يىگىتىمنىڭ تويى
(نەفسى)
توۋا، ئىلگىرى مۇھاببەتكى ئوڭۇشسۇزلۇقلارنى ئاڭلسام پەقەت مىيقدا كۈلۈپلا قۇياتىم.دوسللۇرۇمنڭ مۇھاببەت ھەققىدكى ئازاپلىق كەچمشلىرىنى ئاڭلغىنمدا ،ئەگەر كۇنلەرنىڭ بىردە مەنمۇ شۇنداق كۈنلەرگە قېلىپ كۈزۈمنى ياشلاپ قالارمەنمۇ دەپ ئەسلا ئويلاپ باقماپتكەنمەن. مانا ئەمدى ئۆز بېشمغا بۇ كۈنلەر كېلىپ ،مىنى خۇددى كەچ كۈزدە سارغايغان غۇنچىغا ئوخشتىپ قويدى. ئەزەلىدن ئۆز مۇھابىتىم ئۈستدە دوسللۇرۇمغا ئاغرى- ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ بىردىغان مەن،بۈگۈنگە كەلگەندە ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغان ئادەمدەك بۇلۇپ قالغان ئىدىم.
قەلبىمگە مۇھابەتىنىڭ ساقايماس يارسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ سۆيگۈدىن نەپرەتلنەيمۇ؟
مەن ئالدانغىنىم يوق،ھەم تاشلۋتىلگەن ئەمەسمەن.پەقەت مەغلۇپ بولدۇم خالاس،.....................................
شۆھرەت ئىككمىزنىڭ مۇھابتى بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن باشلانغان ئىدى. ئۇ تۇلمۇ ئەخلاقلىق ،گەپلىرى ئۇرۇنلۇق،غورۇرلۇق يىگت ئدى.ئىككىمىزنىڭ ئۆيى يىراق بولغاچقا مەكتەپتلا بىر- بىرمزنى كۆرەلەيتۇق.ئۇ مەندىن بىر سىنپ يۇقۇرى ئۇقۇيتى .ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى دەم ئېلشقا قۇيۇپ بىرلگەندە بىز ئۆيگە بىللە قايتاتتۇق ،يول بۇيى ئۇنىڭ يۇمۇرۇستىك گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ ئۈچەيللىرم ئۈزۈلۈپ قالايلا دەيتى.
بىز يول بۇيى شۇنداق شىرىن خىياللارنى قىلپ ماڭاتتۇق . ئۇنىڭ گەپلىىرنى ئاڭلسام ئاڭلغۇم كىلەتتى . كىين ئۇ قۇشنى پۈتۈرۈپ ،ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بەرمەيدىغان بۇلۇپ كىتىپ قالدى. ئۇنڭ بلەن بىللە يۈرۈپ كۈنۈپ قالغاچقمۇ بەكلا يالغۇزلۇق ھېس قىلشقا باشلىدىم.ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى كىلشنى تەقەزارلىق بىلەن كۈتتەتىم.دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە خۇددى قەپەستىن قۇتۇلۇپ چىقان قۇشتەك خوشال بۇلۇپ كىتتەتىم . بىز ئۆستەڭ بۇيدا ،مەجنۇنتاللار سايە تاشلغان سۇ بۇيدا ئولتۇرۇپ پاراڭلشاتتۇق. كۈنلەر شۇنداق ئۈتۈپ مىنڭمۇ ئۇقۇشۇم پۈتۈپ ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى تاپشۇرۋالدىم. بىر تەرەپتىن خوشال بولسام .يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنڭدىن ئايرىلىدىغىنىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلاتتى.بىر كۈنى ئۇنۇڭغا :
_شۆھرەت ،مەن ئۇقۇمايمىكن دەيمەن. دېدىم .
ئۇ كۆزۈمگە تىكلىپ قارۋەتكەندىن كىين ماڭا :نىمشقا بۇنىداق ئويلاپ قالدىڭىز دېىئدى. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلغىم كەلمەيۋاتقىنى ئىېيتىم . ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ : ئەخمەق قىز . بىز ھامان بىللە بۇلىمىز . سىز ئاۋۋال خاتىرجەم ئۇقۇشىڭىزنى پۈتۈرۈپ كىلىڭ. مەن سىزنى ئۇقۇشىڭىز پۈتكچە ساقلايمەن. دېدى.......................................
