ئەيىپ كىمدە؟(راست ئىشلار خاتىرسى)
ئادىل بىلەن ئادىلەنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ ،تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كىيىن گاگىراپلا قالدىم.
ئادىل بىلەن ئادىلە قول ئىلكىدە بار باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق باللىرى ئىدى.ئىككىلەيلەننىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتى بار ئىدى.ئۇلار ئۆتكەن يىل يىل بىشىدا ھەشەممەتلىك توي مۇراسىمىى ئۆتكۈزگەن ئىدى.بۇ تويغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بالىلارنىڭمۇ رازىلىقى بار ئىدى.توي بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئادىلنىڭ دادىسى ئۇلارغا بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ئېلىپ بەردى .ئادىلەنىڭ دادىسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر ماشىنا ۋە يىتەرلىك ئۆي سايمانلىرى ئېلىپ بەردى.شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلە تۇرمۇشى باشلاندى.ئۇلارنىڭ ئوتلۇق مۇھاببىتىنىڭ مىۋىسى بولغان ئوماق پەرزەنتىمۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى.
ئادىل ئايالىنىڭ تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە زىرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،نەچچە مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ خاتىرە كومپىيوتورى سېتىۋېلىپ ،سىمسىز تورغا چىقىش رەسمىەتلىرىنى بىجىرىپ بىرىدۇ.ئادىلە ئۇزۇنغا قالمايلا ئىسمى_جىسمىغا لايىق تور مەستانىسىغا ئايلىنىدۇ.ئۇ چ چ چايخانىسىدا كۈندە تورخانىدا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ،مۇقۇم خىزمىتى يوق كامىل بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ.تۇنۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كامىل بىلەن ئادىلە مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ كىتىدۇ.ئادىلە شۇنۇڭ بىلەن ئادىلدىن ئاجرىشىپ كامىل بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ.ئادىلەگە ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ تەربىيىسى يال بىرىشلىرىمۇ كار قىلمايدۇ.شۇنۇڭ بىلەن يورۇق دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان بوۋاق يىتىم قالىدۇ.
دوستلار ئېيتىپ بىقىڭلار ،بۇ ئىشتا ئەيىپ زادى كىمدە؟؟؟؟؟
بۇ راسىت يۈز بەرگەن ۋەقە.مەن پەقەت ئىسىملارنىلا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
مەنبە:ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار