شىنخۇا ئاگىنىتلىقى خەۋىرى :
مەركىزى كومىتىت سىياسىي بىيروسىنىڭ ئەزاسى ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى يولداش بوشىلەي 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىدۇ .
شىنخۇا ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىغىر ھالدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسلىسى ساقلانغانلىقىتىن ، پارتىيە مەركىزى كومىتىتى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بوشىلەينىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسى توختۇتۇشىنى قارار قىلدى . شىنخۇا ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنىلار كۆرسىتىلدى : بوشىلەينىڭ رەپىقىسى ۋاڭ لىجۈننىڭ 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 15 - كۈنى چوڭچىڭىدا باشقىلار تەرىپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەنگىلىيە پۇقراسى نېئىل ۋۇدنىڭ دىلوسى بىلەن زور چىتىشلىقى بار دەپ قارالغاچقا ، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، ئەدىلىيلىك تەكشۈرۈشنى باشلىغان . خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، بو شىلەينىڭ رەپىقىسى ۋاڭ لىجۈن بىلەن ئەنگىلىيە پۇقراسى نېئىل ۋۇدنىڭ سودىدا شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، ئىزچىل بىرلىكتە سودا بىلەن شۇغۇللانغان . لىكىن كىينچە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ ، مۇناسىۋىتى كۈنسىرى جىددىيلەشكەن . 2012- يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋاڭ لىجۈن ئامرىكىنىڭ چىڭدۇدا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا كىرىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ خەلقئارلىق تەسىرى ناھايىتى يامان بولغان . بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا 2012- يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەركىزى كومىتىت بوشىلەينى بىيجىڭغا چاقىرىتىپ ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئوختۇرغان . بۇنىڭ بىلەن بوشىلەي يىڭى جوڭگو تارىخدىكى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر پارتىكومىنىڭ شۇجىلىرى ئىچىدە مۇللاق ئاتقان ئۈچىنچى پارتىكوم شۇجىسى بولۇپ قالغان . (50 - يىللاردىكى تيىەنجىن شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجسى خيانەتچىلىك بىلەن ، 2003 - يىلى سارىس كىسىلى تارقالغاندا بىيجىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق سەۋەپلىك موللاق ئاتقان ).
يولداش بوشىلەينىڭ قىسقىچە تەرجىمالى :薄熙来
بوشىلەي خەنزۇ ، 1949 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان . شەنشىلىك . 1980 - يىلى 10 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن . بىيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسىپىنى پۈتتۈرگەن . ئاسپىراتلىق ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە .
قسىقىچە خىزمەت تارىخى : ئۇششاقلىرىنى دىمەيلا قوياي بولدى .
1972 - يىلىدىن 1978 - يىلىغىچە ، بىيجىڭ شەھەرلىك 2 - يىنىك سانائەت ئىدارىسىدە ئىشىچى بولغان .
1978- يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە ، بىيجىڭ ئۇنۋىرىستىتنىڭ تارىخ فاكولتىتىدا ئوقۇغان .
1979 - يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ، مەركىزى كومىتىتىت بەنگۇڭتىڭىدە خىزمەت قىلغان .
1988- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە دالىيەن شەھەرلىك پارتىكومنڭ ئەزاسى ، تەشىۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .
1999- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ ئەزاسى ، دالىيەن شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى ، ئىنىتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتنىڭ شۇجىسى بولغان .
2001- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە ، لىياۋنىڭ ئۆلىكىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، باشلىقى بولغان .
2004- يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىسىرى ، پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان .
2007- يىلىدىن باشلاپ بۇ يىل 3- ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە ، مەركىزى كومىتىت سىياسىي بىيروسىنىڭ ئەزاسى (بۇ ناھايىتى چوڭ ئەمەل ، ھازىرقى جاڭ چۈنشەن شۇجىنىڭمۇ تېخى بۇنداق ئەمىلى يۇق ) چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجسى بولغان .
دىمەك ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دىگەن ئەقىليە سۆز مانا يەنە بىر قېتىم ئىستپاتلاندى .
مەنبە تېڭشۈن تورى :
http://www.qq.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusup823 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 01:59 PM