ئاخىر ئالىي مەكتەپكمۇ كەلدىم. دەسلەپ ئۇنڭدىن بۇنچە ئۈزۈن ئايرلغانغا چىدماي يىغلاپلا يۈردۇم. ئۇنى ئويلساملا قايتىپ كەتكۈم كەلدى. بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك تىلفۇندا پاراڭلىشپ تۇردۇق ، ئۇ ماڭا يۇرتتا بولغان ئىشلارنى .قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ بىرەتتى. بەلكىم بۇ ھاياتىمدىكى گۈزەل چاغللرىم بولسا كېرەك. بۇنداق كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى. ئارىدىن خېلى ۋاقتلار ئۈتۈپ ئۇنۇڭدىن كەلگەن بىر پارچەخەت ھەممىنى ئۆزگەرتىپ، تۇرمۇشۇمنى ئاستىن -ئۇستۇن قىلۋەتتى......خەت مانا مۇنداق يېزلغان ئىدى...
ئەسالام: مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىنمۇ قىممەتلىك بولغان زۆھرە ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ساڭا يوللغان سالامىم ئالاھنىڭ قۇدرەت كالامى بىلەن ساڭا يىتپ بارسا ئىدى ،ئازاپتا ئۆرتۈنۋاتقان قەلبىم بىر ئاز بولسمۇ تەسەللىي تاپقان بولاتتى.ئەپسۇس،قوللۇرۇم تىترەپ تۇرۇپ يېزۋاتقان بۇ خەتللىرمنى ئاخرغچە ئۇقامسەن ئۇقۇمامسەن بۇ ماڭا قاراڭغۇ
ئالدى بىلەن سەندىن مىنى كەچۈرۋېتشڭنى ،ئۇچ يىللىق مۇھابىتمىزنڭ ھۆرمتى ئۈچۈن بولسمۇ مەندك ۋەدىسدە تۇرالمغان يىگتىنى كەچۈرۋېتشڭنى ئۈمۈت قىلمەن. مۇشۇ تاپتا كاللام قۇپقۇرۇق، ساڭا بۇ گەپلەرنى قانداق دېيشنى ،قىسىقىسى قانداق دېسەم بولۇدېغىنى پەقەت بىلمدىم . كۆڭلۈمنى چۈشەنسەڭ ئدىڭ ئۇشبۇ دەقىقلەردە منڭ قەلبىمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئازاپلنۋاتدۇ. مەن ساڭا سنى بەختىلك قىلمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئدىم. ئۇقۇشۇڭ پۈتكىچە سېنى ساقلىماقچى ،بىز بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولغان ئىدۇق. منىڭمۇ ،سىنڭمۇ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرمىز. كەلگۈسى ئۈستدە تۈزگەن پىلانلىرمىز بار ئدى.ئەپسۇس،تەقدىر بەلكىم ماڭا ھەم ساڭا چاقچاق قىلۋاتقاندۇ. ئەمما بۇ چاقچاق ئەمەس ،ھەر ئىككىلىمز قۇبۇل قىلىشنى خالمايدىغان رىئاللىق.
دادامنڭ كېسەل كارۋېتدا يېتىپ ئۈمۈد بىلەن تىكلگەن كۆزللىرى ،مەندىن ئاخىرقى جاۋابنى كۈتۋاتقان منىۇتلاردا ، مەن ،ھەممدىن ۋاز كىچىپ سىنى ئېلىپ يىراقلارغا كەتمەكچى،بەختىمزىنى ھېچكىم توسمايدغان.بىزنى ھېچكىم تۇنۇمايدىغان جايلارغا كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما مەندكى پەرزەنتلىك بۇرۇچ. دادامنڭ كېسەل كارۋېتىدكى ئۈمۈد بلىەن باققاب كۆزللىرى .منى بۇ خىياللىرمنىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ ،ساڭا ئاسيلىق قىلىش يولنى تالغۇزىدى.
بەلكىم بۇ ئاسىيلىق ئەمەستۇ؟چۈنكى مەن سىنى ياخشى كۆرمگەنلىكم ئۈچۈن بۇنداق قىلۋاتقىنم يوق. پەقەت كېسەل كارۋېتدا ئەجەل بىلەن جان تالشۋاتقان دادامنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئۈچۈن مۇھابىتىمىزنى قۇربان قىلماقچىمەن.
كەچۈر ،زۆھرە ! كۆزۈڭدىن بىر تامچە ياش ئاققۇزماسلىق ئۈچۈن بەرگەن ۋەدەمگە مەن بۈگۈن ئاسىيلىق قىلماقچى .ئەمدى ساڭا يۈرۈگۈمنى لەختە قىلغان ئاشۇ ئازاپلىق قارارىمنى ئىيتماقچمەن.
