مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6263|ئىنكاس: 149

گىتلېر نېمىشقا ئەتىۋارلىق ئامراق گېنېرالىنى مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 09:44:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
b74124f3827f7961342acc0f.jpg
روممېل  2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي قوماندانى بولۇپ، گىتلېر ئۇنى ئىنتايىن ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، گىتلېر مۇھاپىزەتچى قىسىمىنىڭ قوماندانى، بىرونوۋېك دىۋېزيەسىنىڭ باشلىقى، گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنىڭ قوماندانى بولغان. گېرمانىيە فىرانسىيەگە تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان 7-بىرونوۋېك دېۋىزىيەسى تېز ئىلگىرىلەپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن «ئالۋاستى دېۋىزىيەسى»دەپ نام ئالغان؛ شىمالىي ئافرىقىدىكى جەڭگاھتا، ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئافرىقا گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەسكىرىي كۈچ پەرقى چوڭ، جەڭگاھ مۇھىتى ناچار ئەھۋالدا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەم بىر مەھەل ئالاماندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن؛ ئىتتىپاقداش ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئۇ داڭلىق «ئاتلانتىك ئوكيان قورغىنى»نى قۇرغان ھەم ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان.گىتلېرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەربىي قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ گېرمانىيە ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، قالتىس ھەربىي تۆھپىلەرنى كۆرسىتىپ، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىدىكى 26 مارشالنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىستىقبالىغا ئىشەنچىسىنى يوقاتقاچقا ھەم گىتلېر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىختىلاپ پەيدا بولغاچقا، گىتلېرگە قارشى مەخپىي ھەرىكەتكە ئارىلىشىپ قالغان......
     قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسيان كۆتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قالغان  ئوفىتسېرلار «خەلق سوتى»دا سوتلىنىشتىن قورقۇپ ئۆلۈۋالغان. گېنېرال ھاينىڭ فون تېلېسكوۋ مەخپىي سۈيقەستنى پىلانلىغان گۇرۇھنىڭ شەرقىي سەپتىكى ئوفىتسېرلىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ دوستى ھەم ياردەمچىسى شىلابوراندولف بىلەن ۋىدالاشقاندا: «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى قاغايدۇ. لېكىن ئىشەنچەم تەۋرەنگىنى يوق، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىز يوللۇق. گىتلېر گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭمۇ بىرىنچى دۈشمىنى. بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، مەن تەڭرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزەمنىڭ نېمىشقا بۇنداق ھەرىكەت قىلغانلىقىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى نېمىشقا ئادا قىلمىغانلىقىمغا جاۋاب بېرىمەن. مېنىڭچە، مەن ئۆزەمنىڭ نېمىشقا گىتلېرگە قارشى جەڭگە ئاتلانغانلىقىم توغرىسىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن جاۋاب بېرىمەن»، دېگەن.
    شۇ كۈنى ئەتىگەندە، تېلېسكوۋ ئاپتۇموبىل بىلەن 28-پىيادىلەر دېۋىزىيەسىنىڭ ئىستىھكامىغا بېرىپ، ئادەم يوق جايدا،گىرانات بىلەن ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋالغان.
  بەش كۈندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەر باش نازارەتچىسى ۋاگنېرمۇ ئۆلۈۋالغان.
    غەربىي سەپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانلىرى ئارىسىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىككى مارشالى ۋە بىر گېنېرالى ئۆلۈۋالغان. پارىژدا، گېرمانىيىنىڭ فىرانسىيەدىكى ھەربىي باش ۋالىسى،گېنېرال ھېنرىخ فون سىتۇرناگېر ئېسئېسچىلار ئەترىتى ۋە ئېسئېسچىلار ئەترىتى ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ بارلىق ئادىمىنى قولغا ئالغاندا، قوزغىلاڭ دەسلەپتە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان. ئەمدى گەپ غەربىي سەپنىڭ يېڭى باش قوماندانى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى فون كليۇگېدا قالغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇرۇش سېپىدە، تېلېسكوۋ كليۇگېغا ئىككى يىل خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى بۇ قېتىمقى مەخپىي ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ ئەزاسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. كليۇگې ئېنىق پوزتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان ياكى بۇ قېتىمقى مەخپىي ھەرىكەتنى پىلانلىغۇچىلار: گىتلېر ئۆلسىلا، ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللايدۇ، دەپ قارىغان.
