مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1757|ئىنكاس: 0

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندە جۇڭگونى قورشاشنى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 09:08:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندە جۇڭگونى قورشاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ

SF5~1${)I%WX78UL9[Y3LI5.jpg

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەينى يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەنلىكىگە 23 يىل بولدى، ئىلگىرىكى يىللار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئافغانىستان ئالىي سوتى بۇ يىلقى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىنى «ئافغانىستان ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» قىلىپ بېكىتىپ، «ئافغانىستان ئارمىيىسى ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» دىن كېيىنكى ئىككىنچى مەملىكەتلىك بايرام بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى، روسىيە «ھەربىي كۆزەت» تورىى ماقالە ئېلان قىلىپ مەسخىرە تەلەپپۇزدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستاندا ئېھتىمال يەنە «ئافغانىستان ئارمىيىسى ش ئا ئە ت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى.

بىراق، ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ قاچان پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. 2011-يىلى 6-ئايدا، ئوباما ئۈچ يىل ئىچىدە ئافغانىستان مۇداپىئەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاماملايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ش ئا ئە ت نىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى جون ئاللۇن يېقىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2014-يىلى ئافغانىستاندىن كەتمەيدىغانلىقىنى دېدى. ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقتىنى ئارقىغا سوزۇشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولىشى مۇمكىن. بىراق ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېھتىمال ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتمەسلىكى، مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىپ، جۇڭگونى قورشاشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي ئىستراتىگىيىلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

تۇنجى  «ئافغانىستان ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈن» نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، پرېزىدېنت ھەمىد كارزاي ۋە ئەگەشكۈچىلىرى كابۇلدا داغدۇغىلىق خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ تالىبانمۇ بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىمىدى. شۇ كۈنى رېيترس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلخەتلىك باياناتىدا، تالىبان مەسخىرە ئارىلاش:«ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى ئەينى يىلى دۇچ كەلگەن كۈنگە قالدى. شەخسىيەتچى ئامېرىكىلىقلار چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەغلوبىيىتىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك، جەڭگىۋار ئافغانىستانلىقلار بىلەن قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ئۇرۇشنى قىلىۋەرمەسلىكى ھەمدە تاجاۋۇزچى قىسىملىرىنى تېزراق چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك» دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستاننىڭ بۇ باياناتى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرمايدۇ.

526]{UIB72KT~B02S9C7@]I.jpg

2001-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەل قائىد تەشكىلاتى ۋە تالىبان ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستانغا قارىتىلغان يەر يۈزى ئۇرۇشىنى رەسىمىي باشلىدى. ھازىرغا قەدەر، 10 يىلغا سوزۇلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى جېنىدىن ئايرىدى، ئۇرۇش چىقىمى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. لېكىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنى تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتقىنى، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ھەمدە يەنىلا ئاخىرى چىقمايۋاتقان ئۇرۇش ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلاتقۇزۇۋاتاتتى

1979-يىلدىن 1989-يىلغىچە بولغان سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ خېلى كۆپ ئوخشاشلىقى بار، ئەمما ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ بار، ئەڭ چوڭ پەرقى: سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ مەقسىتى گەپ ئاڭلىمايدىغان ئامىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئافغانىستانغا بولغان تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مەقسىتى تېرورچىلارنى يوقىتىش. ئەگەر سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزىنى سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ يەر شارىۋى تىركىشىشى دېسەك، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشى يولسىز بولغانلىقتىن ھېچكىم يار-يۆلەك بولمىدى، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئافغانىستانغا قوزغىغان ئۇرۇش دەل ئەكسىچە بولۇپ، تالىباننى قوللايدىغان دۆلەتلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا، ش ئا ئە ت ئارمىيىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ش ئا ئە ت بىرلەشمە ئارمىيىسى نېمىشقا يەنىلا سانى كۆپ بولمىغان توپىلاڭچى كۈچلەرنى يېڭەلمەيدۇ؟ يېقىنقى بىر يىلدا يۈز بەرگەن ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى ئۆلتۈرۈلىشى، تالىباننىڭ پايتەخت مەركىزىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك نىشانلارنىڭ ھۇجۇمغا قىلىشى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيسى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

زادى قانداق سەۋەب بارلىقى ھەققىدە روسىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ك گ ب نىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارى كراۋزوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتكەن. گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىلغار قوراللار پەقەت ئاشكارا تۇتىشىدىغان ئۇرۇش مەيدانىدا كۈچ سىنىشىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، يوشۇرۇنىۋالغان دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، بۇ قوراللار ئەسقاتمايتتى.كراۋزوۋنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستاندىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمرانلىق بولمىغان دۆلەتتە، ھەممە كىم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، بۈگۈنكى دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئەتىلا قورقۇنۇچلۇق دۈشمەنگە ئايلىنىشى مۇمكىن، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ھەر قانداق قايتا قۇرۇش تەرتىپىگە ئۇرۇنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئۇ:«ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئەمەلىيەتە ھەربىي ۋەزىپە ئەمەس بەلكى ئەقىل-پاراسەت پائالىيتى» دېدى.

