كالا ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى
(سىرلىق تاشقى پىلانت ۋەقەلىرى)
ئىزدىنىش ۋە بايقاش(5-قىسىم)

ئامېرىكا نېبراسكا شىتاتىدىكى نامۇ بازىرى جوردانىس چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچىلار ئەتتىگەن سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ كالا باقماقچى بولۇپ سىرتقا چىققاندا بايقىغان غەلىتە بىر ئىش،پۈتۈن بازارنى، كېيىن پۈتۈن ئامېرىكىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ. ۋە دۇنيادىكى تاشقى پىلانت ھادىسىسىگە قىزىققۇچىلارنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئادەتتە بىرەر كالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى يىرتقۇچلار تەرىپىدىن ئوۋلىنىپ كېتىشى ئادەتتىكىلا بىر ئىش، بىراق چارۋىچىلار بايقىغان كالىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ.
چۈنكى بۇكالىنىڭ ئۆلۈكى بايقالغان ئورۇن چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدا بولۇپ، بۇجايغا ئاساسەن باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلار كىرەلمەيدىكەن.
چارۋىچىلار كالىنى بايقىغاندا ئۇنىڭ تىلى، سۈتلۈگى(ئەمچىگى)، ۋە كۆزى كېسىپ ئېلىۋېلىنغان، كېسىۋېلىنغان بولغاندىمۇ ئىنتايىن ئىنىچكىلىك ۋە ئۆلچەملىك كېسىۋېلىنغانئادەمنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمەيدىغىنى كالىنىڭ كېسىۋېلىنغان جايلىرىدا بىر تېمىممۇ قاننىڭ يۇقى بايقالمىغان.يەنە بەزى چارۋىچىلار كېچىدە مۇشۇ ئەتراپتا چاقماق چاققانلىق كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەمەلىيەتتە كالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى پەقەت بۇلا ئەمەس،ئەڭ دەسلەپكى كالا ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەرنى 1897-يىلى ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى مېردون ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەرلىك چارۋىچىلار نامەلۇم ئۇچار جىسىمدىن چۈشكەن بىرتۈركۈم غەلىتە ئادەملەر بىر نەچچە كالىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇچار جىسىمغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇۋەقەنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ،كىشىلەرنىڭ بۇخىلدىكى ۋەقە ھادىسىلەرگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشى تۆۋەنلەپ كەتكەن.
1967- يىلىمۇ ئامېرىكىنىڭ مەلۇم رايۇنىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگىنى كالا بولماستىن بەلكى بىر تۇياق ئات بولۇپ، بۇئاتنىڭمۇ ئوخشاشلا تىلى، كۆزى، ۋە كۆپىيىش ئەزاسى چەمبەر شەكلىدە ئىنتايىن ئىنچكىلىك بىلەن كېسىۋېلىنغان، بىراق بۇۋەقە مېردوننىڭ ئالدامچىلىق ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالماي راست بىلەن يالغان ئوتتۇرىسىدا قېلىپ يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن.
شۇندىن كېيىن ئاركانساس،ئوكلاخوما ۋە مىسسۇرى شىتاتلىرىدىن بۇتوغۇرلۇق خەۋەرلەر كېلىپ تۇرغان، بىراق بۇخەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرى پاكىتلىق بولسىمۇ يەنە بەزىلىرى پاكىت ئاساسسىز بولغاچقا داۋاملىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىدىغانلار كۆپ چىقمىغان.
بىراق 2004- يىلى جوردانىس چارۋىچىلىق مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن چارۋىچىلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ دېرىكىنى قىلالمىغان،ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بارغان بولسىمۇ ئۇلار كالىنى بىرەر يىرتقۇچ بوغۇۋەتكەن گەپ، ياكى يامان نىيەتلىك ئادەملەر ئۆلتۈرىۋەتكەن گەپ دەپ كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئەمما چارۋىچىلار بۇ ئىشنى ئىنتېرنىت تورى ئارقىلىق جەمىئەتكە ئېلان قىلىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان.ئاخىرى ئ تەتقىقاتچى لىندا . مىن بۇ ئىشنى تەتقىق قىلماقچى بولغان، لىندا مىن مۇشۇ ساھەدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچى بولۇپ، 20نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇ تۈر بويىچە توپلىغان تەجىربىسى مول، يىپ ئۇچى ئىگىلەشكە ماھىر، شۇنداقلا يەكۈن نەتىجىلىرىدە ئەمىلى پاكىتنى ئاساس قىلغاچقا چارۋىچىلار ‹‹قاتىل››نى تېپىشتا ئۇنىڭغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىدى.

لىندا . مىن نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ،رەسىمگە تارتىپ،ئەتراپتىن ئەۋرىشكە يىغىۋاتقاندا يەنە 10 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر جايدىنمۇ يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن بىر كالا بايقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ، ئۇ ياردەمچىسى بىلەن بىر تەرەپتىن ئەتراپتىن ئەۋرىشكە يىغىپ، يەنە بىر تەرەپتىن چارۋىچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. بىر قىسىم چارۋىچىلار شۇكېچىسى ئەتراپتن غەلىتە ئاۋاز ئاڭلىغانلىقىنى،يەنە بەزى چارۋىچىلار شۇ كېچىسى يىراق بولمىغان جايدا ئاسماندا نۇرلۇق بىر جىسىمنىڭ پەيدا بولۇپ يەنە يۇقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.بۇ ئەھۋاللار لىندا . مىن نىڭ تېخىمۇ ئەستايددىل تەكشۈرىشىگە تۈرتكە بولغان.شۇنداق قىلىپ ئۇ كالا ۋە ئەتراپتىكى ھادىسىلەرنى ئىنتايىن ئىنىچكە كۆزەتكەن.دەرۋەقە بۇ كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشتىن كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان، ھەتتا ئەقلى يەتمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
ھەر ئىككى كالىنىڭ ئەمچەك،تىل ۋە بىردىن كۆزى كېسىۋېلىنغان بولۇپ،كېسىلگەندىمۇ شۇقەدەر ئۆلچەملىك چەمبەر شەكلىدە ئىنتايىن ئىنىچكىلىك بىلەن كېسىلگەن، كېسىلگەن جاي، ۋە ئەتراپتىن بىر تېمىممۇ قان يۇقى بايقالمىغان،شۇنداقلا باشقا قىسىملىرى ھىچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان. جايلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،
تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان پېنسېلۋانىيە شىتاتلىق ھايۋاناتلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېل .يوھانسوننىڭ ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە : 27 يىللىق پاتالوگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بۇنداق ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە قەستكە ئۇچرىغان كالىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ پىچاق ئىزىدىن ئايانكى بۇ مۇتلەق بىرەر يىرتقۇچ ھايۋان ياكى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەس دېگەن.
ئۇلار يەنە ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈكلەردىمۇ يۇپۇرماق يېشىل ھۈجەيرىلىرىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ئۇلار ئەتراپتىكى ئەۋرىشكە ۋە مۇناسىۋەتلىك يىغىلمىلارنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە نۇرغۇنلىغان ماگىنىت دانچىلىرىنى بايقىغان. كالا بايقالغان جايدىن بۆلەك باشقا جايلاردا بولسا ھىچقانداق بايقالمىغان.
دۇنيادىكى ئاتالمىش نامەلۇم ئۇچار جىسىم تۇغرىسىدىكى خەۋەر بايانلارنىڭ كۆپىنچىلىرىدە ئۇ پەيدا بولغان جايدا كۈچلۈك ماگىنىتلىق تەسىر پەيدا بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگىنىت دانچىلىرى ئالەم بوشلىقىدىكى لەيلىمە مېتىئورىتلاردا بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ماگىنىت دانچىلىرى راستىنلا ئالەمدىن كەلگەن بولسا بۇ جايغا كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدىكى نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ كەلگەنلىكى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا لىندا . مىڭ ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاخىرى بۇ ۋەقەنى تاشقى پىلانت ئادەملىرى پەيدا قىلغان دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئۇ مۇنداق دېگەن، بىزنىڭ تەپسىلى تەكشۈرۈپ بايقىشىمىزچە ۋەقەنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلغىنىغا دائىر ھەرقانداق دەلىل ئىسپات يوق، تېپىلغان ماددا ۋە بايقالغان بارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا بۇنداق مۇكەممەل ئەزا ئېلىش، ئادەم بەدىنىدە 46خىل خىروزوما بولىدۇ، كالىنىڭ بەدىنىدە بولسا 60خىلغا يىتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كالىنىڭ گېن قۇرۇلمىسى ئادەم گېن قۇرۇلمىسىغا ئەڭ يېقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كالىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى تەتقىق قىلماقچى، مەن ئىلگىرى كۆرگەن بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى تاشقى پىلانتتىن كەلگەنلەرنىڭ قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلساممۇ ، بۇۋەقەنى قەتئى ئىنكار قىلمايمەن دېگەن.

بىراق يەنە ئاز بولمىغان باشقا پىكىردىكىلەر بولسا، تېخى نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ بار يوقلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا تاشقى پىلانتتىكىلەرنىڭ يەر شارىغا كېلىپ كالىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەسلا بىر ئىش، بۇ ۋەقەنى ھۆكۈمەت تەرەپ كالىلارنى تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئېلىش ئۈچۈن قىسمەن ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىۋالغان، ياكى بولمىسا يېقىن ئەتراپتىكى باشقا دىندىكى كىشىلەر يۇشۇرۇن نەزىر – چىراق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ئىشى بولىشى، ياكى بىر توپ يامان نىيەتلىك كىشىلەر قەستەن شۇنداق قىلغان گەپ دېگەن پىكىردە بولغان.
ئەمما لىندا .مىڭ بولسا : ئەگەر ھۆكۈمەت ياكى تەتقىق قىلغۇچىلار كالىنى تەتقىق قىلماقچى بولسا ئاتايىتەن بۇ يىراق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ كىشىلەرنىڭ چارۋىسىغا چېقىلمىسىمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات بازىلىرىدا تەجىربە ماتىرياللىرى كەم ئەمەسقۇ؟ ئەگەر نەزىر چىراق ئۆتكۈزگۈچىلەرقىلدى دېيىلسە ئۇلار قائىدە يۇسۇن ۋە ياخشىلىق ئۈچۈن قىلغان پائالىيىتىگە باشقىلارغا ئەخلاقسىزلارچە زىيان سالامدۇ؟ئەگەر يامان نىيەتلىك ئادەملەر قىلدى دېيىلسە ئەلۋەتتە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان قىسىملىرىنى ئەكەتمەي ئەجەبا كىرەككە كەلمەيدىغان قىسىملىرىنى ئېلىپ كېتەمدۇ؟ئۇنداقتا كالىنىڭ ئەزالىرىنى شۇقەدەر يۇقۇرى تېخنىكىدا كەسكەن ئۇنداق ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ماھارەتنى ئۇلار نەدىن ئېگىلىگەن؟ دېگەن جاۋابى بېلەن رەددىيە بىرىپ، ئۆزىنى كۆز قارىشىدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.
يۇقارقى ۋەقە يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە،لېكىن ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئەمما ئۆز كۆزى بىلە كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. شۇڭا ھەممىمىز بۇ سىرلارنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىپ ھەقىقى ئەھۋالنىڭ ئالدىمىزدا نامايان بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
CCTV10 مەنبە:
ماتىريال ئامبىرىم
ئېلىكتىرونسىز ۋە ئېلىكتىرونلۇق مېڭەم.
ئەسكەرتىش: تەرجىمە ۋە خەت ئۇرۇش سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىغى ۋە بىر قىسىم نام ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى تەلەپپۇز ئاتالغۇسىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئەسەردە قىسمەن خاتالىق بارلىقى مۇقەرەر،قېرىنداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇپ، توغرا چۈشىنىپ مۇلاھىزە قىلىپ كېتىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.
تەرجىمان ئىلاۋىسى : بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم ۋە چەكسىز كائىناتنىڭ ئۆزى بىز ئىنسانلار بۇ دەۋىر ئېرادا يىشىپ ۋە تېگگە يىتىپ بولالمايدىغان ئەڭ چوڭ بىر سىردۇر، مانا بۇ سىرلىق كائىناتتا ئەقىل – پاراسىتىمىز ئارقىلىق بىر سۇئالغا جاۋاپ تاپساق ئۇنىڭغا يەنە ئون سىر قۇشۇلۇپ چىقىدۇ، لېكىن ياراتقان ئېگىمىز بەرگەن تەپەككۈر ۋە ئىدراكنى قەدىرلەپ،بىلمىگەننى بىلىشكە تىرىشىپ، ئىلىم دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز لازىم دەپ قاراپ ئاددى بولسىمۇ قەلەم تەۋرەتتىم، مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆگىنىش تۇرمۇشنى ئاز بولسىمۇ بېيىتالىسا تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم.
تېنىڭلارغا سالامەتلىك،خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ھۆرمەت بىلەن: ھېكمەت ئۇيغۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 09:20 AM