ئېرىنى ئۇرغان ئايال (ھېكايە)
مەرھابا ئېرىنىڭ بۇنچە تىز ئۆزگىرىپ كېتىشىنى ئويلىمىغان ئىدى. تېخى نەچچە يىل ئىلگىرى مەرھابا ئېرىنىڭ ئامراق گۈلى، ئوقۇپ تۈگۈتەلمەيدىغان كىتابى ئىدى، ئوخشاشلا ئېرىمۇ مەرھابا ئۈچۈن تاغدەك يۆلەنچۈك، خۇشاللىقلىرىنىڭ تۈگمەس بۇلىقى ئىدى. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلار نېمەدېگەن پەيزى-ھە؟!
ئاپپاق ئەتىرگۈلنى ئەسلىتىدىغان قېلىن قارلاردا بىر جۈپ كىپىنەك، ئۇياندىن بۇيانغا ئۇچۇشۇپ يۈرۈيدۇ، قىزنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى، مېنى تۇتالمايسىز، ئەمدى تۇتۇپ بېقىڭە، دەپ ۋاقىراشلىرى ئەتراپنى بىر ئالغان، يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىچۇ تېخى...
يېڭى توي قىلغان چاغلارمۇ پەيزى ئىدى، سەھەر تۇرۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشىپ، بىللە ئىشقا بېرىشلار، چۈشلۈكى باغچىلارغا، سەھرالارغا بېرىپ دالا تامىقى يەپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىر ئېلىشلار، ئاخشاملىرى بىر-بىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ ،ئاينى تاماشا قىلغاچ ، مۇڭدىشىشلار ... ئۇھ، ئۇ كۈنلەر ئەمدى بىر گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلاندى، خۇشال مىنۇتلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئازابلىق مىنۇتلار، ئاھ ، نېمىشىقىمۇ خۇشاللىق بىلەن ئازاب قوشماق قىلىپ يارىتىلغان بولغىيتى-ھە؟
ھەممە ئىش ئاشۇ يەر ساتقان كۈندىن كېيىن باشلاندى.دادىسى چەتكە چىقىپ كەتكەندە ئەنۋەرگە مىراس قالغان 600نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆي مىلىيۇن يۈەنگە يېقىن پۇلغا سېتىلدى. ئالى مەكتەپنى تۇل ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر يۈەن پۇلنىڭ كۆزىگە نەچچە قاراپ يوقسۇزلۇقتا ئاران پۈتتۈرۈپ، پۇلنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ كەتكەن ئەنۋەر ئۈچۈن بۇنچە جىق پۇلغا ئىگە بولۇش چۈشتەكلا بىلىندى بولغاي، مەرھابانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سائەتلەپ يىغلىدى. كېيىن ناھايىتى مەرتلىك بىلەن ئايالىغا، ئۆزىگە، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوماق ئوغلىغا نەچچە قۇرلاپ كىيىملەرنى ئالدى، يوقسىزلىق دەردىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ قەبرىلەرنى قاتۇردى. قەرز قىلىپ ئېلىۋاتقان ئۆينىڭ پۇلىنى بىراقلا تاپشۇردى.نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە ئىسىل ماشىنىدىن بىرنى ئالدى، شۇنداق قىلىپ مائاشقا تايىنىپ ئاران كۈن كەچۈرۈۋاتقان يالاڭتۆش ئەنۋەر بىر ئايغا قالمايلا ئابرۇيلۇق بايۋەچچىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىلگىرى 100 يۈەن پۇل سورىسا،بويۇن تولغايدىغان ئاغىنىلىرى، ۋاي ئەنۋەر،دەپ ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن چىقماس بولدى.
مەرھابامۇ ئېرىگە كەلگەن بۇ ئامەتتىن بىر مەھەل ئۆزىنى بىلەلمەي مەستەك يۈردى. ئىلگىرى قول مېيى ئېلىش ئۈچۈن ئېرىدىن نەچچە 10 يۈەن پۇلنى ھەپتىگە سوزۇپ ئاران ئالىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كېتىپ، مەلىكىلەردەك ياشايدىغان دەۋرلەر يېتىپ كەلدى. بويۇنلاردا قوشلاپ زەنجىرلەر، بىلەكلەردە ئېغىر بىلەيزۈكلەر پەيدا بولدى. لىكىن...
لىكىن، مەرھابا ئارىدىن نەچچە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئوغلىنى كۆرمىسە تۇرالمايدىغان، ناماز شامدىن كېيىن تالاغا چىقمايدىغان ئېرىنى يېرىم كىچە، ھەتتا تاڭ ئاتقۇچە ساقلايدىغان، تالا-تۈزلەردە ئېرىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەرھابا دەرھال ئېسىنى يىغىپ ئەنۋەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولدى. بىراق ئەنۋەر ئاللاقاچان خىزمەتنى تاشلاپ قايسىبىر ئاغىنىسى بىلەن تاشقى سوداغا مەبلەغ سېلىپ،تىجارەتچى بولۇۋالغاچقا، خوتۇنىنىڭ، ئەنۋەر، جېنىم، سىز بۇرۇنقى ئەنۋەرگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز، ئۆي ساتقان پۇل سىزنىڭ ئەقىل كۆزىڭىزنى توسۇۋاپتۇ، ھىلىمۇ نۇرغۇن پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلەپ بولدىڭىز، قالغان ئازغىنە پۇل بىلەن تىجارەت قىلغىلى بولمايدۇ، خىزمەتنى تاشلىمىسىڭىز بولاتتى،دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلمىدى، ئاقىۋەتتە، ئەنۋەرنىڭ يېرىم نەخ يېرىم نىسىگە ئېلىپ چەتكە سالغان ماللىرى بېسىلغان يۈك ماشىنىسى يېرىم يولدا بۇلاڭچىغا ئۇچراپ، بىر كىچىدىلا يانچۇقتىكى پۇللىرى، مىنىۋاتقان ماشىنىلىرى قولدىن چىقىپ كەتتى. ئىدارىمۇ ئەنۋەرنى قايتا خىزمەتكە ئېلىشقا ئۇنىمىدى، ھېلىقى يەپ قاچار ئاغىنىلىرىمۇ، بىللە تىجارەت قىلماقچى بولغان شىرىكىمۇ. ئەنۋەردىن نەپ چىقمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ نەلەگىدۇر يوقالدى. مەرھابا ئېرىگە شۇنچە تەسەللى بەرسىمۇ ئامال بولمىدى،ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار بىچارە ئەنۋەرگە بەك ئېغىر كەلدى،بولغاي، ھەممە ئىشنى تاشلاپ،ھاراق-شاراپنى ئاغىنە تۇتۇپ، كۈنلىرىنى قاۋاقخانىدا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
مەرھابا ئېرىنىڭ بۇ ھالىدىن ئېچىنىپ كىچىلىرى ئۇخلىماي زار-زار يىغلىسا، كۈندۈزلىرى ۋاقىت تاپسىلا ئېرى ئۈچۈن خىزمەت ئىزلىدى، ئىلگىرىكىدەك ياخشى خىزمەت نەدە دەيسىز، ئەنۋەر ئايالى تاپقان خىزمەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ ياراتماي، ئىچىملىك بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈۋەردى.مەرھابا ئېرىگە يا گەپ يىگۈزەلمەي يا ئۇنى چۈشكۈنلۈك پاتقىقىدىن چىقىرالماي بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. شۇ ئارىدا مەرھابانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىمۇ سېتىلىپ تۈگەپ، ئايلىقى ئېرىنىڭ ھاراق چىقىمىدىن ئېشىنالماي، ئۆيدە تاماق ئېتىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.ئاخىرى مەرھابا ئامالسىز ئامراق ئوغلىنىمۇ يەسلىدىن چىقىرىۋىلىشقا مەجبۇر بولدى...
مەرھابا بۇ كۈنلەردە زىيادە چارچاش، ئوزۇق يېتىشمەسلىك، ئىچ-ئاغرىقى تۈپەيلى ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ئۇنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاتا-ئانىلىرى ئاللاقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۆزى يالغۇز قىز بولغاچقا ئەمدىلىكتە باشپاناھسىز قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇدەك ئادەممۇ چىقمىدى. قول تىلىفۇن، ئوي تىلىفۇننىڭ ھەممىسى ئاللاقاچان توختاپ كەتكەن بولغاچقا، خىزمەتداشلىرىدىنمۇ ياردەم سورارشقا ئامالسىز ئىدى. ئەنۋەر بولسا، خوتۇننىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ. ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، سەھەردىلا مەرھابانىڭ يانچۇقىدىكى ئاخىرقى 50 يۈەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامراق ئوغلى، تۇنجى قېتىم تاماقسىز قالدى.
- ئاپا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، نان يەيمەن.
توڭلاتقۇ قۇپقۇرۇق بولۇپ،ئۆيدە يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق ئىدى مەرھابا ئىلاجىسىزلىقتىن ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى، ئوغلىمۇ ئانىسىغا ئەگەشتى. بىر ھازا دىن كىيىن بالا يەنە نان تەلەپ قىلدى،مەرھابا ئامالسىز قوشنىسىدىن يادەم سوراشقا مەجبۇر بولدى ۋە مىڭ جاپادا 10 مىتىرغا يەتمىگەن يولنى بېسىپ، نۇمۇس كۈچىدە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ، قوشنىسىدىن بىر تال گىردە سوراپ چىقتى. ئەزەلدىن قۇرۇق نان يىمەيدىغان بالا ناننى ئېلىپ ئاچكۆزلەرچە قامساپ يىيىشكە باشلىدى...
يېرىم كىچىگە يېقىن ئەنۋەر مەس ھالەتتە قايىتپ كىلىپ، خوتۇنىنى تاماق ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. يوتقاندا ھالسىز ياتقان مەرھابانىڭ ئېرىگە گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى.
- قوپ، ئىنجىمارۇق، تاماق ئەت، شورپا سال!
مەرھابا تولىمۇ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرىگە يۈزلەندى ۋە پۈتۈن غەزەپ نەپىرەتلىرىنى بىر جۇملە سۆزگە يىغىپ:
- ئىسىت، سەنمۇ ئەركەك بولۇپ قاپسەن، نۇمۇس قىل، بۈگۈن بالاڭ ئاچ قالدى،-دىدى.
- مائاشىڭنى ئاناڭغا ئاپىرىپ بەرگەنمىدىڭ، ئېيتە رەسۋا...
مەرھابانىڭ ئاجىز تېنى تىترەپ كەتتى،نۇمۇس، خورلۇق، نەپرەت يەنە ئۇنىڭغا كۈچ بەردى، مەرھابا پۈتۈن كۈچىنى ئالقىنىغا يىغىپ، ئۆزىنى ئۇرۇش ئۈچۈن دىۋەيلەپ تۇرغان ئېرىنى كۈچ بىلەن بىر شاپىلاق سالدى ۋە ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى...
مەنبە: ئۆزۈم
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. (روزىمۇھەممەت ئىرپان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 02:41 PM