ئافغانىستاندىن پەندىنپەي قوشۇن چېكىندۈرۈش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىپ بولغان يېتەكچى پىرىنسىپى ھەم چوڭ يۈزلىنىش. بىرلا ۋاقىتتا، تالىبان ۋەكىلى بىلەن پات-پات ئۇچرىشىش ھەمدە تالىبان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تالىبانغا يول قويۇشقا تەييارلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. روسىيە «ھەربىي كۆزەت» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئافغانىستاندىن كەڭ كۆلەمدە چېكىنىش يولى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئەينى يىلىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئافغانىستان بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئاسانلىقچە چېكىنىدىغان شارائىتى يوق، ئافغانىستاننىڭ قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى  كېرەك.

پاكىستاننى كېسىپ ئۆتكەن جەنۇب قۇرۇقلۇق يولى ئەسلىدە دەسلەپكى تاللاش بولۇپ قالاتتى، ئەمما 2011-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قاراۋۇلخانىسىنى خاتا پارتلىتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى قەتئىي رەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يول ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئارمىيىسىغا جىددىي لازىمەتلىكلەرنى، بولۇپمۇ يېمەكلىك توشۇيدىغان مۇھىم كارىدورى بولۇپ كەلگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدىغان شىمالىي يولدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش سۆھبىتى ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. ئۆزبېكىستان دەسلەپتە زېمىنىدا ئامېرىكىنىڭ ش ئا ئە ت ئۆتىڭى تەسىس قىلىشنى خالىمىغان، سەۋەبى ئۆزبېكىستاندا ش ئا ئە ت ئۆتىڭى تەسىس قىلىش ئۆزبېكىستاندا زەھەر تەھدىتىنىڭ يامرىشى ھەمدە كەڭ كۆلەملىك قورال ئەسكەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان. بىراق، ئۆزبېكىستاننى ماقۇل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا 2005-يىلى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا يۈرگۈزگەن ھەر خىل قورال، رازۋېتكا ئەسلىھەسى ۋە يول باشلاش ئەسلىھەسى توشۇشنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلدى. ئامېرىكا كېلەركى قەدەمدە ئېھتىمال ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ تەمىنلىشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ مازارى شەرىفنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈر يولنى كونتورل قىلىش مۇددىئاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەگەر ئۆزبېكىستان قوشۇلسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ تۆمۈر يولىنى ئىشلىتىپ، ئۆزبېكىستان ۋە روسىيە چېگرىسى ئارقىلىق ھەربىي ئەشيالارنى توشۇيدۇ، ئۇنداق بولغاندا ئامېرىكا ئارمىيىسى نۇرغۇن چېكىنىش خىراجىتىنى تېجەپ قالالايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ يەنە روسىيە بىلەن ئۇليانوۋسكىيدە توشۇش بېكىتى تەسىس قىلىشقا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالاپ بولغانلىقى ھەققىدە گەپلەر تارقالدى. دەسلەپكى پىلانغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ھاۋا ئارقىلىق ماددىي ئەشيالارنى مازارى شەرىفتىن بىۋاستە ئۇليانوۋسكىيغا توشۇشقا، ئاندىن تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇشقا تەييارلانغان.

بىراق، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغان جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىسى لۈ پېيسېننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، گەرچە يېقىنقى نەچچە يىلدا ئامېرىكا ئافغانىستاندىن كەڭ كۆلەمدە قوشۇن چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا بازىسىنى ساقلاپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بەھرام بازىسىغا ئوخشاش مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى كابۇلنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 47 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە، بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى دەل سوۋېت ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ بازىسى بولغان، بۇ بازا نۇرغۇن يەر يۈزى قىسىملىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئۆتىڭى، بىرلا ۋاقىتتا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە ھاۋادىن ئوت كۈچى تەمىنلىگەن. 2001-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئەسكەر چىقىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا ئارمىيىسى بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەسكەر كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ گازارمىسى قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ ياسىدى، نۆۋەتتە بۇ بازا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى بوپ قالدى.

$C)N[1(U0OW}9BPXYVHJ.jpg

لۈ پېيسېننىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، بەھرام ھاۋا ئارمىە بازىسىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى پايتەخت كابۇلنىڭ بوشلۇق مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پايتەختكە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىنى توساپ قېلىشتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، بۇ بازا يەنە باشقا رايونلاردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنى نازارەت قىلىش ۋە زەربە بېرىشكە مەسئول بولۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلىشىنى قوللايدۇ. يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئەل قائىد تەشكىلاتى ۋە تالىباننىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇم سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، كۆپ قىسىم ئايروپىلانلار بۇ بازىدىن ئۇچقان ئىدى. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى يېقىندا دېيىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيىسى تالىباننىڭ 50 نەچچە ئوتتۇراقاتلام كوماندىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تالىباننىڭ ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى قاتتىق قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلىغان، ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان نۇرغۇن ئايروپىلانلار بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقان.

بەھرام بازىسىنىڭ ئەڭ زور كۈچى بۇ بازىغا ئەڭ چوڭ ترانسىپورت ئايروپىلانى C-5 قوندۇرۇپ ئۇچۇرالايدىغانلىقىدا. بۇ بەھرام بازىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ B-52H، B-1B ۋە B-2 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق چوڭ تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى قوندۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچ چوڭ يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ھەم ئەنئەنىۋى ئۇرۇش قىلالايدۇ ھەم يادرو ئۇرۇشى قىلالايدۇ. بۇنىڭدا، B-1B ئايروپىلانى 60 توننا بومبا قاچىلاپ ئۇچالايدۇ، ئېلىپ ماڭغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2000 كىلومېتىرنىڭ سىرتىدىكى ئىستراتىگىيىلىك نىشانغا زەربە بېرەلەيدۇ، روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم رايونى ھەمدە ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىي رايونىغا بىۋاستە ئىستراتىگىيىلىك تەھدىت سالالايدۇ.

سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئورنى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا پۇت تىقىشى ناھايىتى تەس ئىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېتنىڭ نەچچە ئىتتىپاقدىشىغا سىڭىپ كىرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما روسىيەنىڭ كۈچلۈك توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا تېرورلۇقنى قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئافغانىستاندا ئۇرۇش قوزغىدى. لۈ پېيسېننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەينى يىلى ئافغانىستانغا قوشۇن تارتىشى پۈتۈنلەي تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ھەم بىر مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك نىشان ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى قورشاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىينى روياپقا چىقارغان شارائىتتا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ.

لۈ پېيسېننىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇبادا بەھرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ بازا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىدىكى قوزۇق بولۇپ قالىدۇ، ئەتراپ رايونلاردىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىدۇ. بۇ بازىنىڭ غەربىدا ئىرانغا تاقابىل تۇرغىلى، شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبىدا بىۋاستە پاكىستانغا تەھدىت سالغىلى بولىدۇ. مىسال ئېلىپ ئېيتساق، مۇبادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران يادرو ئەسلىھەسىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلىپ قالسا، بۇ بازىدىكى F-15E ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىراننىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە زەربە بېرەلەيدۇ.

ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكا 1-ئايدا چىقارغان يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىيىسىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاستە جۇڭگوغا قاراتتى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، سېنگاپور، فىلىپپىن قاتارلىق غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە ھەربىي تەڭشەش ۋە قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قارىغاندا، ئافغانىستاندا دائىملىق ھەربىي بازىسىنى قالدۇرۇپ قېلىشى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونى قورشىشىدىكى مۇھىم بىر ھالقىسى. ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدا، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بېرما نىشانىنى غەربكە بۇراشقا باشلىدى، جەنۇبىي ئاسىيادىكى پاكىستاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى تېرورچىلارغا زەربە بېرىش نامىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن پات-پات پاكىستاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلماقتا، نىشانى ئېنىقكى پاكىستاننىڭ ئىچكى جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈش. بېرما، پاكىستان ئىككى دۆلەت جۇڭگونىڭ ھىندى ئوكيان بىلەن جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇش يولى ئېچىشىدىكى مۇھىم شېرىكلەر، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە پات-پات بېسىم قىلىشىنىڭ غەرىزى ئېنىق.

(سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى، دائىم توردا بولالمىغانلىق سەۋەبلىك مەزكۇر تېمىنى تاقاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىمەن)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
motiwarlar + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش