ئەندىشە ئىچىدە تۇغۇلغان
سۇئاللار
چەكچەيگەن كۆزلەر ، كىرىشكەن چىشلار ،
تاتارغان تەنلەر ، ئەرۋالارغا ئايلانغان ئېچىنىشلىق كۆرۈنىشلەر يەنە ، يەنە ...
كۆزلىرىدىن قان – ياش تۆكۈلىۋاتقان ، يۈرۈكى
لەختە – لەختە قان بولغان ، ئەقلىنى يوقاتقان ، چاچ – ساقالىرى ئۆسۈپ كەتكەن ،
كىيىملىرى يىرتىلىپ ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ئاتا – ئانىلار سەۋداھىلارغا ئايلانغان ئاكا
– ئىنىلەر ، ھەدە – سېڭىللار ...
رەھمىسىز رېئاللىق ئالدىدا مېنى تېخىمۇ
غېرىپلىق باستى ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ئازاپ ، ھەسرەت ، نادامەت ،
ئۆكۈنش ، غەزەپ – نەپرەت ياشلىرى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس . توۋا ماڭا نىمە ، زادى
نىمە بولغاندۇ ؟ ! يېقىندىن بۇيان كۆزلىرىمدىن توغرىسى يۈرۈكۈمدىن
نىمەنچە كۆپ ياش ياق ، ياق ، قان تۆكۈلىدىغان بولۇپ قالدى ؟ ! يۈرۈكۈم نىمىشقا
شۇنداق قاتتىق مۇجۇلىدىغاندۇ ؟ قەلبىم نىمىشقا ئۈشۈك تەككەن قوناق شېخىدەك ئەلەملىك
تىرىتەيدىغاندۇ ؟ كۆزلىرىم نىمىشقا بۇرقتۇرمىلىق ، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئەزمىسىنى
ئىزىپ شۇنچە ئاستا تولىمۇ قايغۇلۇق ئۆتىدىغاندۇ ؟ ! ...
مەن نىمىشقا قېلىن بىر قەۋەت تۇمان
قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغاندەك تۇيغۇ ئىچىدە ئۆزۈمنى ئۇنتىدۇم ؟ ئەسلى مەن كىم ؟
ھازىر كىم بولدۇم ؟ ئەتە كىم بولماقچى ؟ ! ... مەن تىرىكمۇ ، ئۆلۈكمۇ ؟ ! ... ئاھ ،
خۇدا ! ماڭا رەھىم قىل ، ماڭا ئىچىڭ ئاغىرىسۇن ...
-ئەي ئەقلىنى يوقاتقان ، ئەسلىنى ئۇنۇتقان
بىچارە بەخىتسىز بەندە ئاڭلاپ تۇر ؛ يارتىش مەندىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن ئۇقتۇڭمۇ ...
؟! ئۆزۈڭنىڭ مۇشۇ تاپتىكى ھالىڭدىن قاچانغىچە نۇمۇس قىلىشنى بىلمەيسەن ؟!
