،ھەتتا ئۇنىڭ بىر تاۋۇشىنىمۇ تۇتيا قىلىپ كۆزۈمگەسۈرمەن.

      ...ئىھ،ئاناتىلىم-ئۇيغۇر تىلى،سېنى سۆيۈش بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز،سېنى ھۆرمەتلەش بىزنىڭپەرزىمىز،شۇنداقلا،سېنى قەدىرلەش بىزنىڭ قەرزىمىزدۇر ئانا تىلىم!چۈنكى،سەن مېنىڭمىللىتىمنى بۇ دۇنياغا تەۋەللۇت قىلغان.

      ئانام مېنىتۇغقان،ئانا تىلىم مەن ئەڭ يۈكسەك دەپ قارايدىغان مىللىتىمنى تۇغقان.ئانا بولمىسابالا نەدە؟!

      سوۋىت-ئىتتىپاقىنىڭداڭلىق يازغۇچىسى تولستوي”تىل __مىليۇنلىغان ئەجدادلار تەرپىدىن يارتىلغان تىرىكجاندۇر.“دىيىش ئارقىلىق تىلنىڭ تەن ھەم جان بىلەن بىردەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشبىلەن بىرگە،بىر تىلنىڭ شۇ قەۋەم ئەجدادلىرنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن جان كەبىقىممەتلىك گۆھەر ئىكەنلىكىنى ناھايەت قىلىپ بەرگەن.

      مېنىڭ ئانا تىلىممۇھەم شۇنداق،تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان،”ئانا تىل“ دىسە يۈرىكى ۋولقان بولۇپكۆيۈدىغان نورغۇن ئەجدادلىرمىزنىڭ ھېمايىسىدە ئەدەبى جەھەتتىن گۈزەل،مەنا جەھەتتىنچۈشنىشلىك،ئىپادىلەش كۈچىگە باي،تاكامۇللاشقان بىر تىل بولۇپ دۇنيا تىللىرىقاتارىدىن ئورۇن ئالدى.ئۇ شۇنچىۋالا بۈيۈك خىسلەتلەرگە ئىگە بولغاچقا،ئۇيغۇرئوغلانلىرى ئورخۇن شەجەرسىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ،ئۇنىڭ بىلەن ھەيۋەتلىك ھۇرراتوۋلاپ،پۈتۈن غەربىي شىمالىي ئاسىيانى زىل-زىلگە كەلتۈردى؛ئۇ شۇنچىۋالا بۈيۈكخىسلەتلەرگە ئىگە بولغاچقا،ئىدىقۇت يۇلتۇزى ھەر دانە چاقنىغان ۋاقىتلىرىدا،جاھانسەركىسى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا دۆلەت تىلى قىلىپ ئۆتۈلۈپ،ئۇيغۇرئالىملىرىمىزنى ”دۆلەت ئۇستازى“لىق ئورنىغا كۆتۈردى؛ئۇ شۇنچىۋالا بۈيۈكخىسلەتلەرگە ئىگە بولغاچقا،دۇنيا مەدەنيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەر ئۇيغۇر ئونئككى مۇقامى ئۇنىڭ بىلەن ئۆز قەدىر-قىممتىنى تېپىپ،دۇنيا مەنۋى مەدەنيەت ئاسمىنداچاقنىغان يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى.ئۇ شۇنچىۋالا بۈيۈك خىسلەتلەرگە ئىگەبولغاچقا،ئوغۇزخاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقەرى،ئەلشىرنەۋائى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرگىچە ... ھەممە،ھەممە ئۇنىڭ بىلەنئەقىل-ھېكمەت نۇرلىرنى دۇنيا مەدەنيىتىگە چاچقۇ قىلدى.تەۋپىق ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىقارلارنىڭ زۇلمىتىگە ھېدايەت نۇرىنى سەپتى.دۇنيا ياخشىلىقلىرى،دۇنيا گۈزەللىكلىرىئۇنىڭ بىلەن كۈيلەندى،ئۇلۇغلاندى.دۇنيا رەزىللىكلىرى ھەم ئۇنىڭ بىلەن شىددەتقامچىلاندى.