    1944-يىلى 20-ئىيۇل كەچتە، لالوش كيان باشچىلىقىدىكى B گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابىدا، تەغدىرنى بەلگىلەيدىغان بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن. كليۇگې ئۆزىنىڭ بەزى ئاساسلىق مەسلىھەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە گىتلېرنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئۆزئارا زىددىيەتلىك خەۋەرلەرنى مۇزاكېرە قىلماقچى بولغان. بۇ ئوفىتسېرلار كەچلىك زىياپەتكە جەم بولغاندا، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: ئەزەلدىنلا ئېھتىياتچان بولغان بۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ئەمدى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار بىلەن تەغدىرداش بولۇشقا بەل باغلايدىغان بولدى، دەپ ئويلىغان. كەچلىك زىياپەت باشلىنىدىغان چاغدا، بېك ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، مەيلى گىتلېر ئۆلسۇن ياكى ھايات قالسۇن، ئۇنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىشىنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كليۇگې تاپشۇرۇۋالغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى فون ۋېسلېبېن ئىمزا قويغان 1-نومۇرلۇق پەرمان ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
      ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا ئەپسۇسلىنىپ: پىلان ئەمەلگە ئاشقان بولسا، دەرھال ئېزىنخائۇئېر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولاتتىم، دېگەن. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ سىتۇرناگېرغا پارىژدا قولغا ئېلىنغان ئېسئېسچىلار ئەترىتى ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ خادىملىرىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىتۇرناگېرغا: «مېنىڭچە سەن ئەڭ ياخشىسى پۇقراچە كىيىنىپ يوشۇرۇنىۋال»، دەپ نەسىھەت قىلغان.
    لېكىن، گېنېرال سىتۇرناگېر بۇنداق قىلىشنى قەتئى رەت قىلغان. پارىژدىكى راففېل مېھمانخانىسىدا كېچىچە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شامپان زىياپىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گېنېرال ئوبوگ باشچىلىقىدىكى قويۇپ بېرىلگەن ئېسئېسچىلار ئەترىتى ۋە ئېسئېسچىلار ئەترىتى ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئىلگىرى ئۆزلىرىنى قولغا ئالغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ يارىشىپ قالغان. سىتۇرناگېر زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاپتۇموبىلغا ئولتۇرۇپ گېرمانىيەگە قايتقان. چۈنكى ئۇ ئەسلىدە بېرلىنغا قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى. ئۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر باتالىيونغا قوماندانلىق قىلغان ۋېردۇندا توختاپ، بۇ داڭلىق جەڭگاھنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ باققان؛ لېكىن ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي قارارىنى ئىجرا قىلماقچى ئىدى. ئۇنىڭ شوپۇرى بىلەن مۇھاپىزەتچىسى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ قانال ئىچىدە جان تالىشىپ ياتقانلىقىنى بايقىغان. ئوق ئۇنىڭ بىر كۆزىدىن تىشىپ ئۆتكەن بولۇپ، يەنە بىر كۆزىمۇ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. ئۇ ۋېردۇندىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يارىلانغان يەنە بىر كۆزىمۇ ئېلىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىتۇرناگېرنى كاج تەغدىردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغان. گىتلېر جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان بۇ گېنېرالنى بېرلىنغا ئالدۇرۇپ كەلگەن. ئۇ «خەلق سوتى»دا كىچىك كارۋاتتا يېتىپ، سوت كوللىگىيەسىنىڭ باشلىقى فالېيسلېرنىڭ قاغاشلىرىنى ئاڭلىغان. 30-ئاۋغۇست ئۇ تۈرمىدە دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
     مارشال فون كليۇگې ئاخىرىدا قوزغىلاڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. سپېيدېل ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن بۇ مارشالغا باھا بەرگەندە: «تەغدىر ئىشەنچىسى بولسىمۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بولمىغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ»، دېگەن. 17-ئاۋغۇست مارشال ۋالتېر مودېل كليۇگېنىڭ ئورنىغا غەربىي سەپنىڭ باش قوماندانى بولغان. كليۇگې ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن تېخى خەۋەرسىز بولۇپ، مودېل تۇيۇقسىز كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بۇنى بىلگەن. گىتلېر كليۇگېغا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەدىكى ھەرىكىتىنى دوكلات قىلىپ تۇرۇشنى ئۇقتۇرغان. بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا  20-ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئالاقىسى بار، دېگەن گۇمان بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئەتىسى ئۇ گىتلېرگە  خەت ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىپ مېيس ئەتىراپىغا كەلگەندە زەھەر يەپ ئۆزىنىڭ بۇ تىراگېدىيەلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
     ئەمدى نۆۋەت گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى داڭلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى روممېلغا كەلگەن ئىدى.
     گېنېرال فون ستۇرناگېر ئۆلىۋالىمەن دەپ مەقسىتىگە يېتەلمەي، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ، ۋېردۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپىراتسىيە كارۋىتىدا ھۇشسىز ياتقاندا، ئىختىيارسىز ھالدا روممېلنىڭ ئىسىمىنى چاقىرىپ سالغان. كېيىن پولكوۋنىك فون ھوفاك بېرلىندىكى مەخپىي ساقچى تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمەي، روممېلنىڭمۇ 20-ئىيۇلدىكى سۈيقەستكە قاتناشقانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ھوفاك ئىلگىرى مارشال روممېلنىڭ ئۆزىگە: «بېرلىندىكىلەرگە ئېيتىپ قوي، ئۇلار مەندىن ئۈمىد كۈتسە بولىدۇ»، دېگەنلىكىنى ئېيتقان. گىتلېر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەك چۆچۈپ كېتىپ، ئۆزى ئەتىۋارلايدىغان ھەم گېرمانىيە ئارمىيەسىدە بەك قارشى ئېلىنىدىغان بۇ گېنېرالنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغان.
    روممېل ئەينى ۋاقىتتا بېنايدىكى دالا ئۇرۇش دوختۇرخانىسىدا ئىدى. 17-ئيۇل چۈشتىن كېيىن، نورماندىيەدىكى ئالدىنقى سەپتە، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، پىشانىسى ۋە ئېڭىكى ئېغىر يارىلانغان، سول كۆزىمۇ ئېغىر زەخىملەنگەن بولۇپ، بېشىغا بومبا پارچىسى كىرىپ كەتكەن ئىدى. ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ بۇ دالا ئۇرۇش دوختۇرخانىسىدىن سان شېرمانغا يۆتكەلگەن.  8-ئاۋغۇست ئۇ يەنە ئۇلم ئەتىراپىدىكى ھېررىنگېندىكى ئۆز ئۆيىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىشتاب باشلىقى سپېيدېل ھېررىنگېنغا كېلىپ ئۇنى يوقلىغان. 7-سېنتەبىر، سپېيدېلمۇ قولغا ئېلىنغان. بۇ، روممېلگە بېرىلگەن تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇنى قانداق شۇم تەغدىرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
    روممېل سپېيدېر بىلەن پاراڭلىشىپ گىتلېرنى تىلغا ئالغاندا: «مىجەزى ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ يالغانچى ئەمدى پۈتۈنلەي ئالجىپتۇ! ئۇ 20-ئىيۇلدىكى ۋەقەگە قاتناشقان توپىلاڭچىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋاتىدۇ! ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ!»، دېگەن.
   روممېل ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز تۇرالغۇسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن. 15 ياشلىق ئوغلى ئەسلىدە زېنت توپچىلار قىسىمىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ھازىر ۋاقتىنچە رۇخسەت ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى. ئۇ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئۆيى ئەتىراپىدىكى ئورمانلىقتا پىيادە ئايلىنىۋاتقاندا، ئىككىسىلا تاپانچا ئېلىۋالغان ئىدى. گىتلېر لاستېرنبېرگتىكى باش لاگىرىدا ھوفاكنىڭ روممېل توغرىسىدىكى ئىقرارىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، روممېلنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن بۇنىڭ ئۇسۇلى باشقىچە بولغان. كېيىن كېتل نيۇرىنبېرگتا سوراقچىلارغا چۈشەنچە بەرگەندە: «فىئورېر گېرمانىيەلىكلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بۇ داڭلىق مارشالنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى خەلق سوتىغا ئېلىپ چىقسا، بۇنىڭ ئىنتايىن سەت بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا گىتلېر مەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، روممېلغا ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئەيىپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئۆلۈۋېلىش ياكى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن خەلق سوتىدا سوتلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا بۇيرۇشنى قارار قىلدى. ئەگەر ئۇ ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ھەربىي قائىدە بويىچە دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنىدىغان بولدى»، دېگەن.
  شۇنداق قىلىپ، 1944-يىلى 14-ئۆكتەبىر چۈشتە، گىتلېرنىڭ باش لاگىرىدىكى ئىككى گېنېرال ئېسئېسچىلار بەش بىرونوۋېك بىلەن قاتمۇ-قات قورشىۋالغان روممېلنىڭ تۇرالغۇسىغا ئاپتۇموبىللىق كەلگەن. ئۇلارنىڭ بىرى بۇرنى قىزىرىپ تۇرىدىغان گېنېرال ۋېليام بۇگدوف بولۇپ، ئۇمۇ كېتلگە ئوخشاشلا گىتلېرنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ھاراقكەش ئىدى؛ يەنە بىرى ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كادىرلار باشقارمىسىدىكى ياردەمچىسى ھەم خارەكتىرى ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان گېنېرال ئېنگست مەيسەيئېر ئىدى. ئۇلار ئاۋۋال روممېلگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن «كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىسى»توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن گىتلېرنىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
    بۇگدوف بىلەن مەيسەيئېر كەلگەندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ روممېلنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىسى توغرىلىق كەلمىگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. ئۇلار بۇ مارشال بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۈچىلىسى روممېلنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ كەتكەن.
       كېيىن مانفرېد روممېل ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، مەن ئاتامنىڭ 2-قەۋەتكە چىقىپ ئانامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاتام مەن بىلەن بىللە ياتىقىمغا كىرگەندىن كېيىن ئالدىرىماي: <ئاناڭغا دېمىسەم بولمىدى، مەن 15 مىنۇتتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىمەن......گىتلېر مېنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپتۇ. مېنىڭ ئافرىقىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ، ماڭا زەھەر يەپ ئۆلۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىپتۇ. ھېلىقى ئىككى گېنېرال زەھەر ئېلىپ كەپتۇ. بۇ زەھەر 3 سېكونىتتىلا ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدىكەن. ئەگەر مەن بۇ شەرتنى قوبۇل قىلسام، ئۆيۈمىزدىكىلەرگە باشقىچە تەدبىر قوللانمايدىكەن......ماڭا يەنە دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ھەممە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بوپتۇ. سەن 15 مىنۇت ئىچىدە ئۇلمدىكى دوختۇرخانىدىن بېرىلگەن مېنى يىغىنغا كېتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە مېڭە كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، دېگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالىسەن>، دېدى».
               كېيىنكى ئىشلار دەرۋەقە ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولغان.
      روممېل ئۆزىنىڭ ئافرىقىدا كەيگەن كونا خۇرۇم بوغما چاپىنىنى كىيىپ، مارشاللىق ھاسسىنى ئېلىپ، ئىككى گېنېرال بىلەن بىرلىكتە ئاپتۇموبىللىق يولغا چىققان. ئاپتۇموبىل 1-2 مىل ماڭغاندىن كېيىن مەلۇم ئورمانلىق يېنىدىكى يول بويىدا توختىغان، گېنېرال مەيسەيئېر بىلەن ئېسئېسچىلار ئەترىتىنىڭ شوپۇرى ئاپتۇموبىلدىن چۈشۈپ كەتكەن، روممېل بىلەن بۇگدوف ئاپتۇموبىلدا قالغان. بىر مىنۇتتىن كېيىن، مەيسەيئېر بىلەن شوپۇر قايتىپ كەلگەندە، روممېل ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتى جان ئۈزگەن ئىدى. روممېلنىڭ ئايالى ئېرى بىلەن خۇشلىشىپ 15 مىنۇت كېيىن، دېگەندەك دوختۇرخانىدىن تېلېفون  كەلگەن. مەسئۇل دوختۇر: ئىككى گېنېرال مارشالنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەپتۇ، ئۇ مېڭە تىقىلمىسى بىلەن جان ئۈزۈپتۇ، بۇ ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم يارىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ دوكلات قىلغان. بۇگدوف: «بېرلىن ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى»، دەپ ۋاقىراپ، جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان.
         دېمىسىمۇ ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان ئىدى.
    غەربىي سەپنىڭ يېڭى باش قوماندانى مودېل داغدۇغىلىق پەرماننى ئېلان قىلىپ، روممېلنىڭ  17-ئىيۇل يارىلىنىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بۇ قومانداننىڭ قۇربان بولغانلىقىغا قايغۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
    گىتلېر دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ھەم روممېلنىڭ ئايالىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى فون روندېستد دۆلەت دەپنە مۇراسىمىدا ماتەم سۆزى قىلغان. ئۇ گېرمانىيە دۆلەت بايرىقى يېپىلغان روممېلنىڭ جەسىتى ئالدىدا تۇرۇپ: «ئۇنىڭ قەلبى فېئورېرغا مەنسۇپ»، دېگەن.
   گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلايدىغان ئوفىتسېرلار پولكى ھازىرغىچە يەنىلا بۇ زور ھاقارەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۈچ مارشالى، يەنى ۋىتسىلېبېن، كليۇگې ۋە روممېل گىتلېرنى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە چېتىلىپ قېلىپ، بىرى دارغا ئېسىلغان، ئىككىسى ئامالسىزلىقتىن ئۆلۈۋالغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون ئالىي قوماندانىنىڭ مەخپىي ساقچى تۈرمىسىگە قامىلىپ، «خەلق سوتى»دا ئاشكارا سوتلىنىش ئارقىلىق«قانۇنلۇق» ھالدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. يەنە نەچچە يۈز ئوفىتسېر قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن ھەيدەلگەن. ئوفىتسېرلار پولكىنىڭ ئەزالىرى ئېغىر پەيتتە قورقۇنچاقلىق قىلىپ، يىراقنى كۆرەلمىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش شەخسىي «نام-ئابرويى»نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشالمىغان. تەمتىرەپ كەتكەن ئوفىتسېرلار ئۆمىكى ھېلىقى ئاۋسترىيەلىك لۈكچەكنىڭ ھەيۋىسى ۋە تەھدىتى ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ،ئۇنىڭغا تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولغان.
    گېرمانىيەلىك ھەربىي تارىخچى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق بولغاچقا،«مەسلىھەتچىلەر باش ئىشتابىنىڭ مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش تارىخى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان». 1944-يىل يازدا،مەسلىھەتچىلەر باش ئىشتابى قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ يۈرىدىغان، قورقۇپ يۈرىكى چىقىپ كەتكەن بىر توپ كىشى توپلانغان بىچارە كوللىكتىپقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار گىتلېرگە ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ھەتتا ئۇنى تەنقىدمۇ قىلماي،ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇلار ھۆكۈمرانىغا قارغۇلارچە بويسۇنۇشنى گېرمان مىللىتىنىڭ يۈكسەك ئەخلاقى دەپ قارىغان ھەم كىشىلەرنى گىتلېرگە قۇللاردەك ئىتائەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى ھەم نورماندىيە ئالدىنقى سېپىدىكى زەمبىرەك ئاۋازلىرى سىياسىي جەھەتتە بىخوتلىشىپ كەتكەن بەزى گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرىنى ئۇيغۇتالمىغان بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق گىتلېرنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى ساتقان.
      بۇنىڭ ئەكسىچە، گېرمانىيە خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە فاشىست قاراقچىلىرى بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلغان. ئۇلار گىتلېر ھەم ئۇنىڭ قول-چوماقلىرىنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن تىنچلىققا ئېرىشكىلى ھەم گېرمان مىللىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. گىتلېر قاراقچىلار گۇرۇھىنى يوقىتىش فاشىزمغا قارشى تۇرىدىغان جەڭچىلەر ئۆزىگە ئوتتۇرىغا قويغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئىدى. نەچچە ئون مىڭ كوممۇنىست بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەغدىم قىلغان. بۇ فاشىستىك دۆلەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1942-يىلى 3393 كىشىگە؛ 1943-يىلى 5684 كىشىگە؛ 1944-يىلى 5764 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار گېرمانىيە ھەربىي سوتىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تەخمىنەن 20 مىڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

