جىن چاپلاشتى ماڭا بۇ كېچە
جىن دەيمەن ئۇ سېنىڭ جىنلىرىڭ.
زىمىستاندا يۈرەككە چوغ تاشلاپ
ئەسىر قىلدى مېنى جىنلىرىڭ.
قاپقارا كۆلەڭگە قارا كېچىدە
باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋۇجۇدۇم تامان.
خىيالىم جىن كەبى جىننىڭ قىشىدا
قەسىرى دېۋىنىڭ ماكانى ھامان.
قۇچاقلاپ قوياشنى تۇرغاندەك سىزىم
كۆيمەكتە ۋۇجۇدۇم پاراس پاراسلاپ.
كۆزلۈرۈم كۆزۈڭگە ئۇچراشقان مەھەل
قارا تۈن كۆيىدۇ شۇنداق چاراسلاپ.
لەۋلىرىڭ ئوت كەبى يانغان قىزارغان
جىنلىرىڭ تۇتقۇنى ئارىسىدا مەن.
كۆزلىرىڭ بىر بۇلاق شەھلا كۆزلۈكۈم
بۇلاقنىڭ كۆزىگە چۆككىنى ھەم مەن.
جىمجىتتۇر بۇ دالا ئايسىزمۇ ئاپئاق
خىلۋەتتۇر يۈرۈگۈم جىنلار ئۇۋىسى.
مۇدېھىش بىر چۈشتەك قارا باسقاندۇ
ياكى بۇ بىر ئىشىق ۋىسال سايىسى.
تۆكۈلسەڭ مەي كەبى چوغ باغرىمغا
قاچاتتۇق ئىككىمىز شەيتان شەھرىگە.
زېمىندىن كۆپ ئۇزاپ كۆتەتتى قوياش
پاتاتتۇق قوياشتەك ئۇپۇق قەھرىگە.
جىن كەلسەڭمۇ مەيلى قېشىمغا
چاچلىرىڭ تاراتتىم كىرپىكلىرىمدە.
قىزىرىپ باقسىمۇ تىلسىم كۆزۈڭ
سۈرەتتىم كۆزۈڭنى كۆزۈم تەپتىدە.
ئادەمزاد بار جايدىن سۈرگۈنمەن
سۈر باسقان قەدەمدە سېنىڭ يېنىڭغا.
ئاجىزمەن بۇ يولدا پەقەت ۋە پەقەت
سىڭمەستە دولقۇنلۇق ئاققان قېنىڭغا.
ھەي جىن مېنى چىللىما چىللىما
پەتىگە بارىمەن بۈگۈن كېچىدە.
كىرمىسەڭ كىرىسەن ئادەم سىياققا.
ساقلاپ تۇر كونا جاي كۆل لېۋىدە.
بارىمەن قەسىرىڭگە قومۇشلۇق بىلەن
دەسسەيمەن كەلگەنچە گۈل بېغىڭغا.
قاقاقلاپ كۈلگىنى ئالۋاستى ئەمەس
جىن سۈپەت پەرىشتە ئۇماق گۈلزىبا.
مەنبە:مەن شۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 06:11 PM