بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
جىمى مۆجىزىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان مىھرىبان ئاللاھقا ،ئەڭ ئاجايىپ مۆجىزە بولغان پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ گېنىنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا يوللايمەن. 2 مۆجىزە دەستۇرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا پاك كىشىلەرنىڭ ئىمانىدىن پاك دۇرۇتلار يەتكەي.
نەپسىنى پاكلىغانلار ئىككىلى دۇنيادا پاك مەنزىللەرگە چۈشكەي، ئامىن.
قۇرئانى مۇقەددەس 114 سۈرەدۇر، 9-سۈرە تەۋبەدىن باشقا 113 سۈرە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم بىلەن باشلىنىدۇ، تۆۋەندە 113 ۋە 114 سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ساماۋىي كىتاپلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار بايان قىلىنغان ئايەتلەرنى تەپەككۈرۈڭىزگە سۇندۇق.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق » دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق » دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەرمۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، اﷲ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ [113]. 2 ـ سۈرە بەقەر
ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن كېچىلىرى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار [113] 3 ـ سۈرە ئال ئىمران
اﷲ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. اﷲ نىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر [113]. 4ـ سۈرە نىسا
ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى [113]. مەريەم ئوغلى ئىسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز اﷲ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى [114]. 5 ـ سۈرە مائىدە
ئېيتقىنكى ،«اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، اﷲ تىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن [114]. 6ـ سۈرە ئەنئام
ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب يۈزلەندى، ئۇلار زالىم ئىدى [113] 12 ـ سۈرە يۇسۇف
ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق [113]. 16 ـ سۈرە نەھل
اﷲ ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر،ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن،«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن [114]. 17ـ سۈرە بەنى ئىسرائىل
ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ [113]. بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئېھسان قىلدۇق [114]. 27 ـ سۈرە نەمل
23 يىلدا نازىل بولغان قۇرئانى كەرىم ۋە 23-ئايەت.
2ـ سۈرە بەقەر
بەندىمىزگە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار اﷲ تىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، راستچىل بولساڭلار [23].
3 ـ سۈرە ئال ئىمران
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر [23].
39 ـ سۈرە زۇمەر
اﷲ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تەكرارلىنىدۇ، پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن اﷲ نىڭ زىكرى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ اﷲ نىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (اﷲ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، اﷲ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ [23].
40 ـ سۈرە غافىر
بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى [23].
43 ـ سۈرە زۇخرۇف
شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى [23].
46 ـ سۈرە ئەھقاف
ئۇ: « پەقەت اﷲ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن » دېدى [23].
48 ـ سۈرە فەتىھ
بۇ اﷲ نىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، اﷲ نىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن [23].
49 ـ سۈرە ھۇجۇرات
ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ [23].
گەپ قىلمىش-ئەتمىش كىتابى ھەققىدە كىتىۋاتىدۇ.
52ـ سۈرە نەجم
ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ [23].
54 ـ سۈرە قەمەر
سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى [23].
57 ـ سۈرە ھەدىد
يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، اﷲ قا ئاساندۇر [22]. (اﷲ تائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا ئالدىن يېزىشىنى سىلەرگە بايان قىلىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە اﷲ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، اﷲ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ [23]. قۇرئانى كەرىممۇ لەۋھۇل مەھپۇزدا ساقلانغاندۇر.
70 ـ سۈرە مائارىج
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر [23]. بەش ناماز ۋە 23،3+2=5
71 ـ سۈرە نۇھ
ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى [23].
بەش بۇت ۋە 23،23،3+2=5
72 ـ سۈرە جىن