ئەتگەن دادام مىنى يېنغا چاقىرىپ كۆزۈمگە ئۇزاق تىكىپ قارۋەتكەندىن كىين "ئوغلۇم ،يەنە قانچللك ئۆمرۇم قالدى بىلمەيمەن. ئۇزۇندىن بىرى ساڭا بۇ ھەقتە گەپ قىلاي دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئدىم. لىكن دېيشكە ئەپ كۆرمەي يۈردۇم. ئەمدى دېمسەم كۆزۈم ئۇچۇق كىتدىغان ئوخشايمەن. ئۈزۈڭمۇ كۈرۈپ تۇرۋاتسەن منڭ ئەھۋالىم مۇشۇ. ئاناڭمۇ بارغانسىرى كېسەلچان بۇلۇپ قېلۋاتدۇ. سەن بالىلارنىڭ چوڭى،ئەمدى بېشڭنى ئوڭشاپ قويمساق ئۇ ئالەمگە ئاتلىق قەرزىم ئادا بولماي كىتىپ قالدىغان ئوخشايمەن..............
دادامنڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېشمىدن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . دادامنڭ قېشدىن قانداق چىقىپ كەتكىنمنى بىلمەيمەن.بىر چاغدا مۈرەمگە يىنىكنە تەگكەن قول منى سەگىتى. ئانام ماڭا قاراپ مەندن نىملەرنىدۇر كۈتۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى. ئانامغا سەن بىلەن بولغان ئىشمنى ئىېيتىم. توي قىلشقا پۈتۈشكۈنىمىزنى ، بىر- بىرمىزنى ياخشى كۈردىغىنمىزنى ئېيتىم. ......ئانامنڭ كۈزى نەمدەلىدى. ئۇنڭدىن نىجاتىلىق تىلەۋاتاتىم. ئەمما ئانام :ئوغلۇم ، ئۇ قىز يەنە توت يىل ئۇيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستگە ئۇياقتىن ئۇقۇش پۈتۈرۈپلا بۇ ياقتىن توي قىلالمايدۇ. داداڭنىڭ ئەھۋالنى سەن كۈرۈپ تۇرۋاتسەن .دوختۇرلار يەنە ئىككى ئۈچ ئايلىق ئۆمرى قاپتۇ دەيدۇ. سنىڭ بېشڭنى ئوڭشاش داداڭنڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئوغلۇم ' دەپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئارتۇق ھېچنىمە دىيەلمدىم. نىمە دېيشىمنىمۇ بىلمدىم. كۆزۈم بىر نوقتغا تىكلگەن. كۆز ئالىدمدا سىنڭ سىمايىڭ. كۆزللۇرۇمگە قاراپ تۇرۇپ ئەركىلەشلىرىڭ،....ئوماق لەۋلىرڭىنى ئۈمچەيتىپ خۇددى كىچك باللاردەك دومسيۋېلىشلىرڭ. ......بىزنىڭ بىللە ئۆتكۈزگەن گۈزەل چاغللىرمىز بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلدى.
سنى دەپ ئۈلۈم ئالدىدا جان تالشۋاتقان دادامنڭ دىلىنى ئاغرتىش ،پەرزەنتلىك مەسئولىيتىمدىن ھەم ئىنسانى پەزلىتمدىن تانغانلىق بۇلارمۇ؟
دادامنڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى دەپ ،پاك مۇھابىتىمزىنى.سىنڭ شۇنداقلا ئۈزۈمنڭ مۇھابىتىنى قۇربان قىلماقچى بۇلۇشۇم، مۇھابىتمگە قىلنغان ئاسيلىق ،ۋاپاسىزلىق بۇلارمۇ؟
قىممەتلىك زۆھرە، منى تىللا، قارغىغىن ،مەن ھەممىگە تەييار . ئەمما منى ۋېجدانسىز قاتارغا چىقىرۋەتمىگىن.سىنى سۈيمەن. ھازىرمۇ ،بۇرۇنمۇ ،بۇنىدىن كىينمۇ شۇندق. ئەمما .مەن مەن بىلەن تۇيى بۇلدىغان ئاتالمىش'مۇھابىتمگە "ئىچ ئاغرتۋاتىمەن .چۈنكى ئۇنۇڭغا جىسمى ئۈلۈپ مۇردىغا ئايلانغان قۇرۇق گەۋدىلا قالدغان بولدى .
خەيىر ، ئىچمدىكى ھەسرەتللىرىم پاتمايۋاتدۇ. قۇرلار ئارسىدن ماڭا قادالغان كۆزلۈرۈڭدكى نەپرەتكە، ئۆكسۈشلەرگە ئاجىىز يۈرگۈم بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتدۇ. ئۆزۈڭنى ئاسرا، مەن ئۈچۈن ئەمەس ئۈزۈڭ ئۈچۈن ئاسرا، ئىشنمەن ،سەن چۇقۇم بەختىلك بولالايسەن . ساڭا سوۋغا قىلغان "مېھرابتىن چايان" روماندىكى مىرزا ئەنۋەردەك بولالمىدىم. سەن رەناغا بىلەن ئەنۋەرنىڭ مۇھابتگە ھەۋەس قىلاتىڭ ئەپسۇس...................................