-مەن قورققۇنىمدىن كۆزلىرىم چەكچىيىپ ،
جالاقلاپ تىتىرەشكە باشلىدىم ... ئەتىراپىمغا قورقۇمسىراپ قارىدىم . كۆزۈمگە
ئالدىمدىكى قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل سۈيىگە قورسىقىغىچە كېچىۋېلىپ شالاپشىتىپ سۇ
ئىچىۋاتقان ئالا قانجۇقتىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرىنمىدى ، مەن شۇ چاغدىلا ئكزۈمنىڭ
مەھەللە سىرتىدىكى قەدىمىي كۆل بويىدىكى كاۋاك – كاۋاك بولۇپ كەتكەن قېرى سۆگەت
تۈۋىدە تۇرغانلىقىمنى غۇۋا ئىسىمگە ئالدىم . لېكىن بۇ يەرگە قاچان ، نىمىشقا
كەلگەنلىكىمنى ئويلاپ زادىلا تاپالمىدىم . سارغىيىپ رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن كۆل
سۈيىگە قارىغانسىرى ۋۇجۇدۇم جالاقلاپ تىتىرەشكە باشلىدى ... ئۇنداق بولسا ھېلىقى
ئاۋز قاياقتىن كەلدى ؟ ئوڭ تىرىپىمدىن ياق سول تىرىپىمدىن ياق ، ياق ... ئارقا
تەرىپىمدىن ، سۆگەتتىن ياق ، ياق ... ئالدى تەرىپىمدىن بۇنىڭغىمۇ ياق ، ياق ، ياق
... ئاسماندىن ئۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس – يەردىن ، مەن دەسسەپ
تۇرۋاتقان ، بىزنى مىننەت قىلماي بېقىۋاتقان ، بىزنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقىمىزنى
كۆتۈرۈپ تۇرۋاتقان يەردىن ئاڭلاندى ، ئۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
ئۇنداق بولسا ھاياتلىق ئالىمىدىكى بارلىق
پەسكەشلىكنى كۆرۈپ تۇرۋاتقان قېرى قوياشتىن ، ئايدىن ، يۇلتۇزدىن ، چولپاندىن ،
ھۆكەردىن ... مەن ئاخىرى ئالا قانجۇققا گۇمانسىراپ قارىدىم ، ئۇ ماڭا ئىچ
ئاغرىتقاندەك بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ، غىپپىدە كىتىپ قالدى ، يۈرۈكۈم
قاتتىق سىقىلدى ... خىلۋەتلەردىن ، بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردىن كۆتۈرلىۋاتقان ئاقۇش
ئىسلار ، ئىس – تۈتەكلەر ئارىسىدا ئادىمىلىكىنى يوقاتقان كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى
، توغىرسى ئىگىللىرى قىپيالىڭاچ ، ئانىسىدىن تۇغما ھالدا سەكرىشىپ يۈرمەكتە ...
ئالا – تاغىل ۋاقىرشىپ ، ساراڭلارچە كۈلۈشمەكتە ...
ئاھ ، يېتىمسىراپ قالغان ، بارا – بارا نەسلى
قۇرۇپ كىتىۋاتقان ، ئۆز قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان بىچارە ئۇيغۇر ئۇغول – قىزلىرى ...
ئەنە شۇلار بىزنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ، ئېزىز قېرىنداشلىرىمىز ، مېھرىبان
تۇغقانلىرىمىز ئەمەسمۇ ؟ بۇ بىزگە نىمە ھالالوللا ؟ بىز نىمىشقا يارالدۇق ؟
جەمىئىيەتكە ، مىللەتكە ئارتۇق يۈك بولۇش ئۈچۈنمۇ ؟ خالىغانچە ئويۇن – تاماشا قىلىپ
، چىكىپ – ئىچىش ئۈچۈن يارالدۇقمۇ ؟ ئالتۇندەك چاغلىرىمىزنى ، قىممەتلىك
ھاياتىمىزنى كەيىپ – ساپا ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىش ئۈچۈنمۇ ؟ << ئاق
ئالۋاستى >> دەك زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىپ ئۆزىمىزنى ، خەلقىمىزنى ،
مىللىتىمىزنى ، بۈگۈنىمىزنى ، ئەتىمىزنى ، ئاغىزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان
پەرزەنتلىرىمىزنى چىقىرتىپ ، << ئۇيغۇر >> دېگەن بۆيۈك نامىمىزنى
بۇلغاش ئۈچۈن يارالدىقمۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كىم گۇناكار ، كىم ئەيىپلىك ؟ ! بىزنى تۇغۇپ
، يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ، كۆز قارچۇغىدەك ئاسىراپ قاتارغا قوشۋاتقان ئاتا –
ئانىلىرىمىزمۇ ؟ بىزنى ھاپپاش قىلىپ كۆتۈرۈپ بېقىۋاتقان ئانا تۇپراقمۇ ؟ جېنىم
قېرىنداشلىرىم بىز نىمىشقا ئۆزىمىزنى – ئۆزىمىز پەسلەشتۈرىمىز ؟ ئۆزىمىزنى –
ئۆزىمىز خورلايمىز ؟ ئازاپلايمىز ؟ ئكزىمىزنى – ئۆزىمىز ئالدايمىز ، ئىتىراپ
قىلمايمىز ؟ بىزدىكى بۇ خىل ناچار ئىللەت ئۆزىمىز بىلەن كەتسىغۇ مەيلى ، ئامما ...
