|
|
|
|
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى،بېيجىڭدىن كېيىنكى ئۈچۈنچى بېكىتى بولغان شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى ھەم شاڭخەيدىكى شىئاۋتاۋيۈئەن جامىئەسى بىلەن يۇيۇئەن رايونىنى زىيارەت قىلدى.
ئەردوغان ۋە بىللە كەلگەن ئۆمەك جۇڭگو زىيارىتىنىڭ ئۈچۈنچى بېكىتى بولغان شاڭخەيدە شىئاۋتاۋيۈئەن جامىئەسىنى كۆردى.شاڭخەي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جىن خوڭۋېي تۈرك ئۆمىكىدىكىلەرگە جامىئە ھەققىدە بىلگە بەردى.
ئەردوغان ۋە ئۆمەكتىكىلەر جامىئەدە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن ئايرىلدى،جامىئە زىيارىتى جەريانىدا باش مىنىستىر ئەردوغانغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ،ئېنىرگىيە ۋە تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز،قانناش،دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرچىلىك مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم،مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنئاي،ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر چېلىك،ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىس ۋەكىلى ماھىر ئۈنال قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.ئۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان،قىزى سۈمەييە ئەردوغان ھەم ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن يۇيۇئەن رايونىغا يۈرۈپ كەتتى.
بۇ يەردە ئەردوغان ساياھەتچىلەر بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشتى.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
مەنبە: http://www.netgazete.com/News/82 ... ti_namaz_kildi.aspx
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 06:47 PM
|
|
|
|
|
|