تەقدىر ئالدىدا مەن ھچى نەرسە قىلامدىم. ئەگەر تاڭلا مەھشەر كۈنى يەنە قايتا ئۇچرىشىش نىسپ بولسا ،مەن يەنلا سىنى ،سىنلا سۈيمەن
مىنى كەچۈر:
ۋاپاسىز شۆھرەتىن ؛
خەتنى قانداق ئۇقۇغۇنۇمنى بىلمەيمەن. خۇددى قاققان قۇزۇقتەك ئورنۇمدا مىدر-سىدر قىلماي تۇرۇپ كەتىم. بۇ ۋاقىتكى ھېسياتىمنى ئاجىز قەلەم بىلەن تەسۋرلەشكە ئاجىز ئىدم. زور ئۈمدلەرنى كۈتكەن بۇ مۇھاببەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بۇنداق تىراگدىيە بىلەن ئاياغلىشپ قەلبمگە كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاپ ئېلىپ كىلدغىنى پەقەت ئويلماپتكەنمەن. كىمدىن ئارغرىنمەن.مۇشۇ كۈلپەتلەرنى ئېىپ كەلگەن رەھمسىز تەغدرىدىنمۇ ؟ياكى بۇ يولىنى تاللغان شۆھرەتىنمۇ ۋە ياكى ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن ئوغۇلىنڭ ئارزۇسىنى قۇربان قىلغان دادىسىدىنمۇ ؟
ھچكىمدىن ئاغرىنىشقا ھەقىم يوق. چۈنكى تەقدىر ئالدىدا مەنمۇ ئامالسىز. پشانەم شۇنداقكەن دېمەكتىن باشقا چارە بامۇ؟ باش- ئايغى يوق گادرىماچ خىياللار بىلەن شۆھرەتنىڭ خېتىنى يانچۇقۇمغا سالدىم. ئېغر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ياتاققا كىلپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتمەن. خۇددى منى يالغۇز تۇرۋالسۇن دېگەندەك ياتاقداشلىرمنىڭ ھەمىسى يوق ئىكەن. كارۋېتىمدا ئولتۇرۇپ يەنە خېيال سۈرۈشكە باشلىدم. خيالىم يەنە شۇ شۆھرەت . بىزنىڭ بىللە يۈرگەن .خوشال ئۆتكۈزگەن كۈنللۇۈرمىز كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا. مەيلى ئدى ،مۇشۇ ياش بىلەن قەلبىمدكى جىمى ئازاپلىرىم ئېقىپ تۈگسە...................................................................................................!
ئاردىن بىر ئاي ئۆتتى. گاھ يىغلاپ ،گاھ كۈلۈپ ،ماڭا قالدۇرۇلغان ئاشۇ ئازاپلىق ئەسلىملەر ئارسسدا لەيلەپ يۈرمەكتمەن. مۇشۇ بىر ئاي ماڭا خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۆزۈمنى تاشلىۋېتىپ ئاھ ئۇرۇپمۇ يۈرمۇدۇم.چۈنكى نۇرغۇن ئىشلارنى مەن ئۆزگەرتەلمەيدىكەنمەن. نىمە ئامال ماڭا قالغنى پەقەت تاتلىق ئەسلىمە. ئاچچىق خاتىرە، ئازاپلىق نەتجە بولدى خالاس..........
بىر كۈنى دوستۇم خالدەدىن تىلفۇن كەلدى. ئۇنىڭ دېيشچە شۆھرەتنڭ تۇيى بوپتۇ. توي بۇلۇپ ئىككى كۈن ئۈتۈپ دادىسمۇ بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈڭ خوشلۇشۇپتۇ.
ئاھ! تۇيۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ،ئاتا ئارزۇسى ئۈچۈن ئۈزۈڭنىمۇ ،مىنىمۇ ،ئاشۇ ئايالىڭ بۇلمىش بىچارىنمۇ ئازاپلايدىغان بولدۇڭ. ئۇنى بەختىسز قىلمغىن. خەيىر تەقدىرشۇندق بولسا يەنە نىمە دېگۈلۈك .......................ساڭا ۋە ئايالىڭغا بەخىت تىلەيمەن .شۆھرەت بەختىلك بولغىن .................!!
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
2012يىل-4-ئاينىڭ 11-كۈنى
(نەفسى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 08:52 PM