     مۇبارەك ئاناتىلىم،ئەرەب تىلنىڭ ھەيۋىسىگە ئۇچىرىغان زامانلاردا،ئۇلۇغ بوۋىمىز تىلشۇناس ئالىممەھمۇد قەشقەرى ئەبەدى يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگمەس بايلىق 《دىۋانۇ لۇغاتتىنتۈرۈك》 نى يېزىش ئارقىلىق،ئۇنى تۈركى تىللار قاتارىدا ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگەچۈشەلىگۈدەك ئۇچقۇر ئارغىماققا ئايلاندۇردى.15-ئەسىردە پارىس تىلى ئۇنى يۇتۋىتىشقاتەييار تۇرغاندا،مەۋلانى لۇتىفى،يۈسۈپ سەككاكى،ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق ئۇلۇغئەدىبلىرىمىز ئۇنىڭ دۇنيا قاتاردىكى بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىمنامايان قىلىپ بەردى.لېكىن،مەن قەدرىڭنى قىلالمىدىم ئەي ئانا تىلىم!سېنىڭ قەدرىڭنىقىلالماسلىق جىنايەت ئىدى ... دىمەك،سىز ۋە مەن،ھەممىمىز ئانا تىلمىز ئالدىدامىللي غورۇنىڭ جىنايەتچىلىرىمىز.

     نەزىرمىزنى ئاشۇشانلىق كەلگۈسدىن بۈگۈنىمىزگە ئاغدۇرغنىمىزدا،شۇنى بايقايمىزكى،قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىۋە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ھېلھەم ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.لېكىن،ئۇنى بىلدىغان پېشقەدەملىرمىزئارقا-ئارقىدىن بىز بىلەن خوشلاشماقتا.ئارىمىزدا بۇ جەھەتتىكى تەربىيلىنىشلەر يوقدىيەرلىك.دىمەك قاتتىق ئازاب ئىچىدە ئالىملىرمىزنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساق،بۇبايلىقىمىز يەنە 100 يىلغا بارماي قۇرۇپ كېتىش مۇمكىن ئىكەن.مانا بۇ ئۆزيىلتىزمىزنى قاراپ تۇرۇپ قۇرتىۋەتكەنلىك بولماي يەنە نىمە؟؟ماتىرياللارغائاساسلانغاندا:بىز ئۆز قىلمىشلىرمىزدىن خەۋەرسىز،غادىيىپ يۈرگەن ئۇشبۇ مىنۇتلاردا،روسىيە،ئەنگىليە،گىرمانىيە،ئامرىكا،شىۋىتسىيە،تۈركىيە ۋە ۋېنگىرىيەگە ئوخشاشئەللەر تىلىمىزنى تەتقىق قىلىپ بىزدىنمۇ يۇقرى پەللىگە چىقتى.شىۋىتسىيىلىكدىپلومات،ئۇيغۇرشۇناس گۇنناريارىڭ ئەپەندى 1993-يىلى”ئۇيغۇرتىلى فونتىكىسى ھەققىدەتەتقىقات“دىگەن ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.توغرا،ئارىمىزدا ھەمئاز بولمىغان تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىز بۇ جەھەتتە ھەقىقى ئۇيغۇرغا خاس ئىزدىنىش روھىنىجارى قىلدۇرماقتا.لېكىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرچۇ؟ شۇنچە چىرايلىق ئاناتىلمىزنى يۈركىمىزگە تېڭىپ تۇرۇپ،قۇچاقلاپ سۆيۈپ تۇرۇپ چىرايلىق قوللانساقچۇكاشكى......

       پەخىرلىك تەتقىقاتچى،ئالمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى:”تىلنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ئىشلتىلشىدە.ھەرقانداق مىللى تىلنىڭ ئېغىزدىن قېلشى،بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋەئاتىلارئېغىزىدىن قېلشى،ئوقۇتقىچىلىق ۋە يېزىقچىلىقدىن قېلىشى ئۇنىڭ ئەجىلدىنئىبارەت.ھەر قانداق بىر جانلىق شەئىگە ئوخشاش،ھەركەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنىكۆرسىتىدۇ.“دەپ قەيىت قىلغانكەن.ئەجبا بۇ سۆزلەر بىزنىڭ پېشانىمىزنى سىلاپبېقىشىزغا،يۈرۈكىمىزنى تۇتۇپ بېقىشىمىزغا،تەپەككۇر ھۆجەيلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپبېقىشقا ئەرزىمەمدۇ؟؟

       كۆزىمىزنى چوڭ ئېچىپيېقىنقى زامانىمىزغا نەزەر سالساق،ئەسىر-ئەسىرلەپ،ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەرپىدىنھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن ئىشىلتىلىپ كېلۋاتقان ئانا تىلىمىز1961-يىلدىن1982-يىلغىچەبولغان ئازغىنە يىگىرمە يىل ۋاقىتتا گوياكى ئوقيا تېگىپ نىمجان بولغانكىيىككە ئايلاندى،چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرۈكى بولغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىئاتالمىش يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىۋېتىلدى.ئەنە شۇ زامانلاردا،قېرىنداشلىرىمىز،بۇلبۇل گۈلنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك،بېلىق سۇنىڭ قەدىرىنى بىلگەندەك،ئانا تىلمىزنىڭقەدرىنى بىلىپ يېتىشكە باشلىدى.چۈنكى،قەدىمدىن ئىشىلتىپ كېلۋاتقان يېزىقىدىنئايرىلغان نىمجان بىر تىل بىلەن ئۇ قەۋمنىڭ تارىخىنى كۆرۈش،كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشتامامەن مۇمكىن بولمايتتى.تارىخ ۋە كەلگۈسىدىن ئايرىلغان مىللەتنى تېخىمۇ تەسسەۋۇرقىلىپ بولماس ئىدى.

        يۈرۈكۈم ھاياجانبىلەن سوقماقتا،پۈتۈن بەدىنىم لەرزىگە كېلىپ يېنىك تىتىرمەكتە،بارىچە ھۆجەيلىرىمئانا تىلنىڭ يېقىملىق جاراڭلىشى ئاستىدا،گويا مېھىرىبان ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسنىئاڭلىماقتا.ئەي ئانا تىلىم،ئوغۇل-قىزلىرىڭ سېنى جاھاندا بىر دەپبىلىدۇ،ئىززەت-ھۆرمەت،قەدىر-قىممتىڭنى قىلىدۇ.سېنى ھەر قانداق ئككىنجى بىر تىلغاتەڭ قىلمايدۇ.شۇنداق،مەخلۇقات دۇنياسىدا ئانا تىلغا يەنە نىمىمۇ تەڭ بولالىسۇن-ھە!

        ئاتاقلىقيازغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالدىن ئەپەندى ئانا تىلنىڭ موھىملىقنى كۆرسىتىپ:”ئاناتىل ئۆزۈڭگە ئوخشايدۇ،قالغان تىللار كۆزەينەك،دۇربۇن،تېلېسكوپ،مېكروسكوپ...دىگەندەكلەرگە ئوخشايدۇ،ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ ئۆز كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشىكېرەك.“دەپ خىتاب قىلغانكەن.دىمەك يۇقرىدا قەيىت قىلغىنمىزدەك،تارىخىمىز ۋەكەلگۈسىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن بىزگە كۆز كېرەك دە!ئۇشبۇ ئەدىبىمىز ئانا تىلمىزنىشۇنداق ھۆرمەت بىلەن مەدھىلەيدۇكى،ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:”ئانا تىلىڭغورۇرۇڭ،مۇھاببەت،ۋىجدان ۋە ئەقىدىنىڭ تىلى،ئۇ يىلىك!مەرىپەت،ھەقىقەت ۋە قۇدرەتئۇنىڭدىن باشلىندۇ.باشقا تىللار گۇۋاھنامە،شاھادەتنامە،كاپالەتنامە،شۇنداقلاھوقۇقنامە تىللىرىدۇر .“مەن دەيمەن: ئانا تىل ئالاقلىشىش قۇرالى،تەپەككۇرقۇرالى.ئۇ مىللى كىملىكنىڭ بەلگىسى،باشقا تىللار ئەڭ كۆپ بولسا ئالاقلىشىش قۇراللىقرولىنى ئۆتەيەلەيدۇ،لېكىن ئۇ تەپەككۇرىمىزنى ئالغا ئىنتلدۈرەلمەيدۇ،كۆكتە پەرۋازقىلدۇرالمايدۇ ،مىللى كىملىكىمىزگە ئەسلا ھەم بەلگە بولالمايدۇ!

         مەيلى سەن كادىربول ياكى تېخنىك بول،دوختۇر ياكى ئېنژىنېر بول،تەنھەركەتچى ياكى ھەربى خادىمبول،نەشىرياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول،تارىخچى ياكى سودىگەر بول،سەنئەتچى ياكىھۆنەرۋەن بول،ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ،‹ئوغۇزنامە›ۋە‹تۈركىي تىللاردىۋانى›نى ئوقۇساڭ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر نەۋائىينى چۈشەنمىسەڭ،نۇزۇگۇمدىكىھايا ۋە ئىپپەتكە قايىل بولمىساڭ،ئابدۇخىالىق ئۇيغۇر،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،زوردۇنسابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ،يۇرتۇڭدىكى تاغ-دەريالار ھەققىدىكىرىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ،سادىرنىڭ ناخشىكىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ.......ئۆزۈڭنىڭئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ» دېگەنىكەن ئابدۇقادىر جالالىدىن.مەن دەيمەنكىئەگەر سەن ئانا تىلىڭدا راۋان سۆزلەشتىن قىينالساڭ،ئۇنىڭدا ئېيتىلغان پاساھەتلىكسۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمىسەڭ،ئۇنى سۆزلىگەندە،ئاڭلىغاندا يۈرىكىڭ لەرزىگە كەلمىسەئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ،چۈشەندۈرۈش نەھاجەت! ئەدىب ئابدۇقادىرجالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بىباھا گۆھەر بولغان ئانا تىلىمىزنىڭئىللىق قۇچىقىدا ئاندىن روياپقا چىقالايدۇ.

     نۇرغۇن تىللاردا ئېغىزبوشلۇقىدىكى تىل بىلەن ئالاقە قورالى بولغان تىل ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.بۇئىككى خىل «تىل»سۆزى ھەم فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن،ھەم ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتجەھەتتىن ئوخشاشلىقنى ھاسىل قىلغان .ئىنسان ماددى جەھەتتىن ئوزۇققا ئېرىشىپ جانساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شەك-شۈبھىسىزكى تىلنىڭ رولىغا كۆزيۇمالمايدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋى بايلىققا ئېرىشىپ، جاھان سەھنىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىشىئۈچۈن ئانا تىلنىڭ نەقەدەر زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەم تەسەۋۋۇر قىلىپبولمايدۇ.تاماقنى ئۆز تىلىدا تېتىپ يېيىش بىلەن باشقىلارنىڭ تىلىدا تېتىپ يېيىشئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدىلا چىشى چىقىۋاتقان بوۋاقمۇھېس قىلالىغاچقا ،باشقىلارنىڭ چايناپ بەرگەن تامىقىنى دەرھال ياندۇرۇپچىقىرىۋېتىدۇ.بىزنىڭ ئالاقە ۋە تەپەككۇر قورالىمىز بولغان ئانا تىلىمىز بىزگەمەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ،سەنئىتىمىزنىڭ ئۆز پېتىيەتكۈزگۈچىسى،خىياللىرىمىز،ھېسسىياتلىرىمىز،تەپەككۇرلىرىمىزنى ئۆز پۇرىقى بىلەن دىمىقىمىزغائۇرغۇچىدۇر. ئۇندادق بولسا بىز زادى قايسى يولنى تاللىماقچى؟ئۆز تەم ئۆزپۇراقنىمۇ؟ياكى.....مانا بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قەدر-قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانئەڭ ئاددى ھەقىقەت.

