سىز ئاسان سەمرىپ كېتىدىغانلارغا تەۋەمۇ
تۆۋەندىكىلەرگە «شۇنداق» ياكى «ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسىڭىزلا،ئۆزىڭىزنىڭ ئاسان سەمرىپ كېتىدىغانلارغا تەۋە ياكى تەۋە ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىۋالالايسىز.
1. كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقى نورمال بولماسلىق.
2.كۆپ ۋاقىتلاردا سىرتتا تاماق يېيىش.
3.دائىم پېچىنە-پىرەنىك يېيىش.
4.تاماق تاللاش.
5.بىر نەرسە يېگەچ خىزمەت قىلىش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش.
6.دائىم تاتلىق مىۋە شەربىتى ئېچىش.
7.قەھۋە ياكى قىزىل چاي ئىچكەندە قەنت سېلىش.
8.ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش ھەم دائىم ھاراق ئىچىپ تۇرۇش.
9.ئۇششاق يېمەكلىك يېيىش ئارقىلىق بىئاراملىقنى بېسىش.
10.يېمەكلىكلەرنى تېز يېيىش.
11.دائىم دوستلىرى بىلەن بىللە بولسىلا يەپ-ئىچىش.
12.ئۇيقۇسى دائىم يېتەرلىك بولماسلىق.
13.دائىم ھەرىكەت قىلماسلىق.
14.يول مېڭىشنى ياقتۇرماسلىق.
15.ئۆيدىكى ۋاقىتلاردا ئىش قىلماسلىق.
16.سىرتقا چىقسىلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش.
17.مۈرىسى دائىم كۈيۈشۈپ ئاغرىش.
18.ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇش.
19.تاماكا چېكىش.
20.ئۆيىدە سېمىز بالىسى بولۇش.
21.نېرۋا مىجەز.
22.بىرەر نەرسىگە ئالاھىدە قىزىقماسلىق.
23.كىشىلىك مۇناسىۋېتى ياخشى ئەمەس.
«شۇنداق» دېگەن جاۋابىڭىز ئۈچتىن تۆۋەن بولسا،ھازىرقى تۇرمۇشۇڭىزدا ئاساسەن مەسىلە يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈدۇ.
تۆتتىن سەككىزگىچە بولسا، چوقۇم تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭېز كېرەك، بولمىسا سەمرىپ كېتىسىز.
توققۇزدىن 15كىچە بولسا، ئاساسەن سەمرىپ كېتىدىغانلارغا تەۋە ئىكەنسىز، دىققەت قىلىڭ.
16دىن يۇقۇرى بولسا، ھازىرقى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز، ئاسانلا سەمرىپ كېتىپ، ئورۇقلىيالمايسىز ھەم ناھايىتى ئاسانلا يۈرەك قان- تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇسىز.
مەنبە؛ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 01:03 PM