تەس
( سۆز ئويۇنى)
ئىشچانلارنىڭ ھارمىقى تەس،
ھۇرۇنلارنىڭ ماڭمىقى تەس.
ھامىلدارنىڭ تولغىقى تاس،
پارىخورنىڭ تويمىقى تەس.
كۆرەلمەسنىڭ كۈلمىكى تەس،
ساۋاتسىزنىڭ بىلمىكى تەس.
ھۆل ئۇتۇننىڭ كۆيمىكى تەس،
ھەسەتخورنىڭ كۆرمىكى تەس.
كاج ئىشىكنىڭ ھىم بولمىقى تەس،
ۋالاقتەككۈرنىڭ جىم بولمىقى تەس.
داڭگالنىڭ لاي بولمىقى تەس،
بوشاڭنىڭ باي بولمىقى تەس.
ئېسىل تاماقنىڭ ئاشمىقى تەس،
جىنايەتچىنىڭ قاچمىقى تەس.
قىمارۋازنىڭ ياتمىقى تەس،
بېرەر پايدا ئالمىقى تەس.
يالغانچىنىڭ راس سۆزلىمىكى تەس،
تەكەببۇرنىڭ ئاز سۆزلىمىكى تەس.
تاسمىنىڭ ئۈزۈلمىكى تەس،
تۇغما مېجەزنىڭ تۈزۈلمىكى تەس.
بوش نەرسىنىڭ چىڭ بولمىقى تەس،
ساختىپەزنىڭ جىڭ بولمىقى تەس.
ئۆيدە توققۇزنىڭ تەل بولمىقى تەس،
يولسىز تەلەپنىڭ ھەل بولمىقى تەس.
مىشچاننىڭ روناق تاپمىقى تەس،
قېلىننىڭ ئىزا تارتمىقى تەس.
سەنئەتچىنىڭ ياد ئالمىقى تەس،
باجگېرنىڭ باج ئالمىقى تەس.
خىيالپەرەسكە ئۇخلىماق تەس،
راست گۇنانى ئاقلىماق تەس.
چىۋىننى يوقاتماق تەس،
مەسنى ئۇزاتماق تەس.
قاتتىق گۆشنى پۇشۇرماق تەس،
ئەيىپنى يۇشۇرماق تەس.
توڭ گۆشنى توغرىماق تەس،
خاماننى سورىماق تەس.
بىلمىگەنگە جاۋاپ تاپماق تەس،
ئۆزدە يوقنى سوراپ تاپماق تەس.
ئاچكۆزگە قانائەت تەس،
دىتى يوققا تاپاۋەت تەس.
تىرىشماسقا ماھارەت تەس،
ساقلىماققا ئامانەت تەس.
تەنھەركەتتە< دېھقەت>تەس،
ئۈمۈتسىزگە جۈرئەت تەس.
ئاسان ئىش يوق سۆزلىمەكمۇ تەس،
غەيرەت بولمىسا نان يىمەكمۇ تەس.
********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم.
يېزىلغان ۋاختى: 1986-يىل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 08:23 PM