     يۈسۈپ خاس ھاجىپ«تىلكىشىلەرنىڭ قەدر-قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەختكەئېرىشىدۇ.»دەپ تولىمۇتوغرا ئېيتقانىكەن.گەرچە تاھازىرغىچە«بەخت»بەختتىن ئىبارەت بۇ سۆزگە ئېنىق بىرتەبىر بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمى، جەمئيەتتىكى كەسكىن رىقابەت،مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى توقۇنۇش،سىياسى ۋە ئىقتىسادى كېرزىس بىلەنكاللىسى ققوچۇلۇپ كېتىۋاتقان، ھەتتا بىزگە ئوخشاش يىراق يۇتلاردا ئانا دىيارىنىڭمېھرىگە تەشنا بولىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆز ئانا تىلىدا خىيال سۈرۈش، ئۆزئانا تىلىدىكى كىتاب-ماتېرىياللارنى ئوقۇش،ئۆز ئانا تىلىدىكى مۇڭلۇق ناخشىلارنىئاڭلاشلارنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت. ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىزدىنپەخىرلىنىپ كېلىۋاتىمىز. بىزگە نىسبەتەن مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ئانا تىلىمىزنىقوغداش، ئاسراش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېللىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنىڭئۆزى بىر بەخت. جۈمىلدىن قەلبىمدىكى بۇزرۇكۋار ئانا تىلىم ـــ ئۇيغۇر تىلىدا ئۈشبۇسورۇندا ئىپتىخارلىنىپ سۆزلەۋاتقىنىم مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم، ئەڭ زورئىپتىخارىم، شۇنداقلا ئەڭ زور بەخت-سائادىتىم!

    گەرچە يۈرىكىم ئاناتىلىمنىڭ ئىشقىدا دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرۇپ، توختاۋسىز كۈۋەجەۋاتقان، ۋولقانكەبى ئوخچۇپ، لاۋۇلداپ  كۆيۈۋاتقانبولسىمۇ، لېكىن تىلىمنىڭ گاللىقى، ئەقلىمنىڭ چولتىلىقى، تەپەككۇرۇمنىڭ گادايلىقىتۈپەيلى، ئىپتىخارلىق شائىرىمىز روزى سايىت ئاكىنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى كۇبلېت شېئرىبىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن،قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەيب كۆرمەسلىكىنى سورايمەن:

شۇڭا دەيمەن؛ئۆز تىلىم ــگۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،

بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىللىتى .

زەررە كىچىك،ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن ،

مېنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ئاتومچە بار قىممىتى !

ئەيتەڭرىتاغ پەرزەنتى،ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى

سىيپىماقتامەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى .

مۇھەببەتلىكباغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن،

سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 11:30 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-16 03:24 PM):
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇ ئەسەرنى مېنىڭ ساۋاقدىشىم يازغان،مەن ئەمەس!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-16 03:28 PM):
يازغۇچى:ۋۇخەن تەبئى سانائەت پەنلەر ئونۋېرسىتىي مۇتەللىپ(ئۇيغۇر.يىگىت)

301398_2400505418577_1429317517_2806943_428851899_n.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izqel + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرىكىيۇ-ئافرىقىدا
سەرىپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى سەن زوق ئالغىن خالىغان تىلدا
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جىنىم مىڭ پىدا
ئەگەردە ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە
مەن بولاي بۇگۇنلا جىنىمدىن جۇدا.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا........ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمىز ئوخشاش ئىكەن .........ياخشى يېزىپسىز قىرىندىشىم ......
ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز قىرىندىشىم .

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4577
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 02:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى «ئانا تىلىم-زەر تىلىم»نى ئەسلەتتىڭىز.
ئانا تىلىم زەر تىلىم.
ئوتۇڭدا كۆيگەن تىلىم.
.........................
..........................

ئاخىرى ئىسىمدە قالماپتۇ

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش