داۋۇت ئوغلۇ: شىنجاڭ (ئۇيغۇرلىرى) جوڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى
سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى مەخسۇس زىيارىتى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېپلۇماتتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇنى جوڭگۇ تۈركىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ،تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىدكى توسالغۇلار قاتارلىق مەسسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس زىيارەت قىلىغان بولۇپ ،زىيارەت جەريانىدا داۋۇت ئوغلۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ مەدەنىيەتداش قېرىنداشلىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ جوڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى ،شىنجاڭدا (جوڭگۇ تۈركىيە)سانائەت رايونى قۇرۇلۇپ ،ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى .
زىيارەتنىڭ جوڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقى ۋە ئۇيغۇرلار بۆلىمى (ئىخچاملاشتۇرۇلغان تەرجىمىسى )
رىياسەتچى : جوڭگو تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ،دۆلىتىمىز تۈركىيەدىكى بىرقىسىم شەرقيى تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىدىن خەۋپ ھېىس قىلىدۇ ،سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
داۋۇت ئوغلۇ : جوڭگۇ تۈركىيە ئىككىلا تەرەپكە ئېنىق بولغىنى شۇكى جوڭگو ،تۈركىيە پۇقرالىرى ئاسىياغا، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ياشاۋاتىدۇ ،جوڭگۇدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ ،تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ ھەم شۇنداق .بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولدۇم ،شۇ يەردىكى كىشلەر ۋە بىز ئوخشاش بىرتۈركىي تىلىدا سۆزلەيمىز .تۇنجى تۈركىي تىللار لۇغىتى ئىستانبۇلدا ئەمەس بەلكى قەشقەردە بارلىققا كەلگەن .
تۈركىيە ئەزەلدىن بىر جوڭگۇ سىياسىنىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ ھەم بۇ سىياسەتتە چىڭ تۇرىدۇ. تۈركىيە جوڭگۇنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قلىدۇ .تۈركىيەمۇ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركىلىرنىڭ مەدەنىيەتداش قېرىنداشلىرى ، ئۇلار ھەم جوڭگۇ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنى شۇ دۆلەت بىلەن تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى دەپ قارايمىز . مەدەنىيەتنىڭ ئىناقلقى ۋە كۆپ قىرلىقى جوڭگۇنىڭ بايلىقى . شۇ ئاساستا جوڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ھەمدە ئالدىنقى قېتىملىق باش مىنىسترلار (زۇڭلىلار) سۆھبەتلەشكىنىدەك شىنجاڭدا سانائەت رايونى قۇرۇلۇپ ،شۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي كۆۋرۇكلۈك رۇلىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ،شىنجاڭنى جوڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى دەپ قارايمىز .
زىيارتنىڭ باشقا مەزمۇنلىرىمۇ بار بولۇپ قىزىقىدىغان تۇرداشلار ئۆزلىرى كۆرۈۋالسا ، ئاخردا دۆلىتىمىز جوڭگۇ ۋە تۈركىيە دوسلۇقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەمدە كېچىكىپ تەرجىمە قىلىغىنىم(بۈگۈن داۋۇت ئوغلۇنىڭ تەلئەت ھاجىم بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم) ياكى تەرجىمىدە چۈشمىگەن جايلار بولسا تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
http://v.ifeng.com/news/world/201011/18e219bc-d867-47bc-86fb-84eaceecb359.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 02:47 PM