ئارقىسىنى ئويلاشقا ئاجزلىق قىلدىم ، توغرسى يۈرۈكىم مۇجۇلۇپ ئويلاشنى خالىمىدىم .
مىللەتكە چۈشكەن << ئاق ئالۋاستى
>> دىن ئىبارەت بۇ كۆيدۈرگىنى چىكىپ بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا ، تار كوچىلاردا ،
ياقا - چەت يۇرتلاردىكى ، ۋىجدانىنى ، غورۇرىنى ، ئىپپەت – نۇمۇسىنى سېتىپ
مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ ، ساپ ھاۋانى بۇلغاپ ، مېھرىبان ئاتا – ئانىلىرىنىڭ مىڭ
جاپادا تاپقان پۇللىرىنى تۈتۈنگە ئايلاندۇرۋېتىپ بارغان ، ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ
ئېچىلمىغان مىڭلىغان ، ئون مىڭلىغان زامانداش ياش دوستلىرىم ، چىرايلىق ، خۇمار كۆز
ھەدە – سىڭىللىرىم بىز ھالاكەت گىرداۋىدىن قايتايلى !
سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنى كۆزلىرىدىن قان
تېمىۋاتقان ئاتا – ئانىلىرىمىزنى ئويلايلى ، ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغىرىسۇن ،
مىللىتىمىزنى << ئۇيغۇر >> دېگەن بۆيۈك نامىمىزنى ئۇنتۇپ
قالمايلى ! ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ سەھپىسىدىن ئۆچۇرۈۋېتىلمىسۇن .
جېنىم ياش دوستلىرىم ، بىز بۈگۈن بىلەن
ئەتىنى ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ھەم بىر – بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان
<< كۆۋرۇك >> لەر ئەمەسمۇ ؟ ئۆزىمىزنىڭ ئاتا – ئانا ، مىللەت ، ۋەتەن
ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق بولىدۇ ؟ بىز تىرشىپ بىلىم ئىگىلەيدىغان
دەۋرىمىزنى چىكىش ، ئىچىش ، ئويۇن – تاماشا بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتسەك قانداق
بولىدۇ ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىساق تىرىك موردىدىن پەرقىمىز
نىمە ؟ ! بىز نىمىشقا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدايمىز ؟
<< ئاق ئالۋاستى >>
مىللىتىمىزنىڭ قەلبىگە چۈشكەن جاراھەت ، بىز بۇ جاراھەتنى تېز داۋالىمىساق ، يەنىمۇ
تېز يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالمىساق ئەتىكى ھالىمىزغا ۋاي ئىسىت ... !
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئاق ئالۋاستىدىن
ئىبارەت رەھمىسىز قان شورىغۇچىغا يەم بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ، ئاق ئالۋاستىدىن ئىارەت بۇ
يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ قېنىنى شورىماقتا ،
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى تېراگېدىيلىك قىسمەتكە دۇچار بولماقتا ، مانا بۇ ئۇيغۇر
مىللىتى ئۈچۈن تولىمۇ ئېغىر پاجىئىە ... بۇنىڭ سەۋەپكارلىرى كىملەر ؟ بىز بۇنى
ئويلاپ كۆردىقمۇ ؟ قېرىداشلىرىم ، جېنىم تۇغقانلىرىم سىللەرئاتا – ئاناڭلارنى ،
كەلگۈسىڭلارنى ، مىللىتىمىزنىڭ ئەتىكى تەقدىرىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟! ... تۆت
ئەتىراپىمىزغا كۆزىمىزنى يوغون ئېچىپ نەزەر سېلىپ باقايلى ؛ بىز نىمە كويدا ،
باشقىلار نىمە كويدا ...
