بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىزلىگەنلەرگە ئۇچراشقۇچى، رەت قىلغانلارنى رەت قىلغۇچى مىھرىبان رەببىمگە، مەخلۇقلىرى ئەيتىشقا قادىر بولالايدىغان ھەمدۇ-سانالارنىڭ ھەممىسى بولسۇن.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەييىدىمىزگىمۇ شۇ نىسبەتتە دۇرۇت-سالاملىرىمىز يەتكەي. يىشىللىقنى ۋە يىشىل ئەقىدىنى سۆيگەنلەرگەيىشىل جەننەت نىسىپ بولغاي، ئامىن!
قۇرئانى كەرىمدىكى 45-ئايەتلەر ھەققىدە
قۇرئانى مۇقەددەس سىرلار كانىدۇر، بۇ سىرلار تا قىيامەتكىچە ئاشكارى بولۇپ ، غەپلەت باسقانلارنى ھەققە دەۋەت قىلىشنى توختاتمايدۇ،بۇ تىمىمىزدا شۇ سىرلار جۈملىسىدىن بولغان قۇرئاندىكى سانلارغا باغلانغان ھىكمەتلەردىن بايان قىلىپ ھەق سۆيەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز، .
قۇرئانى مۇقەددەستە 45 -سۈرە جاسىيە قىيامەتتە تىزلانغان ھالدا سوراق بىرىۋاتقان ھالەتنى ئىسىم قىلغان سۈرىدۇر.
قۇرئانى مۇقەددەستە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىمبىلەن باشلانغا سۈرىلەر تەرتىۋىدە 45-سۈرە بولغان سۈرە ئەھقاف، ھود قەۋمى ھالاك بولغان ۋادىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلغان سۈرىدۇر.
قۇرئانى مۇقەددەستە ئاياغدىن باشقا سانىغان سۈرىلەر تەرتىۋىد ە45-سۈرەدىنلا كىيىن كىلىدىغان 69-سۈرە ھاققە، قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھاققە دىمەك –بولۇشى ھەقىقەت بولغان قىيامەت دىمەكتۇر .
قۇرئانى مۇقەددەستە، 45 ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت بار سۈرىدىن جەمئى51 سۈرە باردۇر، 63 ياشلىق رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يىشىدىكى 63 كە مۇشۇ 51سۈرىنىڭ سۈرە سانى 51 نى قوشساق جەمئى 114 بولىدۇ، مۇشۇ 51 سۈرە ئىچىدە، ئازاپ ۋ ەقىيامەت بايان قىلىنغان 45-ئايەتلەر جەمئى 45، رەھمەت بايان قىلىنغان 45-ئايەتلەر جەمئى 6 دۇر . رەھمەت تىلغا ئىلىنغان 45-ئايەتلەرنىڭ جەمئى سانى 6 نى 63 كە قوشساق69 دۇر، بۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ 69-سۈرەدە بايان قىلىنغان ھاققە دىن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەرلىكىگە ئىشارەتتۇر.
ئى ئەقىل ئىگىسى!...45 ئايەتنى تەپەككۈر قىلىپ بولغىنىڭدا ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇشنى ئۇنتۇما!...قېنى مەرھەمەت.
45-ئايەتلەردىن تۆۋەندىكى 6 سۈرىدىكى 45- ئايەتلەردە رەھمەت ، ئاخىرەت، ئىجابىي مەزمۇن بايان قىلىنغان.
4ـ سۈرە نىسا: اﷲسىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. اﷲ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋەسىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر [45]
15 ـ سۈرە ھىجر : تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتەياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلاردىنبەھرىمەن بولىدۇ [45].
24 ـ سۈرە نۇر: اﷲ ھەربىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، اﷲ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [45].
37 ـ سۈرە ساففات : ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگەلەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ[45ـ46].
38ـ سۈرە ساد: ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا)بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن [45].
53 ـ سۈرە نەجم : اﷲ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى [45].
تۆۋەندىكى45 سۈرىدىكى 45- ئايەتلەردە ئازاپ ۋە قىيامەت ،ئاخىرەت ۋە سەلبى مەزمۇن بايان قىلىنغان.
2-سۈرە بەقەرە. : سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ناماز اﷲ تىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر[45].
3 ـ سۈرە ئال ئىمران : ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە اﷲ قا يېقىنلاردىن بولىدۇ [45].
5 ـ سۈرە مائىدە : اﷲ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر [45].
6ـ سۈرە ئەنئام : زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر! [45].
7 ـ سۈرە ئەئراف : زالىملار كىشىلەرنى اﷲ نىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ،ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ [45].
8 ـ سۈرە ئەنفال : ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە(يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ساباتلىق كۆرسىتىڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ نى كۆپ ياد ئېتىڭلار [45].
9 ـ سۈرە تەۋبە : سەندىن پەقەت اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا گۇمانى بارلار رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ [45].
10 ـ سۈرە يۇنۇس : قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارنى يىغىدۇ، كۈندۈزدە ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، اﷲ قامۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلارتوغرا يول تاپمىدى [45].
11 ـ سۈرە ھۇد : «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى [44]. نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ:«پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى ، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى [45].
12 ـ سۈرە يۇسۇف : ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۇسۇفنى) ئەسلىگەن بىرسى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۇسۇفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى [45].
14 ـ سۈرە ئىبراھىم : ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى (ھالاك قىلغىنىمىزدىن كېيىن) سىلەر ئۇلارنىڭ جايلىرىدا تۇردۇڭلار (ئۇلارنىڭ جايلىرىدىن ئىبرەت ئالساڭلارچۇ)، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق مەلۇم بولدى.سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈردۇق [45].
16 ـ سۈرە نەھل : ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار اﷲ نىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ [45].
17ـ سۈرە بەنىئىسرائىل : سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان مۇشرىكلارغا قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق[45].
18 ـ سۈرە كەھف : ئۇلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: بىزئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگەچىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى ئۇچۇرۇپ كەتتى، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر [45].
19 ـ سۈرە مەريەم : ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن» [45].
20 ـ سۈرە تاھا : ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز»دېيىشتى [45].
21 ـ سۈرە ئەنبىيا : «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن»دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ [45].
22-سۈرە ھەج : نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن،، تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر(ئاھالىسىز) قالغان [45]. 23 ـ سۈرە مۆئمىنۇن : ئۇلار: «رەببىمىز!بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى [45].
25 ـ سۈرە فۇرقان : رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق [45].
26ـ سۈرە شۇئەرا : مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى [45].
27 ـ سۈرە نەمل : بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا قېرىندىشى سالىھنى ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «اﷲ قائىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ناگاھان ئۇلار جېدەللىشىدىغان ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى [45].
28 ـ سۈرە قەسەس : لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق،ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەۋەتتۇق [45].
29 ـ سۈرە ئەنكەبۇت: ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋەگۇناھلاردىن توسىدۇ، اﷲ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [45].
30 ـ سۈرە رۇم : اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ[45].
33 ـ سۈرە ئەھزاب : ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى،بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق [45ـ46].
34 ـ سۈرە سەبەئ : ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئىنكار قىلغان، بۇلار ئۇلار ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟ [45]
35 ـ سۈرە فاتىر : ئەگەر اﷲ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن اﷲ ئۇلار نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [45].
36 ـ سۈرە ياسىن : ئۇلارغا: رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ) [45].
39 ـ سۈرە زۇمەر : يالغۇز اﷲ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. اﷲ تىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ [45].
40 ـ سۈرە غافىر : اﷲ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى [45].
41 ـ سۈرە فۇسسىلەت : بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر[45].
42 ـ سۈرە شۇرا : ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈسەن ، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر»دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر [45].
43 ـ سۈرە زۇخرۇف : سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى،مېھرىبان اﷲ تىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ [45]
44 ـ سۈرە دۇخان : ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ [45ـ46].
50 ـ سۈرە قاف : بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى زورلىغۇچى ئەمەسسەن،مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن [45].
51 ـ سۈرە زارىيات : ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى [45].
52 ـ سۈرە تۇر : ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن[45].
54 ـ سۈرە قەمەر : (مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ [45].
55 ـ سۈرە رەھمان : سىلەرپەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ [45]
56ـ سۈرە ۋاقىئە : چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا)شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى [45].
69 ـ سۈرە ھاققە : ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق [45].
74 ـ سۈرە مۇددەسسىر : بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق [45].
77 ـ سۈرە مۇرسەلات : بۇ كۈندە (قىيامەتنى)ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! [45].
79 ـ سۈرە نازىئات : سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر [45].
ئاخىرىدا ، ھەممىمىزگە ئاشكارا بولۇپ بولغان ئىككى ۋەقەنى دىققىتىڭىزگە تەۋسىيە قىلىمىز ؛
ئىنسانىيەت بۈگۈن قادىر بولغان ئەڭ ھالاكەتلىك قورال يادرو پارتىلىشىدۇر، 1945-يىلى ياپونىيەنىڭ ناگاساكى،خىرۇشۇما شەھەرلىرىگە يادرو بومبىسى چۈشتى، 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيە يەنە بىر قىتىم يادروىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، يۇقارقى 2011-يىلدىكى كۈن ئاي يىللار سانىنى 2 خانىلىق تەرتىپتە بىر بىرىگە قوشۇپ باقايلىچۇ؟
11+03+11+20=45 تۇر!...
ئىنسانىيەتنىڭ بىشىغا ئىغىر كۈلپەتلەرنى سالغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ كەسكىن ۋەزىيىتى 1940-يىلىدىن1945-يىلىغىچە ئىدى،گىرمانىيە ۋە ياپونىيە فاشىزىمىنىڭ شۇ يىللىرى ياۋروپا ۋەشەرقى ئاسىيادا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن ئىغىر جنايەتلىرى ئىسىمىزدىن تىخى كۆتۈرۈلگىنى يوق!...
قۇرئانى كەرىمدە 80 پىرسەنتتىن كۆپ 40-45-ئايەتلەردە قاتتىق ئازاپ، قورقۇنۇچ، دەۋزەخ، قىيامەتكە ئالاقىدار مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ .
ئەمدى سىز Google خەرىتىسىدىن ياپونىيەنىڭ ئەڭ شىمالى چىگراسىنىڭ قانچە گىرادۇسلۇقىنى ئۆلچەڭچۇ؟
مەن ئۆلچىسەم شىمالى كەڭلىك 45 گىرادۇسنى تاپتىم!!!!!...مەلۇمكى، شىمالدىكى كورىلل تارقىم ئاراللىرى دىيىلگەن 4 ئارالنى رۇسىيە 1945-يىلى بىسىۋالغان ئىدى،مەن ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇشۇ زېمىننى تالىشىپ قايتا ئۇرۇشقا پىتىپ قىلىشىدىن قورقىمەن،دۇنيا ۋەسۋەسىدە قالغان پادىشاھلارنىڭ دىلىغا جانابى ئاللاھ ھەققە باش ئىگىشنى،قانائەتچانلىقنى ۋە مىھرىبانلىقنى سالغاي!... ياپونىيەگە نىسبەتەن يادرو قورالى ياساپ چىقىش بىردملىكلا ئىش!..ھالبۇكى يادرو ئۇرۇشى پارتىلاپ قالسا؟!.....دۇنيادا بار يادرو قوراللىرى تۇيقىسىز پارتىلاپ كەتسە؟....زىددىيەت ۋە قۇتۇپلارغا ئايرىلغان دۆلەتلەر ۋە كىرىزىسقا پاتقان دۇنيا بۇ قاينامغا تەڭلا سەكرەپ قالسا؟!....يەر شارى؟!..گۇمباڭڭڭڭڭ!!!....مىڭلاپ گۇم...گۇم... گۇم...گۇمبۇر....گۇممممم.....
گۇمباڭڭڭڭڭ!!!!...ئىتىلغان يۇڭدەكلا بوپ كىتىدۇ!...توزۇپ كىتىدۇ!...ئاندىن ...يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغان ئاي شارى سىزچە نەگە كىتەر؟...ئۇنداقتا 75-سۈرەنى سىزگە ھاۋالە قىلاي،75-سۈر ەقىيامەت، ئاياغدىن سانىغاندا 40-سۈرەنىڭ كەينىدىنلا كىلىدۇ، قىيامەتنىڭ زامان ئاخىرى بولۇپ «40» ئۆتكەندە قوپىدىغانلىقىنى ھەدىسلەردىن بىلىمىز ، شۇنداقلا جانابى ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە «ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر» دەپ مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل قىلغان سۈرىمۇ 75-سۈرە قىيامەتنىڭ ئالدىدىكى 74-سۈرەمۇددەسسىر سۈرەسىدۇر .
75 ـ سۈرە قىيامەت
قىيامەت كۈنى بىلەنقەسەمكى [1]، ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، [2]. ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئىي قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ [3] ئۇنداق ئەمەس ،ئۇنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز [4]. بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىداگۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ [5]. ئۇ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ» دەپ سورايدۇ[6]. كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا،ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ [7ـ10]. ياق، قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر [11]. بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدىدۇر [12]. بۇ كۈندەئىنسانغا ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ [13]. بەلكى ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھتۇر [14]. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ) [15].
3ـ سۈرە ئال ئىمران
كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز [145].
4ـ سۈرە نىسا
مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەدەتكار تاپالمايسەن[145].
بەندەڭمەن،گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،
كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.
2012-يىلى شەھرى قاغىلىق .
ت.ت.قۇرىغار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 10:31 AM