ئالدى بىلەن بۇنى كۈرۈڭ.
بۇ بولسا ئىسلامىي تىمىدىكى رەپ ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بىر گۇرۇپپا.
ئەمدى بۇ تېمىنى يولىشىمدىكى سەۋەپ بولسا دىيارىمىزدا بۇلۇپمۇ مېللتىمىزدە ھازىر گۈلۈنۈشكە باشلىغان رەپ تۈسىنى ئالغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرىقى زامان ئەركىن سەنئەت تۈرىدە شۇغۇنلىنۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئېغىز غېرچلاپ ئىككى كەلمە تەكلىپ بېرىپ باقماقچى ..
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيتىدە نام قازىنۋاتقان 6شەھەر گۇرۇپىسى قاتارلىق رەپ سەنئەت تۈرىنى دىيارىمىزدا يوقلۇقتىن بارلىقا ئەكەلدى ھەم ياشلارنىڭ قىزقىشغا نايىل بولدى (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) . بۇلۇپمۇ 6 شەھەر گۇرۇپدىكىسلەرنىڭ كۆپلىگەن ناخىشلىرىدا ۋەتەن، مىللەت ،ۋىجدان ،غورۇر مەزمۇن قىلىنغانلىرى كۆپەرەك، بۇ كىشىنى بەك سۆيۈندىردۇ ..
ئەمما بىر مۇتەپەكۇرىمىز ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلا ئىتقاد ، مەدەنىيەت ،تىل يىزىقنى ئەڭ كۆپ چۆرۈۋىتەلەيدىغان مىللەت دىگىندەك.. بىز سەنئەتنىڭ غىدىقلىشغا بەك ئاسان ئۇچۇرايمىز . ھەتتا سەنئەتتە قامچىلاۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ قامچىلغان يىرىنى ئەمەس ئەپسۇس قامچىلاشقا ئىشلەتكەن خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ قالىمىز. شۇڭا سىلەرگە ئوخشاش سەنئەت تۈردىكىلەر سەھنىدە بولسۇن ۋەياكى MTV رىڭلاردا بولسا ئۆز ئىتقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ھالىتىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان بولساڭلار .بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى ئىتقادى بولغان ئىسلام قائىدىسىن ھۆرمەت قىلغان ئاساستا سەھنە، MTVرىڭلاردىكى بەزى ئوچۇقچىلىقنى يوشۇرساڭلار بۇنداق بولمغاندا بىزنىڭ كىشلىرىمىز دەۋىرنىڭ ھەرخىل ھالدىكى ئېھتىياجغا ئىتتىك ماسلىشىپ كېتىدىكەن. بۇ ھەرەگىز ئۇ سەنئەت شەكلىنى بىر تەرپلىمىك ھالدا چەتكە قاقىنىم ئەمەس .چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىنىڭ بەزى كوچىلىردا ،تورخانىلاردا يىگىتى- قىزلىرىمىزنىڭ بوۋىمىز-مومىمىز دىمەتلىك كىشلەرنىڭ ۋە شەرمى- ھايالىق نۇمۇسلۇق قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدىلا قۇچاقلىشىپ تۇرغان ۋەياكى ھەرخىل زاڭ قىلىقلارنى قىلىپ تۇرغان ھالتىنى،ئاچا-سىڭىلرىمىزنىڭ ھەدىدىن زىيادە كىيىم كىيىش ھالىتىنى كۆرۈپ بەك ئېچىندىم..شۇڭا سىلەردەك قېرىنداشىلىرىمىزنىڭ ئاشۇ خىل سەنئەتكى ئالاھىدىلىك ۋە نوپۇزۇڭلار ئارقىلىق مەدەنىيەت ،ئىتقادىمىزغان داغ چۈشۈرۋاتقان ئاشۇ خىل قىلمىشلارغا چوقان سالساڭلار دەيمەن .
ئېنىق مەيدانى ،مۇستەھەكەم ئىتقادى ،يارقىن مەدەنىيىتىنى ئۆزى كۆزگە ئېلمغان بىر قۇۋۇمنى باشقا بېرمۇ كۆزگە ئېلمايدۇ. مانا مەن مۇشۇ خەق بىلەن بىللە ئىشلەيمەن .بەزدە ياتقتا ئولتۇرۇپ تېلىۋىزوردىن ۋە ياكى توردىن ئۆزمىزنىڭ سەنئەت نۇمۇرلىرنى كۆرۈپ ئولتۇرغۇنمدا ماۋۇ خەقنىڭ ئالا-يېشىل قىزلىرىمىز چىقان زامان كۆز ئالدىمدا (نېگا نۈۈخەي ئۇ يەر بۇيەرلىرى كېيىدا . ماڭا بىرەر ۋېيزۇ نۈىخەي تۇنشتۇرپ قويساڭ ) دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان بولدى بىر ئىككى قېتىم سېلكگەندىن كىيىن ئىككىنجى دىمەس بولدى..ئەمما بەزى قېرىنداشىلىرىمنى كۆردىمىكى بەزىدە ئاشۇ خەق بىلەن ئۆز قېرىنداش قىزلىرمىزنى تەڭ ئولتۇرۇپ مۇھاكمە قىلىشى بىزنىڭ تىرشچانلىقىمىزنى نۆلگە باراۋەرمۇ قىلدى...
شۇڭا ئوغۇل بولايلى ۋەياكى قىز ئۇيغۇر بولغان ئىكەنسىز قىلغان قىلىق ،يۈرش -تۇرۇش،ئىتقاد،گەپ سۆزگە مەسئۇل بولۇڭ .بىزنى خەق ھەرگىز بوش كۈرۈپ قالمۇسۇن .بۇنىڭ بىردىن بىر ياخشى دورىسى مۇستھكەم ئېتىقاد.