ئەي بىچارە ، بەختىسىز دەرتمەن سۆيۈملۈك
دوستلىرىم ، مېھرىبان قېرىنداشلىرىم ، ئەقلىي قىسقا دۆت تۇغقانلىرىم ، كالۋا
دوستلىرىم بىز نادانلىق ، قالاقلىق ، ئەقىلسىزلىك ، بىلىمسىزلىك ، بىكىنمىچىلك ،
شۈكۈرچىلىك ، تەمەخورلۇق ، دورامچىلىق ، كۆرەلمەسلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتتىقمۇ ؟
ئاتا – ئانىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ باقساق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئازاپ چىكىۋاتقانلىقىنى
بىلۋالالايمىز ، ئۇلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى مەيۈس كەلگۈسىگە ئوبدان قۇلاق سېلىپ
باقايلى ، بۇ كۈلكىنىڭ ئارقىسىغا ئەلەملىك ، مۇڭلۇق بىر يىغىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى
ھېس قىلماي قالمايمىز . بۇ كىم ئۈچۈن ؟ ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن ، جېنىم قېرىنداشلىرىم ،
ئېزىز دوستلىرىم .
بىز قايغۇ ، ئازاپ ، دەرد – ئەلەمنى يەتكۈچە
تارتقان ھەم تارتىۋاتقان ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ دەرد – ئەلىمى ئۈستىگە يەنە دەرد –
ئەلەم ، قايغۇ – ئازاپ يۈكلەپ قويۇشقا قانداق چىدايمىز ؟ ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغىرىسۇن
! ...
مەن يېقىندىن بۇيان قېلىن بىر قەۋەت تۇمان ،
قاپ – قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزدەپ يۈرىمەن . ئەگەر سىللەر مىنى ئۇچۇرتىپ
قالساڭلار ماڭا تېزدىن ئۇچۇر بىرىڭلار ، مەن ئەسلىمنى تېپىۋالاي
...
*
* *
- مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىم خېلى ياخشى ئىدى
. ئىلگىرى يۈز مىڭ يۈەنگە كۈچۈم يىتەتتى . چوڭ ئوغلۇم ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلىۋىدى ،
نەدىن بىلەي ئاق ئالۋاستىغا ئۈگۈنىپ قاپتۇ . بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە
بارلىق بىساتىم تۈتۈنگە ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇغۇ مەيلى << جان بولسا جاھان ئاش
بولسا قازان >> دەپتىكەن ، جان تەندە ئامان بولسا پۇلنى تېپىۋالاتتۇق ، بىراق
ھەمىدىن يامىنى ئوغلۇمدىن ...
- داۋالاتمىدىڭىزمۇ ؟
- داۋالاتقىلى پۇل قېنى دەيسىز ، ھەممە گۇنا
ئۆزۈمدە .
- نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟
- مەن ئۇنى ئەركە ئۈگەتتىم ، ئۇنىڭغا ئاتلىق
بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم ، بالامنىڭ خۇمارى تۇتقاندا ئۇنىڭ نالىسىگە چىدىماي
<< ئاق لاۋاستى >> نى ئۆزۈم تېپىپ بەردىم مانا بۇ مېنىڭ كالۋا -
دۆتلىكىم .
تېنىمنى تىتىرەك باستى ، يۈرۈكۈمنى بىراۋ
ئامبۇردا قىسقاندەك ئازاپلىنىشقا باشلىدىم . مىللىتمنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ،
بۈگۈنىنى ، كەگۈسىنى ئويلاپ ئەسەبىلەرچە ۋاقىرىدىم :
- ياق ، ياق ...
مەن نىمىشقا ۋاقىرىدىم بۇ ماڭىمۇ ، ساڭىمۇ
قاراڭغۇ ، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆزۈمنى ، سىنى ، ئۇنى ئېنىقىراق كۆرەي دەپ ،
كۆزۈمنى چوڭ ئاچتىم ، كۆرگىنىم ئىسكىلىتقا ئايلانغان بىر تەن بولدى ، ئۇنىڭ پۈتۈن
كىيىمى سېلىنغان بولۇپ ، ئانىسىدىن تۇغما قىپيالىڭاچ ئىدى . ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسى
كۆزۈمگە ئېنىق تاشلىنىپ تۇراتتى . كەلگۈسى بۈگۈننىڭ ئىچىدە ، جېنىم قېرىنداشلىرىم
بىز نىمىشقا بۈگۈننى قەدىرلىمەيمىز ؟ بۈگۈننىڭ قەدىرىگە يەتمەيمىز ؟ تاپقان
پۇلىمىزنى ئورۇنسىز ئىشقا سەرىپ قىلشقا خۇشتار بولىمىز ، بىرەر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا
سەرىپ قىلىشقا چىدىمايمىز ؟ بىزنىڭ بىلىمىمىز ئېشىپ – تېشىپ كەتتىمۇ ؟ بىز دەريا
لىۋىدە تۇرۇپمۇ نىمىشقا ، چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرالمايمىز ؟ شۇنچە كەڭرى ھاۋالىق
بېغىمىز تۇرۇۇپ نىمىشقا سالقىنداپ ، سەكلىيەلمەيمىز ؟ بۇنى كىمدىن كۆرىمىز ؟
رېئاللىقتىن نىمىشقا ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچىمىز ؟ ئادەم دېگەن غەلتە مەخلۇق ! بىلىپ –
بىلمەي بەختىنى ، ئامىتىنى ، كۈلكىسىنى ، شادلىقىنى ... ھەمىسىنى قولدىن بىرىپ
قويىدۇ – دە ، بىر ئۆمۈر تىرشىپ – تىرمىشىپ ، يىغلاپ قاقشاپ دەريا – دەريا ياش
تۆكۈپمۇ قولدىن كەتكەن نەرسىلەرگە قايتا ئىگە بولالمايدۇ . << خۇدا بىرەرسەن
>> ،<< خۇدا بەرگىنىڭگە شۇكۈر >> مانا بۇ بىزدىكى ئەڭ چوڭ
ئاجىزلىق ، ھالاكەتكە يۈزلىنىشىمىزنىڭ باشلىنىش نوختىسى ، بۇ نىمە دېگەن
ئەپسۇسلننارلىق ئىش – ھە ؟ !
مەن يېقىندىن بۇيان ئۆزۈمنى قېلىن بىر قەۋەت
تۇمان ، چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم ،
ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق ، بۇ ھەقىقىي رېئاللىق .
* *
*
<< ئا >> 18 ياش ، تولىمۇ گۈزەل
، قەددى – قامىتى كىلىشكەن ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن يىگىتلەرنىڭ يۈرۈكىنى تىتىرتىدىغان
بىر خىل گۈزەل جەلىپكارلىق چىقىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى . ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەركە
ئۆسكەن . ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتەلمىگەندىن كىيىن ، دادىسى ئۇنىڭ
نالىسىگە چىدىماي 4000 يۈەننى ئارقا ئىشىك ئۈچۈن خەجلەپ مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپكە
ئوقۇشقا ئەۋەتكەن . ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا شەھەر مۇھىتىغا
سىڭىپ كەتتى . شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا چىرايلىق ياسىنىۋېلىپ ، قويۇق گىرىم قىلىپ
ئايلىنىپ يۈرۈش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى . دەرسكە قاتنىشىدىغان ۋاختى كۈندىن
– كۈنىگە ئازايدى . دەرسكە قاتناشقان چاغلىرىدا ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلايتتى .
ئۇ كۆپ ھاللاردا ئەتتىگەنلىك دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن پەيدا بولاتتى . ياتاقداشلىرى
ئۇنىڭ كېچىنى قايەردە كىم بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئۇنىڭ كوچىدىكى تاپتىن
چىققان بىكار – تىلەت ، تەيارغا – ھەييار يوقۇلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ جىدەل – ماجىرا
قىلىپ جەمىئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان بىر قىسىم ياشلار بىلەن قويۇق باردى – كەلدى
قىلىدىغانلىقىدىن تېخىمۇ خەۋەرسىز ئىدى . كېچىللىرى راستۇرانلاردا باشقىلارنىڭ
شەھۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ بەدىلىگە كەلگەن پۇللارغا << ئاق ئالۋاستى
>> سېتىۋېلىپ خۇمارىنى باسىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئۇقمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ قاچان
بۇنىڭغا جۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى ، لېكىن ئۆزىنىڭ بىر تار كوچىدىكى
تاشلاندۇق ئۆيگە پات – پات بارىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندى .
قىزنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىپ ،
يىغىۋېلىش ئورنىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى ئۇققاندىن كىيىن ياقىلىرىنى چىشلىشىپ ،
ئېغىر ئۇھ تارتىشتى .
- مېڭىش – تۇرىشىدىن تولىمۇ پاك كۆرىنەتتى .
- ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ، ھەيۋاننىڭ ئالىسى
تېشىدا دېگەن شۇدە !
- يىگىتلەرگە تىكىلىپ قارمايتى تېخى .
- نى – نى يىگىتلەر تەلەپ قويسا ئۇنمايتتى .
ئەسلىدە مەكتەپتىكى يىگىتلەرنى <<
كەمبىغەل >> كۆرگەن – دە ، بۇزۇق .
- ھەر كۈنلىكى ھەر ياڭزا ياسىنىپ يۈرۈشى
بىكار ئەمەسكەن- دە .
- گۈزەل چىرايىنىڭ كۈندىن – كۈنىگە بۇزۇلىشى
بىكار ئەمەسكەن.
- ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز ئەسلى ئىش
باشقىكەن .
- ھاھ ... ھاھ ... ھاھ ...
- ھىي ... ھىي ... ھىي ...
ئاھ ، زامانداش ياشلىرىم ، يۇقۇرقى يازغىنىم
بىر قىزغا قىلىنغان بەتنام ئەمەس ، ھەقىقىي پاكىت ، رېئاللىقنىڭ كىچىككىنە بىر
كارتىنىسى . بۇنداق مىساللار رېئال تۇرمۇشىمىزدا ، ئەتىراپىمىزدا نۇرغۇن ، نىمە
ئامال ، رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سېلىش ، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەس بولىۋېلىش
بىزدەك زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دورامىچىلىق ، نادانلىق ، كالۋالىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە
تارقان بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا پاجىئىە ئۈستىگە پاجىئىە ، يوقۇلۇش ئۈستىگە
يۇقۇلۇش ئەمەسمۇ ... ؟ !
گۈزەل بىر قىزنىڭ يەنە كىلىپ 18 ياشلىق بىر
قىزنىڭ ئاق ئالۋاسىتىدىن ئىبارەت زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇنلىنىپ ،
جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە ئون نەچچە يىللىق تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى ھازىر ھەيران
قالغۇچىلىك ئىش ئەمەس . چۈنكى بۇنداق رېئاللىق تۇرمۇشىمىزدا پات – پات يۈز بىرىپ
تۇرىدۇ ...
ھايات ئۆز رېتىمىنى ھەر سىكونت يېڭلاپ تۇرىدۇ
. بىزچۇ ؟ كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بىز ياشلارچۇ ؟ بىز نىمىلەرنى ئويلىدۇق ؟
نىمىلەرنى قىلدۇق ؟ نىمىلەرنى كۈتۈپ نىمىلەرگە ئىرىشتۇق ؟ ئويلاپ باقساق
ئىرىشكىنىمىز << 0 >> بولدى . بەغرەز ، ياۋاش ، غەمكىن ، ياۋايى
خىياللار بىزنى چىرمىلىپ ، ئەقلىمىزنى بۇلغىدى . ئاق ئالۋاستىدىن ئىبارەت مىللەتكە
چۈشكەن كۆيدۈرگە ، ۋابا كېسىلى بىزنى چىرىتىپ ، ۋىجدانىمىزنى بۇلغىدى ،
ئىناۋىتىمىزنى يەرگە ئۇردى . قىسقىسى بىز ھازىر ئۇنتۇلۇش ئىچىدە جان تالىشىپ قالدۇق
. لېكىن بۇنى ئويلايدىغانلار قانچىلىك ؟ تولىمۇ ئاز ، بارماق بىلەن سانىلارلىق ،
ھەي ، ئىسىت مېنىڭ پەسلىشىپ كېتىۋاتقان بەخىتسىز كالۋا قېرىنداشلىرىم ... <<
ئاق ئالۋاستى >> ھازىر چوڭ – چوڭ شەھەرلەردە چېكىلىش بىلەن چەكلەنمەستىن
بەلكى يىراق ، چەت – ياقا يېزا – قىشلاقلاردىكى ياشلار ئارىسىدىمۇ ئۆز كارامىتىنى
كۆرسەتمەكتە . بۇ مىللىتمىزغا كىلۋاتقان بالايى – ئاپەت . مىللىتىمىز ئارىسىدىكى بۇ
خىل ناچار ئىللەت ، پەسكەشلىك ، يىراقنى كۆرەر ، مىللىتىىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى
ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان ھۆرمەتلىك چوڭلىرىمىزنىڭ يۈرۈكىگە بېگىز بولۇپ سانجىلدى ،
سانجىلىۋاتىدۇ ...
ھەر دەرجىلىك ھۆكۈمەتلەر زەھەرلىك چىكىملىكنى
چەكلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ، قاتلامۇ – قاتلام تەشۋىق قىلىپ ، زور كۈچ بىلەن
جازالاش ھەركىتى ئېلىپ قانات يايدۇرغان بولسىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولمايۋاتىدۇ . بىر
قىسىم قانۇنسىز ئونسۇرلارنىڭ زەھەرلىك قولى ئارقىلىق ياشلىرىمىز ئارىسىغا يەنىلا
ئېقىپ كىرمەكتە . ئاق ئالۋاستىنىڭ مىللەت ھەم ئائىلەرگە سالغان زىيىنى يۇقۇرى
باسقۇچقا كۆتۈرۈلمەكتە . مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا ئەتىكى تەقدىرىمىز قانداق
بولار ؟ مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ياشلارنىڭ زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىشى نىمىدىن
دېرەك بېرىدۇ ؟ كەلگۈسىنىڭ ئىگىللىرى ياشلار ئاق ئالۋاستىغا يەم بولۇپ كەتسە
مىللىتىمىز نىمە بولار ؟ بىز نىمىشقا ئۆزىمىزگە گۆركار بولىمىز ؟ ...
يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلاشقا تاقىتىم قالمىدى .
يۈركۈم قاتتىق سىقىلىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشۇپ ، ئالدىمدىكى بارلىق
نەرسىلەر كۆكۈش تۇمان ، ئاقۇش ئىس ئىچىدە غايىپ بولدى . مەن ئەسەبىيلەرچە ۋاقىرىدىم
:
- ئاھ ، مىللىتىم ، قېرىنداشلىرىم ، سىللەر
نەدە ؟ مېنى قۇتقۇزۇڭلار ، ماڭا ئىچىڭلار ئاغىرىسۇن ، مېنى ھالاكەت ئىچىدىن
قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار .
قېرىنداشلىرىم ، ياشلارنىڭ ، ئۆسمۈرلەرنىڭ
ئاق ئالۋاستىغا باغلىنىپ قېلىشى دەشھەتلىك پاجىئە ، نەسلىمىزنىڭ قۇرۇشى بولماي نىمە
؟ مىللىتىمىزنىڭ يوقۇلىشى بولماي نىمە ؟
ئاق ئالۋاستىنىڭ ياشلار ئارىسىدا كەڭ
تارقىلىشى مىللىتىمىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ، كىشىنى چۈچىتىدىغان يىمىرلىش ، قاراپ
باقايلى ، تېخى تۈنگۈنلا مەيدىسىنى كىرىپ يۈرگەن بايۋەتچىلەرنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە ،
ئۇلارنىڭ ئەتىسىدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
ئەي مېنىڭ جان – جىگەر قېرىنداشلىرىم ،
كۈندىن – كۈنگە نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان مىللىتىمنىڭ ياشلىرى ، جاپاكەش خەلقىم ، بىز
ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ ، كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ، ئۆزىمىزنىڭ كېسىلىنى ئۆزىمىز
داۋالايلى . بەدىنىمىزدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك مىكروپلىرىنى بىخ ھالىتىدە تۇنجۇتۇرۇپ
، روھىمىزنى پاكلاپ ، بەدىنىمىزدىكى پاسكىنچىلىقنى يۇيۇپ – يۇيۇپ چىقىرۋېتەيلى ،
بىز جىم تۇرغان بىلەن باشقىلار كىلىپ بىزگە ياردەم بەرمەيدۇ . بەلكى ھالىمىزغا
قاراپ قۇسىدۇ . تارىخ ئالدىدا ، ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغان ، يەرگە
قارايدىغان پەسكەش ئىشلارنى قېلىۋەرمەيلى ، ۋىجدان ، تارىخ بىزگە ھۆكۈم ئېلان قىلسا
بۇ ئەڭ يامىنى ، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دېسەك ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز
ئادەم قىلايلى ... گۈزەل كۈنلەر ، پارلاق كېلىچەك قوينىنى بىزگە قاراپ كەڭ ئاچماقتا
، بىزنى چاقىرماقتا ... ئانا زېمىن بىزنى يۆلىمەكتە ، بىز ئاجىزلىق ، بىلىمسىزلىك
دورامچىلىق ئىللەتلىرىنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلايلى ، << سەندىن مەن قالامتىم
>> دېگەن مەنمەنچىلىكتىن يىراق قاچايلى ...
ئېزىز قېرىنداشلىرىم ، زامانداش ياش
دوستلىرىم بىلىشىمىز كېرەككى ، كەلگۈسى بۈگۈننىڭ ئىچىدە ، بىز شۇڭا بۈگۈننىڭ
قەدىرىگە يىتىپ ، بۈگۈننى ئەھىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۋەتمەيلى ، بىزنى ئوراپ
تۇرغان ئىس – تۈتەك ، توپا – چاڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتەيلى . ئاق ئالۋاستى مىللىتىىزگە
چۈشكەن كۈيە ، دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى ئېلىپ كىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق ، يۇقۇملۇق كېسەل
. بۇ كېسەلنىڭ دەردىدە ياشلىرىمىز ، توغرىسى مىللىتىمىز ھالاكەت ئىچىدە ئېچىنىشلىق
ئېڭرىماقتا ، بۇ يۇقۇملۇق كېسەل مىلىتىمىزگە ئارقا – ئارقىدىن يۇقۇنچىلۇق بالايى –
ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە . مۇشۇنداق كىتىۋىرىدىغان بولساق ئاقىۋىتىمىز قانداق
بولۇپ كېتەر ؟ بىز نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ كېسىلىنى ئۆزىمىز داۋالىمايمىز ؟ نىمىشقا
باشقىلارنىڭ مەسخىرە كۈلكىسى ئاستىدا ئېڭرايمىز ؟ ...
مەن ئادەممۇ نىمە ؟
سەنچۇ ؟
ئۇچۇ ؟
مەن دۆۋە – دۆۋە سۇئاللار ئىچىدە كۆمۈلۈپ
قالدىم ، دىمىم سىقىلىپ جېنىم چىقايلا دەپ قالدى .
بۇ سۇئاللار قۇلاق ، مېڭەمنى يەپلا
كېتىۋاتىدۇ .
مەن بۇ سۇئاللارنىڭ چۇقانىدىن ھېچ
قۇتىلالايدىغاندەك ئەمەس . شۇ تاپتا بۇ سۇئاللار مەندىن ، سەندىن ئۇنىڭدىن جاۋاپ
كۈتمەكتە ، قېنى بىز بۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاپ بىرىمىز ؟ بۇنىڭغا ئەتىمىز گۇۋا
بولسۇن ...
ياش دوستلىرىم ئېنىق ئىسىمىزدە بولسۇن ،
كەلگۈسى بۈگۈننىڭ ئىچىدە . مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ .
<< ئاق ئالۋاستى >> دىن
ئۆزىمىزنى تېز ئېلىپ قاچايلى ، ئۇ بىزنى ، مىللىتىمىزنى چىرتىپ سېسىتۋېتىدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 11:38 AM