گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 8 - ئاپرېلدىن 11 - ئاپرېلغىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە زۇڭلىسى رەجەب تائىپ ئەردوغان 8 - ، 9 - ئاپرېل جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 8 - ئاپرېل كەچتە ئەردوغان بىلەن دوستانە، سەمىمىي، قىزغىن سۆھبەتلەشتى. جاڭ چۈنشيەن ئەردوغاننىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. جاڭ چۈنشيەن تۈركىيەنىڭ ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنىڭ ئىستىقبالى زور. جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، جۇڭگو−ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنى سۇپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىغا، بولۇپمۇ ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولساق؛ ئىككىنچى، رايون قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا ئاۋاتلاشتۇرساق؛ ئۈچىنچى، ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى - ئىستانبۇل ھاۋا لىنىيەسىنىڭ تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرساق؛ تۆتىنچى، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ئالاقىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، قارشى تەرەپتە ئويۇن قويۇشقا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەلئارا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرسەك. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى ئەپەندى تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، بىز بۇنى ئالقىشلايمىز. تۈركىيەنىڭ داۋاملىق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەردوغان مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. تۈركىيە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى
مەنبە: تىيەنشان تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 12:12 PM
|