b74124f3827f7961342acc0f.jpg

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 12:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادولف گىتلىر.... يامان ئادەم جۇمۇ بۇ.
بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا نىمىسلار دۈشمەن قىلىنغان كىنولار بولىدىغان، بۇلارنى بەك دۆت، كالۋا چىقىرىپ ئىشلەنگەن. ھەممىسىدە مەغلۇب بولغانلار كۆرنۈشلەر. لىكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەنتۇق

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 12:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرتىڭىزدىكى ئادەم روممىل شۇدۇ؟

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندا گىتلىرنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قەبرىسى گىرمانىيە ھۇكۇمىتى تەرىپىدىن چىقىپ تاشلاندى

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5635
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1364 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 01:18 PM
يىقىندا گىتلىرنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قەبرىسى گىرمانىيە ھۇ ...

خۇدايىم  توۋا، ئىشەكتىن ئالالمىسا ئۆچىنى، ئۇر توقومنى دىگەندەكلا.

يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:37:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىرمانىيە ھازىر ئامىركىنىڭ ياۋروپادىكى ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى بۇ دۇلەتتە ئامىركىنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋە يادرو قوراللىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 01:18 PM
يىقىندا گىتلىرنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قەبرىسى گىرمانىيە ھۇ ...


نېمىشقا ئەمدى ،چاققۇسى بولسا گېتلىرنىڭ قەبرىسىنى چاقسا بولمامدىغاندۇ؟ ئاتا ئانىدا نېمە گۇناھ؟ ئانىسىنىڭ ئەسلى ئۇنى تۇغۇش نىيىتى يوقكەنتۇق بولمىسا


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvlqay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 01:41 PM  


★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېرمانلەر خوش بولسا بولاتتى ئەسلى بۇ كىشىدىن

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:43:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەھۇدىيلار باشتىن-ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار...ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ     گىتلىرنىڭ كىتابى مىنىڭ كۈرەشلىرىمدىن ئلىندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەكتىن  ئۆ چىنى ئالال مىسا  توقۇ مىگا ئۇرۇدىگان نوچىلار دۇنيا نىڭ ھاممىلا يىرىدە باركان دە ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش