پەيزىۋات ناھىيە مىشا يېزىسىنىڭ چاقا كەنىت1-زۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىھقان ئەخمەت ئابلانىڭ 15ياشلىق ئوغلى مۇختەرجان ئابلا تۇغۇلىشىدىنلا تۇغما يۈرەك كىسىلى بۇلۇپ،بۇلتۇر كىسىلى قوزغۇلۇپ ئۈرۈمچى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلغان.بۇيىل3-ئايدا بالىنىڭ كىسىلى يەنە قوزغۇلۇپ ئۈرۈمچى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارسا«بۇ قېتىم ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلغىلى بولمايدۇ،80مىڭ يۇەن پۇل تەييارلاڭ»دىگەن.تۇرمۇشى ئەزەلدىنلا غۇرىگىل ئۈتۈۋاتقان دىھقان ئاتا-ئانا ئۆيدىكى پۇلغا يارىغىدە ھەممە نەرسىسىنى سېتىپ دوختۇرخانىغا20مىڭ يۇەندەك پۇل تاپشۇرغان بولسىمۇ مۇشۇ ئۈچ-تۆت كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوپىراتسىيە ئۈچۈن يەنە پۇل تاپشۇرمىسا بولمايدىكەن.ئۇلار پۇل قەرىز ئالىدىغانلاردىن ئېلىپ بولغاچقا ھازىر پەقەت ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ يارىدىمگە قاراپلا قاپتۇ.مۇختەرجاننىڭ يېزىلىق تۇلۇقسىز ئوتتۇردىكى ساۋاقداش،ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى1800يۇەن ئەتىراپىدا ئىئانە توپلاپ بەردى.يېزىلىق ھۈكۈمەتتىكىلەر ناھىيىگە دوكىلات يوللايمىز دەپتۇ.ناھىيىدىن قاچان خەۋەر كىلىپ،قاچان بىر تەرەپ قىلار؟.....ھازىرغا كەلگىچە بىرەر كادىرغا تۈزۈك گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتقان ساددا دىھقان ئاتا-ئانىغا سىزدەك-مەندەك مىللەتداش،قېرنىداشلاردىن ئۈمۈد كۈتۈشتىن باشقا ئامال قالمىدى.
مەن كومپىيوتېر مۇلازىمەتخانىسى ئاچقاچقا بالىنىڭ ئانىسى بىر نەرسە كۆپەيتكىلى كىرگەن تاسادىبى پۇرسەتتە بالىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ قالدىم.ئانىنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز يېشى مىنى بۇ مۇراجەتنامىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى.كۆپ تۈكۈرسە-كۆل بۇلار دەپتىكەن.15ياشلىق مۇختەرجان بەزىللىرىمىز غازاڭدەك بۇزۇپ-چېچىپ خەجلەۋاتقان پۇل يوقلۇقنىڭ دەردىدىن بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشمىسۇن!ھازىر ئۈرۈمچىدە بالىغا قاراۋاتقان دادىسى ئۈچۈن1يۇەنمۇ پۇل!ئانىسنىڭ چىرايىغا قاراپ رەھمەتلىك ئانام يادىمغا كىلىپ مىنىڭمۇ كۈزۈمگە ياش كەلدى.بالىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرمىدىم لىكىن ئانىنىڭ «يوقسۇزلۇق»تىن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم.ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيايلى.ھېچ بولمىسا ئاشۇ بىچارىگە ئاللاھتىن شىپاھ تىلەپ قۇيايلى!
ئاستىكى دوختۇرخانىنىڭ بالىغا قويغان دىئاگىنۇزى ۋە ئاتا-بالا ئىككىيلەننىڭ نۇپۇس رەسمىيەتلىرى.ماڭا توردىن يوللاپ بەرگەن،دوختۇرخانا ئەتىراپىدىكى كومپىيوتېرچى20يۇەن ئېلىپ يوللاپ بىرىپتۇ.ئۇچۇق بولماپتۇ دىسەم يەنە20يۇەن دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ بىچارە دادا 1 ۋاخ تاماق يىسۇن دەپ ئويلاپ ئەسلىدىكىسىنى يوللاۋەردىم.بەك بىلگىلى بولمىسا چۇڭايتىپ كۈرەرسىلەر.
تورداشلارنىڭ باشقا مۇنبەر ۋە ئۇلىنىش بەتلىرىگە يوللاپ قۇيۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئاللاھ ساۋابىنى بىرەر.
بالىنىڭ دادىسى ئەخمەت ئابلانىڭ تېلفۇن نۇمۇرى:13239720168
ئانىسىنىڭ تېلفۇن نۇمىرى:14799119012
يېزا ئامانەت قەرىز بانكا كارتا نۇمۇرى:
8659080001020101135029
كارتا ئىگىسىنىىڭ ئىسمى:艾合买提•阿卜拉